تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 4

ئىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

140

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
24
مۇنبەر پۇلى
87
ئىشەنىچ
24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 04:21:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيلە قىلىپ يۈرگەن بىر ئىت

  مەن بىر كىچىك ناھىيەدە تۇرىمەن،مىنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى ئۆيدە مەلۇم ئىدارىنىڭ لى فەمىلىلىك بۆلۈم باشلىقى تۇرىدۇ.كەچلىك تاماقتىن كىيىن،ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولسۇن دەپ،مەن دائىم سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىلىمەن. لى بولۇم باشلىقىنىڭمۇ كەچتە ئىتىنى ئايلاندۇرۇپ كىلىدىغان ئادىتى بار.ئۇنىڭ باققىنى ئەمەك ئىت ئەمەس،بەلكى ھىلىقىنداق ناھايىتى ۋەھشى،ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق گېرمانىيە بۆرە ئىتى.بىراق ئۇ ئىت ماڭا ھەر ھالدا ناھايىتى دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ،مەن «داگاڭ»دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرسام،ئۇ دەرھال ناھايىتى ئىتائەتچانلىق بىلەن ماڭا قاراپ كۆزلىرىنى چىمچىلدىتىپ قويىدۇ.شۇنىڭ بىلەن،بىز ھەمرا بولۇپ،ئاستا مىڭىپ كېتىمىز.
  ئىككىنچى كوچا ئېغىزىدىن ئۆتكەندىن كىيىن،غۇۋا چىراق يورۇقى ئاستىدا،مەن يىراقتىن ئالدىمىزدا بىر ئادەم بىر ئىتنىڭ بىزگە قاراپ كىلىۋاتقانلىغىنى كۆردۈم.ئۇ ئىتنىڭ تۇرۇقىدىن قارىغاندا،داگاڭغا سىلىشتۇرغاندا تىخىمۇ قاۋۇل،تىخىمۇ ياۋۇز كۆرىنەتى.مەن داگاڭنى قورقۇپ كىتەمدىكىن دەپ ئويلىدىم،چۈنكى ھايۋاناتلار دۇنياسىدا چوڭ تىپتىكىللىرى تىخىمۇ سۈرلۇك بولىدۇ ئەمەسمۇ.كىم پەرەز قىلىپ باققان دەيسىز،داگاڭنىڭ دەسلەپتە ئىڭىشكەن بەدىنى تۈزلۈنۇپ،ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز توپىگە كۆتۈرۈلدى،ئۇنىڭ چىرايىدا ئازراق كۆرەڭلىك ئىپادىسى بار ئىدى.يەنە لى بولۈم باشلىقىنىڭمۇ بوينى،بەللىرى تۈزلۈنۈپ،تىكلەشكەن ئىدى.
  يىقىن بىرىپ قالغاندا،ئەڭ ئاۋال كۆرگۈنۈم ھىلىققى غايەت زور ئىت،بىزگە قاراپ خىرىلداپ نەپەس چىقىرىپ،لىكىن ناھايىتى دوستانە ھالەتتە داگاڭغا بىشىنى ئىگىپ تۇراتتى.مەن ناھايىتى تەئەجۈپلەندىم.ئاندىن كىيىن ھىلىققى ئەرنىڭ،قىن-قىنىغا پاتماي لى بۆلۈم باشلىقىدىن ئەھۋال سوراپ «لى بۆلۈم باشلىقى،ياخشىمۇ سىز،چىقىپ ئىتنى ئايلاندۇرۋاتىپسىزدە؟»دەۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم،لى بۆلۇم باشلىقى سۇس كۈلۈپ قويدى،گويا ئازراق مەنسىتمىگەندەك قىلاتتى،ئاندىن ماڭا تونۇشتۇرۇپ«شياۋ ليۇ،بىزنىڭ بۆلۈمدىن»دىدى.يەنە مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:«لاۋما،مىنىڭ خوشنام»دىدى.ھىلىققى شياۋ ليۇ ئىسىملىك ئەر دەرھال قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:«ما ئەپەندىم،ياخشىمۇ سىز،ياخشىمۇ سىز،سىز بىلەن تونۇشقىنىمدىن مەن بەك خوشال»دىدى،مەن داڭ قىتىپ قالدىم،بۇ تۇنجى قېتىم بىرسىنىڭ مىنى ما ئەپەندىم دەپ چاقىرىشى ئىدى،يەنە ئازراق قورۇنغاندەك بولدۇم.مەن لى بۆلۈم باشلىقىغا قارىدىم،ئۇنىڭ يۇزىدىن كۆرەڭلىك كۈلكىسى چىقىپ تۇراتتى.يەنە ئاۋۇ چوڭ ئىتمۇ بار،مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ داگاڭغا يىقىنچىلىق قىلىپ بىقىنىغا يولۇنۇپ،ئىنتايىن گەپ ئاڭلايدىغان قىياپەتتە ياتاتتى.مەن راستىنلا بىرئاز غەلىتىلىك(بىئارام بولغاندەك) ھىس قىلغاندەك بولدۇم.
  يەنە بىر ئاخشىمى،مەن بىلەن لى بۆلۈم باشلىقى،يەنە ئۇنىڭ ھىلىققى داگاڭ ئىسىملىك بۆرە ئىتى بىللە سەيلە قىلدۇق.غۇۋا چىراق يورۇقى ئاستىدا،مەن يەنە يىراقتىن بىر ئت،بىر ئادەمنىڭ بىزگە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.ئۇ ئىت،كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى داگاڭدىن بىر ھەسسە كىچىكتەك قىلاتتى.ئالدىنقى قېتىم شۇنچىلىك يوغان ئىتنىڭمۇ داگاڭغا ئىتائەت قىلغىنىنى ئويلاپ،بۇ قىتىم تىخىمۇ مەسىلە يوقكەن دەپتىمەن.بىراق ئازراق كۈتۈلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلدى،تىخى يىقىنلاشماي تۇرۇپلا،داگاڭنىڭ روھى چۇشكەندەك بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراشلىرىدىنمۇ چارچاپ ھالىدىن كەتكەندەك بىلىنەتتى.
   مەن ناھايىتى ھەيران قالدىم.يىقىن بېرىپ قالغاندا،ئەڭ ئاۋال كۆرگۈنۈم ،ئازراق ئورۇقلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان ئىت بولدى.بۇ ۋاقىتتا،داگاڭ تۇيۇقسىز يېرىم يۈكۈندى،چىرايىدىن ياخشىچاق بولماقچى بولغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.ئاندىن لى بۆلۈم باشلىقىغا قارىسام،ئۇ چىرايىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ ئىتنى يۆتىلىۋالغان ئەر كىشىگە قاراپ،تىترەپ تۇرۇپ بىر تال تاماكا سۇنۇپ:«جاڭ باشقارما باشلىقى ياخشىمۇ سىز،چىقىپ ئىتنى ئايلاندۇرۋاتىپسىزدە؟»دەۋاتاتى،ئاۋۇ جاڭ باشقارما باشلىقى دىگەن ئادەم بىشىنى يىنىك لىڭشىتىپ قويۇپ«شياۋ لى،سىلەرنىڭ ئۆينىڭ ئىتى ناھايىتى قاۋۇلكەنغۇ»دىدى.لى بۆلۇم باشلىقى«ياق،ياق،نەدىمۇ سىلەرنىڭ ئۆينىڭ ئتىدەك روھلۇق بولسۇن»دىدى.مەن بۇرۇلۇپ داگاڭغا يەنە قارىغىنىمدا،نىمە بولدىكىن، ئويلىمىغان يەردىن داگاڭ يول بويىدا ياتقان،كۆزلىرىدە ھۆرمەت نۇرى،ئەستايىدىللىق بىلەن ھىلىققى ئىتقا پۈتۈن دىقىتى بىلەن قاراپ تۇراتتى.بۇ مىنى ناھايىتى چۈچۈتتى.
  يەنە بىر ئاخشام،مەن بىلەن لى بۆلۈم باشلىقى،يەنە ئۇنىڭ ھىلىققى داگاڭ ئاتلىق ئىتى سەيلىگە چىقتۇق.بىلمىدىم قەستەن قىلدىمۇ قىلمىدىمۇ،لى بۆلۈم باشلىقى«بىز باشقا يول بىلەن مىڭىپ باقساق قانداق؟»دەپ تەكلىپ بەردى.مەن چۈشەندىم،مولچەرىمچە ئۇ يەنە تونۇشلارغا ئۇچراپ قىلىشتىن قورقىۋاتاتى.مەن«ياخشىغۇ»دىدىم.شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا يولغا ئالمىشىپ سەيلە قىلدۇق.
دەپ كەلسەم ناھايىتى دەل كىلىپ قالدى دىسەكمۇ بولىدۇ،ئۈچ كوچىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا،غۇۋا چىراق يورۇقىدا،مەن گويا يەنە بىر ئىت بىلەن بىر ئادەمنىڭ بىز تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم.بىراق ئۇ ئىت ئەمەك ئىتتەك قىلاتتى،مەن داگاڭنىڭ ئۇ كىچىك،ئاجىز ئەمەك ئىتنى كورگەندىن كىيىنكى كورەڭلىگەن قىياپىتىنى ئويلاپ كۆز ئالدىمغا كەلتۇردۇم.ئولتۇراق رايۇنىمىزدا ،مەن داگاڭنىڭ بىرقانچە قىتىم ئۆزىدىن كىچىك ئاجىز ئىتلارنى بوزەك قىلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم.تىخى يىقىنلاشماي تۇرۇپلا،تېخىمۇ غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى،داگاڭ ئويلىمىغان يەردىن توختىۋىلىپ ماڭغىلى ئۇنۇمىدى،لى بۆلۇم باشلىقىمۇ داگاڭنى ئەيىپلىمەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزىمۇ جايىدا جىمغىنە تۇراتتى.
  ئاندىن كىيىن،ئۇ بىر بىر ئادەم بىر ئىت يىقىنلاپ كەلدى.تونۇشتەكمۇ قىلاتتى.لى بۆلۈم باشلىقى ۋۇجۇدىدىن خوشامەتچىلىك ئىپادىللىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ«ئېدارە باشلىقى،سىزمۇ چىقىپ ئتىڭىزنى ئايلاندۇرۋاتىپسىزدە؟»دىدى،ئېدارە باشلىقى دەپ ئاتالغان ئەر كىشى گەپ قىلمىدى،بۇرنىدا سەل-پەل خىڭىلداپ قويدى،چىرايىدىن ناھايىتى مەنسىتمىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.لى بۆلۈم باشلىقى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىرىغان بولسىمۇ،لىكىن ئازراقمۇ كوڭلىگە ئالمىدى،يۈزىدىن پىقىرلىق كۈلكىسىنى چىقىپ تۇراتتى.مەن بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ئازاپلاندىم،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارىمىدىم.بىشىمنى بۇراپ داگاڭغا يەنە بىر قېتىم قارىغىنىمدا،مەن پۇتۇنلەي ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدىم.ھىلىققى توپتەك چوڭلۇقتىكى ئەمەك ئىت،بىلمىدىم قايسى ۋاقىتلاردىدۇ داگاڭنىڭ دۈمبىسىگە چىقىپ ئولتۇرۋالغان ئىدى.لىكىن داگاڭ خۇددى ناھايىتى ھوزۇر ھېس قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى،ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ھەيۋىسى ئاللا بۇرۇن يوقالغان،پۇتۇنلەي بىر گەپ ئاڭلايدىغان كىچىك قۇلغا ئايلانغان ئىدى.مىنىڭ يۈرۈكۈمدىن تۇيۇقسىز بىر ئاچچىق ئىتىلىپ چىقتى.
  تاكى ئاشۇ بىر ئادەم بىر ئىت يىراقلاشقىچە،لى بۆلۈم باشلىقى بىلەن داگاڭ ئۆز ئورنىدا پۈتۈن دىققىتى  بىلەن ئۇلارغا ھۆرمەت نەزىرىدە قاراپ تۇردى.بىلمىدىم نىمە بولدىمكىن،مەن چىداپ تۇرالماي«ھەقىقەتەن ئىگىسى قانداق بولسا ئىتى شۇنداق بولىدىكەن» دەۋەتتىم.مىنىڭ ئەسلى كۆزدە تۇتقۇنۇم ئاۋۇ ئېدارە باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەمەك ئىتى ئىدى،دەپ بولۇپلا دەرھال پۇشايمان قىلدىم.مىنىڭ خىيالىمغا لى بۆلۈم باشلىقى كەلدى،مىنىڭ بۇ گېپىمنىڭ ئۇنى دارىتلىمىغاندەك مەنىسى بار ئىدى.مەن لى بۆلۈم باشلىقىغا قارىغىنىمدا،ئۇنىڭ چىرايىدا ئوڭايسىزلىق چىقىپ تۇرغۇنىنى كۆردۈم.
  
چچ:2592199926  
杂文选刊   2013-يىللىق 11-سان (كىيىنكى يېرىم ئايلىق)تىن ئېلىندى

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

551

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
235
مۇنبەر پۇلى
297
ئىشەنىچ
235
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 11:28:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ئىنسانلار ھايۋان بىلەن پەرقى يۇق

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

231

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
119
مۇنبەر پۇلى
113
ئىشەنىچ
119
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 23:56:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام  دىگەن سۆز راست ئوخشايدۇ.

8

تېما

1

ئەگەشكۈچى

188

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
ئادولىف
تۆھپە
68
مۇنبەر پۇلى
96
ئىشەنىچ
68
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 20:33:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمۇنى ۋوڭقۇر ئەسەركەن بەكمۇ ئۆزگىچە.

62

تېما

1

ئەگەشكۈچى

857

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
211
مۇنبەر پۇلى
461
ئىشەنىچ
211
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 22:31:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام  دىگەن سۆز راست ئوخشايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 11:10, Processed in 0.103374 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش