تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 96|ئىنكاس: 0

ناتىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

140

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
24
مۇنبەر پۇلى
87
ئىشەنىچ
24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 04:20:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق

     يولۋاس:مەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ دەسلەپتە بىيىغانلارنىڭ بىرى،تونۇغانلار مىنى غوجام دەپ چاقىرىدۇ،تونۇمۇغانلار مىنى پۇلدار دەپ ئاتايدۈ،توردا ئىلگىرى «ئىسىلزادە»دىگەن ئومۇمى نامىمىز بار ئىدى،بىراق ھازىر نىمە بولدىكىن ھەممىسى مىنى «يەرلىك زومىگەر»دەپ ئاتايدىغان بولدى،مەن ئويلاپمۇ تىگىگە يىتەلمىدىم،مولچەرىمچە بىرقانچە كۈن بۇرۇن مىنىڭ كۈيئوغلۇمغا«يەرلىك زومىگەر»ماركىلىق ماشىنا سوۋغا قىلغانلىغىمدىن بولسا كېرەك.كوپچىلىك مىنىڭ قىياپىتىمنىڭ ۋەھشىلىكىگىلا قاراپلا بىرنىمە دىمەڭلا،ئەمىلىيەتتە مەن ناھايىتى مۇلايىم،قەلبىممۇ ناھايىتى پاك.ھىچ بولمىدى دىگەندە مەن ئۆزۇمنىڭ بالىللىرىمغا يەنىلا ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن،«يولۋاس ھەرقانچە ۋەھشى بولسىمۇ،بالىسىنى يىمەيدۇ»دىگەن ھىكمەتلىك سۆز بار ئەمەسمۇ.ھە راس،ھازىر غايىسىنى سۆزلەش مودا بولىۋاتىدۇ.مىنىڭ غايەم بولسا ئۆزەمنىڭ ھوقۈق ۋە مال-مۈلۈكىنى ئۆز بالىللىرىمغا مىراس قالدۇرسام،ئۈلار داۋاملىق ئورمانلىقتىكى بايلىق مەنبەسىنى مونۇپۇل قىلسا،ماڭا ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملىق ئورمان پادىشاھى بولسا دەيمەن.
  تۇلكە:مەن ئورمانلىقتا ئەڭ بۇرۇن خوجايىنلارنىڭ قوينىغا كىرگەنلەردىن،مىنى ياخشى كۆرىدىغانلار مىنى ئايال چولپان دەپ چاقىرىدۇ،ياخشى كۆرمەيدىغانلار مىنى تۇلكە جىن دەپ ئاتايدۇ،توردا مىنى «ئاپاق خىنىم»دەپ ئاتايدىغانلارمۈ بار،يەنە ئادەمنى بىزار قىلىدىغانلار مىنى چۇشۇرۇپ «سەتەڭ »دەپ ئاتايدۈ.قانداقلا بولمىسۇن مەن بۇلارغا پىسەنىتمۇ قىلمايمەن،ئورمانلىقنىڭ ھاياتلىق نىزامى دەل «تۈلكىنى كۆرەڭلەتكىنى،يولۋاسنىڭ ھەيۋىسى»،قانداقتۇر ياۋا توخۇ،ياۋا ئۆردەكلەرگە خوجايىنلارغا يىقىنلىشىش پۇرسىتىمۈ يوق!سىلەر مىنىڭ ئورمانلىقتىكى ئاددى پۇقرا قاتلىمىنى كۆزگە ئىلماسلىقىمغا قاراپ بىر نىمە دېمەڭلار،ئەمىلىيەتتە مەن «بولغۇسى ئېرىم»يولۋاسقا يەنىلا ئىنتايىن مۇلايىم،بولمىسا ئۇ قانداقمۇ دائىم ئۆيگە قايىتىشنى خالىماي يۈرسۈن.مىنىڭ غايەم ناھايىتى ئاددى،ئۇ بولسىمۇ بىر كۇنلەردە رەسمىلەشسەم،ئوچۇق ئاشكارە ئورمانلىق خانىشى بولسام،قىنى كىممۇ مىنى «كىچىك ئۈچىنجى»دەپ چاقىرالايدىكىن؟
  بۆرە:مەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ بۇرۇن «دىڭىزغا سەكىرىگەن»لەردىن،مىنى ياخشى كۆرىدىغانلار مىنى خوجايىن دەپ چاقىرىدۇ،ياخشى كۆرمەيدىغانلار مىنى «مەككار سودىگەر»دەپ ئاتايدۇ،كونا جەمىيەتتە مىنىڭ ئورنۇم ناھايىتى تۆۋەن ئىدى،ھازىر قەد كۆتۈرۈپ خوجايىنغا ئايلىنىپلا قالماي،يەنە  تىخى ئورمانلىقتىكى ئەمدىلا دىڭىزغا سەكرىگەن ئۇششاق ھايۋانلارنىڭ تۇتۇمىغا ئايلاندىم.سىلەر ھەمىڭلار بىلەلمىدىڭلار،ئەمىلىيەتتە مىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىم ناھايىتى ئاسان بولغان،ئۇ بولسىمۇ بىز بۆرىلەرنىڭ قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ:يولۋاسقا ۋاپادار بولۇش،تۇلكىگە خوشامەت قىلىش،شېرىكلەر بىلەن ئىتىپاق بولۇش،كىچىك ھايۋانلارغا ئازراقمۇ رەھىم قىلماسلىق.......نى ئەمەلدە كۆرسەتتۇق.بىز بۆرىلەرنىڭ قارا نىيىتىمىز بار،شۈڭلاشقا مەن غايەمنى پەقەت سىلەرگە ئاستاغىنە ئېيتالايمەن:ئۇ بولسىمۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە يولۋاسنى ئورمانلىقتىن قوغلاپ چىقىرىپ،بىز بۆرىلەر ئورمانلىققا پادىشاھ بولساق.مۈنداق دىسەم مىنى خام-خىيال قىلىۋاتامدىكىن دەپ زاڭلىق قىلىۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن؟مەن ئوغۇرلۇقچە سىلەرگە ئىيتىپ بېرەي:مەن يولۋاس بىلەن تۈلكىنىنىڭ كۆرۈنمە چاستوتىسىنى ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە ئىلىۋالدىم،پۇرسەت تېپىپ تورغا چىقىرىۋەتسەملا بولىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن مەن نۇرغۇن  نەرسىلەرنى سەرىپ قىلدىم،«بالاڭدىن كەچمىسەڭ،بورىنى قىلتاققا چۈشىرەلمەيسەن»ـدىگەن  ماقال تەمسىل بار ئەمەسمۇ!
  توشقان:مەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ كۈچى ئاجىزلارنىڭ بىرى،مىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار مىنى پۇقرا دەپ چاقىرىدۇ،ھۆرمەتلىمەيدىغانلىرى ئاغزىغا كەلگىنىچە مىنى «يىتىم»دەپ ئاتايدۇ.ئەمىلىيەتتە بىزنى «چۈپۈرەندە»دەپ ئاتىشى لازىم،بىز يالغۇز  يولۋاس تەرىپىدىن ئانى تىپىلىپلا قالماستىن،يەنە بۆرىنىڭمۇ ئېزىشىگە ئۇچىرايمىز،ئادەمنىڭ ھەمىدىن بەك ئاچىغىنى كەلتۇرىدىغىنى ھەتتا تۈلكىگە ئوخشاش تەيارتاپلارمۇ (بىكار تەلەپلەرمۇ) بىزنى مازاق قىلىپ«ئەخلەت»دەيدۈ.مىنىڭچە ئۇلار مەدىنىيەتسىز ئىكەن،بۇرۇنقىلار ئىيىتقان«توشقان ئۆلسە،تۈلكە ھازا تۇتۈپتۇ»دىگەن سوزنى ئەجىبا ئۇلار ئۇنتۇپ قالغانمىدۈ؟بىز توشقانلار بولمىساق،سىلەر تۈلكىلەرنىڭ بەخىتلىك تۈرمۈشى نەدىن كېلەتتى؟يىيىش،كىيىش،تۇرۇش،مىڭىشتا ھەمىدە ئۆزەڭلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرسەڭلار بولىدۈ.بىز توشقانلارنىڭ نەدىمۇ غايىسى بولسۇن دەيسىلەر،ئويلايدىغىنىمىز كۈندە ئۇۋىمىزنىڭ قېشىدىن چۆپ يىيەلىسەك دەيمىز.بىراق ھازىر ئۇۋىمىزمۇ بولمىسا!چۆپ يىگىنى بىرىش ئۈچۈن نەچچە سائەت  سەرىپ قىلىپ،يەنە نەچچە پويىز،نەچچە ئاپتاۋۇز ئالمىشىپ ،قىستالغىنىمىزدىن باشلىرىمىز قىيىپ كېتىدۇ،چوپ يىيىش ئۈچۇنمۈ يەنە يولۋاس،بۆرىلەرنىڭ كۆز ىگە قاراشقا توغرا كىلىدۇ تىخى.شۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ ئەۋلادلىرىمغا دەيدىغىنىم:بۇداقى ئۆمۈرۈڭلاردا سىلەر ھەرگىزمۇ توشقان بولوپ تۈرەلماڭلار!
چچ:2592199926
杂文选刊  2013-يىللىق 11-سان (كىيىنكى يېرىم ئايلىق)تىن ئېلىندى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 10:48, Processed in 0.116436 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش