تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 279|ئىنكاس: 2

سالامەتلىككە پايدىلىق سەككىز ھەرىكەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 16:05:42
سالامەتلىككە پايدىلىق سەككىز ھەرىكەت

1. كۈندە پىشاننى ئوڭ-سول، يۇقىرى-تۆۋەن يۈلىنىشتە 50 قېتىمدىن سىلاپ بەرسە، چوڭ مېڭە سەگەكلىشىپ، قورۇق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2. ھەر كۈنى قولنىڭ دۈمبە ئالقىنىنى بىر-بىرىگە 50 قېتىمدىن سۈركىسە، چوڭ مېڭە ۋە بەدەننى جانلاندۇرۇپ، قولنىڭ ئېلاستىكىلىقى، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قولنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.
3. ھەر كۈنى ئىككى قولنىڭ بىگىز بارمىقى بىلەن قاڭشارنىڭ ئىككى تەرىپىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە دىماغنى راۋانلاشتۇرۇپ، زۇكام ۋە بۇرۇن ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. ھەر كۈنى قۇلاقنى يۇقىرى-تۆۋەن يۈلىنىشتە 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قۇلاقتىكى پەللىلەرنى غىدىقلاپ، سالامەتلىكنى ياخشىلىغىلى ھەمدە ئاڭلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
5. ھەر كۈنى ئوڭ-سول بېقىنىنى 50 قېتىمدىن ئۇۋۇلىسا ۋە دائىم كۆكرەكنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، يۈرەكنى تىنچلاندۇرۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
6. ھەر كۈنى قورساقنى 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلىغىلى، تاماق سىڭمەسلىك ۋە قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
7. ھەر كۈنى بەلنى 50 قېتىم ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، بۆرەك بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، بەلنى ساغلاملاشتۇرغىلى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
8. ھەر كۈنى سول قولدا ئوڭ تاپىنىنى، ئوڭ قولدا سول تاپىنىنى ئۇۋۇلاپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى جانلاندۇرىدۇ.
ئەسلى مەنبە: ساقتۇر خەلقىم ساغلاملىق تورى
www.sahtur.com

6

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5412

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2138
مۇنبەر پۇلى
2731
ئىشەنىچ
2138
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-5 23:16:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلى تۇرمۇشىمىزدا قىلغىلى بۇلىدىغان، ساغلاملىقىمىزغا پايدىلىق ياخشى
تىما بوپتۇ، پات-پات كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ساقلىۋالدىم. تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت.

6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2786

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
869
مۇنبەر پۇلى
1738
ئىشەنىچ
869
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-10 13:27:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ساۋاتلاركەن.
تەن ساقلىقنى دۇختۇرغا تايىنىپلا قوغداش ياخشى ئادەت ئەمەس.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 10:56, Processed in 0.097888 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش