«مېتافىزىكا» ئەھمىيەتسىزمۇ؟
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار مېتا ــــــ گىرىكچە قوشۇمچە بولۇپ «---ئۈستىدە»ياكى«---ئارقىدا»دېگەن مەنىدە. فىزىكاـــــ گىرىكچىدىكى مەنىسى تەبىئەت،تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى،دېگەن مەنىدە.كېيىنچە تەبىئەت ئىلمى دەپ ئۆزلەشكەن. كونا ۋە ماركىستىن ئىلگىرىكى پەلسەپىلەردە،مېتافىزىكا دېگەندە،پەلسەپىنىڭ تەجرىبە دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى مەسلىلەر(ئىلاھ،روھ،ئىرادە ئەركىنلىكى)نەزەردە تۇتۇلغان. ئارىستوتىل ئەسەرلىرىنى رەتلىگەندە تەبىئەت ئىلمى(يەنى، فىزىكا)نىڭ كەينىگە كېلىدىغان ئىلىمگە تەھرىر فىزىكىنىڭ كەينىدىكىسى دېگەننى ئىپادىلەش ئۈچۈن«مېتافىزىكا»دەپ بەلگە سالغان.مەنىسى:تەبىئەت ئىلمىدىن ھالقىغان ئىلىم،دېگەنلىكتۇر.شۇنىڭ بىلەن مېتا فىزىكا دېگەن ئىسىم كېلىپ چىققان. مېتا فىزىكا مۇنۇ ئىككى سۇئالغا جاۋاب بېرىدۇ: تۈپ ماھىيتىدىن نېمە مەۋجۇت؟ ئۇ قانداق؟ مېتافىزىكا ئىنسانلارنىڭ بىلىش تارىخىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپ،ئالاھىدىلىكى،تەبىئەت دۇنياسىنى ھەرقايسى قىسىملارغا بۆلۈش.تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەر ۋە شەيئىلەرنى مەلۇم تۈرلەرگە ئايرىش. ماركىسزىمنىڭ قارىشىچە،مېتا فىزىكا شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنى ئۇلارنىڭ باغلىنىشى،تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىدىن كۆزەتمەيدىغان ئادەتنى قالدۇردى.مېتافىزىكلارنىڭ قارىشىچە شەيئىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەدىكى ئىنكاسى(ئۇقۇملار)يەككە-يەككە،بىر-بىرلەپ ۋە ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك. مېتافىزىكلار تەبىئەت دۇنياسىنى بىر-بىرىگە بېقىنمايدىغان،يەككە-يىگانە بولغان تۈرلۈك شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنىڭ تاسادىپىي دۆۋىسى دەپ قارايدۇ. ئەمما،مېتافىزىكلارنىڭ خاس قاراشلىرى شۇكى:تەبىئەت دۇنياسى جىمجىت تەۋرىمەس،توختاپ قالغان ئۆزگەرمەس ھالەتتە تۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى ئاددىيلا ئۆسۈش جەريانى بولىدۇ،يەنى سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان جەريان بولىدۇ. مېتافىزىكا شەيئىلەرنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ،تەرەققىياتنىڭ سەۋەبى تاشقى قارمۇ-قارشى كۈچلەرنىڭ توقۇنۇشىدىن ئىبارەت دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇسۇل گەرچە كېيىنچە ماركىس قاتارلىقلار تەرىپىدىن دىئالىكتىغا قارمۇ-قارشى قىلىپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ 15-ئەسىردىن18-ئەسىرگىچە بولغان مەزگىل ئىچىدە تەبىئىي پەننىڭ مۇۋەپپىقيەتلەرگە ئېرىشەلىشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم شەرت بولغان. مېتافىزىكا ئەھمىيەتسىزمۇ؟ تېخىمۇ تەپسىلىي جاۋاب ئۈچۈن، ئۈستىنكى ئابزاسقا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ھازىرقى تەبىئىي پەنلەر كىلاسسىفىكاتسىيسى ئۈستىدە مېتافىزىكا ۋە دىئالېكتىكىنى قايتىدىن سۆھبەتكە چاقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.
|