تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 18

ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5412

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2138
مۇنبەر پۇلى
2731
ئىشەنىچ
2138
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 21:24:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋروپا سەپىرىدىن خاتىرىلەر (1)

تۇرسۇن ياسىن

          2012-يىلى باش باھار، بۇ مىنىڭ كىشىلىك ھاياتىمدىكى ئاچچىق-چۈچۈك تۇرمۇش كارتىنىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن، ماڭا باشقىچە كۈلۈپ قارىغان تۇنجى باھار ئىدى. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياۋروپادا تۇرۇپ قالغان پەرزەنتلىرىم بىزنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ ئۆزلىرى بىلەن دىدارلىشىشىمىزغا تەشنا بولۇپ تۇراتتى.  ئۇلارنىڭ ئۈمىدىگە يارىشا،  ئىككى يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا نەچچە يەرگە قاتىراپ، نەچچە  ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ،  ئاران تەستە بىجىرگەن پاسپورتىمىزنىمۇ تېخى ئەمدىلا قولىمىزغا ئالغان ئىدۇق.  كونىلار: " چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە،كۆزۈڭنىڭ بارىدا شەھەر كۆر " دەپتىكەن.  ياۋروپادىكى پەرزەنتلىرىمىز بىلەن دىدارلىشىش يولىمىزدىكى قىزىل چىراقلار ئۆچۈپ، يېشىل چىراقلار يانغان مۇشۇنداق بىر ياخشى پۇرسەتتە، قەلبىمىزنى چۇلغىۋالغان "تۇغقان يوقلاش، شەھەر كۆرۈش" ئىستىكى بىزنى ئالدىراتماقتا ئىدى. بىر قاتار تەييارلىقلاردىن كىيىن، ئايالىم بىلەن ئىككىمىز تومۇز ئىسسىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە بوسۇغىدىن ئاتلاپ يولغا چىقتۇق.
ياۋروپا سەپىرىمىزنىڭ تۇنجى بېكىتى گېرمانىيە بولدى، فرانسىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، چېخىيەلەرمۇ سەپىرىمىزنىڭ سىرتىدا قالمىدى. گېرمانىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى ميۇنخېن،  ياۋروپا بۇيىچە ئەڭ ئىگىز چىركاۋ جايلاشقان شەھەر كۆلىن،  دونياغا داڭلىق گۈزەل شەھەر پارىژ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى ھىساپلىنىدىغان جەلىپكار شەھەر بىريۇسسىل، بېلگىيەنىڭ مۇھىم پورت شەھىرى ئانتۋېرپېن، بېلگىيەنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى بولغان گېنت، شىمال دېڭىزى ساھىلىدىكى كىچىك پورت شەھىرى بروگ، گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستىردام، دەريا ساھىلىگە جايلاشقان قەدىمىي گۈزەل شەھەر پراگا قاتارلىق جايلار ياۋروپا سەپىرىمىزنىڭ يارقىن گوۋاھچىسى سۈپىتىدە قەلب خاتىرىمىزدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغان ئىدى.
          قايسىبىر شائېر : ' كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ " دەپ يازغانىكەن. دىمىسىمۇ ئۆلمىگەن ئادەم كىشىلىك دونيادا ھەرخىل قىسمەتلەرگە  دۇچ كېلىدىكەن،  ئاچچىق بىلەن تاتلىق، ئازاب بىلەن خوشاللىق ھەر زامان، ھەر ماكان ئادەمگە ھەمراھ بولۇپ تۇرىدىكەن. قەيسەرلىك بىلەن ياشىغان ئادەملا ئاخىرى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە تولغان شات-خورام يېڭى ھاياتىنى كۈتۈۋالىدىكەن. مىنىڭ ياۋروپا سەپىرىممۇ ئەنە شۇنداق ئاچچىق-چۈچۈك تۇرمۇشتىن كىيىن كۆرمىگەننى كۆرگەن،  تەبىئەت گۈزەللىكىدىن قانغىچە ھۇزۇرلانغان،  نەزەر دائىرەم كېڭىيىپ روھىم كۆتىرىلىپ قالغانشات-خوراملىق يېڭى
ھاياتىمنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغانىدى.  مەن بۇ سەپەردە زادى نىمىلەرنى كۆردۈم،  نىمىلەرنى ئاڭلىدىم، نىمىلەرنى ھېس قىلدىم؟  ئەمدى بۇنى بىر باشتىن سۆزلەپ بىرەي.
                                          
                                                       سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا
            بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەلگە چىقىشىمىز ئىدى. قولىمىزدا پاسپورت بىلەن قىزىم گېرمانىيەدىن ئەۋەتكەن تەكلىپ ۋىزىسىلا بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قانداق رەسمىيەتلەرنىڭ كېرەك بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە بىلمەيتتۇق. مەن كومپيۇتېرنى ئېچىپ ئىنتىرنېتقا كۆز يۈگۈرتتۈم. گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ۋە چەتئەلگە چىقىدىغانلارغا ۋاستىچىلىق قىلىدىغان شىرىكەتلەر ھەمدە ۋىزا  بىجىرىشكە  كېرەكلىك  ماتىرىياللارنىڭ  تۈرى  قاتارلىقلار  كومپيۇتېر  ئېكرانىدىن  بىر-بىرلەپ  ئۆتۈشكە  باشلىدى.  گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ  بەلگىلىمىسى بۇيىچە،   ۋىزا  بىجىرىش  ئۈچۈن  ئەلچىخانىغا  كىرىدىغان  ۋاقىتنى  ئالدىن كىلىشىۋېلىش كېرەك  ئىكەن.  
ئىنتىرنېتنىڭ ياردىمى بىلەن  بۇنىمۇ كىلىشىۋالدۇق  ھەم  ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋېلىگىمۇ  ئېرىشتۇق.  كىيىن قىزىم گېرمانىيەدىن ماڭا تىلىفۇن قىلىپ، گېرمانىيەگە ھەدىسىنى يوقلىغىلى كەلگەن ئۈرۈمچىلىك بىر قىزنىڭ تىلىفۇن نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى ھەم شۇ قىز ئارقىلىق بېيجىڭدىكى بىر ۋاستىچى قىز بىلەن ئالاقىلىشىشىمنى تاپىلىدى. تىلىفۇن ئۈرۈمچىگە، ئاندىن بېيجىڭگە ئولاندى، شياۋجو ئىسىملىك ۋاستىچى قىز بىلەن ئالاقىلاشتىم. گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللارنىڭ تىزىملىكى ئېنىق بولدى، شۇ بۇيىچە ماتىرىيال تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتىم.
           بىزنىڭ چەتئەلگە چىقىش يولىمىزدىكى قىزىل چىراق ئۆچكىنىگە تەن بەرمەي، ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە لىپىلداپ، يانغۇسى كىلىپ تۇراتتى. ئاران تەستە مېڭىشقا تەرەددۇت قىلىۋىدۇق، يەنە ماڭالمايدىغان بولدۇقمۇ ئەمدى؟ توختا، يەنە بېيجىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي.
          _ ۋەي، شياۋجو ياخشىمۇسىز! چەتئەلگە تۇغقان يوقلاشقا چىقىش ئۈچۈن تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئىسپاتىنى ئېلىش كېرەكمۇ؟
          _ ھاجىتى يوق،_ دىدى شياۋجو كەسكىن تەلەپپوزدا، _ باشقا تەييارلىقىڭلار پۈتكەن بولسا ماڭساڭلار بولىۋېرىدۇ.
          بۇ ئىش ئايدىڭلاشتى، ئەندى يەنە بىر ئىش قالغانىدى. تورنى ئاقتۇرۇپ پايتەخت ئايرۇپورتىنىڭ تور بېكىتى ئارقىلىق، ئايرۇپورت چىگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ تىلىفۇن نومۇرىغا ئېرىشتىم.
         _ ۋەي، ياخشىمۇسىز! بىر ئىشنى سورىماقچى ئىدىم، ئوخشاش شەرت ئاستىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا قارىتا باشقىچە ئالاھىدە بەلگىلىمە بارمۇ؟
         _ يوق،_ دىدى قارشى تەرەپ،_ خەنزۇ، ئۇيغۇر ھەممىسى ئوخشاش، پاسپورت بولسىلا چىقىشقا بولىۋىرىدۇ.
         _ كۆپ رەھمەت! _مەن تىلىفۇننى قويدۇم. بۇ ياغدەك گەپتىن كۆڭلۈم بۆلەكچىلا سۆيۈنۈپ كەتتى، دىلىمنى غەش قىلىۋالغان بىر مەسىلە بىر تىلىفۇن بىلەنلا ئايدىڭلاشقان ئىدى. بىز تەييارلىقىمىزنى پۈتتۈرۈپ بېيجىڭگە يۈرۈپ كەتتۇق.
         كەلكۈن تۆمۈر يولنى بۇزۇۋەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭگە ماڭىدىغان پويىز سەككىز سائەت كېچىكىپ ماڭغانىدى.
7-ئاينىڭ 26-كۈنى  ئەتىگەندە بېيجىڭ ۋوگزالىغا چۈشتۇق.  ياۋروپادا  ئوقۇۋاتقان كىچىك ئوغلۇم شىنجاڭدىكى تونۇشلىرى  ئارقىلىق ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىدا  ئوقۇۋاتقان تۇردى ئىسىملىك ئوقۇغۇچى بىلەن ئالدىنئالا ئالاقىلىشىپ قويغان ئىكەن.  بىز ۋاگۇندىن  چىقىشىمىزغىلا تۇردى  ۋاگۇننىڭ  ئىشىكى ئالدىدا بىزنى كۈتىۋالدى  ھەم  ئېغىر يۈك-تاقلىرىمىزنى كۆتىرىشىپ، بىزنى تاكسى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستىتىنىڭ كەينىدىكى بىر كىچىك مېھمانخانىغا باشلاپ ئەكەلدى. قارىسام ھازىرقى بېيجىڭ مەن بۇرۇن بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن چاغدىكىگە قارىغاندا  كۆپ  ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ،  نۇرغۇن جايلارنى تونۇيالمايلا قاپتىمەن.  ئەگەر  تۇردى  ئالدىمىزغا  چىقمىغان بولسا، بىز ئېغىر يۈك-تاقلىرىمىز بىلەن خېلىلا تەمتىرەپ قىينىلىپ قالاركەنمىز. بىز تۇردىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
         ياتاققا جايلىشىۋالغاندىن كىيىن شياۋجوغا تىلىفۇن قىلدىم. ئەتىسى شياۋجو بىزنى ئىزدەپ مېھمانخانىغا كەپتۇ. ئۇ 30 ياشلاردىكى زىلۋاغىنە قىز ئىكەن. گېرمانىيەگە بېرىپ كەلگەن ئۈرۈمچىلىك قىزدىن ئاڭلىشىمچە، شياۋجو خېلى ئىشەنچىلىك بولۇپ، ئىلگىرىمۇ شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئىشلىرىغا ۋاستىچىلىق قىلىپ، ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنىكەن. شياۋجو ماتىرىياللىرىمىزنى تەپسىلى كۆرگەندىن كىيىن،گېرمانىيەدىكى تەكلىپ قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي كاپالەت ئىسپاتىنىڭ كەم بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر مۇشۇ ئىسپات بولمىسا،  گېرمانىيە  باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا  بېرىشىگە  تەسىر يېتىدىكەن . بىزنىڭ باش ئەلچىخانىغا كىرىش ئۈچۈن ئالدىن كىلىشكەن
ۋاقتىمىزغا  بىر نەچچە  كۈنلا  قالغان ئىدى.  شياۋجونىڭ مەسلىھەتى بىلەن گېرمانىيەدىكى قىزىمغا  تىلىفۇن  قىلىپ،  شياۋجونىڭ  ئېلخەت ئادىرىسىنى ئېيتىپ بەردىم. تەلىيىمىزگە قىزىم ئەتىسىلا بۇ ئىسپاتنى تەييارلاپ شياۋجونىڭ ئېلخەت ئادىرىسىغا يوللاپ بېرىپتۇ.  ئىنتىرنېت تورىنىڭ ئىشىمىزنى بۇنچىۋالا قولايلىقلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىسپاتمۇ بار بولدى. يەنە ئىككى نۇسخە ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش جەدىۋېلىنى ئېنگىلىزچە تولدۇرۇش، كىسەللىك سۇغۇرتىسى سېتىۋېلىش، بېرىش-كىلىش ئايرۇپىلان بېلىتىنىڭ زاكاس تالۇنى ئىسپاتى  قاتارلىقلارنىڭ  ھەممىسىنى شياۋجو  تەييارلاپ  بەردى،  تىگىشلىك ھەقنى تۆلىدۇق.  شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە  باش
ئەلچىخانىسىغا كۆرسىتىدىغان بارلىق ماتىرىياللىرىمىز تولۇق تەقلەندى.
         ئالدىن كىلىشىۋالغىنىمىز بۇيىچە 2012- يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىغا كىرىپ ۋىزا بىجىرمەكچى ئىدۇق. بىز چۈشكەن مېھمانخانا بىلەن ئەلچىخانا تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئارىلىقى خېلىلا يىراق بولغاشقا، شۇ كۈنى دەل ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ بارالماسلىقىمىزدىن ئەنسىرەپ (چۈنكى بېيجىڭدا تاكسى توسۇشمۇ خېلى تەس ئىكەن)، 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ياتاقنى قايتۇرۇۋېتىپ، ئەلچىخانىغا يېقىن يەردىكى بىر مېھمانخانىغا يۆتكەلمەكچى بولدۇق. قېرىشقاندەك بۇ كۈنى تالادا شاقىراپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. بىز چۈشكەن مېھمانخانا كىچىك بىر ئارقا كوچىدا بولغاچقا، بۇيەردىن تاكسىلارمۇ ئانچە ئۆتمەيدىكەن. يامغۇر ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس. ئامالسىز يەنە
تۇردىغا تىلىفۇن قىلىپ ياردەم سورىدۇق. ئوزاق ئۆتمەيلا تۇردى بىر تاكسىنى باشلاپ كەپتۇ، ئاران دىگەندە بۇيەردىن ئايرىلىپ يېڭى مېھمانخا-نىغا كېلىپ جايلىشىۋالدۇق.
         ئەتىسى ئەتىگەندىلا تۇرۇپ كەتتۇق. سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ۋىزا بىجىرىش ئورنىغا كەلسەك، بەش-ئالتە ئادەم ئۆچرەت ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاخىرىغا تىزىلدۇق، بىر دەمدىن كىيىن ۋىزا ئالىدىغان كىشىلەر ئۈزۈلمەي كەلگىلى تۇردى.  ئۆچرەت خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىدى،  يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى،  كىيىملىرىمىز سۈزمە بولۇپ كەتتى. دەل سائەت سەككىزدە دەرۋازا ئېچىلدى،  ئىككى خىزمەتچى خادىم چىقىپ چوڭ بىر كۈنلۈكنى دەرۋازا ئالدىغا تىكلىۋالغاندىن كىيىن،  ئالدىمىزدا تۇرغان كىشىلەرنىڭ  پاسپورتى بىلەن ئالدىن كىلىشىش قەغىزىنى بىر-بىرلەپ  تەكشۈرۈپ دەرۋازىدىن كىرگۈزگۈزۈشكە باشلىدى. بىزگىمۇ نۆۋەت كىلىپ دەرۋازىدىن كىردۇق.   بانكىلارنىڭ  تىجارەت  زالىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر زالغا كىرىپ،  ئاپتوماتىك نومۇرچىقىرىش ماشىنىسىدىن
ئۆچرەت نومۇرى ئالغاندىن كىيىن بىر چەتتە ئۆچرەت كۈتۈپ ئولتۇردۇق. ئەتراپىمغا قارىسام 40-50 ئادەم ئۆچرەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ، سىرتتىن يەنە كىشىلەر ئۈزۈلمەي كىرىۋاتاتتى. نۆۋىتىمىز كەلگەندە بەلگىلەنگەن كۆزنەككە بېرىپ بارلىق ماتىرىياللىرىمىزنى تاپشۇردۇق. ۋىزا بىجىرىش ئورنىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى جوڭگولۇق خادىملار ئىكەن، بىر دەملىك سۇئال-جاۋاپتىن كىيىن پاسپورت قاتارلىق ماتىرىياللىرىمىزنى قالدۇرۇپ قويۇپ، ۋىزا بىجىرىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ قايتىپ چىقتۇق، يەنە بىرەر ھەپتە ساقلاپ تۇرىدىغان ئوخشايمىز.
           مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرستىتىنىڭ كەينىدىكى بىز دەسلەپ چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ يېنىدا " ئاماننىساخان " ناملىق بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى بار ئىدى، شۇڭا تاماقتىنمۇ قىينالمىغان ئىدۇق. " غەربى قۇۋۇق " تىن "شەرقى قۇۋۇق" قا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان، بۇ ئەتراپتا ئۇيغۇر ئاشخانىسى تۇرماق، خۇيزۇ ئاشخانىسىنىمۇ تاپالمىدۇق.  كۈنىگە بىر ۋاق تۈزۈكرەك تاماق يەۋىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە بېكەت پىيادە مېڭىپ، ئاندىن مېتروغا چۈشۈپ، ئارىلىقتا مېترو ئالمىشىپ "ئاماننىساخان" ئاشخانىسىغا بېرىشىمىزغا توغرا كىلەتتى، ئۇ ئاشخانىدا نانمۇ بار ئىدى. ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك تامىقىمىز ئۈچۈن نان ئېلىۋالاتتۇق. مۇشۇ ئاشخانىدىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق "شەرقى قۇۋۇق" تىكى چاۋياڭ رايونىدا ئۈچ ئۇيغۇر رېستۇرانى بارلىقىنى بىلدۇق. ئىككىنچى كۈنى ئىزدەپ-سوراپ يۈرۈپ، ئاخىرى "قىزىل ئەتىر گۈل ئۇيغۇر ئاشخا-
نىسى" نى تاپتۇق. مىللى ئۇسلۇپتا خېلى كاتتا بىزەلگەن بۇ رېستۇرانغا كىرىپلا كاسىردىن تارتىپ مۇلازىمەتچىگىچە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقىدىن ھەيران قالدۇق، پالانى پۇلغا ئالغان تاماقنىڭمۇ تۈزۈك تايىنى يوق، يېرىم قورساق قايتىپ چىقتۇق. ئەتىسى يەنە بىر مۇنچە يول مېڭىپ ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ، بىر ئىگىز بىنانىڭ 3- قەۋىتىگە جايلاشقان "شىنجاڭ تومارىس رېستۇرانى" نى تاپتۇق، گەرچە تاماقنىڭ باھاسى ۋە مىقدارىدىن رازى بولمىغان بولساقمۇ، بۇيەردە ئىشلەۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇر بالىنى كۆرۈپ نارازىلىقىمىز پەسەيگەندەك بولدى.
          مەن ئىلگىرى بېيجىڭدە خۇيزۇلار توپلۇشۇپ ئولتۇراقلاشقان "نيۇجيې" دەيدىغان بىر كوچىنى كۆرگەن ئىدىم. بېيجىڭ شەھرىنىڭ قاتناش خەرىتىسىدىن لىنىيەنى بەلگىلىۋالغاندىن كىيىن، مېترو بىلەن شۇ يەرگە باردۇق. بۇ كوچا ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار دونياسى ئىكەن. بېيجىڭدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەرنىڭ  بىرى  بولغان داڭلىق نيۇجيې خانىقاسى مۇشۇ  كوچىغا  جايلاشقان  بولۇپ،  ئۇنىڭ ئەتراپىدا مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار ، مۇسۇلمانلار تاللا بازىرى قاتارلىقلار خېلى كۆپ ئۇچرايدىكەن.  ئايالىمغا مۇشۇ جاي ياراپ قالدى بولغاي،  ھەر كۈنى بىر قېتىم  مۇشۇ  خۇيزۇلار مەھەللىسىگە كىلىپ تاماق يەپ، مۇسۇلمانلار تاللا بازىرىدىن پىششىق يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ قايتىدىغان بولدۇق.
          مانا بۈگۈن ۋىزا بىجىرگىلىمۇ 8 كۈن بولۇپ قاپتۇ. ۋىزىمىز چىقارمۇ-چىقماسمۇ دىگەن خىيال بىلەن خۇيزۇلار مەھەللىسىگە كىلىپ تاماق يىگەچ ئەتراپنى ئايلىنىپ يۈرسەك شياۋجو تىلىفۇن قىپتۇ.
          _ ياتاققا بارسام سىلەرنى تاپالمىدىم، بۈگۈن ۋىزاڭلار چىقتى، كېلىپ ئېلىۋىلىڭلار.
          _ بەك ياخشى بوپتۇ، مانا بىز ماڭدۇق.
          خوشاللىقتىن ئالدى-كەينىمىزگە قارىماي ئۇدۇل مېتروغا چۈشتۇق، مېھمانخانىغا قايتىپ كىلىپلا شياۋجوغا  تىلىفۇن  قىلدىم.  ئوزاق ئۆتمەيلا شياۋجو كەلدى ۋە  "مانا"  دەپ  پاسپورتىمىزنى قولىمىزغا بەردى. قارىساق گېرمانىيە باش ئەلچىخانىسى ئۆزىمىزنىڭ تەلىپى بۇيىچە بىزنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇش ۋاقتىمىزنى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە 90 كۈن قىلىپ بەلگىلەپ پاسپورتىمىزغا تامغا باسقان ئىكەن. خوش بولۇپ كەتتۇق. ئەندىكى قىلىدىغان ئىشىمىز ئايرۇپىلان بېلىتى ئېلىش ئىدى، بۇنىمۇ شياۋجوغا ھاۋالە قىلدۇق. شياۋجو دەرھال مەلۇم بىرسى بىلەن تىلىفۇندا سۆزلەشتى-دە:
         _ 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ميۇنخېنغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ بېلىتى بار ئىكەن، مەن بېرىپ ئەكىلەي،_ دەپ چىقىپ كەتتى.
         كەچ كىرەي دەپ قالغانىدى، بىز مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا چىقىپ سالقىنلىغاچ شياۋجونى ساقلاپ ئولتۇردۇق. بىر كەمدە بىر توكسىلىت ئالدىمىزغا كىلىپ شىپپىدە توختىدى، قارىساق شياۋجو ئىكەن.
        _ مانا ئايرۇپىلان بېلىتى،_ دەپ ئىككى ۋاراق قەغەزنى قولىمىزغا بەردى. كومپيۇتېردا بېسىپ چىقىرىلغان بۇ ئىككى ۋاراق قەغەز گېرمانىيە خەنسا ئاۋىئاتسىيە شىرىكىتىنىڭ ئايرۇپىلان بېلىتى بولۇپ،  ئۇنىڭدا بىزنىڭ ئىسىم، فامىلىمىز، بېيجىڭدىن ميۇنخېنغا بارىدىغان، ميۇنخېندىن بېيجىڭگە قايتىدىغان ۋاقتىمىز،  بېلەت باھاسى  قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلغان ئىدى. ئايالىمنى مېھمانخانا ئالدىدا قالدۇرۇپ قويۇپ، شياۋجو بىلەن بىللە يېقىن ئەتراپتىكى جوڭگو بانكىسىغا بېرىپ،  پۇلدان ئارقىلىق بانكا ھىساباتىمدىن ئايرۇپىلان بېلىتىگە لايىق پۇلنى شياۋجو كۆرسەتكەن  ھىسابات نۇمۇرىغا ئاغدۇرۇپ بەردىم. ئەتىسى يەنە بانكىغا بېرىپ ئېشىپ قالغان پۇللىرىمىزنى ياۋروغا ئالماشتۇرۇۋالدۇق.
         8-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەتىگەندىلا مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتۇق، چۈنكى بىز چىقىدىغان ئايرۇپىلان بۈگۈن چۈشتە ئۇچاتتى. پايتەخت ئايروپورتىنىڭ ئەلىم-تەلىمىنى بىلمىگەشكە،  بالدۇرراق بېرىۋالماقچى ئىدۇق.  بىر نەچچە تاكسىنى توسساق "ئايرۇپورتقا بارمايمەن" دەپ ئۇنىمىدى.  ئاخىرىدا بىر قارا تاكسىنى 100 يۈەنگە دىيىشىپ، ئاران دىگەندە ئايرۇپورتقا كىلىۋالدۇق. پايتەخت ئايرۇپورتى ئاجايىپ چوڭ ۋە ھەشەمەتلىك ئىكەن،بىز بۇرۇنراق بېرىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن، يۈك-تاق تەكشۈرۈش خادىملىرى ئىشقا چۈشكىچە ساقلاپ ئولتۇرۇشىمىزغا توغرا كەلدى.  مانا ئۇلارمۇ كەلدى،  يۈك-تاقلىرىمىز تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئاپتۇماتىك تاسما بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ كەتتى. قولىمىزدا ئېلىپ  ماڭغان  سومكىلىرىمىزنى  كۆتەرگەن  ھالدا كىشىلەر توپىغا ئەگىشىپ، چىگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش ئورنىغا كېلىپ ئۆچرەتكە تىزىلدۇق. بۇ يەردە  ئېلىپ بېرىلىدىغان  چىگرىدىن  چىقىشقا  دائىر تەكشۈرۈشلەرمۇ  بىر دەمدىلا  تۈگىدى.  ئايرۇپىلان  كۈتۈش  زالىغا كىرىپ كەتتۇق.  ئايرۇپىلاننىڭ  ئۇچۇشىغا  يەنە  خېلە  ۋاقىت  بار  ئىدى.   ئەينەك تامنىڭ سىرتىدا بىر چوڭ ئايرۇپىلان توختىتىقلىق تۇراتتى. بىز چىقىدىغان ئايرۇپىلان شۇمىدۇ؟  ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئايرۇپىلانغا قارىغىنىمچە  خىيالغا كەتتىم.  چەتئەلگە چىقىش بۇ ياقتا  تۇرسۇن،  ھەتتا شىنجاڭدىكى بىرەر داڭلىق سەيلىگاھقىمۇ بېرىپ باقمىغان بىزدەك ئادەملەر مانا بۈگۈن دېڭىز ئاتلاپ، قىتىئە ئاتلاپ، دونيانىڭ ئۇ چېتىدىكى گېرمانىيەگە بارماقچى بۇلىۋاتىمىز. شۇنچە ئارزۇلاپ بارغىدەك بۇ گېرمانىيە زادى قانداق جاي بولغىيتتى؟  قىزىقسىڭىز، داۋامىغا نەزەر سالغايسىز.
                                                     ( داۋامى بار )
                             مەنبە: ئۆز ئىجادىم
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 12:36:49
ئاجايىپ ياخشى چىقىپ تۇ،

44

تېما

0

ئەگەشكۈچى

625

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
116
مۇنبەر پۇلى
372
ئىشەنىچ
116
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 14:53:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى داۋاملىق يازغايسىز

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

525

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
68
مۇنبەر پۇلى
457
ئىشەنىچ
68
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 22:51:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتەقىزىقىمىز،مۇشۇنداق چەت ئەل تەسىراتلىرىغابەك قىزىقىمەن كۈنلەرنىڭ بىرىدەبىزگىمۇشۇنداق بىرئىشلارنىسىپ بولۇپ قالساسىزدەكلەرنىڭ كەۈرمىشلىرى بىزنىڭ يولىمىزنىڭ ئاسان بولۇشىغاپايدىسى كۆپ بىردەرىس بولۇپ قالغۇسى.داۋامىغاتەشنامىز،ئۈمۈدۈم بەك ئۇزاققاسوزۇلۇپ كەتمەي يوللانسا.

6

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5412

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2138
مۇنبەر پۇلى
2731
ئىشەنىچ
2138
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-8 13:57:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
otunqi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 22:51
ئەلۋەتتەقىزىقىمىز،مۇشۇنداق چەت ئەل تەسىراتلىرىغابەك  ...

  «خاتىرە» نىڭ ئىككىنچى قىسمىنى بۈگۈن يېزىپ بۇلۇپ يوللۇدۇم. بىراق، مىنىڭ
كومپيۇتېردا خەت ئورۇشنى ئۆگەنگىنىمگە ئوزاق بولمىدى، خەتنى ئورالىغىنىم بىلەن
قۇرلارنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى تەڭشىيەلمىدىم، شۇڭا بۇ يازمىنىڭ خەتلىرى بىرئاز
رەتسىز چىقىپ قالغان بۇلۇشى مومكىن. تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 19:39:34
قېنى  ئاخىرى چۇ، تىزراق يېزىڭ،
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 19:41:59
تېىخى چىقمايدىگۇ. باشقۇر غۇچىلار تىزراق تەستىق لاڭلا،
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 11:07, Processed in 0.113376 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش