خۇشاللىق سىز قىلىشنى خالىمىغان ئىشلاردا خىزمىتىم جاپالىق ھەم ئالدىراش بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن خۇشاللىق تاپالايمەن. كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا، ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن مۇڭدىشىپ ئىچ-پۇشۇقۇمنى چىقىرىمەن. بۇ چەت-ياقا يېزىدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەن ئۈچۈن خۇشاللىق تېپىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. تاگور: «ئۆزۈمنىڭ ئۆزۈمگە خاس ياشاش ئۇسۇلۇم بار» دېگەن. جىددىي تۇرمۇش رىتىمى تۈپەيلى ئەتراپىدىكى، كۆز ئالدىدىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلالمايدىغان قىسمەن كىشىلەر كۈنلىرىنىڭ مەنىلىك ئۆتمەيۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇشنىڭ ئورنىغا ۋاقتىنى ھاراق-شاراب ئىچىش ۋە ئويۇن تاماشىغا بېرىلىش بىلەن ئىسراپ قىلىدۇ ھەم بۇنىڭدىن خۇشاللىق ئىزدەيدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەكسىچە روھىنى زەئىپلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. دوستۇم، خۇشاللىقنى نەدىن، قانداق ئىزدەشنى بىلمىگەن بولسىڭىز، گىپىمگە قۇلاق سېلىڭ: ساھەر تۇرۇپ چېنىقىپ، ھەر بىر كۈنىڭىزنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كۈتۈۋېلىڭ، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ باشقىلارغا ھال-مۇڭ بۇلۇڭ، شۇندىلا تۇرمۇشىڭىزدا خۇشاللىقنىڭ بىخ سۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. خۇشاللىق ئىزدەپ ئاۋارا بولماڭ، ئۇ سىز قىلىشنى خالىمىغان كىچىك ئىشلاردا. ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزنى خۇشال، روھلۇق تۇتالىسىڭىز، تەبىئىيلا ئەتراپىڭىزدىكىلەرگىمۇ تەسىر قىلالايسىز ھەم ئۆزىڭىزمۇ سەزمىگەن ھالدا بارلىق خۇشاللىقلارنىڭ ساھىبى بولغان بەخت تەختىدە ئولتۇرالايسىز. ئەسلى مەنبە: ساقتۇر خەلقىم ساغلاملىق تورى www.sahtur.com
|