رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ياخشىلىقنى ياخشىلار تۇغار، ساۋاپ بىلەن ئۆمرۈڭنى يۇغار. قۇياشنىڭكى ئانىسى مېھىر، مېھىر بىلەن زېمىستان باھار.
سايرىماستا بۇلبۇل بېغىدا، ئەلنى چىللار خوراز چېغىدا. قالماس ئىدى مېنىڭدە ئارمان، ياخشىلارنىڭ بولسام يېنىدا.
كەل ياخشىلار بولايلى بىرسەپ، ئەلمىساقتىن ئەلدىن ئەلگە نەپ. ئۆگىنەيلى قانداق ياشاشنى، ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ.
نىيەت بولسا خالىس ھەم دۇرۇس، شۇ كىشىنىڭ قەلبى گۈلدىن ئۇز. يىقىلغاننىڭ كەينىدىن كۈلمەي، گەر قولۇڭدىن كەلسە تىك تۇرغۇز.
رۇستەم قاراسۇ..ئالاتاۋدا يېزىلدى |