تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 468|ئىنكاس: 7

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

645

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
169
مۇنبەر پۇلى
445
ئىشەنىچ
169
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 18:33:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى  

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29 – يانۋار تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 29 – يانۋار مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى چەكلەشكە دائىر ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، ‹‹ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە تاماك چېكىشنى چەكلەش››،‹‹ئالىي مەكتەپلەردە تاماكا چېكىشنى قەتئىي چەكلەش››،‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش››قاتارلىق بىر يۈرۈش چەكلەش بۇيرۇقىنى ئوتتورىغا قويدى.  
      ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەر، يەسلىلەرگە كىرگەندە، ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا چېكىشى بىردەك چەكلىنىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتە تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىكى 1 – جاۋابكار بولىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان يېرىگە ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››دېگەن ۋىۋىسكا ياكى تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىسى چاپلىنىشى، مەكتەپلەردە تاماكا چېكىش رايونى تەسىس قىلىنماسلىقى، مەكتەپلەردە كۈلدان قاتارلىقلار قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردە تاماكا ئېلانى چاپلانماسلىقى ياكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىغا تاماكا ماركا نامى قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردىكى كىچىك دۇكانلاردا تاماكا بۇيۇملىرى سېتىلماسلىقى، مەكتەپ سىرتىدىكى خادىملار مەكتەپكە كىرگەندە ئۇلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى ئىچىدە تاماكا چېكىش قەتئىي چەكلىنىشى، تاماكا چېكىش ئۆيى تەسىس قىلىنماسلىقى كېرەك.  
     ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيە كۈچەيتىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، دۇنيا تاماكا چەكلەش كۈنى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق مۇھىم ۋاقىت ۋە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرسخانىلاردا، لېكسىيەلەردە، پارتىيە ۋە ئىتتىپاق پائالىيەتلىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەربىيەسى قىلىشى كېرەك. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ››قۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىدە تەدبىر جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى كېرەك.  
     مەنبە:http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-01/30/content_334882.htm  

خەنزۇچە مەنبە:  
http://www.moe.gov.cn/publicfile ... 01/xxgk_163289.html

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

737

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەمتىمىن
تۆھپە
216
مۇنبەر پۇلى
501
ئىشەنىچ
216
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 18:35:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇندىلا بالىلارغا ساپ ھاۋا كىرەك ئىدى

6

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5412

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2138
مۇنبەر پۇلى
2731
ئىشەنىچ
2138
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 23:13:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئاقىلانە تەدبىر بوپتۇ، ئۇنىڭ ھەقىقى ئەمەلىلەشتۈرۈلىشىگە تىلەكداشمىز.

0

تېما

12

ئەگەشكۈچى

790

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
211
مۇنبەر پۇلى
584
ئىشەنىچ
211
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 13:28:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ  ياخشى چىقىرىلغان  قائىدىكەن بۇ ، ئوقۇغۇچىلارنىلا چەكلىمەي ، ئوقۇتقۇچىلاردىن تارتىپ چەكلىسە ئاندىن تۈزلىدۇ.
ئادالەتتىن ئايرىلغان قوراللىق كۈچ مۇستەبىت ھېسابلىنىدۇ.

6

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1106

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
602
مۇنبەر پۇلى
524
ئىشەنىچ
602
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 20:31:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bu bir yahxi hawarkan ,harnim bolsa yahxi boptu

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

38

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
14
مۇنبەر پۇلى
24
ئىشەنىچ
14
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 18:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ ،،،،تېزراق ئەمەلىلىيشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-2-6 19:56:33
ئەمدى تاماكىنى ئاستا- ئاستا تاشلىساق بولغۇدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 11:08, Processed in 0.107222 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش