ئىككى شېئىر
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
ئىلھامغا باي كېچىلەر
ئادا قىلىپ زەڭگەر قۇياش سىمىنا، كەتتى سىڭىپ ھالسىزلىقتا ئۇپۇققا. باش كۆتۈردى كۈمۈش رەڭلىك تۇلۇنئاي، ئورالغاندا زېمىن قارا يۇپۇققا.
ئورالغاندا زېمىن قارا يۇپۇققا، ئۇيقۇ سۆرەپ چۆككەن ھەممە ياستۇققا. بىراق،فونتان ئاتار شائىر ئىلھامى، مىسرالىرى تەلپۈنىشتە يورۇققا.
مېھرى ئىللىق،ئىلھامغا باي كېچىلەر، شائىر قەددى قوينۇڭلاردا پۈكۈلەر. تىنىچلىقتىن ھوزۇر ئېلىپ ھەر كېچە، مەزمۇنغا باي يېڭى داستان پۈتۈلەر.
1989-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى. گۇما.
يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام
دېزىزەڭنى چەككەن شات ناخشام، ئۈزۈلمەيدۇ،ئۈزۈلمەس ئەبەت. يامغۇر ياغقان ھېلىقى ئاخشام، ئۇنتۇلمايدۇ،ئۇنتۇلماس ئەبەت.
ئۇنتۇلمايدۇ،ئۇنتۇلماس پەقەت، شۇ ئاخشامقى بېقىشىڭ دىلدار. چاڭقاش بىلەن ئۆتەرمەن قەۋەت، كۈتۈپ سەندىن سۆيگۈ ھەم دىدار.
ئەقىدەمنى قالدۇردۇم ساڭا، دىل ئۆيۈڭگە بولسۇن دەپ چىراق. خەت يازمايسەن كەلگىن دەپ ماڭا، بارالمايمەن تەشۋىشتە بىراق.
دېزىزەڭنى چەككەن لىرىكام، سېنى قىلسۇن ۋاپاغا مايىل. ئارىمىزدىن غۇلاپ كەتسۈن تام، بولماستا مەن سەرگەردان،سايىل.
1989-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى.گۇما. |