كورلا شەھەرلىك مەدىنىيەت يۇرتى ئات يىلىدىكى باھار بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن 2ھەپتىلىك دېھقان-چارۋىچى(ئەلئىچى)ھەۋەسكارلاردىن 15نەپەر كىشىنى مەدىنىيەت يۇرتىغا يىغىپ،ئاپتونوم رايۇنلۇق مەدىنىيەت يۇرتى گۈزەل سەنئەت بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك رەسسام پىراپپىسسور پەرھات ئىبراھىم مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ 16-يانىۋاردىن 30-يانىۋارغىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ئاخىرىدا كۇرسانتلار ئۆزقۇلى بىلەن سىزىپ چىققان 100پارچە ئەسەرنى 30-يانىۋار كۈنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇردى،ھەرقايسى ئىدارە- ئوگانلاردىن كەلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەر بەس بەستە قىزىقىپ كۆردى ۋە ياخشى باھالارنى بەردى. ئىگەللىنىشچە بۇ كۆرگەزمە مەدىنىيەت يۇرتىدا بىرنەچچە ھەپتە كۆرگەزمە قىلىنغاندىن كېيىن كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازار،كوچا ئىش باشقارما مەھەللىلەردىمۇ داۋاملىق كۆرگەزمە قىلىنىدىكەن،چۈنكى بۇ ئەسەرلەر ئەنئەنىۋى خاسلىقى كۈچلۈك بولغان كورلا شەھىرىنىڭ ئۆزگىچە خاسلىقى نامايەن قىلىنغان ھەمدەپارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ خەلىققە قارىتىلغان نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى تەشۋىق قىلىنغان ئەسەرلەر بولغاچقا كورلىنى تەشۋىق قىلىش ،پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
|