تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 490|ئىنكاس: 2

داڭلىق ئادەملەرنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

140

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
24
مۇنبەر پۇلى
87
ئىشەنىچ
24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 02:48:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭلىق ئادەملەرنىڭ قىزىقارلىق ئىشلىرى

     نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپىتىغا ئېرىشكۈچى،ئامرىكىلىق ئونىل بىر قېتىم ۋاكالەتچىسى ئەۋەتكەن بىر پارچە تېلېگراممىنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ،ئۇنىڭغا: «مەشھۇر چولپان خارلوۋ خانقىز بىر ئەڭ ياخشى دىراماتۇرگنى تېپىپ بىر كىنو سىنارىيەسى يازغۇزماقچىكەن،ئونىل ئەپەندىمنى ئاۋارە قىلسام بىر پارچە جاۋاپ تېلگىرامما قايتۇرالامدىكىن،تېلگىرامىدىكى خەت 20 دىن ئېشىپ كەتمۈسۇن،تېلېگىرامما ھەققىنى تاپشۇرۋالغان ئادەم تۆلەيدۇ»-دەپ يىزىلغان ئىكەن.ئونىل جاۋاپ تىلگىراممىنى مۇنداق قايتۇرۇپتۇ: «بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، بولمايدۇ، ئونىل».
     ماتىماتىكا ئالىمى گرامس ياشىنىپ قالغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ گوتتىنگېن ئونۋېرىستىتىدىكى ئورنى گويا ئىلاھقا ئوخشاپ قاپتۇ،كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئەيمىنىدىغان بولۇپتۇ.ئۇ يەردە گرامس توغرىسىدا مۇنداق بىر لەتىپە تارقالغان ئىكەن،گوتتىنگېندا مۇنداق ئىككى خىل ماتىماتىكا ئالىملىرى بار:بىر تۈردىكىللىرى ئۆزى قىلماقچى بولغان لىكىن گرامس ئۇلارنى بۇيرىمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.يەنە بىر خىلى گرامس ئۇلارنى بۇيرىغان لىكىن ئۆزى قىلماقچى بولمىغان ئىشلارنى قىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا گرامس بىرىنچى خىلدىكىلەرگە تەۋە ئەمەس،ئىككىنجى خىلدىكىلەرگىمۇ تەۋە ئەمەس.شۇڭا گرامس ماتىماتىكا ئالىمى ئەمەس.
     ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گېتلىر بىلەن گىرىن بىسىۋالغان پولشا زىمىنىدىن ئۆتۈپ كېتېپ بېرىپ،بىر كىچىك چىركاۋدا ۋاقىتلىق دەم ئالماقچى بولۇپتۇ.گېتلىر كىرسىت تۆپىگە مىخلانغان خىرىستوس ئەيسانى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ گىرىندىن بىزنىڭ تەغدىرىمىزمۇ مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بولارمۇ دەپ سوراپتۇ.گېرىن «مىنىڭ فېئورۇرىم،بىز ناھايىتى بىخەتەر.چۈنكى گېرمانىيە تۈگەشكەن چاغدا، بۇنداق ياغاچ بىلەن مىقنى ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمايدۇ»-دەپتۇ.
     بىر فىرانسىيەلىك فىزىكا ئالىمى دىراكنى زىيارەت قىلىپ كەپتۇ.دىراك سۆكۈت قىلىپ تۇرغان ئەھۋالدا ئۇ فرانسىيەلىك ناھايىتى قىينىلىپ تۇرۇپ ئىنگىلىز تىلىدا دىراكقا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ.بىردەمدىن كىيىن دىراكنىڭ سىڭلىسى ئۆيگە كىرىپ فرانسۇز تىلىدا دىراكتىن بەزى ئىشلارنى سوراپتۇ،دىراكمۇ ناھايىتى راۋان فرانسۇز تىلىدا ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپتۇ.ئۇ فىزىكا ئالىمى ناھايىتى غەزەپلىنىپتۇ،ھەمدە ۋاقىراپ تۇرۇپ «سىز نىمە ئۈچۈن ماڭا فرانسۇز تىلىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيىتمايسىز»-دەپتۇ دىراك مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ «سىز ئەزەلدىن بۇنى مەندىن سوراپ باقمىغان تۇرسىڭىز».
      1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،يازغۇچى خاسېك چېخىسلاۋىكىيەنىنىڭ پايتەختى پراگادىكى بىر مىھمانخانىغا ياتقىلى چۈشۈپتۇ،يولۇچىلارنى تىزىملاش دەپتىرىدىكى «دۆلەت تەۋەلىگى» دىگەن تۈرنى تولدۇرغاندا ئاۋىستىريە-ۋىنگىريە بىلەن دۈشمەن تەرەپتىكى «روسىيە» دەپ يىزىپتۇ،«بۇ يەرگە كىلىشتىكى مەخسىدى» دىگەن تۈرگە «ئاۋىستىرالىيە باش شىتابىنىڭ ئەھۋالىنى ئوغۇرلۇقچە ئېگەللەش» دەپ تولدۇرۇپتۇ.ساقچى ئېدارىسى ناھايىتى تېزلا ئادەم ئەۋەتىپ بۇ مىھمانخانىنى قاتمۇ-قات قورشاۋغا ئاپتۇ.ھەقىقى ئەھۋال ئىنىقلانغاندىن كىيىن،ساقچىلار قاتىق ئەيىپلەپ سوراق قىلىپ خاسېكتىن نىمە ئۈچۈن بۇ خىل چاخچاقنى قىلغانلىقىنى سوراپتۇ،خاسېك سەمىمىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئاۋىرتىرىيە ساقچىللىرىنىڭ ئىش قىلىش ئۈنۈمىدىن ئانچە خاتىرجەم ئەمەسلىكى،ئۇلارنىڭ ھوشيارلىقىنى سىناپ بېقىشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.ساقچى تەرەپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ،ئۇنىڭغا بەش كۈنلۈك قاماق جازاسى بېرىپتۇ.
      ئامىرىكا يازغۇچىسى مارىك. تېۋىن دائىم ئەتراپتىكىلەرگە ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئازاپلىق كەچۈرمىشىنى بايان قىلىپ بېرىدىكەن: «مەن تۇغۇلغان چىغىمدا ئەسلى قوش كېزەك ئىكەنمىز،مەن بىلەن مىنىڭ قوش كېزەك بۇرادىرىم بىر بىرسىمىزگە بەك ئوخشايدىكەنمىز،ھەتتا بىزنى ئانىمىزمۇ پەرىقلەندۈرەلمەيدىكەن.بىر كۈنى بالا باققۇچى بىزنى يۇيۇندۇرۋاتقاندا،ئارىمىزدىكى بىرسىمىز ئېھتىيات قىلماي ۋاننا ئىچىگە چۈشۈپ كېتېپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قاپتۇ،ھىچكىممۇ ئۆلۈپ قالغىنىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەن.»«ئەڭ ئادەمنى ئازاپلايدىغان يەر نەق مۇشۇ» مارىك تىۋېن مۇنداق دەپتۇ«ھەممە ئادەم مىنى ھىلىققى ھايات قالغان بالا دەپ قارايدۇ،ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،ھايات قالغىنى مىنىڭ ئېنىم،تۇنجۇقۇپ ئۆلگىنى بولسا مەن.»

18

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1214

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
244
مۇنبەر پۇلى
704
ئىشەنىچ
244
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 21:02:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمائكەن

5

تېما

23

ئەگەشكۈچى

4167

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
2129
مۇنبەر پۇلى
1760
ئىشەنىچ
2129
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-3 11:35:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن يۇمۇرلۇقكەن............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 11:20, Processed in 0.112915 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش