- تىزىملاتقان
- 2014-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-12
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 399
- نادىر
- 0
- يازما
- 57
 
- تۆھپە
- 99
- مۇنبەر پۇلى
- 255
- ئىشەنىچ
- 99
| تور ئەزاسى ياشارنىڭ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا سۇنغان تەكلىپى: يېقىندىن بېرى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى سەنئەت تۈسىنى ئالغان پىروگراممىلارغا بەك كۈچەۋاتىدۇ. مەسىلەن: « مەشرەپ»، «ناۋا»، نۆۋىتىدە «تەلەي يۇلتىزى»مۇ شۇ...ھەمدە «ئېكران» پىروگراممىسىمۇ «ئۆتكەن كۈنلەر»دىكى سەنئەت پىروگراممىسى بولۇپ قالدى. بىز سەنئەتتىن خېلىلا تويۇنۇپ قالدۇق!.... 1-يازغۇچى-شائىرلىرىمىزغا ئۇرۇن بېرىش كېرەك، ئۇلار مەۋجۇدىيىتىمىز، رىئاللىقىمىز ھەققىدە سۆزلىسۇن، بىزدە غۇرۇر تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەشۋىش تۇيغۇسى پەيدا بۇلىشى كېرەك!... 2-تارىخچىلار سۆزلىسۇن، شۇندىلا ئەۋلاتلىرىمىز يىلتىزىنى چۈشۈنىدۇ! 3-پەيلاسوپلىرىمىزمۇ سۆزلىسۇن، ئەۋلاتلىرىمىز ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىدە ئىزدىنىدىغان بولسۇن!... 4-جەمىيەتشۇناسلار سۆزلىسۇن....ئەۋلاتلىرىمىز ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشەنسۇن!.... 5-ئىقتىسادشۇناسلار سۆزلىسۇن....ئەۋلاتلىرىمىزدا ئىقتىسادىي ئاڭ شەكىللەنسۇن!... 6-كارخانىچىلىرىمىزگە سۇرۇن بىرەيلى...ئەۋلاتلىرىمىزدا ئىگىلىك تىكلەش ھۈجەيرىسى يېتىلسۇن!... 7-تەبىئى پەن مۇتەخەسىسلىرىمىز، جۇغراپىيە مۇتەخەسىسلىرىمىز سۆزلىسۇن!... ئەۋلاتلىرىمىزدا يېڭىچە دىت، يېڭىچە قىممەت قارىشى يېتىلسۇن. سەنئەت بىزنىڭ بارلىقىمىز ئەمەس!... ئەۋلاتلىرىمىزدا چوڭ بولسام داڭلىق ناخشىچى ۋە ئۇسۇلچى بۇلىمەن دەيدىغان گېن ئەمەس، پەن-تېخنىكا سەھنىسىدە داڭلىق ئادەم بۇلىمەن دەيدىغان گېن يېتىلسۇن!.... ياشار توغرا ئېيتىپتۇ، مەنمۇ بۇ تەكلىپنى قوللايمەن.
|
|