غالىبلار ئۇچرىشىشى 100 قىسىملىق پۇتبول پروگراممىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، ياخشىمۇسىلەر! تەڭرىتاغ تورىمىزدىن بۈگۈن يەنە خۇشخەۋەر تارقالدى، يەنى تورىمىزدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ 2 ئاي جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە 2014 - يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىغا ئاتاپ ئىشلىگەن <<غالىپلار ئۇچرىشىشى >> 100 قىسىملىق تور تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ 100 قىسىملىق پروگراممىمىز پۇتبولغا ھېرىسمەن بارلىق تورداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇسى! شۇنداقلا سىزنى بۇ يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار، تارىختىكى داڭلىق پۇتبولچىلار شۇنداقلا بۇ يىل مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدانلار توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلغۇسى! بىز بۇ پروگراممىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش بىلەن بىرلىكتە بىزنى يېقىندىن قوللىغان، مەدەت بەرگەن شىنجاڭ ئىمران سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مۇئەللىم ئېلېكتىرون پەن تېخنىكا شىركىتى، شۇنداقلا شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىيو پەن-تېخنىكا شىركىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. كەڭ تورداشلارنىڭ ئەگەر پروگراممىمىزنى ياقتۇرسا، بىز ئۈچۈن باشقا دوست-بۇرادەرلىرىگە تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
|