تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 887|ئىنكاس: 7

بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

ئەگەشكۈچى

291

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
81
مۇنبەر پۇلى
171
ئىشەنىچ
81
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 11:25:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئائىلىدىكى بەخت كىملەرگە مەنسۇپ بولىدۇ؟

    «بەخت» دېگەن سۆز كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى ۋە دائىرىسى كەڭ، تۈرلىرى خىلمۇ-خىل بولىدۇ. بەزى ئاياللار «بەخت»نىڭ ئىچىدە تۇرۇغلۇق بەختنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەي، تەڭرىدىن، ئۆزىدىن، باشقىلاردىن ۋە خىزمىتىدىن ھەتتا جەمىيەتتىن ئاغرىنىدۇ.
    يىغىپ ئېيتقاندا، پەرزەنت كۆرۈش، بالىلارنى ئەخلاقلىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش، بالىلىرىنىڭ چوڭ بولۇپ جەمىيەتكە ياراملىق ئادەم بولغىنىنى كۆرۈش ۋە ئائىلىدىكىلەرنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەخت ئەمەسمۇ؟.
    ئاياللار توققۇز-ئون ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئاچچىق تولغاق يەپ پەرزەنتلىك بولىدۇ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بوۋىقىنىڭ ئوماق-تاتلىق كۈلكىسىنى كۆرۈپ چۈچۈك گەپلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۆمرى يار بەرسە بالىلىرىنىڭ ياراملىق چوڭ بولۇپ بالىلىق بولغىنىنى، نەۋرىلىرىنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقىنىنى كۆرۈدۇ، ھەمدە بالىلىرىنىڭ خىزمەتنى خاتىرجەم ئىشلىشى ئۈچۈن نەۋرىلىرىنى باقىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇنىنى …… كۆرۈدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەخت ئەمەسمۇ؟. نەۋرە باقسا بالىلىرى خاتىرجەم خىزمەت قىلىدۇ، بۇ بالىلىرىنىڭمۇ بەختى ھەم ئۆزىنىڭمۇ بەختى ئەمەسمۇ؟. ئاياللارنىڭ يولدىشىنى ۋە بالىلىرىنى قوللىغىنى ئۆزىنىڭمۇ بەختى ھەم ئۇلارنىڭمۇ بەختى ئەمەسمۇ؟. قانۇن-تۈزۈمگە رىئايە قىلىپ، خىزمەتنى نورمال داۋاملاشتۇرۇش، ھەمدە تىجارەتنى ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈشمۇ بىر بەخت ئەمەسمۇ؟.
    دىمەك بەختنىڭ ئۆلچىمى، دائىرىسى ۋە تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ. ئەڭ ئاددىسى باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكمۇ بىر خىل بەخت، چۈنكى باشقىلارنى ھۆرمەتلەش بەدىلىگە ئۆزىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ. ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخت، بىراق تېخىمۇ بەختلىك ياشاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. قىسقىسى، يۇقۇرىدا ئېيتىلغان بەختنىڭ ھەممىسى ئانىلارغىلا ئەمەس، ئائىلىدىكى ھەممەيلەنگە مەنسۇپ. چۈنكى بۇ بەختنى ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بىرلىكتە قولغا كەلتۈرگەن. شۇڭا بۇ بەختتىن ھەممەيلەن ھوزۇرلىنىشى كېرەك. بەزى ئاياللار ئائىلىدە جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋېلىپ، ئۆزىنى «بەختسىز» دەپ قارايدۇ. بىراق شۇنى بىلىشى كېرەككى، «جاپانىڭ تېگى راھەت». مانا بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان ھېكمەتلىك سۆزدۇر.
    تارىختا قەدىمدىن بۇيان نۇرغۇن ئانىلىرىمىز ئاچ يالىڭاچلىق، يوقسۇزلۇق، جەبرى-جاپالىق كۈنلەردە ياشاپ ئۆتكەن ھەم ئۇلار ئۆزى ساۋاتسىز بولسىمۇ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئائىلىدىكى رولىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە پەرزەنتلىرىگە بولغان تەنقىد-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلىرىگە ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگەتكەن ھەم ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ ئائىلىسىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا تەسەللى بىرىپ، ئۇلارنى روھىي جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇپ ئانىلارغا خاس خىسلىتىنى نامايەن قىلغان. ئەينى زاماندىكى مانا مۇشۇنداق ئانىلىرىمىز ئۆزى ساۋاتسىز ھەم ئاددى ئانىلار بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا «ھەقىقى ئانىلار» ھېساپلىنىدۇ.
     ھازىرقى جەمىيىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەمىيىتىمىزدىكى بەزى بىلىملىك ئانىلارمۇ ئەنە شۇ قىيىن مەزگىللەردە ياشىغان ساۋاتسىز ئانىلاردەك ھەممىگە كۆڭۈل بۈلۈپ كېتەلمەيدۇ ھەتتا ئۆز تۇرمۇشىنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. ھازىر ئېچىۋېتىلگەن ئۇچۇر دەۋرى بولغاچقا ھەممە ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئەركىنلىشىپ، جەمىيىتىمىزدىكى ياشلارلا ئەمەس بەلكى بەزى چوڭلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ۋايران بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق بولىۋەرسە شۇ ئائىلىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارغا، ياشلارغا ۋە ئائىلە قۇرۇپ بولغان پەرزەنتلەرگە بېسىم بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى بىر ئائىلىدە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىسى قايتا تۇرمۇشلۇق بولۇپ تۆت كىشىگە كۆپىيىدۇ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمى ئېغىرىشىۋاتقانلىقتىن پەرزەنتلەر بۇ تۆت كىشىگە تەڭ ئېتىبار بىرەلمەي قالىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ـــ ھەر بىر ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بىر-بىرىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى تۈزۈتۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بىرىشى، بىر-بىرىنى تولۇقلىشى، بىر-بىرىنى قوللىشى، بىر-بىرىنى ئاسرىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ ئىمكان قەدەر ئائىلىسىنى بۇزماسلىقى كېرەك.
ئەگەر سىز غۇرۇرلۇق ئەركەك بولسىڭىز، ئايالىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، ئۇنىڭغا كۈيۈنۈڭ، ئائىلىڭىزنى قەدىرلەڭ ھەم ئائىلىڭىز ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ.
ئەگەر سىز ھەقىقى ئايال بولسىڭىز ئائىلىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈڭ ھەم سىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى ئۆگۈنۈۋېلىڭ.
مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئەگەر سىز شۇنداق قىلالىسىڭىز تۇرمۇشتىن تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق تاپالايسىز ھەم باشقىلارغىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلالايسىز، شۇنداقلا ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بولىسىز. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ بەختى ئەمەسمۇ؟.
دىمەك بىر ئائىلىنىڭ بەختى شۇ ئائىلىدىكى ھەممەيلەنگە مەنسۇپ بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
توغرا، دۇنيادا تۇغما ئەقىللىق ئادەممۇ بولمايدۇ ھەم تۇغما دۆت ئادەممۇ بولمايدۇ. بىراق مەيلى ئەر ياكى ئايال بولايلى ئەقلىمىزنى ۋە ئەجرىمىزنى شۇ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەم شۇ ئائىلىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختى ئۈچۈن سەرىپ قىلمىساق، بىز قانداقمۇ ئاتا-ئانىغا ئوخشايمىز؟.
بۇ يازمىنى يوللىغۇچى: توقسۇ ناھىيەسىدە.
تېلېفۇن: 13565106388

23

تېما

33

ئەگەشكۈچى

6474

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3176
مۇنبەر پۇلى
2722
ئىشەنىچ
3176
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-26 15:46:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئىناقلىققا تولغان ئائىلىنىڭ بولىشى تېپىلغۇسىز بەخت .بۇ ئالەمدە بەختنىڭ چېكى ، شۇنداقلا مۇقىم بىر قېلىپى يوق ، بەخت ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ ، پەقەت مال - دۇنيانىڭ كۆپ بولىشىلا بەختتىن دېرەك بەرمەيدۇ .

78

تېما

28

ئەگەشكۈچى

7861

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2921
مۇنبەر پۇلى
3473
ئىشەنىچ
2921
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 13:05:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئادەم سوغۇق سۇ ئىچسىمۇ  كۆڭۇل تىنىچ بولسا ،خاتىرجەم، ىخۇشال-خۇران ياشىسا ، جانغا قادىلىدىغان كىسەلدىن خالى بولسا بەخىت دىگەن شۇ.

3

تېما

2

ئەگەشكۈچى

215

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
73
مۇنبەر پۇلى
139
ئىشەنىچ
73
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 20:52:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مال -مۇلكىڭنىڭ كۆپلىكىنى باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش بەخت ئەمەس، بەلكى خاتىرجەم كۈلەلىگىنىڭنىڭ ئۆزى بىر بەخت . بىر ئائىلىگە نىسبەتەن خاتىرجەم كۈلۈش ئەڭ چوڭ بەخت.

4

تېما

2

ئەگەشكۈچى

194

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
64
مۇنبەر پۇلى
118
ئىشەنىچ
64
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 12:56:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق خاتىرجەملىك بولسا ،ئىناقلىق بولىدۇ،ئىناقلىق بولسا بەخىت بولىدۇ بۇللار ئوزئار بىر-بىرنى شەرت قىلىدۇ،بىربىرنى تولۇقلايدۇ،

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1086

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
507
مۇنبەر پۇلى
540
ئىشەنىچ
507
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 13:03:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇۋادان يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 12:56
شۇنداق خاتىرجەملىك بولسا ،ئىناقلىق بولىدۇ،ئىناقلىق ب ...

    مىنىڭ كۆڭۈلىمدە ئائىلە ئىناق، ئاتا-ئانا دەرقەمدە، تەن ساق ،كۆڭۈل خاتىرجەم بولسىلام بەخت دەپ ئويلايمەن.
   ئەسەر ئىگىسگە كۆپ تەشەككۈر ،خىلى مۇلاھىزە قىلدغان تېمما يوللاپسىز سىزگمۇ بەخىت يار بولسۇن.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

584

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
252
مۇنبەر پۇلى
332
ئىشەنىچ
252
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 20:45:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تەھلىل قىلدىڭلار قېرىنداشلار

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

231

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
119
مۇنبەر پۇلى
113
ئىشەنىچ
119
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 00:22:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەھمەت، ياخشى تېما يوللاپسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 11:38, Processed in 0.108408 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش