بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-27 10:37
تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى بىلەن توقسۇن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان ، توقسۇن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ، ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹نازىركوم›› ئۇسسۇل مۇسابىقىسى 17-يانۋار توقسۇن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى . ‹‹ مەدەنىيەتنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈپ ، قەلىبلەرنى ئىللىتايلى ›› تېمىلىق بۇ پائالىيەت ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىشلىق ئارىسال ۋاقتىدىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ ، ئۇلارنى زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ۋە ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەرگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان .
|