تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 15

يېزا مەكتەپ بالىلىرى ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەر !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

25

ئەگەشكۈچى

489

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
274
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 12:11:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    2013-يىلى 1-يانۋار يېڭى يىل كۈنى ھەممە يېڭى يىل خۇشاللىقىغا جۈر بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭى يىل ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە، پۈتۈن قەلبىنى، يۈرىكىنى، مېھرىنى يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېغىشلىغان پىدائىيلار جىمجىتلا تۇرپانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يېڭى يىل كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىشتا ئۇلار زادى نەگە ماڭغاندۇ؟ ئوينىغىلى ماڭدىمۇ ياكى بىرەر پائالىيەتكە ماڭغانمىدۇ؟
    زېمىستان قىش كۈنلىرىدە سەپەرگە چىقىش، بولۇپمۇ ئارام كۈنلىرىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بالىلارنىڭ ئوماق كۈلۈمسىرىگەن سەبىي چىرايىنى كۆرۈش پىدائىيلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر تېمىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى، يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرى ۋە ياكى قاتتىق سوغۇقتا بولسۇن، ئۇلارنىڭ قەدىمى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىش-پائالىيەتلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى، قىلچىمۇ ۋايساپ باقمىدى، ئۆزىنىڭ دەم ئېلىش، ھېيت-بايرام كۈنلىرىنى بالىلارنىڭ كۈلكىسىگە تېگىشتى.
    1-يانۋار ئۇلار تۇرپان شەھىرىگە نېمىگە ماڭغاندۇ؟ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە نامەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلار بۈگۈن يەنى يېڭى يىل كۈنى تۇرپان، توقسۇن، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى يېزا مەكتەپ بالىلىرىغا قىشلىق كىيىم، سومكا، ئاياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ماڭغانىدى. ئۇلارنىڭ مەكتەپكە قەدەم بېسىشى بىلەن بالىلار يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇلارنى ئورىۋالدى، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن كىيىم، ئاياغلارنى كەيگىنىدە بالىلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى.
    يالقۇن ئوسمان بەلكىم نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ پىدائىينى تونۇماسلىقى مۇمكىن، يالقۇن ئوسماننى يېزا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئاتىسى، غەمگۈزارى دېسەك ئارتۇق كەتمەس. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى يېزا مەكتەپلەردىكى بولۇپمۇ شارائىتى بىر قەدەر ناچار مەكتەپتىكى بالىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن بېغىشلىغان. مەن ئۇنى تونۇغاندىن باشلاپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن تەسىرلەنگەن ھەم سۆيۈنگەن ئىدىم. مانا ھازىر يالقۇن ئوسماننىڭ ئەتراپىدىكى ئۇنى قوللايدىغان، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىدىغان پىدائىيلارنىڭ سانى بارغانچە ئېشىپ، بىر چوڭ كوللېكتىپ ھاسىل بولدى، مانا بۇ كوللېكتىپنىڭ تىرىشچانلىقىدا ھازىر نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلار، ياخشى پائالىيەتلەر بارلىققا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبى ئىللىقلىقققا چۆمدى.
         يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ كۈنسايىن چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىش دائىرىسىمۇ بارغانسېرى كېڭەيمەكتە. ئۇلار ياردەم قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە مېھر-مۇھەببەت ئۇرۇقى تېرىلماقتا. مەن ئاخىرىدا بۇ كوللېكتىپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زورىيىپ، سەبىي قەلبلەرنىڭ غەمگۈزارىغا ئايلىنىشىنى، ئۇلارنىڭ تېنچ، خاتىرجەم، غەمسىز ھالدا، بالىلىقنىڭ گۈزەل چاغلىرىدىن قانغۇچە زوق ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بالىلىق ھاياتىنى، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەر بىلەن بېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.





بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

6

تېما

7

ئەگەشكۈچى

568

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
240
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 12:27:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت مېھرىبانلىققا تولغان قەلبلا ئەڭ گۈزەل ،  ئادەمدە بۇنداق قەلب بولسا خۇددى ئىللىق قۇياش نۇرىدەك مېھرى - شەپقەتكە تەشنا بولغان نۇرغۇن - نۇرغۇن قەلبلەرنى ئىللىقلىققا چۆمدۈرەلەيدۇ . ھەر بىر ئادەمدە بۇنداق قەلبنىڭ بولىشى ھەممىدىن قىممەتلىك !

10

تېما

14

ئەگەشكۈچى

1430

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
578
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 12:43:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئۈلگە !   تاپقان پۇلىنى  ئۆز مىللىتىنڭ ئۈمۈتلىرىگە ئىشلىتىشتىنمۇ كۆپ ساۋاپ بولمىسا كىرەك.
شۇنداق ئىللىق مېھرىبان قەلىبلەرنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي!!
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

24

تېما

11

ئەگەشكۈچى

650

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
296
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 13:33:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەمىزنىڭ ئۈگۈنىشىگە ئەرزىيدىغان ئىسىل تىما ،ھەم ئىسىل خىسلەت ئىكەن.
رەھمەت سىزگە

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

110

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
86
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 13:40:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز نامراتلار غا ياردەم بەرسەك ياخشى بۇلىدۇ  .مۇشۇ پىدائىلار قاچانمۇ بىزنىڭ ناھىيەمىز گە كىلەركىن مىنىڭ دۇلەت دەرجىلىك نامرات ناھىيە

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

151

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
89
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 16:22:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا مېھرى مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر !

1

تېما

13

ئەگەشكۈچى

732

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
355
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 21:50:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان قەلب بولغاندىلا ، كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزگىلى بولىدۇ، مېھرى-مۇھەببەت كىشىلەرنىڭ
قەلبىنى ئېرىتەلەيدۇ . دونيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن !

8

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1600

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
638
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 22:53:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        سۇنۇلغاچقا سېخى قوللار سەبىلەرگە،
         تارالماقتا ئوت-ھارارەت قەلىبلرگە.

13

تېما

4

ئەگەشكۈچى

823

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئابدۇللا
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
341
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 23:00:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولسۇن.

2

تېما

4

ئەگەشكۈچى

403

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
217
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 11:28:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ كۈچى چەكسىز، ئەشۇ مۇھەببەتكە ئېرىشكەنلەر چوقۇم ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ھەمدە باشقىلارغىمۇ ئىللىق مۇھەببەت ئاتا قىلاليدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-1-19 19:24, Processed in 0.114427 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش