ئارمان گۇرۇھىنىڭ ئەڭ چوڭ ساڭزىسى دۇنيا جىننېس رېكورتىنى ياراتتى
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ئېھسان، پراكتىكانت مۇنەۋۋەر قەيسەر خەۋەر قىلىدۇ، 8-يانۋار، ئارمان گۇرۇھى ياسىلىشى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆپ ئادەم تېتىغان ساڭزىنىڭ دۇنيا جىننېس رېكورتىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى ئىچىدىكى مارىي برون تېز تاماقخانىسىدا ئېچىلدى. يىغىنغا شاڭخەي دۇنيا جىنىس رېكورتى باش ئىشتابىدىن جاڭ يۈنسۇڭ، ئارمان گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرى رادىل ئابلا ئەپەندى، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان نوپۇزلۇق ئەرباب شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى سانائەت پەنلىرى دوكتورى ئابلىز ھېمىت ئەپەندى، ئارمان گۇرۇھىنىڭ باش ئوبراز ۋەكىلى نىجات نىياز ئەپەندى، رەيھان ئاپپاي باشچىلىقىدىكى بارلىق مىھرىبان ئانىلار، ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مۇخبىرلار قاتناشتى. يىغىندا ئالدى بىلەن تەبرىك سۆزى ئوقۇلۇپ، دۇنيا جىننېس رېكورتى يارىتىش داۋامىدىكى بېسىپ ئۆتكەن جاپالىق يوللار تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن دۇنيا جىننېس رېكورتىغا ئېرىشكەن ھەجەر ئىسمايىل قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە جىننېس رېكورتىنىڭ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. مۇكاپاتلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەجەر ئىسمايىل، رادىل ئابلا، ئابلىز ھېمىت، جاڭ يۈنسۇڭ ئەپەندىلەر سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. مېھرىبان ئانىلار كوللېكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى رەيھان قاسىم خانىم يىغىندا ھەجەر ئىسمايىلنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىنى تەبرىكلەپ مۇھىم سۆز قىلدى. مېھرىبان ئانىلار ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن تەبرىك سوۋغىلىرىنى ھەجەر ئىسمايىلغا تەقدىم قىلدى. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو مۇسۇلمانچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمى ۋە شىنجاڭ ئالاھىدە يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسىدە دۇنيا جىننېس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىنغان «ھەجەر ئانا» ساڭزىلىرى شاڭخەي دۇنيا جىننېس رېكورتى باش ئىشىتابى تارقاتقان گۇۋاھنامىنى يېقىندا تاپشۇرۇپ ئالدى. شىنجاڭ «ئارمان» مۇسۇلمانچە يىمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى جۇڭگو مۇسۇلمانچە يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت بايرىمى ۋە شىنجاڭ ئالاھىدە يىمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسگە «ھەجەر ئانا» ماركىسىدىكى 100 خىلدىن ئارتۇق پىشرۇقلىرىنى قاتناشتۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا جىننېس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىنغان ئالاھىدە سوۋغا «ھەجەر ئانا» ماركىسىدىكى ساڭزىنى تەييارلىدى. سەككىز ئادەم سەككىز كۈندە تەييارلىغان بۇ 69 قۇر ساڭزىنىڭ ئىگىزلىكى 2.6 مېتىر، دىئامېتىرى 3مېتىر بولۇپ، بۇ ساڭزىغا 678 كىلوگېرام ئۇن، 571 كىلوگېرام گازىر يېغى، 11 كىلوگېرام شېكەر، توققۇز كىلوگېرام تۇز ئىشلىتىلگەن بولۇپ يەرمەنكە ئەھلىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى. رادىل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل تائاملىرىمىزنى رېكورتقا ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى، يىمەك-ئىچمىكىمىزنى دۇنياغا تونۇتىشىمىز كېرەك، بۇ پۈتكۈل مىللەت ۋە ئارمانلىقلار خۇشال بولىدىغان ئىش. ئابلىز ھېمىت ئەپەندى مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ دۇنيا جىننېس رېكورت يارىتىشى تولىمۇ پەخىرلىنىدىغان ئىش، بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش. بۇ خىزمەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش مۇشكۈل ئىش بولۇپ، ئارمانلىقلار ئۇيغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا تونۇتتى. ھەجەر ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئۆزىمىزنىڭ مىللىي پىشرۇقلىرىمىزنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن، ئۆزەم ياشقا چوڭ بولساممۇ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى، ئۇيغۇر يىمەك-ئىچمەكلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆزەمگە بۇرچ قىلىمەن. ھەجەر ئىسمايىلنىڭ ئىككى قىزى مۇيەسسەر پەيزۇللا(شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفېسسورى)، مۇبارەك پەيزۇللا(ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرى) مۇنداق دېدى: خۇش بولدۇق، جاپاكەش، ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق ئانىمىز بولغانلىقىدىن پەخىرلەندۇق، ئانىمىز تۇرمۇشتا ناھايىتى تەلەپچان، مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدۇ. ھازىر بۇ كەسىپتە نەتىجىگە ئېرىشتى، بىز تۆت بالىمۇ جەمئىيەتكە ناھايىتى ياراملىق ئادەم بولدۇق. جاپا تارتىشقا ئەرزىيدۇ. ئانىمىزنىڭ تېنى ساغلام، كۆڭلى خۇش بولسا بىزمۇ خۇشال بولىمىز. خىزمەت دائىرىسى بەكمۇ كەڭ، يېڭىلىقلارنى چىقىرىش ئۈچۈن خېرىدارلاردىن پىكىر ئالىدۇ. ھېيىت-بايراملاردىمۇ ئارام ئالمايدۇ. شاگىرتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئىنتايىن زور، بۇ بىر پىشرۇقخانا بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە بىر مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
ماتېرىيال سۈرەت
|