تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 713|ئىنكاس: 9

خانبالىقتا ئۆگىنىش خاتىرىسى (BadBoy)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

600

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
32
مۇنبەر پۇلى
545
ئىشەنىچ
32
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-23 21:17:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىجات مەمتىمىن


   12 -ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا فوتوگىرافلار جەمئىيتىمىزنىڭ رەئىسى باۋدى تېلېفون قىپتۇ، بىر خۇش خەۋەر بار دەپ، ھە قانداق خۇش خەۋەر دېسەم،  بېيجىڭغا بېرىپ فوتوگىرافلىق كەسپىي بويىچە  تەربىيلىنىدىغانغا شىنجاڭغا بەش سان بېرىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاساس قىلىدىكەن،شۇڭا  مېنى تەۋسىيە قىپتۇ ، بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىشىمنى دېدى.
   جەدۋەلنى  تاپشۇرۇپ ئېلىپ تولدۇرۇشقا باشلىدىم،جەدۋەلگە ئۆزەمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارتقان فوتو سۈرەتلرىمىدىن سەككىز پارچە قاتارلىق مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ بولدۇم، ئاخىرقى مەزمۇن بولسا ئۆزىمىزنىڭ فوتوگىرافلىققا ئائىت 800 خەت ئەتراپىدا  ماقالە تاپشۇرۇشىمىز شەرت ئىكەن. بۇرۇن فوتوگىرافلىق توغرىسدا ئۇزۇنراق ماقالە يېزىپ باقماپتىكەنمەن، ئويلا ئويلا، ئاخىرى يېقىندا قىزىقىپ قالغان يېقىن ئارىلىقتا كىچىك جىسىملارنى سۈرەتكە ئېىلىش توغرىسدا ماقالىدىن بىرنى پۈتكۈزدۇمدە قوشۇپ رەئىس باۋدىغا ئەۋەتىپ بەردىم.
   31-چىسلا كەچقۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگىرافلار جەمئىيتىدىن تېلېفون كەلدى، 5-چىسلاغا ئۈلگۈرۈپ بېيجىڭغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشۇمنى ھەمدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كېىيم-كېچەكلىرىمىزنى بىللە ئېلىۋىلىشمىز لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.ئىچمدە خۇش بولدۇم ھەمدە تورغا چىقىپ دەرھال ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلدىم. بىر ئازدىن كېيىن يەركەندىن نۇردۇن ئابدۇسەمەت تېلېفون قىپتۇ، ئاپتونوم رايۇندىن تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭمۇ  بېيجىڭدىكى ئۆگىنىشكە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ، نوردۇن ئابدۇسەمەت بىلەن خىلى بۇرۇندىن تونۇشىمىز ھەمدە سەپەرلەردە بىللە بولۇپ خىلى چىقىشىپ قالغان ئىدۇق، سەپەردە مۇشۇنداق بىر تونۇشۇمنىڭ بولغانلىقىدىن خۇش بولدۇم.
   1-ئاينىڭ 5-كۈنى  چۈشتە قەشقەردىن يولغا چىقتۇق. ئايرۇپىلان ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە  ئۈرۈمچىدە لەپىلدەپ قار يېغىپ تۇراتتى. قار كۈچىيشكە باشلىدى ئەسلىدە ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا نەچچە ئون مېنۇتلا توختاش پىلانلانغان ئايروپىلان قار سەۋەبىدىن 4 سائەتتەك كېچىپ ئۇچتى، يېرىم كەچ 1:30 لار ئەتراپىدا بېيجڭغا قوندۇق.بۇ قېتىمقى كۇرس ئىشلىرىغا مەسئۇل يولداش بىزنى مىھمانخانىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ، بىزدىن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن ھازىر ياخشى ئارام ئېلىشىمىزنى بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئېچىلىش  مۇراسىمنىڭ ئەتىسى چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئىچىمىزدە ئۇف دەپ كىرىپ ئارام ئالدۇق.
   ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئۆزىمىز ئەكەلگەن نان-پانلار بىلەن ناشتا قىلدۇقتە، بىز ئىككىمىزدىن باشقا شىنجاڭدىن كەلگەن قىرىنداشلارنى سۈرۈشتۈردۇق. قالغان ئۈچەيلەن بولسا شىنجاڭ گېزىتىدىن سېرىك نۇردىباي ،  غۇلجا شەھەرلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئەسقەر مىجىت  ۋە ئاقسۇ شايار ناھىيەلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ۋاڭ جىيەنبو قاتارلىقلار ئىكەن. بىز بىر قۇر تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، تۆتىمىز ياتاق ئەتراپىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزلەشكە باشلىدۇق. ئەتراپتا ھىچ مۇسۇلغانچە ئاشخانا باردەك قىلمايتتى، سائەتمۇ  10 دىن ئاشقان ئىدى، چۈشتىن كېيىنكى دەرس باشلاش مۇراسىمى 1:30 دە باشلىناتتى، شۇڭا مەن يىراقراق بولسىمۇ   ئۆزەمگە تونۇشلۇق بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇننىڭ بىيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىغا جايلاشقان ئاشخانىغا باشلاپ ئاپاردىم ،يول يۈرۈشكىلا بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت كەتتى، تاماقنى بۇيرۇتۇپ چاقماق تىزلىكىدە يەۋېىتىپ قايتتۇق. خۇداغا شۈكىرى ۋاقتىدا قايتىپ كەلدۇق.

«ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» كۇرسى دەرس باشلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش


«ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» كۇرسى دەرس باشلاش مۇراسىمى


كۇرسانتلار دەرسخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئەسەرلەرنى كۆرمەكتە

    قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مىللىيچە كېيىم –كېچەكلىرىمزنى كېيىپ مېھمانخاننىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى زالغا يىغىلدۇق ،خەنزۇ،  ئۇيغۇر، تىبەت ، مۇڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 17 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 50 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مەيداندا ھازىر بولدۇق.  پاھ ، پاھ نېمە دېگەن گۈزەل كۆرۈنۈ ش ھە؟ ئادەتتىكى كېيىم بىلەن مۇنداقلا كۆرۈنگەن كىشلەر ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كېيىم –كېچەكلىرى بىلەن شۇنداق كېلىشكەن ، چىرايلىق كۆرۈنىۋاتاتتى. زالنىڭ ئىچى  خۇددى رەڭگارەڭ گۈلگە پۈركەنگەن باغچىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بىز ھاياجان ئىلكىدە ئاپىراتلىرىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ بىر- بىرلىرىمىنى پاسىلدىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدۇق.


جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياۋ دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى


    سائەت 1:30 مۇ بولدى، كۇرسىنىڭ دەرس باشلاش مۇراسىمىمۇ باشلاندى . جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياۋ دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
    بۇ قېتىمقى كۇرس بولسا جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر فوندىي جەمئىيتىنىڭ ياردىمى ، جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتنىڭ تەشكىلىشى ، جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتى مائارىپ  كومىېتىتى ۋە بېيجىڭ فوتوگىرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ ئۆز ئۈسىتىگە ئېلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» ھېسابلىنىدۇ. دەرس مۇددىتى 10 كۈن.
بۇ 10 كۈن ۋاقىتنىڭ يەتتە  كۈنىگە  نەزەرىيە دەرسى،  ئىككى كۈنىگە سىرتتا  پىراكتىكا سۈرەت تارتىش دەرسى ، يېرىم كۈنىگە جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالىنى ئېكىسكۇرسيە قىلىش، ئاخىرقى يېرىم كۈنىگە بولسا ئوقۇش پۈتتۇرۈش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.


ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مېھمانخانا ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

   دەرس باشلاش مۇراسىمى تۈگىگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مېھمانخانا ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. سۈرەتكە چۈشۈپ بولۇپ رەسمى ھالدا دەرسنى باشلىۋەتتۇق.
   ئالدى بىلەن بېيجىڭ كىنوچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسىتنى جۇ جيۇڭ مۇئەللىم دۇنيا فوتوگىرافىيە تارىخى ۋە جۇڭگو فوتوگىرافىيە تارىخى توغرىسدا دەرس سۆزلىدى. دەرسىنى چۈشتىن كېيىن باشلىغاچقا ، كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ چۈشتىن بۇرۇنقى ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنىمۇ سۆزلىدى. دەرستە دۇنيادىكى تۇنجى پارچە سۈرەت1826-يىلى فىرانسىيەلىك كەشپىياتچى كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ تەسۋېر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەنلىكى ، تۇنجى فوتو ئاپىراتنىڭ 1839-يىلى فىرانىسيەدە بارلىققا كەلگەنلىكى، فوتو سۈرەتچىلىكنىڭ جۇڭگوغا ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن باشلاپ كىرگەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلەندى.

كۇرسانتلار شۈشىجەن مۇئەللىمدىن سۇئال سورىماقتا


شۈ شىجەن مۇئەللىم نەق مەيداندا دەرس سۆزلىمەكتە


شىنجاڭدىن كەلگەن كۇرسانتلار شۈ شىجەن مۇئەللىم بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. (سولدىن: نىجات مەمتىمىن، ۋاڭ جىيەنبو، نۇردۇن ئابدۇسەمەت، شۈ شىجەن، سېرىك نۇردىباي،ئەسقەر مىجىت )

    ئىككىنجى كۈنىدىكى دەرس «رەقەملىك ئاپىرات مەشخۇلاتى» بولۇپ ، بۇ دەرسىنى بېيجىڭ فوتوگىرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋۋېن مۇدىرى، دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك فوتوگىراف شۈ شىجەن ئەپەندى سۆزلەپ بەردى. بۇ كىشى سۆزگە شۇنداق باي، يۇمۇرىستىك تۇيغۇلىرى كۈچلۈك بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. دەرس ۋاقتىدا سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىدىن ئىككىنى دەپ بېرەي: بىر ياز  كۈنى شۈ مۇئەللىم سىرتتا دوستىلىرىنى سۈرەت تارتىۋاتقاندا چاقماق ئىشلىتىپ تارتىپتۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ياش بالا  بۇنى كۆرۈپ قىلىپ مەسخىرە ئارىلاش:- تاغا ئاۋۇ چاقماق چىراغنى ئېتىۋېتىڭ، نۇر شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا، دەپتۇ. شۈ مۇئەللىممۇ چاندۇرماي:- رەخمەت، ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دەپ كۈلۈپ قويۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە نۇر پەرقى قانچە كۈچلۈك بولسا چاقماق چىراقنى يورۇتۇش شۇنچە زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. يەنە بىر قېتىم شۈ مۇئەللىم باغچىدا سەيلە قىلىۋاتسا ئالدىدا بىر جۈپ ئېگىز پەس ئاشۇق مەشۇق تازا بىر بىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقۇدەك ، ئوغۇلبالا خىلى ئېگىز ، قىزبالا  پاكارراق ئىكەن، قارىسا ئوغۇل بالا ئۇيانغا ئۆتۈپتۇ بۇ يانغا ئۆتۈپتۇ:- ھەييى، سىز پاكار چىقىپ قالىدىكەنسىز، ئاۋۇ يەردە تاشتىن بىرسى تۇرىدۇ، ئەكىلەي پۇتىڭىزغا قويۇۋېىلىڭ ، دەپ تەمشىلىپ تۇرىشغا ، شۈ مۇئەللىم شەرەت بىلەن:-ئېڭىشىڭ ، ئېڭىشڭ .دەپتۇ . باشتا ئاڭقىرالمىغان يېگىت ،  شۈ مۇئەللىم  يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نىمە دېگەنلىكىنى ئاندىن چۈشىنىپتۇ. شۇڭا سۈرەت تارتقاندا مۇھىتنى ئۆزىمىزگە بوي سۇندۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، بىز مۇھىتقا ماسلاشساقمۇ ياخشى سۈرەت چىقىدۇ دېمەكچى.
    چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋە تاماق ۋاقتى ئاران بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئىدى، ئەتىسى بىز داۋاملىق ئاشخانا ئىزدەش كويىدا،  نىڭشيادىن كەلگەن ساۋاقداشلار يېقىن ئەتراپتا بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى، تاكسىغا ئولتۇرۇپ باردۇق، ئارىلىقىمۇ خىلى يېقىندەك تۇراتتى، تاماقنى يەپ بولۇپ، يەنە تاكسىدا يېنىپ كەلدۇق، تاكسىچى بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ، سىلەر نىمىشقا يېقىن يەردىكى ئۆزۆڭلارنىڭ يۇرتلۇقۇڭلار ئاچقان ئاشخانىغا بارمايسىلەر دەپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئادرېسنى دەپ بەردى. ئەتىسى شۇ دېگەن ئادرېس بويىچە ئىزلەپ تاپتۇق، راستىنلار قەشقەرلىقلەر ئاچقان ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئىكەن، پىيادە بېرىپ كېلىشكە يېرىم سائەتتەك ۋاقىت كېتەتتى. تاماق تەملىرىمۇ يامان ئەمەس، مانا ئەمدى تاماق مەسلىمىزمۇ ھەل بولغان بولدى.


چىن داتاڭ مۇئەللىم «فوتوگىرافىيە ئېستېتىكىسى» توغرىسدا دەرس سۆزلىمەكتە

    كېيىنكى كۈنلىرى چىن داتاڭ مۇئەللىم «فوتوگىرافىيە ئېستېتىكىسى»،  شۈ شىجەن مۇئەللىم «فوتوگىرافىيە ئىجادىيەت ماھارەتلىرى» ،چېڭ تىيېلياڭ  مۇئەللىم «مەخسۇس تېمىدا سۈرەت تارتىش» چېڭ ۋىيدوڭ مۇئەللىم «ئىنسان خاتىرە فوتوگىرافيسى» ، جىن يوڭچۈەن مۇئەللىم «سۈرەت تەھرىرلەش»، چى فېڭچېن مۇئەللىم «مەنزىرە سۈرەت تارتىش توغرىسدا» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلەپ بەردى.


بېيجىڭ تار كوچىدىكى ئاپتاپ سۇنىۋاتقان بوۋاي


بېيجىڭ تار كوچا قوڭغۇراق راۋىقى مەيدانىدا شەھەر ئاھالىلىرى تەپكۈچ تەپمەكتە

11-چىسلا  لى يىڭجىي مۇئەللىمنىڭ باشچىلىقىدا بېيجىڭ قەدىمىي تار كوچىسغا بېرىپ پىراكتىكا سۈرەت تارتىش پائالىيتى ئېلىپ باردۇق. بېيجىڭ تار قەدىمىي تار كوچىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە ئىنتايىن جەلىپ قىلىدىغان بولۇپ، كونا بېيجىڭنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمىزغا كېلەتتى. بۇرۇن بىېجىڭغا كەلگەن بولساممۇ ، بۇ تار كوچىلارغا كەپ باقماپتىكەنمەن، بۇ قېتىم رەسمىي بېيجىڭغا كەلگەندەك بولدۇم. كوچىلاردا ، تەپكۈچ ئويناۋاتقان ياشلارنى، سەي كۆكتات سېتىۋاتقان كىچىك دۇكاندارلارنى، ئاپتاپ سۇنغىلى چىققان ياشانغان مومايلارنى، ۋە ھەر خىل ھۈنەرۋەنلەرنى ئۇچراتتىم. ئەپسۇسكى بۇ كوچىلارنىڭ بىر قىسمى چىقىپ ئۆزگەرتىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.


كۇڭزى ئىبادەتخانىسى ئىشكى يېنىدىكى ئاتتىن چۈشۈش ئابىدىسى (بارچە مەنسەبدار كىشىلەر بۇ يەردە ئاتتىن چۈش)

    چۈشتىن كېيىن يەنە بىر تار كوچىغا باردۇق، بۇ تار كوچىغا كوڭزى ئىبادەتخانىسى جايلاشقان بولۇپ ، مېنى جەلىپ قىلغىنى بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشكىگە 50 مېتىرچە كېلىدىغان ئىككى تەرەپكە ئاتتىن چۈشۈش ئابىدىسى تىكلەكلىك ئىكەن، بۇ ئابىدىدە ئەينى چاغدىكى 5 چوڭ مىللەتنىڭ يېزىقىدا "بارچە مەنسەبدار كىشلەر بۇ يەردە ئاتتىن چۈش" دېگەن خەتلەر ئويۇقلۇق ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۈستىدە ئۇيغۇرچە (چاغاتاي تۈركچىسى) تۇراتتى .چوڭ كىچىكلىكى ھەممە يېزىقنىڭ بارابەر ئىكەن. تار كوچىلارنى ئايلىنىپ ھېرىپ چارچاپ ياتاققا قايتتۇق.

    12-چىسلادىكى پائالىيەتمۇ لى يىڭجىي مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشىدە  تىيەن ئەنمېن مەيدانىدا بولدى،  بۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار مىللىي كېيىم-كېچەكلىرىمىزنى كېىيپ چىقتۇق،ئاۋۋال ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق، ئاندىن ئۆز ئارا،يالغۇز دېگەندەك خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالدۇق. مەيداندىكى پائالىيەتنى تۈگىگەندىن كېيىن ھەر قايسىمىز ئختىيارىي پائالىيەت قىلىشقا باشلىدۇق، چۈشتىن كېيىن نۇردۇن ئابدۇسەمەت بىلەن خان سارىيى مۇزىيىغا كىرىپ كەتتۇق. ئالدىنىقى قېتىم كەلگەندە ، ۋاقىت قىسقا ھەم ئىچىدىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىۋاتقان بولغاچقا تەپسىلى كۆرەلمەي كەتكەن ئىدىم. بۇ قېتىم ساق 3 سائەت ئايلىنىپ چىقتۇق،ھەمدە ھاۋا ياخشى بولغاچقا سۈرەتلەرنى كۆپ تارتىۋالدىم. بۇ كۈنىمۇ تازا ھېرىپ چارچاپ كەتتۇقكى، مېترو ئىغىزىغا بېرىشكە ماغدۇر يوق، ياتاققا تاكسى بىلەن كەتتۇق.

جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالى


جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان تۇنجى ئاپىرات نۇسخىسى

جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالىدىكى دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان شەرق شامىلى ماركىلىق ئاپىرات (پۈتۈن دۇنيادا ئاران 40ى باركەن)

جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالى


چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارتىلغان سېتېرولۇق سۈرەت


كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇر فوتوگىرافلارنىڭ ئەسىرى

    14-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن پىلان بويىچە جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمەخانىسغا بېرىپ ئىكىسكۇرسىيەدە بولدۇق،بۇ زال سىرتقا ئېچىۋىتىلگىنىگە تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئىكەن، بىز دەسلەپكى ئىكىسكۇرسىيەچىلىرى ھېسابلاندۇق، بۇ كۆرگەزمىخانا بولۇپلا قالماي، فوتوگىرافىيە مۇزىىيى دېسەك ئوشۇق كەتمەيدىكەن. ئىچىدە دۇنيا ۋە جۇڭگو فوتوگىرافىيە تارىخىدىكى ھەر خىل ئاپىراتلار، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، ھەر خىل باسما بويۇملار تىزىقلىق ئىكەن، كۆرگەزمە رايۇنىدا رەڭلىك ، رەڭسىز بولۇپ 200~300 پارچىدەك سۈرەت ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر فوتوگىرافلار تارتقان يۇرتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرمۇ بار ئىكەن، بىر قانچىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.
15-چىسلا  لى يىڭجىي مۇئەللىم ساۋاقداشلارنىڭ بىيجىڭدا ياكى ئۆز يۇرتىدا تارتقان ئەسەرلىرىگە باھا بەردى.ئوقۇغۇچىلار تارتقان سۈرەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كەمچىلىكلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەردى.  ئۇ باھا سۆزى بەرگەندە ئەگەر  مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش مەقسىتىدە سۈرەت تارتماقچى بولسىڭىز، مەنزىرە سۈرەتلەرنى ئاساس قىلماڭلار، چۈنكى باھالىغۇچىلارنىڭ كۆزى مەنزىرە سۈرەتلەرگە تويۇنۇپ كەتتى، بىر قاراشتىلا باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىيالايدىغان، باشقىلار  تارتىپ باقمىغان ياكى، تارتىش نوقتىسى ئۆزگىچە بولغان سۈرەتلەر مۇكاپاتقا ئاسان ئېرىشىدۇ. دېدى. ئەگەر سىز تارىخنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تارتسىڭىز شۇ تارىخى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئادەم ۋە ئادەملەرنىڭ ئىش ھەركىتىنى  كۆپرەك تارتىڭ،سۈرىتىڭىزگە ئالدىراپ باھا بەرمەڭ، بۈگۈن يارىمسا ئەتە ياراپ قىلىشى مۈمكىن، سىزگە يارىمىغاندەك قىلغىنى بىلەن ماڭا ياراپ قېلىشى مۈمكىن ،ئەگەر سودا ساھەسىدە سۈرەتكە تارتماقچى بولسىڭىز خىرىدارلىرىڭىز رازى بولغۇدەك تارتسىڭىزلا بولىدۇ.دېدى.

ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى

ئوقۇش تاماملاش خاتىرە سۈرىتى


    15-چىسلا  چۈشتىن كېىين جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىينىڭ ئىشخانا بىناسىدىكى زالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا  جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتى ۋە بېيجىڭ فوتوگىرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان  «ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» كۇرسىنى تاماملىغانلىق توغرىسىدىكى شاھادەتنامە تارقىتىپ بېرىلدى. مۇراسىمدىن كېىين ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.
    مۇراسىم چۈشتىن كېىيىن سائەت 3 ئەتراپىدە ئاخىرلاشتى،سودا سارايلار ئىشتىن  چۈشۈشكە يەنە ئىككى ئۈچ سائەت ۋاقىت بار ئىدى بىر قانچىمىز فوتو ئاپىرات ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا بېرىپ بېقىش ئويىغا كەلدۇق، مېتروغا چۈشتۇقدە بېيجىڭ فوتو ئاپىرات ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا كەلدۇق،  ھەقىقەتەن چوڭ بازاركەن، فوتو سۈرەتچىلىككە چېتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغاندەك قىلاتتى، بىز بىلەن بىرگە بارغان بىرەيلەن كانون ماركىلىق ئاپىراتتىن بىرنى سېتىۋالدى. باھاسى توردىكى باھادىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغاندەك قىلاتتى، تېخى ئازاراق قىممەت كۆردۈم. ئىچمدە يەنىلا توردىن سېتىۋالساق ئوڭايكەن دەپ ئويلىدىم، بىر دەمدە سودا ساراينى تاقايدىغان ۋاقىت بوپ قاپتۇ. بىر سائەتچە ئايلىنىپ يېنىپ چىقتۇق.
    قەشقەرنىڭ بىيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسى ئاچقان بىر ئاشخانا باركەن دەپ ئاڭلىغان بېيجىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىمىز بولغاچقا  ، ئۇ كۈنكى  كەچلىك تاماقنى شۇ يەرگە بېرىپ يەپ كەلمەكچى بولدۇق. مېتروغا چۈشۈپ بىر نەچچە بېكەت مېڭىپ بۇ ئاشخانىنى ئوڭايلا تاپتۇق. تاماقلىرىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن. تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا قايتتۇق.
شۇنداق قىپ بېيجىڭدىكى ئۆگىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ 16-چىسلا ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچتۇق.

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

46

تېما

0

ئەگەشكۈچى

987

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
83
مۇنبەر پۇلى
757
ئىشەنىچ
83
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-27 00:06:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭغا بېرىپ، فوتوگرافلىق كەسپى بويىچە، تەربىيەلىنپ كەلگەنلىكىڭلارنى تەبرىكلەيمىز، قىسقا بولسىمۇ، مېغىزلىق بىلىملەرنى ئالغاچ كەپسىز، دەرس مەزمۇنىدىن يەنە داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
   4-سۈرەتتىكى سۆزلەۋاتقان ئايالنى مەن ياخشى بىلىمەن، ئۇ بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ رەئىسى. بۇرۇنقى رەئىسى شياۋخۇا ( ئايال ) ئىدى. ئۇ 2008-يىلى ۋاپات بولۇپ كەتتى.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

13

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1499

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
735
مۇنبەر پۇلى
773
ئىشەنىچ
735
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 19:55:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېيجىڭغا بېرىپ، فوتوگرافلىق كەسپى بويىچە، تەربىيەلىنىش ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر ياخشى ئىش بوپتۇ.نىجات مەمتىمىن سىزنىڭ مۇشۇ تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئاز-سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە يەنىمۇ كامالىتىڭىزنى ئاشۇرۇشىڭىزنى تىلەيمەن.

13

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1499

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
735
مۇنبەر پۇلى
773
ئىشەنىچ
735
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-28 20:03:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستىدىن 3- رەسىم تۇنجى سۈرەتكەئېلىنغان ھىكايە فىلىم ‹‹قىزىل چىراق››تىكى لىيۈخې، لى موماي ۋە قىزى شۇكەندە. 1975-يىللاردا بىزنىڭ ئۇيغۇر فۇتۇگىرافلىرىمىزمۇ خېلى مەھارەت بىلەن تارتىپتىكەن . تەسىرى دائىرىسى كۆپ  سۈرەتكەن .

6

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2448

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
1196
مۇنبەر پۇلى
1034
ئىشەنىچ
1196
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 18:20:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ بىر ئەھمىيەتلىك تەربىيەلىنىش بوپتۇ، كەسپىي سەۋىيە يەنە بىر بالداق ئۆسۈدىغان بوپتۇ، يېڭىدىن نەشىر قىلىنىدىغان «قەشقەر مەدەنىيتى» ژورنىلىنى ئەسەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرالا ئەمسە.

12

تېما

2

ئەگەشكۈچى

216

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
56
مۇنبەر پۇلى
146
ئىشەنىچ
56
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 22:48:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭدەك چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرگە، ئۆگۈنشلەرگە ئاكىتپ قاتنىشىپ خەلىقىمىزگە ، مىللىتىمىزگە شان-شەرەپ كەلتۈرشىڭىزنى ، نادىر ئەسەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن....!

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

600

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
32
مۇنبەر پۇلى
545
ئىشەنىچ
32
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 18:52:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تورداشلارنىڭ كۆڭلىگە رەخمەت.

6

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5412

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2138
مۇنبەر پۇلى
2731
ئىشەنىچ
2138
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-30 19:23:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇرستا ئۆگەنگەنلىرىڭىزدىن تورداشلارنىمۇ ئورتاق بەھىرلەندۈرگەن بولسىڭىز،
تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

1

تېما

3

ئەگەشكۈچى

768

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
443
مۇنبەر پۇلى
336
ئىشەنىچ
443
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 16:58:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يائاللا دوپپىمىز نەگە بارساق بىر مۇنچە مىكىيان ئىچىدىكى خورازغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك چىقىدىكەن ھە ، بولسا ھەر جەھەتتىن يىتىلىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 10:56, Processed in 0.117340 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش