خەلق تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش (直播民生) ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن يېقىندىن بۇيان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ 7 - قانىلىدىكى ھەر كۈنى كەچتە كۆرسىتىلىدىغان خەلق تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پىروگراممىسىنى (直播民生) كۆرۈشنى ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ پىروگراممىدا خەلق ئاممىسى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن ۋە قانداق ھەل قىلىشنى بىلمىگەن قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ۋە زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇنداقلا تېلېۋىزوردا تارقىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۇسۇلى بىلەن مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىكەن. خەلق تۇرمۇشى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىلدىكى پىروگرامما شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدىمۇ يولغا قويۇلسا خەلق ئاممىسىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ پىروگراممىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 0991-2557799
|