بۇ يازمىنى ئاخىرىدا haltakoqa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-24 13:39
ئوردا ئالدىدا بىر مىنۇت
قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەيدانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئوردا ئالدى كوچىسى دىگەن بىر كوچا بار، بۇ يەر خۇددى جەننەتتەك ماكان بولۇپ، ماختىغۇچىلارنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقاندا بۇ يەردىن توخۇ سۈتىدىن باشقا ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىنمىكىن، ئىلگىرىكى خانلار بۇ يەرنى ئوردا قىلىپ ئولتۇرغاچقا بۇ يەر ئوردا ئالدى، كوچا بولسا ئوردا ئالدى كوچىسى دەپ ئاتالغان. كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قايناق بازار ئادەمگە بىر خىل ھوزۇر بېغىشلايدۇ. خوشنا يۇرتتىن كەلگەن بىر دوستۇم بۇ كوچىغا كىلىپ، ھەممە يىمەكلىكتىن تېتىپ باققىسى كەلگەن، چۈنكى بۇ كوچىدا بار نىممەتلەر باشقا ھەرقانداق شەھەرنىڭ ھەرقانداق كوچىسىدىن مۇشۇنداق تولۇق تېپىلمايدۇ. ئىشتىن چۈشۈپ، ئاپاراتىمنى كۆتۈرۈپ بۇ كوچىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كىتىپ بېرىپ، بىر مىنۇت ئىچىدە بىر قانچە كۆرۈنۈشنى خاتىرىلىۋالدىم، تورداشلارنىڭ بىرگە ھوزۇرلىنىشىغا سۇندۇم، قەشقەرگە كەلسىڭىز بۇ كوچىغا كەلمەي كەتمەڭ جۇما!!!!!.
توققۇز تولۇق يىسىڭىز ئاشقازانغا پايدا!!
قەشقەر ئۆپكە-ھېسىپلىرى بەك مېزىلىك
ئۇھ، پۇل تاپماق ئەجەپ تەسكەن!!!
خېنىم!!، پىىشق ئانار دىگەن مانا
كاللا-پاقالچاقتىن بىرنى يەپ قوياملا
يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ مىۋىسىگە يەتمەيدۇ جۇما
قوغۇن تاتلىق، بىر تىلىم پىچايما؟؟
ئالسىلا بالام ئالسىلا، ئۆيگىمۇ قۇرۇق بارامدىغان.
خېرىداريوقما؟، قارايمىزغۇ.
ۋوججۇن، ئۇستام بۇنداق يوغان پىچسىلا ئاغزىم يېرىلىپ كەتمەمدا.
سېسق يېرى ماڭا قالسۇن، تاتلىقى سىلىنىڭ.
جاھاندا نىمە تاتلىق، نان تاتلىق.
مىنىڭ تاۋۇز-قوغۇنۇممۇ تامى بوپ قويۇدۇ جۇما!!
ھەي تۇرمۇش...
تۇماق ئەرزان، ئۆزەم تىككەن.
باشلىرى توڭاشمىدىما؟، ما تۇماقتىن كىيىپ قويۇلى.
ئەڭ ئاخىرقى ھېسابات. ئاخىرى سېتىپ بولدۇم بۇ گۆشنى
خالتا كوچا فوتوسى
|