- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-22
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 515
- نادىر
- 0
- يازما
- 87

- تۆھپە
- 166
- مۇنبەر پۇلى
- 339
- ئىشەنىچ
- 166
| گۈلچى ناخشىسى
گۈللەر بىلەن ھەپىلىشىمەن، گۈلدەك ئۆتەر ئۆمرۈم مېنىڭ. گەرچە يېشىم قېرىسىمۇ، قېرىمايدۇ كۆڭلۈم مېنىڭ.
ئاق قىراۋدەك ئاپئاق بېشىم، چاللىقىمغا بەلگە ئەمەس، يۈرىكىمدە چىن ئىشتىياق يالقۇنى بار، يانار پەۋەس.
چېچەكلىگەن ھەربىر ئەجرىم، ھاياتىمنىڭ بىشارىتى. بەختىم يورۇق، ماڭا ئەلنىڭ، قۇياش ھامان ھارارىتى.
گۈلچىدۇرمەن، ئەندىشەم يوق، ئۈمىدىم زور نەۋرەمدىن. گۈلچى نامىم ئۆچمەس ئەبەت، گۈل ئۈنىدۇ قەۋرەمدىن!... 1986-يىل،نەۋرۇز مەنبە: ئۆزۈمنىڭ شېئىرى |
|