موتېسىكلىت ئېلىۋەتتىم
(ھېكايە) ئوغلۇم ئۇچۇرلاشقان قولاي شارائىتتا ياشاۋاتساممۇ ، يەنىلا ساڭا سالام خەت يېزىشنى لايىق تاپتىم .يۈرىكىمدىكى نازۇك ھېسلىرىمنى سالام خېتىم بىلەن ئىپادىلىمىسەم تېلفۇن ئارقىلىق يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . شۇنداق قىلىپ سەن ئون ئىككىي يىللىق ئەجرىڭ بەدىلىگە ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلىدىڭ ، ئۆينى ئانچە خىيالىغا ئېلىپ كەتمەيدىغان داداڭ يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ، ئۈگەنگەن خۇي ئۆلگىچە دىگەندەك تۈگىمەس ئويۇن ئايىقى چىقماس مېھماندارچىلىق بىلەن ياشاپ كېتىۋەردى ، ئىلگىرىمۇ سېنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىڭ ،قانداق ئوقۇۋاتقىنىڭ بىلەن كارى يوقتى ، شۇنداقتىمۇ سەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈڭ مەن بۇنىڭدىن قەۋەتلا خوش بولدۇم ، ئەمما ئاناڭ سېنىڭ كېتىشىڭ بىلەن مەن ئىلگىرى ھېس قىلمىغان دەرىجىدە مەيۈسلىنىپ قالدى ، ئەمما ئاناڭنىڭ نىمىگە مەيۈسلىنىپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، ئۇنىڭغا بىرەر ئېغىز تەسەللىي بېرىپ قويۇشقا ئېرىندىم ،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ : - بىزنىڭمۇ كىچىك ماشىنىمىز بولغان بولسا ھە ؟! دەپ قالدى مەن ئاناڭنىڭ بۇ سۆزىدىن بەكلا ھەيران قالدىم ، سەۋەبى سەنمۇ بىلىسەن ئۇ ماڭا ئۆمرىدە ھېچقاچان ئېھتىياجىدىن ھالقىغان تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان . - - قانداقچە بۇ گەپنى قىلىپ قالدىڭ؟ دەپ سورىدىممەن ئۇنىڭدىن . - ئىككىمىز كىچىك ماشىنىمىزنى ھەيدەپ بالىمىزنى پات – پات كۆرۈپ يوقلاپ تۇرغان بولساق. ئاناڭنىڭ بۇ سۆزىدىن دېمىم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى ، شۇ چاققىچە مەن سېنى بىرەر قېتىممۇ ئويلاپ قويمىغان ئىدىم .بىراق ئاناڭنىڭ كىچىك ماشىنىغا بولغان تەلىپىنى ئورۇنلاش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيتى ، بۇ تەرىپى ساڭىمۇ ئايان ، شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز يەنىلا ئىلگىركى ئىلمان ھالىتىمىزدە ياشاپ كېتىۋەردۇق ، بۇ كۈنلەردە ئاناڭنىڭ پۇتى تېخىمۇ قاتتىق ئاغرىيدىغان بولىۋالدى ، ئەمدى كېلىپ ئۇ كوچىغىمۇ چىقماس بولىۋالدى تۆت تام ئىچىدە خىيال سۈرگىنى سۈرگەن بىر كۈنى ئۇ يەنە جۆيلۈپ قالدى : - بىزنىڭ موتۇسېكلىتىمىز بولغان بولسا –ھە ! يەنە ھەيران قالدىم - موتوسېكلىتنى نىمە قىلاتتىڭ ؟مەن قوپال ئاۋازدا ئاناڭغا قارىدىم - بالام دوپ ئوينىغان ، ئوقۇغان ، ئەتىگەندە چېنىقىش ئۈچۈن يۈگۈرگەن جايلارنى كۆرۈپ كەلگەن بولساق . بۇ گەپتىن تۇنجى قېتىم يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى ، ئەنە شۇ جىغ قىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە ، ئويۇنغا چىدايدىغان پۇلغا موتو ئالسام نىمە بولۇپتۇ دەپ موتېسىكىلىت سېتىۋالدىم ، ئۇنى ئۆيگە ھەيدەپ كەلگىنىمدە ئەمدى ئاناڭ ھەيران قالدى - ھە قاراپ تۇرىسەنغۇ ، تېزرەك جابدۇن بىز بالىمىز يۈرگەن يەرلەرنى كۆرۈپ كېلەيلى دىدىم مەن ئۇ سۆزۈمگە بىر ئىشىنىپ ، بىر ئىشەنمەي ئۆيگە كىرىپ كېتىپ بىر ھازادىن كېيىن خۇددىي تويغا بارىدىغاندەك ياسىنىپ چىقىپتۇ ، چىرايى ئاپتاپتەك نۇرلىنىپ كېتىپتۇ ، ئاناڭ كەينىمگە جايلىشىۋالغاندىن كېيىن قىممەتلىك سوۋغىغا ئېرىشكەن كىچىك بالىدەك قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى ، ئىككىمىز دەسلەپ سەن دائىم فۇتبول ئوينايدىغان جايغا باردۇق ، ئاناڭ مەيداندا سېنى ئۇچرىتىپ قالىدىغاندەك ئاغرىق پۇتىنى ئاران يۆتكەپ بىر ئايلىنىپ چىقتى ، ئاندىن بىز سەن يۈگرەپ چېنىقىدىغان يول بۆلىكىدە ئاستا سۈرئەتتە ئايلاندۇق ، مانا شۇ چاغدا ئاناڭ مۈرەمگە ئاستا بېشىنى قويدى ، مەن ئاناڭغا : - سەن بالىمىز پائالىيەت قىلىدىغان يەرگە ئاپىرىڭ كۆرىمەن دەۋاتاتتىڭ ، ئەمدىزە يولغا قارىماي مۈرەمگە بېشىڭنى قويىۋالدىڭغۇ ھالىڭ شۇنچىلىكلىمىتى؟ دىدىم .ئاناڭ ئۈندىمىدى بىراق مۈرەمنىڭ ئىسسىق بىر نەرسە بىلەن ھۆللەنگەنلىكىنى ، ئاناڭنىڭ كىچىك بالىدەك ئېسەدەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم دىمەك ئاناڭ يىغلىغان ئىدى ، بالام شۇ چاغدا مېنىڭمۇ كۆزۈم غۇۋالاشتى ،موتېسېكىلىتنى ھەيدىيەلمەي قالدىم ، شۇ مىنۇتتا مەن ئاناڭغا بىرەر قېتىممۇ ئەرلىك مۇھەببىتىمنى بەرمىگەنلىكىمنى ئۇنى خۇددىي ئۆيىمىزدىكى چاكاردەك كۆرگەنلىكىمنى چۈشەنگەندەك بولدۇم ، ساڭا ئەمدى نىمە ئۈچۈن خەت يازغانلىقىمنى بىلگەندەك بولغانسەن بالام ،ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىز دائىم سەن بارغان جايلارغا بېرىشتىن سىرت ، سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىشتىن بۇرۇن بىز تۇنجى تونۇشقان جايلارغىمۇ ئاناڭنى ئاپىرىدىغان بولدۇم. ھازىر ئاناڭ ئوبدانلا روھلىنىپ قالدى ، پۇتىنىڭ ئاغرىقىمۇ مۆجىزىلەرچە ساقايدى ،ساڭىمۇ رەھمىتىم كۆپ بالام ، چۈنكى سەن ئارقىلىق ئاناڭ ئىككىمىز قايتا تېپىشتۇق ، دۇنيا مېھىر –مۇھەببەت بىلەن نۇرلۇق دىگەن سۆز بىكارغا ئېيتىلمىغان ئىكەن ، خوش ئامان بول بالام مەن بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولساڭ تېلفۇن قىلماي خەت يازارسەن ، خەتتە يۈرەكتىكى سۆزنى تېخىمۇ ئېنىق دىگىلى بولىدىكەن .
|