رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
توۋا خۇدايىم
يۈزىدە ماي تەبىيلىكى يوق، ئۇ گۈزەلنىڭ سەبىيلىكى يوق، خۇددى سۈرەت بەدئىيلىكى يوق، مۇدىكەنمىش توۋا خۇدايىم.
ئۇچرىغانغا نازلىنىپ قاراپ، ساچلارىنى كوچىدا تاراپ، رۇمكا سۇقۇپ ئېچىشلەر شاراپ، مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.
شەرمى-ھايا يۇقۇلۇپ كەتكەن، گۇناھلىرى پەلەككە يەتكەن، بەدەنلەرگە خەتلەرنى چەككەن، مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.
گۈزەللىككەن ئالتۇن جابدۇقى، كەيىپلەردىن چىقار ھاردۇقى، گىرىملەرگە تولۇش ساندۇقى، مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.
ئېسىت-ئېسىت،ئەي گۈزەل قىزچاق، ھاياتىڭغا قىلدىڭغۇ چاقچاق، شۇ شەيتانغا بولۇشمۇ قونچاق، مودىكەنمىش توۋا خۇدايىم.
رۇستەم قاراسۇ...2014.1.18كۈنى |