- تىزىملاتقان
- 2014-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-22
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 54
- نادىر
- 0
- يازما
- 8

- تۆھپە
- 8
- مۇنبەر پۇلى
- 22
- ئىشەنىچ
- 8
| «خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر تەزكىرىسى» ۋە ئۇنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى
ئەھەد مۇھەممىدۇللا ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتىپى مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمى
قىسقىچە مەزمۇنى: ئېلىمىز كۆپ مىللەتلىك، كۆپ تىللىق دۆلەت. ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيەتلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان قوليازمىلارنىڭ كۆپىنچىسى، بولۇپمۇ يېقىنقى دەۋرگە ئائىت بىر قىسىم قوليازمىلار ھازىرغىچە خەلقنىڭ قولىدا ساقلانماقتا. بۇ قوليازمىلارنى يىغىش ۋە تەتقىق قىلىش ئېلىمىز تىل-يېزىق تەتقىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماقالىدە، "خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر تەزكىرىسى" نىڭ تېپىلىشى، تەتقىق قىلىنىشى تونۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، قوليازمىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ قوليازما يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2- ئەۋلاد خاقانى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ دىننىي ئۇستازى بولغان خوجا مۇھەممەد شەرىف پىرنىڭ تەزكىرىسى بولۇپ، بۇ تەزكىرە يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، دىنى، تارىخى، تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشتە، ئەينى دەۋردىكى تىل-يېزىقنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل-يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىشتا ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مازار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ياپونىيە ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر» تەزكىرىسىگە ئائىت سەككىز تەزكىرە ساقلانماقتا. بۇ تەزكىرىلەرنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن تەزكىرىدە ئىشلەتكەن ئەرەب-پارسچە سۆزلەرنىڭ كۆپ-ئازلىقى جەھەتتىن پەرقلىنىدىكەن.① قولىمىزدىكى «خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر تەزكىرىسى» ئەسلى بەش تەزكىرىدىن تەركىب تاپقان بىر توپلام ئىچىدىكى بىرىنچى تەزكىرە بولۇپ، 2006-يىلى 8-ئايدا، ئابلىز ئۇرخۇن، سۇگاۋارا جۇن ئەپەندىلەر شىنجاڭدا دالا تەكشۈرۈش جەريانىدا قەشقەردىن سېتىۋالغان. قوليازمىدا كىتاب ئىسمى ئېنىق يېزىلمىغان بولسىمۇ، توپلامدىكى بەزى تەزكىرىلەر يەكەنگە جايلاشقان مازارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ۋاقىتلىق «يەكەن مازار تەزكىرىلىرى توپلىمى» (قىسقارتىلمىسى: YMTT) دەپ ئات قويغان. كىتاب قاتتىق كۆن خۇرۇم بىلەن تاشلانغان. كىتابنىڭ باش ئاخىرى تولۇق، ناھايىتى ياخشى ساقلانغان. كىتابنىڭ ئەمەلىي چوڭلۇقى 19cm×13cm ، تېكىست يۈزىنىڭ چوڭلۇقى 15cm×8.5cm بولۇپ، كىتاب خوتەن قەغىزىگە باشتىن ئاخىر تەئلىق خەت نۇسخىسىدا ناھايىتى چىرايلىق، رەتلىك كۆچۈرۈلگەن. ھەر بىر بەتكە 13 قۇردىن خەت يېزىلغان. ئەسەر ناملىرى ۋە مۇھىم سۆزلەر قىزىل سىياھدا يېزىلغان. كىتاب جەمئىي 95 ياپراق، 190 بەت بولۇپ، «خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر» تەزكىرىسى 28 ياپراق، 56 بەت بولۇپ كىتابنىڭ بېشىغا تۈپلەنگەن. ② ئابلىز ئۇرخۇن، سۇگاۋارا جۇن ئەپەندىلەر بۇ تەزكىرىنىڭ ئاپتورى، كۆچۈرگۈچى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق دەيدۇ، ئەمما، تەزكىرىدىكى مۇناجاتقا قارىسىاق ئەبدالى مىسكىن دېگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. لېكىن قاچان يېزىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بۇ تەزكىرىنىڭ يەنە باشقا بىر قانچە نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ، چەتئەلدىكى كىتابخانىلاردا ئايرىم بىر كىتاب ياكى باشقا ئەسەرلەر بىلەن بىر توپلام قىلىنغان شەكلىدە ساقلانماقتا. ③ قولىمىزدىكى بۇ تەزكىرە خوجا مۇھەممەد شەرىفكە ئائىت 8-قوليازما بولۇپ، مەن مۇشۇ قوليازمىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا ھېس قىلغانلىرىمنى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. ئەگەر مۇمكىن بولغان بولسا، ھەممە نۇسخىسىنى ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلالىغان بولساق تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولار ئىدى. 1. تەزكىرىنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى (1) خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ تەرجىمھالىغا ئائىت مۇھىم ئەسەر. خوجا مۇھەممەد شەرىف يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2-ئەۋلاد سۇلتانى سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ دىننىي ئۇستازى. ئۇ خانغا ئۇستاز بولالىغان شەخس بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشى توغرىسىدا باشقا تارىخىي ئەسەرلەردە مەلۇمات ناھايىتى ئاز. شاھ مەھمۇت جۇراس يازغان «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» دا ، خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە يەكەندە دىن تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى، ئابدۇرەشىدخان قازاق-قىرغىزلار بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان چاغدا ئۇنى باشلاپ، سۇلتان سوتۇق بۇغراخان مازىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇرۇشقا بېرىشقا رۇخسەت بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ مۇرىتى مۇھەممەت ۋەلى سوپىنىڭمۇ ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇكەرىم خانغا ئۇستاز بولغانلىقى قاتارلىق مەلۇماتلار بار. ④ ئەمما، خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ تەرجىمھالىغا ئائىت خەۋەرلەر يوق. موللا مۇسا سايرامى يازغان «تارىخى ھەمىدى» دېگەن ئەسەردە ”ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدە ۋىلايەت تەرەپتىن خوجا مۇھەممەد شېرىپ بۇزۇرگۋار كەلدى. سۇلتان ئابدۇرەشىدخان بۇ زاتقا ئىرادە ۋە ئىشەنچ باغلاپ، بىر مۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلدى.“ ⑤ دېگەن ئۇچۇردىن باشقا، بۇ كىشى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمەيدۇ. رائىلە داۋۇت خانىم يازغان «ئۇيغۇر مازارلىرى» دېگەن كىتاۋىدا، خوجا مۇھەممەد شەرىف مازىرىنىڭ يەكەن ناھىيە گۈلباغ يېزىسىنىڭ ھەزرىتى پىر كەنتىدە بولۇپ، بۇ مازارنىڭ شىنجاڭدىكى سوپىلارنىڭ پېشىۋاسى خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ قەبرىگاھى ئىكەنلىكىنى، بۇ مازار ئىلىمگە ۋە قەرزگە ھۆددىگەر دەپ قارىلىپ، بالىسى ياخشى ئوقۇيالمىغانلار بالىسىنى مۇشۇ مازارغا ئەكىلىپ تاۋاپ قىلدۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ قەرز بارلارنىڭ بۇ يەرگە تاۋاپقا كۆپ كېلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ⑥ شۇڭا، مەزكۇر تەزكىرىدىكى بايانلار خوجا مۇھەممەد شەرىفنى چۈشىنىشتە بىر قەدەر تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. (2) شىنجاڭدىكى سوپىزمنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. سوپىلىق ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىقنى كۆرسىتىدۇ. تەسەۋۋۇپچىلىق چوڭ دىنلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر خىل ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسىدۇر؛ تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ بارلىق ئېتىقادى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرى ئادەم بىلەن ئىلاھنىڭ بىۋاستە قوشۇلۇپ كېتىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇلار بۇ مەقسەتتىن ئايرىلغاندا، تۇرمۇشنىڭمۇ لەززىتى ۋە مەنىسى يوقالغان بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا مۇشۇنداق تۇرمۇش مەقسىتىنى قوغلاشقۇچى ئېتىقادچىلار ئادەتتە تەسەۋۋۇپچىلار ياكى سوپىلار دەپ ئاتىلىدۇ. سوپى دېگەن سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە قاراشلار ھەرخىل بولۇپ، تېخىچە بىرلىككە كەلگەن مۇقىم بىر قاراش يوق. شۇنداق بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلار ئاساسەن بۇ سۆزنى ئەرەبچىدىكى ”قوي يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن كىشى“ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ”سۇفى“ سۆزىدىن كەلگەن دېگەن قاراشنى ياقلايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندىكى كۆپىنچە ئالىملار سوپى ئاتالغۇسى ئەرەبچىدىكى ”سۇف“ سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېگەن قاراشقا بەكرەك مايىل بولماقتا. غەرب ئالىملىرى ”سۇفى“ سۆزىگە ”ئېقىم، مەسلەك، يۆنىلىش“ مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان ”-ىزىم“ قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ”سوپىزىم“ (sophism) دەپ ئاتاشقان بولۇپ، بىزدىمۇ ئاساسەن مۇشۇ نام بىلەن ئاتاش بىر قەدەر ئومۇملاشتى. شۇڭا مەنمۇ مۇشۇ نام بىلەن ئاتاشنى مۇۋاپىق تاپتىم. سوپىزىم-ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىسلام دىنى تارالغان رايۇنلارنىڭ ھەممىسىگە يېتىپ بارغان. ئۇ شۇ ئەلنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسى پائالىيەتلىرىگە چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئەلنى باشقۇرۇش، جەمئىيەت تەرتىپىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەسىر كۆرسەتكەن. سۇفىزمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى چۈشەنچىلىرى دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن 11-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىشقا باشلىغان. ھازىرقى شىنجاڭ رايۇنىدا، ئىسلام دىنى تۇنجى قېتىم سۇلتان سوتۇق بۇغراخان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، دۆلەت دىنى دەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ”ئىسلام دىنىنىڭ قاراخنىيلىقلار زېمىنىدا بۇنداق زور كۆلەمدە راۋاج تاپقانلىقى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ھاكىمىيەت كۈچىگە تايىنىپ بويسۇندۇرغانلىقىدىن باشقا، خوراساندىن كەلگەن سۇفىزمچى نىشاپورلۇق ئەبۇل ھەسەن مۇھەممەت كارامىتى ئېلىپ بارغان دىنىي تەشۋىقات پائالىيىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك “.⑦ تارىختا، سوپىچىلىق كىشىلەرنىڭ بىر خىل روھى، ئىدىيىۋى ھەرىكىتى، باشقىچە ئېيتقاندا، بىر خىل سېزىش ئۇسۇلى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. سوپىلارنىڭ تەسەۋۋۇپچىلىق ئېتىقادى ۋە قائىدىسى جەھەتتىكى تەشەببۇسلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان تارماقلارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سوپىلىق تۆۋەندىكىدەك ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كۆچۈرگەن. بىرىنچىسى، تەقۋادارلىق، ئىخلاسمەنلىك، ئىتائەتمەنلىك، چىدامچانلىق، سەۋرىچانلىق، پېقىرلىقنى بەلگە قىلغان زاھىدلىق، تەركىدۇنيالىق دەۋرى. ئىككىنچىسى، سوپىچىلىقنىڭ سىرلىق تۈس ئالغان دەۋرى. ئۈچىنچىسى، سوپىچىلىقنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتىقاد بىلەن يارىشىپ ھۆكۈمران دائىرلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش دەۋرى. پان ئىلاھچىلىقنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن سوپىچىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراشقا باشلىغان. ئەبۇ ھامىد مۇھەممەد غەززالى سوپىزمنى ئەنئەنىۋى ئېتىقادقا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى ھۆكۈمەت ئېتراپ قىلغان دىنىي ئەقىدىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان. سوپىزم 12-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان ئىدىيىگە ئايلانغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئەقىدە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى يوقاتمىغان. نەزەرىيە جەھەتتىن تېخىمۇ سىستېمىلاشقان. ئۇ داۋاملىق تۈردە خەلق ئېتىقادى شەكلى بىلەن چەت-ياقا جايلاردىمۇ كېڭەيگەن. موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە بويسۇندۇرغان مەزگىللەردە، سوپىزم ئىسلام دىنىنى تارقىتىدىغان ئاساسىي ۋاستە بولۇپ قالغان. ⑧ سوپىزمنىڭ شىنجاڭدا كېڭىيىشى جەريانىدا بىر قەدەر سىستېمىلىشىپ بەلگىلىك نەزەرىيىۋى ئاساسلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، بارا-بارا سوپىزم تەلىماتىنى رېئال ھاياتقا تەدبىقلاپ ئىجرا قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان دىنىي تەشكىلاتلار-تەرىقەتلەر مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. ھەر قايسى تەرىقەتلەر روھىي كامىللىققا يېتىپ ھەقنى تونۇش، ئۆزلۈكىنى يوقىتىپ ھەق بىلەن بىرلىشىپ كېتىشتىن ئىبارەت نىشانغا يېتىش يولىدىكى ئۇسۇل جەھەتتە خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىگە خاس ئىبادەت شەكىللىرى، قائىدە تەرتىپلىرى ۋە ئەخلاق پىرىنسىپلىرى بولغان تەرىقەتلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، سوپىزمنىڭ مەزمۇنىدىمۇ خېلى زور ئۆزگىرىشلەر بولۇشقا باشلىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ⑨ ئەينى زاماندىكى شىنجاڭدا ئەرشىدىن ۋەلى ئىزچىل يوسۇندا دىنىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، خانلىقنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، تەسىر دائىرىسى زور بىر كۈچ بولۇپ قالغانىدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى چەكلەشكە ئامالسىز قالغاچقا، باشقا بىر دىنىي كۈچتىن پايدىلىنىپ ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلگەنىدى. ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ نەزەرىدە بۇ كۈچ دەل خوجا-ئىشانلار ئىدى. يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2-ئەۋلاد سۇلتانى ئابدۇرەشىدخانمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش، مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، دادىسىغا ئوخشاش يول تۇتۇپ، ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئامىللاردىن پايدىلىنىشنى مۇھىم دەپ بىلدى. دىنىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتقان خوجا مۇھەممەد شەرىفكە مۇرىت بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ خانلىقنى مۇستەھكەملىدى. خوجىغا قول بېرىپ پىر تۇتقان خان سىياسىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىسە، خاننىڭ پىرى بولغان خوجىمۇ خانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي ھۆكۈمىرانىغا ئايلىنىپ، خانلىقنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا بىۋاستە ئارىلاشتى. تەزكىرىدىكى ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئابدۇرەشىدخان ئۇرۇش قىلىش قىلماسلىق توغرىسىدا خوجا مۇھەممەد شەرىفتىن رۇخسەت سورىغىلى بارغانلىقى ھەققىدىكى باياندىنمۇ خوجىلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەكەن خانلىقىدىن كېيىن، خوجىلارنى ئۆزىگە پىر تۇتۇش مودىغا ئايلانغان. ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇلكەرىمخانمۇ ئاتىسىدىن كېيىن تەختتە ئولتۇرۇپ، خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ شاگىرتى مۇھەممەد ۋەلى سوپىغا مۇرىد بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرمۇ مانا مۇشۇ يوسۇندا خوجىلاردىن بىرەرسىنى ھاكىمىيەتنىڭ ”مەنىۋى تۈۋرۈكى“ قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. كېيىن بۇ خوجىلار ئوتتۇرىسىدا دىنىي ئىمتىيازغا ۋارسلىق قىلىش كۆرىشى كۈچىيىپ، "ئاق تاغلىقلار" ۋە "قارا تاغلىقلار" دەپ ئىككىگە ئايرىلىپ، پۈتۈن ئالتە شەھەر ئاھالىسىنى قارمۇ-قارىشى ئىككى چوڭ لاگېرغا بۆلۈپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە زور بۇزغۇنچىلىق ۋە يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. سوپىزمنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقىدىسى بويىچە بولغاندا، كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقسىتى ئاللانىڭ بىرلىكى بىلەن بىرلىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، پىرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە روھى جەھەتتىن چېنىقىپ، قەلبنى پاكلاشتۇرۇش ئىدى. سوپىلار ئاساسەن خانىقاھ، مازار، گۈمبەز ۋە مەسجدلەرنى ئۆزىنىڭ پائالىيەت سورۇنى قىلغان بولۇپ، سوپىلارنىڭ پىرلىرى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىنى ۋە سوپىلىقنىڭ سىرلىق يوللىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن پائال تۈردە ۋەز-نەسىھەت ۋە تەرغىبات ئىشلىرىنى ئېلىپ باراتتى. كېيىنچە بۇنىڭ مەقسىتىمۇ بارا بارا ئۆزگىرىپ، سىياسىي تۈس ئېلىشقا، ئەسلىدىن چەتنەشكە باشلىدى. سوپىزمنىڭ ئەسلىدىن چەتنىشىگە بەلكىم ئەينى چاغدىكى خانلارنىڭ ئۇلارنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلاپ پىر تۇتۇشىدىن بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر خانلار ئۇلارغا تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمىگەن بولسا، ئۇنچىۋالا بالايى-ئاپەتلەرنى كەلتۈرمىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى. گەرچە سوپىزمنىڭ شىنجاڭغا قاچان كىرگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق ماتېرىياللار بولمىسىمۇ، تەزكىرىدىكى خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ سۇلتان سوتۇق بۇغراخاننى پىر تۇتقانلىقىدىن، سوپىزمنىڭ شىنجاڭدىكى تارقىلىش ۋاقتىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. يىغىنچاقلىغاندا، خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ قەشقەرگە كېلىپ، سۇلتان سوتۇق بۇغراخان مازىرىغا شەيخ بولۇپ مۇرىد توپلىشى، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانغا دىنىي ئۇستاز بولۇپ، جەمئىيەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشى، خاننىڭ جەڭگە ئاتلىنىش- ئاتلانماسلىق ھەققىدە خوجا مۇھەممەد شەرىفتىن رۇخسەت سوراپ بېرىشى قاتارلىقلاردىن، ئەينى دەۋردە سوپىزمنىڭ خانلىقتا قانچىلىك زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، بۇ تەزكىرە سوپىزمنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم تارىخىي قىممەتكە ئىگە ماتېرىيال دەپ قاراشقا بولىدۇ. (3) مازار تەتقىقاتى ئۈچۈن قىممەتلىك يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. مازارغا تېۋىنىش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كەڭ ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە. جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدا مازارغا تېۋىنىش بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىغا ئائىت تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ھەر ھەپتىدە ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قەۋرىلىرىنى يوقلاشتىن باشقا، ھەر يىلى مەلۇم بىر ۋاقىتتا، ئۆز يۇرتى تەۋەسىدىكى داڭلىق مازارلارغا بېرىپ تاۋاپ قىلىدۇ. مەسىلەن: ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيىسىدىكى ”قىرمىش ئاتام مازىرى “ نىمۇ ھەر يىلى بارات ئېيىدا ھەر يەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلار زىيارەت قىلىدۇ. مازارنى زىيارەت قىلىش نۇقۇل ھالدىكى دىنىي پائالىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئالاھىدە بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ئۆز ئىچىدىن چىققان داڭلىق شەخسلەرگە مازار تىكلەپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇماي يادلاپ كەلگەن. بۇنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئۈلگىلىرى ئۇرقۇن-يەنسەي ۋادىسىدىكى قەھرىمانلىق تۆھپىلىرى خاتىرىلەنگەن مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تەزكىرىدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ، مازارلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ بىزگە بەزى داڭلىق شەخسلەرنىڭ مازارلىرى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەزكىرىدىكى ”ئابدۇرەشىدخان بىلەن ھەزرىتى خوجام ئاشۇرا ئېيىنىڭ 17-كېچىسى ھەزرىتى يۈسۈف قادىرخان غازىنىڭ مازىرىغا كىرىپ مازارغا يۈزلىنىپ ئولتۇردى. بۇ يەردىن يېنىپ خوجا ئۇبۇل فەزلىي خوجامنىڭ، شەيخ ھاجى خوجامنىڭ، سالىھ خوجانىڭ ۋە خوجا بىگەمنىڭ مازارلىرىغا باردى“ دېگەن بايانلاردىن، بۇ تەزكىرىنى مازار تەتقىقاتىدىمۇ بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراشقا بولىدۇ. (4) ئەينى چاغدىكى تىل ۋە يېزىقنى ھازىرقى زامان تىل-يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلام مائارىپى ئىزىغا چۈشۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە ئەرەب، پارس تىللىرىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىيلار ئارىسىدىكى تەسىرى كۈنسايىن كۈچەيدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پارس تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدىن ئەۋزەل كۆرەتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئانا تىلىنى پىششىق بىلمىگەنلىكتىن، ئانا تىلىدا ئەسەر يازىمەن دېسىمۇ يازالمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا سەلدەك ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر ناۋايىنىڭ «مۇھەككىمەتۇل لۇغەتەيىن» دېگەن ئەسىرى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ خىل ئادەت سەل ئازايغان بولسىمۇ، ئەرەب، پارس تىللىرى ئۇيغۇر تىلىدىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرۋېتىلەلمىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئېغىزچە ۋە يېزىقچە ئىككى خىل شەكلى بولىدۇ. ئەينى بىر دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېغىز شەكلىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش بىزگە مۇمكىن ئەمەس. لېكىن تەزكىرىدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يېزىقتا تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى، قوشۇلۇپ قېلىشى، چۈشۈپ قېلىشى دېگەندەك فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمما ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بولسا، بەزى سۆزلەر ئېغىزدا نېمە دەپ تەلەپپۇز قىلىنسا، يېزىقتىمۇ شۇ پېتى يېزىلىدۇ. يەنە بەزى سۆزلەر باركى ئېغىزدا دېيىلگىنى بويىچە ئەمەس، يېزىقتا بەلگىلەنگىنى بويىچە يېزىلىدۇ. شۇڭا، تەزكىرىنىڭ يېزىق ۋە تىل ئالاھىدىلىكىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (5) ھازىرقى ياشلارنىڭ جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خوجا مۇھەممەد شەرىف 10 يېشىدىن باشلاپلا قارا يېتىم بالىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئەۋلىيالارنىڭ ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن، ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن، ھېچكىمنى تۇنۇمايدىغان يات يۇرت __ سەمەرقەندكە بارىدۇ. ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە مەدرىستە ئوقۇيدۇ. ئۇ مەدرىسكە بىر كىرگەنچە 30 يىلنى ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. تۇرىدىغانغا ئېسىل ئۆي، ياتىدىغانغا كارۋات، يۇمشاق يوتقان-كۆرپىلەر بولمىسىمۇ، بىر تال ئەسكى بورىنى كۆرپە، بىر پۇچۇق خىشنى ياستۇق قىلىپ ياتىدۇ. كۈنلەپ-كۈنلەپ تاماق يېمەي، ئۆگىنىش ۋە ئىستىقامەت قىلىش بىلەن ئۆز ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ. تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ، قىلچىمۇ راھەت-پاراغەت ۋە دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بېرىلمەيدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئاخىرى ھەر قانداق ئىلىمدىن سۆز ئاچسا، جاۋاب بېرەلىگۈدەك سەۋىيىگە يېتىپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغىدەك كاتتا ئۆلىما بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇ كىشىدىكى بۇ خىل جاپاغا چىداپ ئۆگىنىش روھى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. 2. «خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر تەزكىرىسى»نىڭ تەتقىقات ئەھۋالى (1) خوجا مۇھەممەد شەرىف تەزكىرىسىنى زەلىلى ئەڭ بۇرۇن نەزمىي شەكلىگە ئۆزگەرتكەن. ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى نەشىرگە تەييارلىغان《زەلىلى دىۋانى》دىكى ”مەن بۇ تەزكىرىنى ھىجرى 1157-يىلى ( مىلادىيە 1746-يىلى) نەسىرىي شەكلىدىن نەزمىي شەكلىگە ئۆزگەرتتىم“ دېگەن بايانىدىن، بۇ تەزكىرە ھەققىدىكى تۇنجى تەتقىقاتچىنىڭ زەلىلى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەزكىرىنىڭ پەقەت مۇشۇ نۇسخىسىدىلا ئۆزگەرتىپ يېزىلغان ۋاقتى ئېنىق خاتىرىلەنگەن. قالغان نۇسخىلىرىدا يېزىلغان ۋاقتى توغرۇلۇق ھېچنېمە دېيىلمىگەن. (2) ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى《زەلىلى دىۋانى》 دىكى نەزمىي شەكلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسىكرىپسىيە قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرغان. بۇنى مەملىكىتىمىزدە، خوجا مۇھەممەد شەرىف تەزكىرىسى توغرىسىدىكى ئىككىنچى تەتقىقات دېيىشكە بولىدۇ. (3) ياپونىيەلىك تەتقىقاتچى خامادا ماسامى(Hamada.masami) ئەپەندى خوجا مۇھەممەد شەرىف تەزكىرىسىنىڭ فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ساقلىنىۋاتقان 3-3355.ms نومۇرلۇق؛ شۋېتسىيىنىڭ لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان prow.73؛ prow.327؛ prow.414 نومۇرلۇق ھەمدە رۇسيە شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ سانكىت پېتربورگ شۆبىسىدە ساقلىنىۋاتقان c582; A237 نومۇرلۇق ئالتە خىل نۇسخسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ تولۇق دەپ قارالغان prow.73 نومۇرلۇق نۇسخىسىنى نەشرگە تەييارلىغان. ھەمدە بۇ ئالتە نۇسخىسىنى تېپىپ تەپسىلىي سېلىشتۇرغان.⑩ (4) ئابلىز ئۇرخۇن، سۇگاۋارا جون قاتارلىقلار 2006 يىلى قەشقەردە دالا تەكشۈرۈشتە تاپقان نۇسخىسىنى فىلولوگىيە نوقتىسىدىن تەھلىل قىلغان. ھەمدە مەزكۇر تەزكىرىنى خامادا ماسامى ئەپەندى ئەڭ تولۇق دەپ قارىغان prow.73 نومۇرلۇق نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بەزى پەرقلەرنى تېپىپ چىققان. قولىمىزدىكى بۇ نۇسخىدا پارسچە سۆزلەرنىڭ كۆپرەك ئىشلىتىلگەنلىكىگە قاراپ، ئۇنى prow.73 نومۇرلۇق نۇسخىدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ دەپ قارىغان. 3. «خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر تەزكىرىسى»نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى (1) تەزكىرىنىڭ ئىملا ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە: ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى گەرچە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ داۋامى ۋە ئۆزگەرتىلىشىدىن كەلگەن بولسىمۇ لېكىن، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازما ئەسەرلەردە يېزىلغان تاۋۇشلارنىڭ ھەرپ بىلەن ئىپادىلىنىشىنى قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا رۇشەن پەرقلەرگە ئىگە. بىرىنچىدىن، ھەرپلەرنىڭ سانىدا پەرق بار بولۇپ، بۇ پەرق ئاساسلىقى سوزۇق تاۋۇشلاردا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. ا، ە، ە، ي، و، ى، قاتارلىق ھەرپلەر ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سەككىز سوزۇق تاۋۇش ئىپادىلەنگەن. ئىككىنچىدىن، تەزكىرىدە ”و، ي، ە“ ھەرپلىرى ھەم ئۈزۈك تاۋۇشنى ھەم سوزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلىگەن. ئۈچىنچىدىن، بەزى ھەرپلەر بىر نەچچە تاۋۇشنى ئىپادىلىگەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى خۇلاسىلىغاندا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەردىن ئىبارەت. 1. سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا باشتىن-ئاخىر يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى ئۈچۈن ”–غە/ -قە /- كا“ دىن ئىبارەت شەكلىلا قوشۇپ يېزىلغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئالدىنقى ئىككىسى يوق. مەسىلەن: hindustan yolïğä kirip mäk kä-gä räwan boldïlär. 2. سۆزلەر مەيلى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ياكى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشسۇن، چىقىش كېلىش قوشۇمچىسى ئۈچۈن ھەممىسىگە ئوخشاشلا ”-دين“ دېگەن جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشتىن باشلانغان قوشۇمچە قوشۇلغان. مەسىلەن: asmandin, här täräfdin 3. ئورۇن كېلىش قوشۇمچىسى ئۈچۈن”–دا/ -دە “ دىن ئىبارەت ئىككىلا شەكلى قوشۇپ يېزىلغان. مەسىلەن: här yärdä, bu şähärdä 4. تۈپ سۆزلەردىكى”ئا، ئە“ تاۋۇشىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەر بىرىنچى بوغۇمدا ئۆزگەرسىمۇ، لېكىن تۈرلەنگەندە، بوغۇم ئاخىرىدىكى”ئا، ئە“ تاۋۇشى يېزىقتا ئاساسەن ئاجىزلاشتۇرۇلماي يېزىلغان. مەسىلەن: atalari, hujräğä, başlariğä 5. ئۈزۈك تاۋۇشلاردىن ”ب، ج، ك“ ھەرىپلىرى ئىككىدىن ئۈزۈك تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلغان. ”پ“ ۋە ”چ“ ھەرىپى ئىشلىتىلمىگەن. بۇ ئىككى ھەرب ئاساسەن ”ب، ج“ بىلەنلا ئىپادىلەنگەن. ئەمما يېزىقتا ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان ”گ، ژ“ ھەرىپى زادىلا يېزىلمىغان. مەسىلەن: alib,barib,fujuq,hujrä 6. 3-شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ يېزىلغاندىن باشقا ھاللاردا، كېلىش قوشۇمچىلىرى ئومۇمەن سۆزدىن ئايرىپ يېزىلغان. Mäktäbğä, aşning 7. ”اي “ دىن كېيىن سوزۇق تاۋۇش كەلسە، ”ئى“ ياكى ” ئې“ قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن، ئۈزۈك تاۋۇش كەلسە ”ئاي-“ قىلىپ ئوقۇش ئۈچۈن پەرقلەندۈرۈلۈپ يېزىلغان. 8. ئەرەب –پارسچە سۆزلەر بولۇپمۇ دۇئالار يەنىلا ئەرەب-پارسچىدىكى بەلگە ۋە ھەربلەربىلەن يېزىلغان. (2) فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئۆز تەرەققىيات تارىخى جەريانىدا، ئوخشىمىغان دىن، يېزىق ۋە مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ تەركىبىي قىسمىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلدى. بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىن تېپىلغان، 14-ئەسىرنىڭ بېشىدىن 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان دەۋرگە تەۋە ھەر خىل يازما يادىكارلىقلاردا ئەكس ئەتكەن تىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، بۇ دەۋرنى ئومۇملاشتۇرۇپ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى دەپ ئاتاشنى تەكىتلەيدۇ. بىز تەتقىق قىلماقچى بولغان بۇ تەزكىرىدە يەكەن خانلىقىنىڭ 2-ئەۋلاد سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان زامانىدا ئۆتكەن كىشى خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلىنىڭ نەزمىي شەكلىدە يازغان 《خوجا مۇھەممەد شەرىف تەزكىرىسى》 دىن باشقا نەسرىي قوليازمىلارنىڭ ھېچقايسىدا بۇ ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى تىلغا ئېلىنمىغان. زەلىلىي بۇ ئەسەرنى ئەسلىدىكى نەسرىي نۇسخىسىدىن ھىجىرىيە 1157-يىلى يەنى خوجا مۇھەممەد شەرىفنىڭ ۋاپاتىدىن 194يىل كېيىن نەزمىي شەكلىگە ئايلاندۇرغان. شۇڭا، بىز بۇ نەسرىي نۇسخىنىڭ ئېنىق يېزىلغان ۋاقتىنى بېكىتەلمىسەكمۇ، لېكىن زەلىلىينىڭ يۇقىرقى بايانىغا ئاساسەن، مىلادىيە 1744-يىلىدىن بۇرۇن يېزىلغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز. شۇڭا بىزمۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق تاپتۇق. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى باسقۇچلىرىنى مەيلى قانداق ناملار بىلەن ئاتايلى، ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكىسىنى بېيىتىپ كەلدى. بۇ دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىك سىستېمىسىدىمۇ ئوخشىمىغان ۋارىيانتلارنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بايقايمىز. بىز تارىخى سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سېلىشتۇرۇپ باقىدىغانلا بولساق، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا جەھەتتىكى پەرقىنى تېپىپ چىقالايمىز. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە تەۋە بولغان بۇ تەزكىرىدىكى فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىك تۆۋەندىكىچە: 1. تۈپ سۆزنىڭ ھەر بىر بوغۇمىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈك تاۋۇش، شۇ بوغۇمدىكى باشقا ئۈزۈك تاۋۇشقا قارىغاندا ئاسان ئۆزگەرگەن. يەنى ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئارىسىدىكى” ك، ق“ (k, q) تاۋۇشلىرى ”غ، گ “ (ğ, g) تاۋۇشلىرىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مەسىلەن:äl ayağini jimiqturup 2. تۈپ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى قوشۇمچە قوشۇلۇپ كېلىدىغان ئۈزۈك تاۋۇش، باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلارغا قارىغاندا ئاسان تەسىرگە ئۇچرىغان ھەمدە ئاسانلا تاۋۇش ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. مەسىلەن: Kaşqärğä, sarayğä 3. تۈپ سۆزلەرگە ياكى سۆز ئۈزىكىگە قوشۇمچە قوشقاندا، ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئوتتۇرىسىدا كەلگەن ئۈزۈك تاۋۇش، باشقا ئۈزۈك تاۋۇشلارغا قارىغاندا ئاسانلا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان، بەزى جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. مەسىلەن: tufraqğä, täräfgä, 4. تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشىدە، تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. 5. تەزكىرىدىكى سۆزلەردە ”ب، م “ b/m تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشى كۆرۈلمەيدۇ. 6. تەزكىرە تىلىدا توققۇز سوزۇق تاۋۇش بار بولۇپ، تىل ئارا سوزۇق تاۋۇشى ئې”e“ پەيدىن-پەيدىن مۇستەقىل بىر فونېما بولۇپ شەكىللەنگەن. 7. بەزى سۆزلەردىكى تۆۋەنراق سوزۇق تاۋۇش ä بۇ تەزكىرىدە e,i بىلەن نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن: el (>lä) ”قول“؛ erdi,idi (>ärdi) ”ئىدى“ دېگەندەك. 8. بۇرۇنقى ئەسەرلەردىكى بەزى سۆزلەردە لەۋلەشمىگەن، يۇقىرى سوزۇق تاۋۇشلار ئادەتتە، تىل ئالدى ۋە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلار دەپ بۆلۈنگەن. يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە گەرچە بۇ خىل پەرق سەل ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى خىل ۋارىيانت يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان. بۇ خىل ھادىسە ئاساسلىقى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە ğ,q دىن تۈزۈلگەن قوشۇمچىلارنى قوشقاندا، تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن سۆزلەرگە g,k ئۈزۈك تاۋۇشىدىن تەركىب تاپقان قوشۇمچىلارنى قوشقاندا گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ئەمما، يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى ,-qä äğ- دىن ئىبارەت ئىككى قوشۇمچىنىڭ قوشۇلۇشىدا، بۇ تەزكىرىدىكى ئەھۋال ئاساسەن يۇقىرقىغا ئانچە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: mäktäb-ğä (مەكتەپكە)، yaş-qä (ياشقا). بۇنىڭدا بەلكىم ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال مۇشۇ تەزكىرىدىكى ئاساسىي ئالاھىدىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 9 . بەزى سۆزلەردىكى لەۋلەشمىگەن يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش قوشۇمچە قوشۇلغاندىن كېيىن، قوشۇمچىدىكى لەۋلەشكەن تار سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەسىرىدىن لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارغا ئۆزگەرگەن. مەسىلەن: öy (>äw) (ئۆي)، yaşurnup(>yoşurnup) (يوشۇرنۇپ). 10. تەزكىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشىدا، لەۋ ھالىتى جەھەتتىن ماسلىشىشقا قارىغاندا، تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش يەنىلا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: olturdïlar (ئولتۇردىلار)، ağramjï (ئارغامچا)، çöçbärä(چۆچۈرە)؛ بەزى سۆزلەردە، تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش ياكى تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان قوشۇمچە ئۇلىنىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇش ياكى تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن تەركىب تاپقان قوشۇمچە ئۇلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن: a:ṭ-qä (ئاتقا)، yaşqä (ياشقا)، qaşqä (قاشقا)، yurtğä (يۇرتقا). ئەرەپ-پارسچە سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشقاندا، سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇش گەرچە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇش بولسىمۇ، لېكىن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچە قوشۇلغان. مەسىلەن: χuda-ğä (خۇداغا)، gïrdab-ğä(قاينامغا). بۇمۇ مۇشۇ تەزكىرە تىلىنڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 11. تەزكىرە تىلىدا ئىشلىتىلگەن سۆزلەرگە ئاساسەن، /p/, /b/, /t/, /d/,/k/, /g/, /q/ j /m/, /n/, /y/, /s/, /z/, /ş/, /ğ/, /ç/, /r/, /l/ قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى،”ژ“ تاۋۇشنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 12 . بۇرۇنقى بەزى سۆزلەردىكى b-m ، b-w، d-y، q-ğ ، w-y، ŋ-ğ، s-z، y-n قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئۆز ئارا نۆۋەتلەشكەن (ئۆزگەرگەن) لىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: män(>bän) (مەن)، miŋ (>biŋ) (مىڭ)، tiwä(>täbä) (تۆگە)، ayaq (>adaq) (ئاياق، قاچا)، ayağ (>ayaq) (پۇت)، öy (>äw) (ئۆي)، yalŋus (>yalğuz) (يالغۇز). y-n تاۋۇشلىرى ئاساسەن ئارىلاش ئىشلىتىلگەن. بەزىدە qandïn (قەيەردىن، نەدىن) دېسە، يەنە بەزىدە qaydïnدەپ ئىشلەتكەن. b بىلەن pتاۋۇشىنى ئاساسەن ئارىلاشتۇرۇپ يازغان. مەسىلەن: باريب (barïp)، توروب (turup)، ياتيب (yatïp). تەزكىرىدە p بىلەن f تاۋۇشى پەقەت فوجوق (fuçuq) (پۇچۇق) دېگەن مۇشۇ بىر سۆزدىلا نۆۋەتلەشتۈرۈلگەن، قالغان سۆزلەردە ئاساسەن ئۆز ئەسلى بىلەن ئىشلىتىلگەن. 13. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل ئۇچى ئۈزۈك تاۋۇش t كۆپ ساندىكى سۆزلەردە ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بەزىدە d تاۋۇشى بىلەن نۆۋەتلەشكەن. مەسىلەن: daqï(>taqï) (-دىكى)، dedi/didi(>tidi) (دېدى) 17. بۇرۇنقى ئەسەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تەزكىرىدە r، g تاۋۇشنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: eşäk (>äşgäk) (ئېشەك)، bilä (>birlä) (بىلەن)، ئەمەليىەتتە بۇ تەزكىرىدە bilä ،birlä شەكلى ئارىلاش ئىشلىتىلگەن. (3) لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكى ھەر قانداق بىر تىل فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە لېكسىكا بىر قەدەر ئۆزگىرىشچان بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭى شەيئى، يېڭى ھادىسىلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، تەرەققىي قىلىپ بېيىپ تۇرىدۇ. يېڭى سۆزلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز بارلىققا كېلىشى تىلنىمۇ جەمىئيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. ”12-ئەسىرلەردىن تارتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسىدا، ئسلام، مەدەنىيتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر كۆپرەك كىرىشكە باشلىدى. بۇ ھالەت ئالدى بىلەن دىنىي ئىلىمگە ۋە بەدىئي ئەدەبىياتقا دائىر ئەسەرلەردە كۆپرەك ئەكس ئەتتى“. (11) بۇ تەزكىرىمۇ ئاساسلىقى سۇلتان ئابدۇرەشىدخان زامانىدىكى دىن تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن، سوپىلارنىڭ داڭلىق پېشىۋاسى خوجا مۇھەممەد شېرىف پىرنىڭ تەزكىرىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىلىدا دىنىي، ئىجتىمائى ئىشلارغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. مانا بۇ تەزكىرە تىلىنىڭ باشقا ئەسەرلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى. ئۇلۇغ شائىر ۋە مۇتەپەككۇر ئەلشىر نەۋائىنىڭ مىلادى 1499-يىلى يېزىلغان 《مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن》(《ئىككى تىل مۇھاكىمىسى》) ناملىق رىسالىسىدە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، نەۋائى دەۋرىدە شېئىرنى پارس تىلى بىلەن يېزىش تۈركىي تىللىق شائىرلار ئىچىدە تەبىئىي بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغانىدى، بۇ شائىرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پارس تىلىنى ئۆز ئانا تىلىدىن ئەۋزەل كۆرەتتى، شېئرنى پەقەت شۇ تىل بىلەنلا يازغىلى بولىدۇ، دەپ بىلەتتى. ئۆز ئانا تىلىنى بولسا، شېئىر يازغىلى بولمايدىغان تىل دەپ ياراتمايتتى. يازغۇچى، شائىرلار ئارىسىدا مۇشۇنداق خاھىش بولغانلىقتىن ئەرەب-پارس تىللىرى ئۇيغۇر تىلىغا تۈركۈملەپ كىرىشكە باشلىدى. نەۋائى《مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن》 دېگەن ئەسەرنى يېزىپ بۇ خىل خاھىشقا قاتتىق رەددىيە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەزكىرىدە، ئوخشاش مەنىدىكى بىر ئۇيغۇرچە سۆزگە يەنە بىر ئەرەبچە ياكى پارسچە سۆز يانداشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىشتەك ھالەت شەكىللەنگەن. مەسىلەن: سيزدين بھراق خوبراق قابل و لايق كشى نى تاپالمادوق (sizdin bihraq χobraq qabl wä layq kişini tapalmaduq). ”بىھراق –ياخشىراق، خوپراق“ دېگەن مەنىدە بولۇپ، كەينىدىكى”خوپراق“ دېگەن سۆزگە يانداشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلگەن. من مونى سيناب ﺁزمودە قيلاى. (m(ä)n munï sinap azmudä qïlay). ئازمۇدە- (پارسچە) سىنىماق، سىناقتىن ئۆتكۈزمەك دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئالدىدىكى سۆز بىلەن يانداش ئىشلىتىلگەن. بۇنداق سۆز ئىشلىتىش ئۇسۇلى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىغا ئائىت ئەسەرلەردىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ تەزكىرىدىمۇ مۇشۇنداق سۆز ئىشلىتىشتىن مەقسەت بىر تەرەپتىن مەنەنى كۈچەيتىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇپ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىشتىن ئىبارەت. بۇلاردىن باشقا، ئەينى دەۋردە قوبۇل قىلىنغان ئىسلام دىنىغا ئائىت ئەرەب-پارسچە سۆزلەر يەنىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبى سۈپىتىدە ساقلانغان بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تەزكىرە تىلىنىڭ لېكسىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلى، سۆز مەنىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى: تەزكىرىدىكى سۆزلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ياسىلىدۇ. قوشۇمچە قوشۇش ئۇسۇلى. سۆزلەرنىڭ ئاخىرىغا قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يېڭى سۆزلەر ياسىلىدۇ. بۇ خىل سۆز ياساش قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ناھايىتى ئومۇميۈزلۈك بولغان بىر خىل سۆز ياساش ئۇسۇلى بولۇپ، تەزكىرىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى يېڭى سۆزلەر مۇشۇ خىلدىكى سۆز ياساش ئۇسۇلى بىلەن ياسالغان. مەسىلەن: باش(باش، ئادەم نەرسىلەرنىڭ بېشى)+ليغ = (baş+lïğ) باشلىق، يول باشلىغۇچى. پنجشنبە (پەيشەنبە)+ليك (p(ä)njiş(ä)nbä+lik)= ھەر پەيشەنبە كۈنى تۆلىنىدىغان ئوقۇش ھەققى. تەزكىرىدە بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۆزلەرنىڭ ئالدىغا قوشۇلۇپ كېلىپ، ئىنكار مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەرەپ-پارسچە قوشۇمچىلارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: بي+خبر (خەۋەر) (bi+χäbär)= خەۋەرسىز؛ بد+بەخت (بەخت) (bäd+bäχt)= بەختسىز، بەدبەخ. ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇش ئۇسۇلى. تەزكىرىدە تۈپ سۆزلەرنىڭ كەينىگە ”بول، قىل“ (bol, qïl ) قاتارلىق ياردەمچى پېئىللارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەنمۇ يېڭى سۆزلەر ياسىلىدۇ. بۇنداق ياسالغان سۆزلەر ئاساسلىقى پېئىللاردا كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: غايب (ğayïp) (يوق)، غايب بول (-ğayïp bol) يوقىماق، يوقاپ كەتمەك. سلام (s(ä)lam) (سالام)، سلام قيل (-qïl s(ä)lam) سالام قىلماق، سالاملاشماق. بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى. ئىككى تۈپ سۆزنى مەلۇم تەرتىپتە بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق يېڭى سۆز ياسىلىدۇ. بۇنداق بىرىكتۈرۈلۈپ ياسالغان سۆزلەر ئاساسەن خاس شەيئىلەرنىلا بىلدۈرۈپ كېلىدۇ. تەزكىرىدە بۇنداق ئۇسۇلدا ياسالغان سۆزلەر تۆۋەندىكىچە: ﺁب ﺁش ( a:b a:ş)(نەزىر، سەدىقە)؛ بر توقوز (bir toquz) (توققۇز). سرو پاى (s(ä)ru pay) (كېيىم)؛ ميل اسكندر (mi:l-i isk(ä)ndär) (ئىسكەندەر مۇنارى). بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئەرەبچە-پارسچە ئىزافەتلەر بولۇپ، ئۇلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى سۆز ياساش ئۇسۇلىغا كىرىدۇ. سۆز مەنىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت: تەزكىرىدىكى سۆزلەرنىڭ مەنە مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل مۇناسىۋەتكە ئىگە. 1. مەنىداشلىق مۇناسىۋەت تەزكىرىدىكى بەزى سۆزلەر تاۋۇش تۈزۈلۈشى جەھەتتىن تامامەن ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ئوخشاش ياكى يېقىن بولغان بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق سۆزلەر ئەرەپ-پارسچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: (ۋاقىت، چاغ) muddät-waqït ،(ئىبادەت) taʿät-‘ibadät (نالە-زار)nalä-zarï ،(خەلق، بارچە، ھەممە) jämʿiyät-χas am-χälq، (دېمەك) ayt-dä alämdin bardï-säfär aχirät qïldï (ئۆلمەك، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلماق) (سۇ) . ab-su، (كېنىزەك) känizäk-dedäk، (خىزمەتكار، چاكار) χizmätkar-kuçї -qul 2. قارمۇ قارشى مەنىلىك مۇناسىۋەت تەزكىرىدە بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئۆز ئارا قارمۇ قارشى بولۇپ، بىز بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قارمۇ قارشى مەنىلىك مۇناسىۋەت دەپ قارىدۇق. مەسىلەن: baru-yoq (بار-يوق)، aç-toq(ئاچ-توق)، kasïp-ğäyr kasïp (ھۆنەرۋەن-ھۆنەرۋەن ئەمەسلەر)، uluğ-kiçik(چوڭ-كىچىك)، aq-qara(ئاق-قارا). 3. شەكىلداشلىق مۇناسىۋەت تەزكىرىدە يەنە ئاز ساندىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ يېزىلىشى ۋە ئوقۇلۇشى ئوخشاش، ئەمما مەنىسى ئوخشىمايدىغان سۆزلەر بار. بىز بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى شەكىلداشلىق مۇناسىۋەت دەپ قارىدۇق. مەسىلەن: aṭ (مىنىدىغان ئات)، aṭ (ئات، ئىسىم). aç (بىرەر نەرسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىش)، aç (قورساق ئېچىش). ay- (ئېيتماق، دېمەك)، ay (ئاي، يەنى 30كۈن). سۆزلەرنىڭ تۈزۈلۈشى: تەتقىقاتچىلارنىڭ ”خوجا مۇھەممەد شەرىف پىر تەزكىرىسى“نى قالغان يەتتە تەزكىرە بىلەن سېلىشتۇرۇپ قىلغان تەتقىقاتىغا ئاساسەن ئېيتقاندا، گەرچە بۇ نۇسخىدىكى قوبۇل قىلنىغان سۆزلەر ئاز، ئۇيغۇرچە سۆزلەر كۆپ دېيىلسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىزچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ۋە ئەينى دەۋردىكى باشقا ئەسەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، تەزكىرىدىكى ئەرەب-پارسچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر يەنىلا ئاز ئەمەس. تەزكىرىدە ساقلانغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت سۆزلەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. مەسىلەن: قەدىمدەbodun (خەلق) دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن بولسا، تەزكىرىدە ”خەلق، جامائەت “ سۆزلىرى ئىشلىتىلگەن. (4)گرامماتېكىلىق ئالاھىدىلىكى 1. تەزكىرىدە ئىسىمنىڭ ئۈچىنچى شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈككىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت يۈزىسىدىن läri /-larï- قوشۇمچىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، atalarï (ئاتىسى)، başlarï(بېشى)، 2. ئىسىمنىڭ ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى –niŋ/-nïŋ بولۇپ، باشقا ئەسەرلەردىكىدەك -iŋ/ -n دېگەندەك شەكىللىرى بۇ تەزكىرىدە ئۇچرىمايدۇ. مەسىلەن: a:ṭnïŋ (ئاتنىڭ)؛ چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى –ni/-nï دىنلا ئىبارەت. مەسىلەن: bularnï (بۇلارنى)؛ يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى –ğä/-qä/-gä/-kä/-dä دىن ئىبارەت بولۇپ، –ğä/-qä/-dä دىن ئىبارەت ئۈچ قوشۇمچىنىڭ ئشىلىتىلىشىمۇ مۇشۇ تەزكىرىدىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: başlarïğä (بېشىغا)، yänä bir yärdä barïp yatïŋ(باشقا بىر يەرگە بېرىپ يېتىڭ). –dä قوشۇمچىسىنىڭ يۆنىلىش كېلىش ئورنىدا ئىشلىتىلىشى، بىر پۈتۈن تەزكىرىدە ئىككى، ئۈچ يەردىلا ئۇچرايدۇ، قالغان جايلىىرىدا ئاساسەن –ğä/-qä/-gä/-kä ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا، –dä قوشۇمچىسىنىڭ يۆنىلىش كېلىش ئورنىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇمۇ تەزكىرىدىكى مۇھىم بىر ئالاھىدىلىك. ئورۇن كېلىشتە پەقەت –da/-dä دىن ئىبارەت ئىككىلا قوشۇمچە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: kündä (كۈندە)، türkistanda (تۈركىستاندا)؛ چىقىش كېلىشتە –din دېگەن بىرلا قوشۇمچە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: ṭäräfdin (تەرەپتىن)؛ تەڭلەشتۈرمە كېلىشتە çä- قوشۇمچىسى ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: a:dämçä (ئادەمدەك)؛ چەك كېلىشتە –ğäçä قوشۇمچىسى ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: ayğäçä (ئايغىچە)؛ ۋاسىتە كېلىش bilä,birlä دېگەن ياردەمچىلەرنىڭ ئىسىملارنىڭ ئارقىسىغا قوشۇلۇپ كېلىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: du‘a birlä (دۇئا بىلەن. دۇئادا). 3. بۇرۇنقى ئەسەرلەردە مۇستەقىل پېئىللار بىلەن ياردەمچى پېئىللار a/yu ئارقىلىق بىرىكىپ چېتىلما رەۋشداشنى ئىپادىلىگەن بولسا، بۇ تەزكىرىدە ئاساسەن، ھازىرقىغا ئوخشاش چېتىلما رەۋشداش –p قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق كەلگەن. مەسىلەن: öyini sorap barïp işik saqlap olturdїlar (ئۆيىنى سوراپ بېرىپ، ئىشىك (ئالدىدا) ساقلاپ ئولتۇردى). 4. بۇرۇنقى ئەسەرلەردە، ئىزچىل ھازىرقى زامان شەكلى پېئىللارنىڭ ئارقىسىغا a رەۋشدىشى بىلەن tur- ياردەمچى پېئىلىنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولسا، بۇ تەزكىرىدە ur– قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەنلا ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن: män χajä mäsʿud degän säwdagärniŋ χizmätkarï tururmän. (مەن خوجا مەسئۇد دېگەن سودىگەرنىڭ خىزمەتكارى). 5. بۇرۇنقى ئەسەرلەردە، پۈتكەن ئىزچىل ئۆتكەن زاماننى ئىپادىلەشتە، چېتىلما رەۋشداش بىلەن –dur ۋە ئۆتكەن زامان ھۆكۈم باغلامچىسى erdi/ ärdi لارنى قوشۇش ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولسا، بۇ تەزكىرىدە، پېئىلنىڭ پۈتكەن ھاللىق سۈپەتداش شەكلىگە ياكى چېتىلما رەۋشداش شەكلىگە ۋاستىسىز ھۆكۈم باغلامچىسىنىڭ ئۆتكەن زامان شەكلى idi/ erdi قوشۇلۇپ ياسالغان. مەسىلەن: işlarï märtäbägä yätkän idi(ئىشلىرى مەرتىۋىگە يەتكەن ئىدى). پۈتمىگەن ئىزچىل ئۆتكەن زامان پېئىلنىڭ ئاخىرىغا -r ۋە idi/ erdiلارنى قوشۇش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن: alämgä fätwa bärür idim (ئالەمگە پەتىۋا بېرەتتىم). 6. ئاددىي ئۆتكەن زامان شەكلى باشقا ئەسەرلەردىكىگە ئوخشاشلا پېئىل ئاخىرىغا –di قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، تەزكىرىدە ئۈچىنچى شەخس بىرلىكنى ئىپادىلەشتە، مۇھىم شەخسلەر، خان-پادىشاھلارغا ھۆرمەت يۈزىسىدىن -lar قوشۇمچىسىنى قوشۇپ ئىپادىلىسە، ئاددىي پۇقرالار ئۈچۈن يەنىلا -di قوشۇمچىسىنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن: ajäm yätim qaldïlarχ (خوجام يېتىم قالدى)؛ .käçäsi ḥäẓräti sulṭan satuq buğraχan ğazï padïşah çiqtilar nçiüçü (ئۈچىنچى كېچەسى ھەزرەتى سۇلتان سوتۇق بۇغراخان غازى پادشاھ چىقتى(؛ بۇ ھەرگىزمۇ ئۈچىنچى شەخس كۆپلۈك تۈرىنى بىلدۈرمەستىن، يەنىلا ئۈچىنچى شەخس بىرلىك تۈرىنى بىلدۈرىدۇ. 7. بۇيرۇق-تەلەپ مەيلى بىرىنچى شەخس بىرلىك شەكلى بۇرۇنقى ئەسەرلەردە، –ayïn بىلەن كەلگەن بولسا، تەزكىرىدە –ayشەكلىدە، بىرىنچى شەخس كۆپلۈك äli- شەكلىدە؛ ئىككىنچى شەخس بىرلىك شەكلى –ğïlدېگەن بىرلا خىل شەكىلدە كەلگەن. مەسىلەن: qayan baray (قايسى تەرەپكە باراي)، sämärqändgä barğïl(سەمەرقەندگە بارغىن)، nemä ätsälär bizgä buyursunlar biz etäli dedilär (نېمە ئەتسىلە بىزگە بۇيرۇسىلا، بىز ئېتەيلى دېدى). 8. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى شېئىرلاردا ئىشلىتىلىدىغان، يەنى پېئىل جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىدىغان جۈملە شەكلى خېلى كۆپ ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: kördilärkim iki buzurgwar turadurlar (ئىككى بۇزۇرگۋارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى). 9. باش جۈملە بىلەن ئەگەشمە جۈملە ئوتتۇرىسىغا مۇناسىۋەت ئالمىشى kim ئۇلىنىپ كېلىپ، جۈملىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ، چېتىشتۇرۇپ كېلىدىغان جۈملە شەكلىمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن:ajäm aydïlarkïm män sayramdïn bolurmänχ )خوجام مەن سايرامدىن بولىمەن دېدى). دېمەك، يۇقىرقىلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گرامماتىكىسىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرىگە كەلگەندە، قوشۇمچىلارنىڭ ياردىمىدە سۆز ياساشقا سەل قارىلىپ، سۆزلەرنى بىرىكتۈرۈپ سۆز ياساش ئۇسۇلى كۆپىيىشكە باشلىغان. يېزىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ تەزكىرىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىز تىلىدا ئۆزگەرتىلىپ دېيىلسىمۇ لېكىن، يېزىقتا ئەسلى شەكلى بويىچە يېزىلغان. تەزكىرىدە ئىملا بىرقەدەر مۇقىم بولغان بولۇپ، بىر قىسىم سۆزلەردە قوشۇمچىلارنىڭ قىسقىرىشى سەۋەبىدىن، جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان سۆزلەرگىمۇ جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ كېلىدىغان ئەھۋال ئۇچرىسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتى ۋە ئۆزگىرىشى يېزىقتا ھازىرقىدەك ئانچە ئارىلىشىپ كەتمىگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، يېزىق تىلىنى ئېغىز تىلىغا بويسۇندۇرۇپ يېزىش ئەھۋاللىرى ئاساسەن يۇقىرىراق سوزۇق تاۋۇش (ئا ،ئە تاۋۇشلىرىنىڭ يۇقىرى سوزۇق تاۋۇش ئې ، ئى) تاۋۇشىغا ئۆزگىرىشىدە كۆپرەك ئۇچرىغان. يەنى يۇقىرى سوزۇق تاۋۇشقا ئۆزگىرىپ كەتكەن. ئەمما، ( ئو، ئۇ، ئۆ،ئۈ ) تاۋۇشلىرى ئېغىز تىلىدا ئۆزگەرسىمۇ، لېكىن يېزىق تىلىدا ئىپادىلەنمىگەن. ئۇنداقتا، بىز ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نېمە سەۋەبتىن ”ئا، ئە“ تاۋۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېزىقتا ئىپادىلەپ، قالغانلىرىنى يېزىقتا ئىپادىلىمەيمىز؟ ئەگەر مۇشۇ تەزكىرە بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، قانداق يازساق بىر قەدەر مۇۋاپىق ھەم ئىلمىي بولىدۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئىملا قائىدىسىنى بېكىتىشتە ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلە. 1954-،1963-،1973-،1983-، 2009- يىللىرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل-يېزىق ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بەش قېتىم ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى. ئىملا قائىدىسىنى بېكىتكۈچىلەر "بىر تىلدىكى ئىملا مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ۋە مەڭگۈ ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، جانلىق تىل دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ ۋە مۇنداق ئۆزگىرىش يېزىق تىلىغا قارىغاندا تېز بولىدۇ ھەم يېزىق تىلىغا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ" دەپ قاراپ، 1984-يىلى 10-ئايدا 《ھازىرقى ھامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى》ۋە 《ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى》نى تۈزۈپ چىقتى. (12) (قاراڭ: 《ھازىرقى ھامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى》 3-،5-،7-بەت)، 2009-يىلى تۈزۈپ چىقىلغان يېڭى ئىملا قائىدىسىدە مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپ سەل-پەل گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. مەسىلەن: ”پارتىيە، ئارمىيە“ دېگەندەك ئوچۇق بوغۇملۇق بەزى سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندا ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرى ئۆزگەرتىلمەي ”پارتىيە+سى﹦ پارتىيەسى؛ پارتىيە+دە﹦ پارتىيەدە؛ پارتىيە+گە ﹦پارتىيەگە؛ پارتىيە+نىڭ﹦ پارتىيەنىڭ؛ ئارمىيە+سى﹦ ئارمىيەسى؛ ئارمىيە+دە﹦ ئارمىيەدە؛ ئارمىيە+گە ﹦ئارمىيەگە؛ ئارمىيە+نىڭ﹦ ئارمىيەنىڭ “ دەپ يېزىلىدىغان قىلىپ بېكىتىلدى. لېكىن بۇنداق يېزىشمۇ لۇغەتتە تازا ئومۇميۈزلۈك بولمىسىمۇ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور ئىلگىرىلەش بولدى. لېكىن ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇكى،<ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى لۇغىتى> دەپ چوڭ بىر لۇغەتنى تۈزۈپ، كەينىدىن مەزكۇر لۇغەتتە 15 بەتلىك خاتالىقنى ئېلان قىلدى. مانا بۇ بىزنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەمىز، مانا بۇ بىزنىڭ ئىملا قائىدىمىز!! جانلىق تىلنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى مۇقەررەر، لېكىن ئۇنىڭ يېزىق تىلىغا سىڭىپ كىرىشى خاتا. ئارىمىزدا ئىملا مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل ۋە مەڭگۈ ھەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغانلار بولغاچقىلا، ئىملا قائىدىمىز تازا مۇكەممەلىشەلمەيۋاتىدۇ. قاراڭ پارىسلارمۇ ئىملا قائىدىسىنى 1000 يىلدىن بۇيان ئۆزگەرتمەي ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدىغۇ! يېزىق تىلىنىڭ ئېغىز تىلىغا نىسبەتەن يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا دائىم ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، مەلۇم بىر دەۋردە تۈزۈلگەن ئىملا قائىدىلىرىنىڭ نىسپىي مۇقىملىققا ئىگە بولۇشى تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا ۋە تىلىمىزنى باشقا مىللەتلەرگە ئوڭاي ئۆگىتىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرغىچە بېكىتىلگەن ئىملا قائىدىلىرىدە، ئىملايىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا فونېتىكىلىق پىرىنسىپ، جانلىق تىلدا قانداق بولسا شۇنداق يېزىش بىر قەدەر تەكىتلەندى، مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپ مەلۇم دەرىجىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئانچە تەكىتلەنمىدى، كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا قويۇلمىدى، يەنى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىشتە سۆز قۇرۇلمىسى ئاساس قىلىنماي، جانلىق تىل كۆپرەك تەكىتلەندى، يېزىق تىلىنىڭ جانلىق تىلغا نىسبەتەن يېتەكچى رول ئوينايدىغانلىقى سەل قارالدى.(13) ( قاراڭ: 《ھازىرقى ھامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى》 7-بەت) يۇقىرقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىملادا تا ھازىرغىچە مۇقىمسىزلىق ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇيەردىكى مەسىلە دەل بىزنىڭ ئىملا قائىدىسىنى بېكىتكەندە، فونېتىكىلىق پىرىنسىپ بىلەن مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپنى ئارىلاش قوللانغانلىقىمىزدا. مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن مەلۇم جەھەتلەردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي تىلى) ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىن خېلى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان، ھەتتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي تىلى) ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنىمۇ بەزى جەھەتلەردىن پۈتۈنلەي بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتتى. بەرھەق! ھەممەيلەن بۇ خىل ھادىسىنى تىل تەرەققىياتى دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشىنى مۆلچەرلەش تەس ئەمەس. چۈنكى، مۇشۇ دەۋردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى پەقەت يېزىق تىلىدىلا مەڭگۈ خاتىرلىنىپ كېيىنكىلەرگە مىراس بولۇپ قالىدۇ. ئېغىز تىلى بولسا، شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ يوقىلىشى بىلەن تەڭ يوقىلىدۇ. قەدىمكى ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي تىلى) دەۋرىدىكى ئەسەرلەرنى شۇنداقلا مۇشۇ تەزكىرىنى ئوقۇساق شۇنچە يېقىملىق ئاڭلىنىدىغۇ؟! سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشقاندىمۇ تاۋۇش ئۆزگىرىشنىڭ كۆپ بولمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇ ئەمگەكلىرىدىن سۆيۈنۈپ، بىزمۇ نېمىشقا مۇشۇنداق يازمايمىز دېيىشىپ كېتىمىزغۇ؟! شۇڭا، بىز بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋردە، تىلىمىزنى ئۆلچەملىك خاتىرىلەيمىز دەيدىكەنمىز ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئەستايىدىل مۇھاكىمە يۈرگۈزىشىمىز لازىم. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملاسىنى زامانىۋى ئۇچۇر دەۋرىگە تېخىمۇ ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ تەزكىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ۋە يېزىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، چۇقۇم مۇكەممەل بولغان ئىملا قائىدىسىنى بېكىتسەكمىكىن دەيمەن. كونكرېت تەكلىپىم تۆۋەندىكىچە : بىرىنچى، ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈشنىڭ پىرىنسىپى جەھەتتىن، فونېتىكىلىق پىرىنسىپنى چىقىرىپ تاشلاپ، مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپنى قوللانساق. يەنى سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشقاندا ( بانكاسى ، بالاسى ، داداسى، بالالار، ئۆگەنىش، مەكتەپىم، پارتىيەسى، پارتىيەگە، پارتىيەنىڭ)دەپ ئۆزگەرتمەي يېزىپ ، ئېغىزدا ( بانكىسى، بالىسى، دادىسى، بالىلار، ئۆگىنىش، مەكتىپىم...) دەپ ئوقۇساق. بۇرۇنقىدەك سوزۇق تاۋۇشلارغا ئايرىم، ئۈزۈك تاۋۇغلارغا ئايرىم قائىدە بېكىتمەي، بىرلا خىل قائىدە بېكىتسەك، ئېغىز تىلىغا فونېتىكىلىق پىرىنسىپنى بېكىتسەكمۇ، لېكىن يېزىق تىلىغا چوقۇم مورفولوگىيىلىك پىرىنسىپنىلا قوللانساق . باشقا مىللەتلەرنىڭ تىللىرىدىمۇ يېزىقتا چۇقۇم قائىدە بويىچە يېزىپ، ئېغىزدا ئوقۇغاندا ئۆزگەرتىپ ئوقۇيدىغان ئەھۋال بارغۇ! ئالايلۇق ئېنگلىز تىلىدا (چاشقان) mouse ، motion (ھەرىكەت) دېگەندەك سۆزلەرنى ئوقۇغاندا (mauθ)، (mæuʃin) دەپ ئوقۇيدۇ، ھەرگىزمۇ ( موئۇسې )، (موتىئون) دەپ ئوقۇمايدىغۇ! بۇغۇ باشقا تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىكى ئەھۋال، بىزگە ئوخشاش تىل سىستېمىسىدىكى ئۆزبېك تىلىنى ئالساق، ئۇنىڭدىمۇ (باشىڭ ، قاشىڭ ،مەنگە، سەنگە...) دەپ ئىپادىلەيدىكەنغۇ ؟ ! ئىككىنچى، ئېغىز تىلى بىلەن يېزىق تىلىنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتىن، ئېغىز تىلىدا نېمە دەپ ئوقۇشتىن قەتئىينەزەر، سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنى ئۇلاپ يازغاندا، سۆز تۈپىنى ئۆزگەرتمەي چۇقۇم ئەينەن يازساق. ئەگەر سۆز تۈپى ئۆزگەرگەندە تۆۋەندىكىلەرنىڭ قايسى مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلگىلىمۇ بولمايدۇ. مەسىلەن: بار+ىپ - بارىپ (بېرىپ)؛ بەر+ىپ- بەرىپ (بېرىپ)؛ يار+ىم- يارىم (يېرىم)؛ يەر+ىم- يەرىم (يېرىم)؛ بۇ سۆزلەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا تاۋۇش ئۆزگەرگەندىن كېيىن تامامەن ئوخشاش شەكىلدە يېزىلىدۇ. ئايرىم تۇرغاندا قايسى مەنەنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز سۆزلەرنى يازغاندا ئەينەن يېزىپ، ئوقۇغاندا قانداق ئوقۇغۇمىز كەلسە شۇنداق ئوقۇساق. چۈنكى، پۈتۈن خەلقنى مۇشۇنداق سۆزلەيسە دەپ زورلىغىلى بولمايدۇ. ھەم شۇنداق سۆزلەشكە كېلىشىۋالغىلىمۇ بولمايدۇ. يېزىقتا ئالدىن كېلىشىۋالغىلى ھەم بىرلىككە كەلگەن قائىدىلەرنى بېكىتىۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق، ئۆز تىلىمىزدىمۇ ئېغىز تىلىدا (قۇلام، كۈزەم، پۇتام، ئۈزەڭ...) دەيمىز-يۇ، يېزىقتا يەنىلا (قولۇم، كۆزۈم، پۇتۇم، ئۆزۈڭ) دەپ ئىملا قائىدىسى بويىچە يازىمىزغۇ؟ مېنىڭچە، بۇنىڭدىمۇ بىردەم يېزىق تىلىنى، بىردەم ئېغىز تىلىنى ئاساس قىلىۋالماي، يېزىقتا چوقۇم يېزىق تىلىنىڭ قائىدىسى بويىچە يازساق. ھازىرقى لوپنۇر قوشاقلىرىدىمۇ ئۆزگەرمەي ئەينەن دەيدىكەنغۇ. مەسىلەن: ئاتنى قاتىپ بارادىمەن ئورماغا، سەھەردە گۈل ئاچىلغاننى كۆردۈڭمۇ بوغۇز سالىپ كەلتۈرەرمەن تورۋاغا. تورغاي خانىم، مەندىن كۆڭۈل بۆلدۈڭمۇ؟ مۇسا ئاكا، ماڭا تولا گەپ قىلما، مەندىن كۆڭۈل بۆلگەنىڭگە ئاغرىنمايمەن، ئاتىم چۈشمەس سەن تاشلاغان سالماغا. ئۆز خىلىڭنى تاپىۋالىپ سۆيدۈڭمۇ؟ بانا قىلىپ بارادىمەن ئارىگە، قىزىلگۈلۈم باھار بولۇپ مەلەڭىز، گەپىڭ بولسا ئايتىپ قويغىن قارىگە. خۇدايىمغا يېتەرمىكىن نالەمىز. ئوتۇڭدا مەن غېرىپ بولۇپ يۈرۈيمەن ئايدا-ئايدا كېلىپ قوياي دېمەيسىز، رەھمىڭ كەلىپ چىقارسەنمۇ سايىگە. بىرەر قېتىم چۈشەرمىكىن سايەڭىز. ئۈچىنچى، ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت دەرسلىك كىتاب ۋە لۇغەتلەرنى تۈزگەندە، سۆزلەرنىڭ يېنىغا خەلقئارالىق تاۋۇش خاتىرىلەش بەلگىسى ۋە ياكى باشقا بەلگىلەر بىلەن ئوقۇلۇشىنى يېزىپ قويساق. تۆتىنچى، پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىشلىتىدىغان ئىملا قائىدىسىنى تۈزگەندە، تۆت-بەش كىشىلا بىر يەرگە كىرىۋېلىپ، ئۆز ئالدىغا قائىدە بېكىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن زورمۇ-زور تاڭماي، ئالىي مەكتەپلەر ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن مەخسۇس مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پىكىر ئېلىپ ھەم لۇغەت تۈزۈشكە بىۋاستە قاتناشتۇرۇپ، مۇكەممەل بولغان ئىملا قائىدىسىنى تۈزۈپ چىقساق. ئۇنداقتا بىز بۇرۇن نېمە ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئىملا ئۆزگەرتتۇق؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىلگىرى مەتبۇئات-نەشرىيات ساھەسىدە ھەر كىم ئۆز تىل ئادىتى بويىچە ياكى ئۆزىنىڭ دىيالېكىت ئادىتى بويىچە ئىش قىلىدىغان خاھىش بولغانلىقىدا. مەن بۇ تەزكىرىنىڭ يېزىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، نېمە ئۈچۈن بۇ بېكىتىلگەن ئىملا قائىدىلىرىنى يەنە ئۆزگەرتسەك دەيمەن؟ بۇرۇنقى قائىدىنى يەنە ئۆزگەرتىمىز دېسەك، تىلنىڭ تەرەققىياتىنى ئارقىغا ياندۇرغانلىق بولامدۇ؟ مېنىڭچە ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. تېخىمۇ ئىزىغا چۈشكەن بولىدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، تىل-يېزىق ئالاقە ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئاپتوماتلىشىپ ماشىنا ئارقىلىق بولۇۋاتقان مۇشۇنداق شارائىتتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش، ماشىنا ئارقىلىق تەرجىمە ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، شۇنداقلا باشقا مىللەتلەرگە تىلىمىزنى ئۆگىتىشتە بولسۇن ۋە ياكى ئۆز تىلىمىزنى ئىملالىق يېزىشتا بولسۇن، ھازىرقى ئىملانى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسەك، ئىشلار تېخىمۇ ئاسانلاشقان بولاتتى. شۇڭا، مەن مۇشۇ تەزكىرىنىڭ تىلىنى ۋە يېزىقىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تىلىمىزنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىش مەسىلىسىنى ئالاقىدار ھەر بىر كىشى چۇقۇم ئوبدان ئىزدىنىپ، تەتقىق قىلىپ باقسىكەن دەپ قارايمەن . ئەگەر بىز سەگەكلىك بىلەن ئويلىنىپ باقىدىغان بولساق، 《ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى》 ۋە 《ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى》 دەپ ئايرىم-ئايرىم لۇغەتلەرنى تۈزۈشنىڭ نېمە ھاجىتى بولسۇن؟ مېنىڭچە، بۇ تىلىمىزنىڭ ئىملا قائىدىسىنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر مەسىلە . (15) پايدىلانغان ماتېرىياللار: ① ئابلىز ئۇرخۇن، سۇگاۋارا جۇن؛ « شىنجاڭ ۋە پەرغانىدىن تېپىلغان مازار ھۆججەتلىرى2 ، 52-بەت»، توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا تىل-مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنىستىتوتى، 2007- يىل، ئۇيغۇرچە ② يۇقىرقى كىتاب، 48-بەت. ③ يۇقىرقى كىتاب، 51-بەت. ④«سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» 15-، 16-، 22 -بەتلەر، ئۇيغۇرچە، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ⑤ «تارىخى ھەمىدى»، 114-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2008-يىل) ⑥ رائىلە داۋۇت «ئۇيغۇر مازارلىرى» 80-81-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىل ⑦ ھاجى نۇر ھاجى، چىن گوگۇاڭ: « شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» 51-بەت، 1995-يىل ⑧ « ئىسلام مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەر» 166-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى1999-يىل ⑨ ھۆرمەتجان ئابدۇرەھمان فىكرەت، «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» 319-بەت، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى،2001-يىل ⑩ئابلىز ئۇرخۇن، سۇگاۋارا جۇن؛ « شىنجاڭ ۋە پەرغانىدىن تېپىلغان مازار ھۆججەتلىرى2 »، 58-بەت، توكيو چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا-ئافرىقا تىل-مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىنىستىتوتى، 2007- يىل، ئۇيغۇرچە ⑾ ئىمىن تۇرسۇن ، 《نەۋائى ھەققىدە》، 213-بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى. (12) 《ھازىرقى ھامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى》 3-،5-،7-بەت، 1985-يىلى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە. (13) 《ھازىرقى ھامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى》 7-بەت)، 1985-يىلى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە. (14) ئەسەردىكى بارلىق چاغاتايچە سۆزلەرنىڭ يېشىمى مۇھەممەد تۇرسۇن باھاۋۇدۇن قاتارلىقلار بىرلىكتە تۈزگەن 《چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى》دىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلدى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 4-ئاي.ئۇيغۇرچە. (15) ئەھەد مۇھەممىدۇللا 《ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنىشى ھەققىدە》 تىل ۋە تەرجىمە، 1 .2010، ئۇيغۇرچە. بۇ ماقالە «شىنجاڭ پىداگوگخكا ئىلمىي ژۇرنىلى» 3013-يىل 3-ساندا ئېلان قىلىنغان
|
|