مەدەنىيەتنىڭ ئورنى ۋە رولى ھەققىدە
ئەھەد مۇھەممىدۇللا
(ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتىپى مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمى) پارتىيەنىڭ 17-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى، بۈگۈنكى دەۋردە مەدەنىيەتنىڭ ئورنى ۋە رولى تېخىمۇ مۇھىم ۋە گەۋدىلىك بولماقتا. شۇڭا، "قارار" دا مەدەنىيەتنىڭ بارغانسېرى مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئىجاد قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم مەنبەگە، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى مۇھىم ئامىلغا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەككە، مەنىۋىي مەدەنىيەتنى بارغانسېرى بېيىتىشنىڭ ئېلىمىز خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت يەكۈن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ پارتىيەمىزنىڭ مەدەنىيەتنىڭ ئورنى ۋە رولىغا بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى بىر يۈكسەكلىككە كۆتىرىلگەنلىكىنى نامايان قىلدى. 1. مەدەنىيەت بارغانسېرى مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئىجاد قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم مەنبەگە ئايلانماقتا. مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ مەنىۋىي بايلىقى شۇنداقلا مىللەتنىڭ روھىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھالقا. بىر مىللەتنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى دەل شۇ مىللەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەتكە ئىگە بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ كۈچى ھەر قانداق بىر مىللەت ئەزاسىنىڭ ئىدىيە، ئاڭ، خاراكتېر، ئىچكى ھېسسىيات ۋە ھەرىكەتلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. تۇرمۇشنىڭ قانداق بولۇشى ئىدىيەمىزنىڭ قانداق بولۇشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنى ھەر قانداق بىر مىللەت ۋە رايۇننىڭ تەرەققىياتى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ ئىدىيەۋى كۆز قارىشى، مەدەنىيەت ساپاسى، مەنىۋىي دۇنياسى قاتارلىق جەھەتلەردىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىدىيە ۋە كۆز قاراشلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا چېچىلىپ كەتمەي، چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغاندىمۇ قەتئىي تېز پۈكمەي، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلىشىمۇ دەل جۇڭخۇا مەدەنىيتىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقىدا. مەدەنىيەت مىللەتنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. ئىجاد قىلىش ھەرگىزمۇ ئاساسسىز بولمايدۇ، بەلكى كۈچلۈك مەدەنىيەت ئاساسىغا مۇھتاج بولىدۇ. چۇڭقۇر مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرى ئىجادىيەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۈزلۈكسىز مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئىجادىيەت تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كېلىدۇ. مەدەنىيەت ئىجادىيەتنى مۇنبەت تۇپراق ۋە مۇھىت، جاسارەت ۋە روھ، ھاياتىي كۈچ ۋە ئۇزۇق بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. 2. مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلانماقتا. ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق قاتتىق ئەمەلىي كۈچلەرنى شۇنداقلا يەنە مەدەنىيەتكە ئوخشاش يۇمشاق ئەمەلىي كۈچلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتىدە بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە. ئەگەر بىز ھازىرقى زاماندىمۇ مەدەنىيەتنى يەنىلا ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش، شېئىر –قوشاق توقۇپ رەسىم سىزىش دەپ قارايدىغان بولساق، مەدەنىيەتنى تولىمۇ ئاددىي، تار دائىرىدىن چۈشىنىپ قالغان بولىمىز. ئۇچۇر ۋە تور تېخنېكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تولىمۇ تېز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى تەشكىل قىلىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ئامىلغا ئايلانماقتا. مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى مەدەنىيەتنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتمەكتە. 3. مەدەنىيەت بارغانسېرى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكىگە ئايلانماقتا. بۈگۈنكى دەۋردە ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى بارغانسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. مەدەنىيەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى بولۇپ، دۆلەت ۋە رايۇن ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانماقتا. ھازىر ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ھەرگىزمۇ يۇقىرى سېلىنما، ئېنېرگىيە خۇرىتىش بەدىلىگە ئىلگىرى سۈرۈلمەستىن، بەلكى بىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشماقتا. بولۇپمۇ مەدەنىيەت كەسپلىرى بارغانسېرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تۈۋرۈكلۈك كەسپكە ئايلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشماقتا. ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، كەسپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ولىنى جارى قىلدۇرماقتا. مەدەنىيەت يەنە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەك، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ بېكىتىلىشى چۇقۇم يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ۋە مۇناسىپ مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ. جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا، مەدەنىيەت ئۆز ئىچىگە ئالغان روھ، ئۇقۇم، قىممەت قاراش قاتارلىقلار ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا مەدەنىيەت بولسا مۇھىم مەزمۇن ۋە شەرت ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىيەت ئارقىلىق جانلىنىدۇ، مەدەنىيەت ئارقىلىق رەڭگارەڭ، مول مەزمۇنلۇق بولىدۇ ھەم ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. 4. مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش بارغانسېرى ئېلىمىز خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئايلانماقتا. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دېگەنلىك تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، شۇنداقلا يەنە خەلق ئاممىسىنى ساغلام، مول بولغان مەدەنىيەتتىن بەھر ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىمۇ كۈندىن-كۈنگە جانلانماقتا، بىلىمگە، كۆڭۈل ئېچىشقا، گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشى بارغانسېرى كۈچۈيمەكتە. خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىپ، مەنىۋىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ۋە سەر خىل مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرلىنىشنى كۈچلۈك ئۈمۈت قىلماقتا. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېلىمىز خەلقىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئاللىقاچان ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمەتلىرى تازا يېتەرلىك بولماي، خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپىدىن خېلىلا يىراق بولماقتا. بۇ بىزدىن تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ ئورنى ۋە رولىنى توغرا چۈشەنگەن ئاساستا، سۈپەتلىك، ساغلام، مول مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىشىمىزنى، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزلۈكسىز قاندۇرۇشقا داۋاملىق تىرىشىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
|