مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە
ئەھەد مۇھەممىدۇللا
ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتىپى مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا كۆز قاراشتا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق بۆسۈپ ئۆتۈش بىلەن ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى، مەدەنىيەت كەسپى تېز راۋاجلىنىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشى تېخىمۇ گۈللەندى، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى تېخىمۇ بېيىدى. مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئۆزلۈكسىز ئازاد قىلىنىپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچى ئاشتى. مەدەنىيەت ئىشلىرى بىلەن مەدەنىيەت كەسىپلىرى ماس تەرەققىي قىلىپ ئومۇميۈزلۈك گۈللەندى. پارتىيە 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مەدەنىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات يۆنۈلۈشى ۋە تەرەققىيات نىشانى ئىلمىي ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تەدبىر بەلگىلەندى ۋە يېڭى نىشان، تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپى. پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن يېڭى نىشان، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تۈزۈلمە مۇھىتىغا، مەدەنىيەت بىلەن ئىستېمال بازارلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا يەنە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى سەپلەش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە سۈرئىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەنىۋىي مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى، ئىشلەپچىقىرىلىشى، تارقىتىلىشى ۋە ئىستېمال بوشلۇقىنى ئېچىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە كەسپىي ئورۇنلار قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى قانداق بىرلەشتۈرۈش، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قانداق قىلىش، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئۇزۇندىن ھەل بولماي كېلىۋاتقان چوڭقۇر زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش، نۆۋەتتە بىزنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىزغا ۋە ھەل قىلىشىمىزغا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. شۇڭا، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپى. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى مۇقەررەر ھالدا مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يەر شارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېلىمىزدە ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىز ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، ئېلىمىز مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلارنى ياراتتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئېلىمىز مەدەنىيىتىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق رىقابەتكە دۇچ كەلدى. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىش يېڭى ۋەزىيىتىگە تامامەن ماس كەلمەيدۇ. دۆلەت ئىلكىدىكى تىجارەتلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت بازارلىرى رىقابىتىگە قاتنىشىش ئىقتىدارى تېخى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس. مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز گەرچە مول بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە خەلقئارالىق رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ھازىرلاپ بولالمىدى. ئەگەر بىز تەرەققىياتنى تېزلەتمەي، ئۆزىمىزگە خاس مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىمىزنى شەكىللەندۈرمىسەك، كەسكىن خەلقئارالىق مەدەنىيەت رىقابىتىدە ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايمىز. مانا بۇلار بىزنىڭ تېزدىن مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنى يېڭىلاپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا مەدەنىيەت رىقابىتىدە ئاكتىپلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۈچىنچى، زامانىۋىي تارىتىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جىددىي تەلىپى. سىفىر تېخنىكىسى ۋە ئېنتېرنېت تورى تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشى، كىشىلەرنىڭ بىلىم ئېلىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، مەدەنىيەتتىن بەھر ئېلىش يولى ۋە ئۇسۇلىنى تامامەن ئۆزگەرتىۋەتتى. ھەمدە مەدەنىيەتنىڭ ئىجاد قىلىش ۋە تارقىتىش كۈچىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مەدەنىيەت ھالەتلىرى ۋە يېڭىچە ئىپادىلەش شەكلىنى كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. شۇنداقلا يېڭىچە مەدەنىيەت بازىلىرىنى ئىگىلەش، زامانىۋىي تارقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، دۆلەتنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قارىتا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، ئۇچۇرلىشىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنىڭ تاراتقۇلاردا تارىتىلىش يۇقىرى دولقۇنىنى ساقلاپ قېلىش- قالالماسلىق، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ كەڭ تارقىلىش- تارقىلالماسلىقىغا، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىش- كىرەلمەسلىكىگە، ئېلىمىز مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش- كۆرسىتەلمەسلىكىگە، ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش-يارىتالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بىرى. بۇ بىزدىن مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىي تارىتىش تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىنى ئوبيېكىت، بازارنى يېتەكچى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئۆگىنىش، تەتقىقات ئۆز ئارا بىرىككەن مەدەنىيەت تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىلغار تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشىمىزنى، ئېلىمىز مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، بىز تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل پاراسىتىمىز بىلەن، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۇرسەتلىرىنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماي، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بازىرى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا، ئىجادىيەت قىلىشقا پايدىلىق بولغان مەدەنىيەت تەرەققىياتى مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز لازىم.
|