تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 23|ئىنكاس: 1

سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

54

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
22
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرەيلى


ئەھەد مۇھەممىدۇللا


ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتىپى مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمى

      پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا:  " مەدەنىيەت − مىللەتنىڭ جان تومۇرى، خەلقنىڭ مەنىۋى ماكانى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت  قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ زور راۋاجلىنىشى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغاپ، دۆلەتنىڭ يۇمشاق مەدەنىيەت  كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ كەيپىياتنى يېتەكلەش، خەلقنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش، مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن كۈچى بىلەن رىقابەت كۈچىنى  ئاشۇرۇش كېرەك" دەپ كۆرسەتتى.
    بىرىنچى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك
    سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا كۈچلۈك ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلدى. پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك سوتسىيالىستىك دۆلەت بەرپا قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدىن چىقىش قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتا يېڭى ھەم تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك سوتسىيالىستىك دۆلەت بەرپا قىلىشتا، بىز چوقۇم سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلىشىمىز لازىم.
     1. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىدىغان ئورتاق ئىدىيەۋىي ئەخلاق ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. ئورتاق ئىدىيەۋى ئەخلاق ئاساسى بىر سىياسى پارتىيە، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈپ ئالدىنقى شەرت. نۆۋەتتە ئېلىمىز دەل ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش، ئىقتىسادىي ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر خىل ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىملىرى پەيدا بولۇپ، بىرلەمچى يېتەكچى ئىدىيە بىلەن كۆپ خىل ئىجتىمائىي ئاڭ فورماتسىيە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئەنئەنىۋىي ئىدىيە قاراشلىرى بىلەن زامانىۋىي ئىدىيە كۆز قاراشلىرى ئۆز ئارا گىرەلەشىش، يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن چەتئەل مەدەنىيىتى ئۆز ئارا ئۇچرىشىش ھادىسىسى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىملىرى مۇرەككەپلەشكەنسېىرى ئاساسىي مېلودىيەگە بولغان ئېھتىياج ۋە بىرلەمچى ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپ خىل ئاڭ فورماتسىيەنى يېتەكلەشكە بولغان ئېھتىياج تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شۇڭا، ئاڭ فورماتسىيە ساھەسىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە باشلامچىلىق ھوقۇقىنى چوقۇم پۇختا ئىگىلەش لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى سوتسىيالىستىك ئاڭ فورماتسىيەنىڭ ماھىيەتلىك ئىپادىسى بولۇپ، ئۇ پارتىيە تەشەببۇس قىلغان ئاساسىي نەزەرىيە، ئىدىيە كۆز قاراش ۋە قىممەت يۆنىلىشىنى سىستېمىلىق ھالدا يەكۈنلەپ، ئورتاق ئىدىيەۋى-ئەخلاق ئاساسىدىكى تۈپ مەزمۇن ۋە تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ھەر خىل خاتا پىكىر ئېقىملىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ياخشى بولغان ئىدىيە-ئەخلاقنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
      2. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى جىددىي ئېھتىياج. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيەمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى تېپىپ چىقىپ،  جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېڭىچە قىياپەتتە قەد كۆتىرىپ چىقىشىنى بارلىققا كەلتۈردى.  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان داغدام يول. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئىقتىساد، سىياسىي، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، سوتسىيالىزىمنىڭ مەنىۋىيەت ۋە قىممەت قاتلىمىدىكى ماھىيەتلىك بەلگىلىمىلىكى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشىمىز لازىم. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى دۆلەتنى گۈللەندۈۈشتىكى روھ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈپ تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگىچە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، بارلىق سوتسىيالىستىك قىممەت نىشانىدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، چوقۇم كىشىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئېتىقادىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقل پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاپ ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، كۈچنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قارىتىپ، دەۋر ئاتا قىلغان شەرەپلىك ئەمما مۇشەققەتلىك ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.
      3. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى. دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ئاساسىي جەھەتتىن مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇيۇشۇش كۈچى كىشىلەرنىڭ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى ئېتراپ قىلىشى ۋە ئىنتىلىشىدن كېلىدۇ. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئېلىمىز مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى. شۇڭا، بىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى غايەت زور بىرلەشمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈشىمىز، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى مىللەت، قانداشلىق، تىل، رايۇن، تەبىقە، كەسىپ، ساھە، مەنپەئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلەردىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان ھەقىقىي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز لازىم. مەدەنىيەت تەسىر كۈچىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بىر دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم بەلگە. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى بىلەن ئېلىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلىك ئورنى ۋە دۇنيانىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشكە بولغان ئارزۇسى تازا ماسلىشالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، غەرب ئىدىيەسى ۋە  مەدەنىيىتىنىڭ ئېلىمىزگە سىڭىپ كىرىشى ۋە تەسىرىمۇ بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىنىڭ پايدىلىق قىممىتىنى تولۇق قېزىپ ۋە جارى قىلدۇرۇشقا، باشقىلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مىللىيلىقى، دەۋرىلىكى، ئىلغارلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا، شۇنداقلا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگوچە ئۇسلۇبنى يارىتىشقا پايدىلىق.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، غەربنىڭ چىرىك مەدەنىيىتى ۋە ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەپ، دۆلەت مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىمۇ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشكىمۇ پايدىلىق. شۇڭا، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى.
    ئىككىنچى، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك
    ئەخلاق ئادەمنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈشنى، ئادەمنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي ھالدا ئالغا ئىلگىرلەش-ئىلگىرلىيەلمەسلىكى، بىر دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تېنچ-ئامان بولۇش-بولالماسلىقى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇقرالارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ھەققىدە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىنى تەكىتلىدى. شۇڭا بىز ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم.
    ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەر قايسى رايونلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشى تەشۋىقات تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ئاممىۋى خاراكتېرىدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ۋە پىدائىي مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش-مۇكاپاتلاش، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇردى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى سىياسى تەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىدىيە-ئەخلاق ئاساسىي ئېقىمىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن، ۋەتەننى سۆيىدىغان، كەسىپچان، سەمىمىي، دوستانە بولۇشتەك ئەخلاق مىزانى كىشى قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان ياخشى كەيپىيات خەلق ئاممىسى ئارىسىدا كېڭىيىشكە باشلىدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىلمىي تەرققىي قىلىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىدىن شەكىللەنگەن جانلىق ئىنكاستۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ تارىخى خاراكتېرلىك تېز ئالغا ئىلگىرىلىشىنى پۇقرالارنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بۇنداق نەتىجىلەرنى كۆرىشىمىز بىلەن بىرگە يەنە ساقلانغان مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەك، نۆۋەتتە، جەمئىيەت ئەخلاقى ساھەسىدە يەنە ئاز بولمىغان ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم ساھەلەردە ئەخلاق قېلىپىدىن چىقىش، بىر-بىرىگە ئىشەنچ بولماسلىق؛ غايە، ئېتىقادنى يوقىتىش، ھەق-ناھەق، ياخشى-يامان، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنىڭ چېگرىسىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش؛ پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك قىلمىشى ھەددىدىن ئېشىپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش؛ ساختىپەزلىك قىلىش، مەنپەئەتنى كۆرۈپ ئۆز غورۇرىنى يوقىتىش، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتەك ناچار ھادىسىلەر پات-پاتلا يۈز بەرمەكتە. بۇ مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزماقتا. شۇڭا بىز نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزىدىغان بۇنداق ناچار قىلمىشلارنى چوقۇم ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم.
    پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە، بىز چوقۇم بىرىنچىدىن،  ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق ئاممىسىغا گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن، ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەم مەركىزى ھالقىسى قىلىپ، قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەخلاقى، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە ئەخلاقى ۋە شەخسىي ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئىدىيەۋى سىياسى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ ياخشى كەيپىياتنى ئۆزلۈكسىز يېتىلدۈرىشىمىز، ئەخلاق ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا، سودا-سېتىقتا، كىشىلىك تۇرمۇشتا سەمىمىي بولۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئەخلاق تەربىيەسى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە كاپالىتىنى ساغلاملاشتۇرۇشىمىز، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە كەسپىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەخلاق تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمز لازىم.
    ئۈچىنچى، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش كېرەك
    پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق ئاممىسىنى ساغلام، مول بولغان مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرلەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ كۆرسەتتى.شۇڭا، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشتا، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشنىڭ تۈپ مەزمۇنى قىلىشىمىز لازىم. مەدەنىيەت تەرەققىياتى خەلققە تايىنىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ خەلق ئۈچۈن بولىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مېۋىلىرىدىن يەنىلا خەلق ئاممىسى بەھرىمەن بولىدۇ. شۇڭا خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسى مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈشىمىز لازىم.
    سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيىتى، خەلق ئاممىسى ئورتاق يارىتىپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان مەدەنىيەت. پارتىيەنىڭ جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك تۈپ نىشانىدا چىڭ تۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش باسقۇچىغا كىردى. خەلقنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئارزۇسىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. شۇڭا، بىز تېخىمۇ زور كۈچ ۋە تەدبىرلىرىمىز ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز، خەلق ئاممىسىنى تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بەختكە ئېرىشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك.
    1. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان يېتەكلەشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش لازىم. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تارىخ ئالدىدا، دەۋر ئالدىدا ۋە خەلق ئالدىدا يۈزى يورۇق بولىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شۇنداقلا، خەلقنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى تۈپ خىزمەت. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش نىشانىنى ۋە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىمۇ قوغلىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ھەقىقى گۈزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ساختا، ناچار خاھىشلارغا قارشى تۇرۇپ، خەلق ياخشى كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.
    2. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش مەدەنىيەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەت. ئاساسى قاتلامغا يۈزلىنىشتە ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،  شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنما سالمىقىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشىمىز، رادىيو-تېلېۋىزىيەنىڭ كەنتلەرنى قاپلىشىنى، مەھەللە ۋە يېزا-بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، يېزىلاردا كىنو قويۇپ بېرىش، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز، ئاممىۋىي مەدەنىيەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ، شەھەرلەر، يېزىلار ۋە رايونلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى تىرىىشپ ھەل قىلىشىمىز، تۈرلۈك مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى شەھەرلەر، يېزىلار، ئاساسى قاتلارغا كېڭەيتىشىمىز لازىم.
    3. ساغلام بولغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم. ساغلام بولغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش فڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تورنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، تورنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتېرنېت قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارقىتىش ۋاسىتەلىرىنى سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېڭى بازىسىغا، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى سەھنىسىگە، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتىنى بېيىتىشىدىكى يېڭى بوشلۇقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.
    4. ئاممىۋىي خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش لازىم. ئاممىۋىي خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم توشۇغۇچىسى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام ئاممىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئامما قاتنىشىشنى خالايدىغان، قاتنىشىشقا قولايلىق بولغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى  كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئامما قۇرغان تۈرلۈك ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنى قوللاپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۆزىنى نامايان قىلىشى، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلىشى ۋە ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
    تۆتىنچى، مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئەمەلىي كۈچى بىلەن رىقابەت كۈچىنى  ئاشۇرۇش كېرەك
    مەدەنىيەت ئەمەلىي كۈچى بىلەن رىقابەت كۈچى − دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى مۇھىم بەلگە، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تىرەك. پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئەمەلىي كۈچى بىلەن رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ۋە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، بىز بۇ ئاساسىي تېمىنى ئىلمىي ھالدا ئىگىلەپ، تەرەققىي قىلىش ئېڭىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلىشتىكى پىكىر يولىمىزنى كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئەمەلىي كۈچى بىلەن رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز لازىم.
     1. مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئەتراپلىق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: " ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئەتراپلىق گۈللىنىشى، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇڭا، جامائەت پاراۋانلىقى، تەكشى بولۇش، قولايلىق بولۇش پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، جامائەت مالىيەسىنى تايانچ، جامائەت پاراۋانلىقىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرى ئورۇنلىرىنى يۆلەك، خەلق ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئوبيېكىت قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، جامائەت پاراۋانلىقىدىكى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز لازىم. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر، ئاخباراتچىلىق، نەشرىياتچىلىق، رادىيو، كىنو-تېلېۋىزىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرپ، چوڭ-چوڭ جامائەت مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت تۈرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئاخبارات-نەشرىيات ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا يۆلەش، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان مەدەنىيەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئەل ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەر سەنئەتلەرنى قوغداش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىمىز لازىم.
     2. مەدەنىيەت كەسپلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. مەەدنىيەت كەسىپلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەۋزەلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت كەسپى بازىلىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ،  مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  يېڭىچە مەدەنىيەت كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، تۈجۈپىلىشىش، مەخسۇسلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.  مەدەنىيەت بازارلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، سودا شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋىي مەدەنىيەت ئىستېمال بازارلىرىنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت كەسپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىچكى ھاياتىي كۈچ بىلەن تەمىنلىشىمىز؛ زامانىۋىي كارخانا تۈزۈمى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تىجارەتلىك مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت كەسپلىرىنى خەلق ئىگىلىكىدىكى تۈرۈكلۈك كەسپكە ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.
    3. مەدەنىيەت تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، كىمنىڭ تارقىتىش ۋاسىتەسى ئىلغار، تارقىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولسا، شۇنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت قارىشى كەڭ تارقىلىپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تارقىتىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تارقىتىش ۋاسىتەلىرىنى بېيىتىپ، تېخنىكىسى ئىلغار، تارىتىشى تېز، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان زامانىۋىي تارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز لازىم. پارتىيە گېزىتى ۋە ژۇرنالىرى، ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رادىيو-تېلېۋېزىيە ئىستانسىلىرى ۋە مۇھىم نەشرىياتلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بۇلارنىڭ مەدەنىيەت تارىتىش رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تەسىر كۈچىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز لازىم.
    4.  مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشتا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشىمىز لازىم. كۆپ خىل شەكىل ۋە كۆپ قاتلام بويىچە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، سىرتقا بولغان تەشۋىقات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەدەنىيەتنى پائال سىرتقا يۈزلەندۈرۈپ، خەلقئارالىق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان مەدەنىيەت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، خەلقئارا مەدەنىيەت بازارلىرىنى ئېچىپ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم. ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى پائال قوبۇل قىلىش ۋە ئەينەك قىلىش بىلەن بىرگە، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولغان بارلىق پايدىلىق تەجرىبىلەردىن ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشىمىز؛ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بارلىق يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراشلاردىن پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى قىياپىتى ۋە  يېڭى ئوبرازىنى يارىتىشىمىز لازىم.
     5. مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ بولۇش –بولماسلىقىغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئىختىساسلىقلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشىمىز، يۇقىرى ساپالىق مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىغا،  ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق ئوبدان مۇھىتنى يارىتىپ، بىر تۈركۈم داڭلىق مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز، مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى تەقدىرلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت خادىملىرىنىڭ يېتىلىپ چىقىشىغا مەدەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
پايدىلانمىلار:
1. پارتىيە 18- قۇرۇلتاي دوكلاتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-26 18:25, Processed in 0.108668 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش