رەھبىرى كادىرلار ئارىسىدا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا
ئەھەد مۇھەممىدۇللا پەلسەپەدە ئۆگىنىش ئىستىلى بىلىش نەزەرىيەسى مەسلىسى دەپ قارىلىدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر سىياسىي پارتىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسى ئىدىيەۋى لۇشيەن مەسىلىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدىكى ئاڭلىقلىق دەرىجىسىنى، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى، پارتىيەنىڭ روھى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭ: < ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسى ئورگاننىڭ، بارلىق كادىرلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيە، ئۇسۇللىرىغا رەھبەرلىك قىلىش مەسىلىسى، ماركىسىزىم-لېنىنىزىمغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتىكى پوزىتسىيە مەسىلىسى شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت بولغان پوزىتسىيە مەسىلىسى > دەپ كۆرسەتكەنىدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ ئۆگىنىش ئىستىلى مەسىلىسىنى ئىدىيەۋى ئۇسۇل، نەزەرىيەدىن پايدىلىنىش، خىزمەت پوزىتسىيەسى قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ تونۇشى بۈگۈنكى دەۋردىمۇ ناھايىتى مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە، پارتىيە ئىچىدە ئۆگىنىش ئىستىلى ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالى ئومۇمەن بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، كۆپ ساندىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىمۇ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتىدۇ. لېكىن بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار ۋە رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا ئۆگىنىش ئىستىلى توغرا بولماسلىق، ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئۇلاردا ئۆگىنىشكە بولغان تونۇش ۋە قىزغىنلىق يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، كىتاب ئوقۇمايدۇ، گېزىت كۆرمەيدۇ، تۈگىمەس "مېھماندارچىلىق" بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، ئۆزلىرى قول ئاستىدىكى كادىرلارغا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۈچەپ سۆزلەيدۇ-يۇ، ئۆزلىرى ئۆگەنمەيدۇ. ھەممە ئىشنى ئۆزى بىلىپ دەيدۇ-يۇ، ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ. يەنە بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلاردا ئۆگىنىش ئىستىلى توغرا بولماسلىق ئومۇميۈزلۈك ھادىسىگە ئايلانماقتا. يەنى ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتەلمەسلىك، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولماقتا. ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. ئەمما خىزمەت ئەمەلىيىتى داۋامىدا بەزى كادىرلارنىڭ دېگىنى بىلەن ئەمەلىيىتى ماسلاشمايدۇ، قىسقىسى ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىشلىتەلمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق ناچار ئۆگىنىش ئىستىللىرى كادىرلارنىڭ ئۆز بىلىمىنى ئۆستۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پارتىيەمىزنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاش پارتىيەمىزنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. شۇڭا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 2013-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بەردى. مەن نەق مەيداندا ئولتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ دوكلاتىنى ناھايىتى تولۇپ تاشقان ھاياجان ئىچىدە ئەستايىدىل ئاڭلىدىم ھەم ھېس قىلغانلىرىمنى تەپسىلىي خاتىرىلىدىم. مۇراسىمدا: « ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكىدەك ياخشى كۈنگە ئۇلاشتى، كەلگۈسى ئارزۇ-ئارمانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئۆگىنىشكە تايىنىشى كېرەك. بىزنىڭ بارلىق كادىرلىرىمىزنى ئالغا ئىلگىرىلىتىمىز، پارتىيەمىز، دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، ئۇنداقتا چوقۇم ئۆگىنىش ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئۆگىنىش، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىشتە، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا، پۈتۈن پارتىيەلىك يولداشلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي يولداشلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنىڭ تەخرسىزلىكىنى، توختىماي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ مېڭىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىشى لازىم » دەپ كۆرسەتتى. يىغىپ ئېيتقاندا، باش شۇجى قىسقا ھەم مېغىزلىق قىلىپ سۆزلىگەن بۇ سۆزىدە رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆمۈرۋايەت ئۆگىنىشى؛ رەھبىرى كادىرلاردا ماركىسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلى بولۇشى؛ پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن-نىزاملىرىنى ياخشى ئۆگىنىشى؛ ئەدەبىيات-سەنئەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى؛ ئۆگىنىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى؛ ماركىسىزىم نەزەرىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىشىدىن ئىبارەت بىر نەچچە جەھەتتىن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇڭا، مەن بىر پارتىيە مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھېس قىلغانلىرىمنى قەغەز يۈزىدە پۈتۈپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئازادلىقتىن ئىلگىرى پارتىيەلىك كادىرلىرىمىزنىڭ بىلىم ئېلىش شارائىتى بولمىغاچقا، ئىگىلىگەن ئىقتىدارىمۇ بىر قەدەر ئاز بولۇپ، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالماي بىر خىل ئەندىشىگە چۈشۈپ قالغانىدى. مېنىڭچە، بۈگۈنكى دەۋر كادىرلىرىمىزمۇ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىقتىدار يەتمەسلىكتەك كىرزىسقا دۇچ كەلمەكتە. ئىقتىدار ئۇ ئۆزلىكىدىن كېلىپ قالمايدۇ. ئۇ توختىماي ئۆگىنىش، ئەتراپلىق تەتقىق قىلىشتىن كېلىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە بىلىم ۋە تېخنىېكىنىڭ يېڭىلىشى سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولماقتا. يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان يېڭىلانغان بىلىم ۋە تېخنىكا بۇرۇنقى زامانلارغا قارىغاندا نەچچە يۈز ھەسسە ئېشىپ كەتتى. ئەگەر ھازىر ھەر قانداق بىر كىشى ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، توختىماي ئۆگەنمەيدىكەن، ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى يېڭىلىمايدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ھەرگىز ماسلىشالمايدۇ. شۇڭا، رەھبىرى كادىرلار ئۆمۈر بويى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. ياخشى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن كەڭ خەلق ئاممىسىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلغىلى، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ تۆھپە قوشقىلى شۇنداقلا جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا توختىماي ئۆگىنىپ ئىقتىدار ئۆستۈرۈپ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ مېڭىش لازىم. رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىقى، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى يالغۇز ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئىش بولۇپلا قالماستىن بەلكى، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ھازىر بىر قىسىم كادىرلىرىمىز ئارىسىدا ئۆگىنىشكە، داۋاملىق ئىقتىدار ئۆستۈرۈپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكتىن، خىزمەت داۋامىدا يۇلۇققان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىقتىدارى يەتمەسلىكتىن ئۆزىدە بىر خىل ئەندىشە پەيدا بولماقتا. بۇنى ھەل قىلىشتا يالغۇز كىتابقىلا تايىنىپ قالماستىن، بەلكى ئەمەلىيەتتىن، مەسەلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوبدان بىلىدىغان ئاممىدىن، مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن ئۆگىنىشى لازىم. مېنىڭچە، رەھبىرىي كادىرلار تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. بىرىنچى. ماركىسىزىم نەزەرىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. ماركىسىزىم نەزەرىيەسى رەھبىرى كادىرلارنىڭ دۇنيانى تونۇش، پارتىيەنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى توغرا ئىجرا قىلىش، ھەق –ناھەقنى ئېنىق ئايرىشىغا ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا، يولداش ماۋ زېدوڭ: « رەھبىرىي كادىرلار ماركىسىزمنى ياخشى ئىگىلىسە، پارتىيەمىزنىڭ ئىشلىرىنى يېڭى بىر بالداققا كۆتۈرەلەيدۇ، ماركىسىزمنى ياخشى ئىگىلىگەندىلا توغرا تەرەققىيات يولىنى تاپالايدۇ.›› دەپ كۆرسەتكەنىدى. بىزىنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىز ماركىسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇستىلىق بىلەن ئوبدان بىرلەشتۈرۈشتىن كەلگەن. ئەگەر بىز ماركىسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى بىلمىسەك، پارتىيەمىزنىڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلىنى بىلمەيمىز؛ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىلمىسەك، خەلق ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلالمايمىز-دە، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز. ماركىسىزىم ئەمەلىيەتتىن كەلگەن بولۇپ، ماركىسىزمنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە قىممىتى شەيئىلەرنىڭ ماھايىتى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ھالدا شەرھلەپ بېرىشتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. ماركىسىزىم ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشكەندىلا، ئاندىن تۈرلۈك ئىجتىمائىي رېئال مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا شەرھلەپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئىككىنچى. رەھبىرى كادىرلار پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن-نىزاملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن-نىزاملىرىنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ خىزمەتلەرنى قانداقمۇ ياخشى ئىشلىگىلى بولسۇن؟ كونىلاردا :‹ئوتتۇرىدا قاڭشار بولمىسا، ئوڭ كۆز سول كۆزنى يەپ كەتكەن بولاتتى› دەيدىغان ماقال بىكار ئېيتىلمىغان. پارتىيەنىڭ سىياسەت، قانۇن-نىزاملىرى دەل بىزنىڭ خىزمىتىمىز ۋە ئىش ھەرىكىتىمىزنى قېلىپقا سالىدىغان مىزان. ئەگەر بۇ مىزاندىن چەتنەپ كەتسەك، خىزمەتتە كەتكۈزۈپلا قويماستىن، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، دۆلىتىمىز ۋە پارتىيەمىزنىڭ بۇرۇنقى تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ياخشى ئۆگىنىش لازىم. ھەممىگە ئايان، دۆلىتىمىز قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي،‹ مەدەنىيەت زور ئىنقلاۋىي› نىڭ تەسىرىدىن نۇرغۇن پارتىيەلىك كادىرلار زىيانغا ئۇچراش بىلەن بىرگە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىمۇ ناھايىتى زور بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىدى، خەلقنىڭ ھال كۈنى ئېغىر دەرىجىدە خارابلاشتى. بۇ بىز چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك چوڭقۇر ساۋاق. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىي ناھايىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئۈچىنچى. رەھبىرى كادىرلار ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە تارىخ بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك. پىشقەدەم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە نۇرغۇن تالانتىلىرى بار. مەسىلەن، رەئىس سەيپىدىن ئەزىزى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل ئەھمەد، مىجىت ناسىر قاتارلىقلار ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن ھەم رەھبەر ھەم ئەدىبلىق ئورنىدىن ئورۇن ئالدى. سەيپىدىن ئەزىزى ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيە ئىچىدە مۇھىم رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن مەشھۇر ئەرباب، ھارماي-تالماي ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن تالانتلىق، ئىقتىدارلىق يازغۇچى. سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ئاساسەن ھېكايە، شېئىر، درامما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەسەل، نەسىر، چۆچەك قاتارلىقلارمۇ بار. 20-ئەسىرنىڭ 40 يىللىرىدىن باشلاپ سەيپىدىن ئەزىزى ھېكايە ئىجادىيىتىنى باشلىغان. ۋەكىل خاراكتېرلىك تارىخي رومانى ‹سۇتۇق بۇغراخان› چەتئەلدىمۇ نەشىر قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان تەرجىمھال خاراكتېرلىك ئەسىرى ‹تەڭرىتاغ بۈركۈتى›، ئەسلىمە خاراكتېرلىك ئەسىرى ‹ئۆمۈر داستانى› ھەمدە بىر مۇنچە شېئىرلارنى ۋە تارىخىي درامما ‹ئاماننىساخان› قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. بۇلار دەل رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئىزچىل ئۆگىنىشى، ئۇچراتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل كۈزىتىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت يولى ئارقىلىق خەلققە يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنىڭ ناماياندىسى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رەھبىرى كادىرلار نۇقۇل ھالدا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىياتىنىلا ئۆگىنىپ قالماي، جۇڭگو ئەدەبىياتى ۋە چەتئەل ئەدەبىياتىنىمۇ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشى، بۇ ئارقىلىق شاكىلىنى چىقىرىپ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. تۆتىنچى. رەھبىرى كادىرلار ئۆگىنىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلىشى لازىم. رەھبىرى كادىرلاردا ماركىسىزم كۆرسەتكەن توغرا ئۆگىنىش يۆنىلىشى بولمايدىكەن، ئۆگىنىشتە ئاسانلا تۇيۇق يولغا مېڭىپ قالىدۇ. ئۆگىنىشتىن مەقسەت ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىن ئىبارەت. ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ئەمەلىيەت تەلىپىدە چىڭ تۇرۇش، ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىش، ئۆگىنىش جەريانىدا ئىشلەش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلەش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. رەھبىرى كادىرلار ئۆگىنىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەشتە، ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ئىستىلىنى توغرىلاپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى ۋە ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرەلەيدىغان بولۇشى لازىم. چوڭقۇر پىكىر قىلىش، خىزمەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە بولغان ئەقلىي تەپەككۈرنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. بەشىنچى. رەھبىرى كادىرلاردا ماركىسىزىملىق ئۆگىنىش ئىستىلى بولۇشى كېرەك. ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش لازىم. ئۆگىنىشنى بىر خىل ھەۋەسكە، قىزىقىشقا ئايلاندۇرۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا داۋاملىق ئويلىنىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش لازىم. ئۆگىنىشنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش توغرىىسدا يىغىن ئېچىپ، يەپ ئىچىش بىلەنلا ئۆتمەي، ئۆگىنىش، تەپەككۈر قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەھبىرى كادىرلار كەچكىچە يەپ-ئىچىش بىلەن شۇغۇللانسا، نەدىمۇ ئۆگىنىشكە ۋاقىت ئاجرىتالىسۇن! خىزمەت ئەمەلىيتىدە يۇلۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشقا قانداقمۇ پۇرسىتى ۋە ۋاقتى بولسۇن! شۇڭا، بىز دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىزنى داۋاملىق قۇدرەت تاپقۇزىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن رەھبىرى كادىرلار ئۆزىدىن باشلاپ توختىماي ئۆگىنىپ قول ئاستىدىكى كادىرلارغا يولباشچى، نەمۇنىچى بولۇشى لازىم. دېمەك، ھەر بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆگىنىش بىر خىل ئېھتىياج، شۇنداقلا بىر خىل پوزىتسىيە. ھەر بىر ئادەم ئۆز ئېھتىياجى ۋە شارائىتىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تاللايدۇ. لېكىن، ئېلىمىزدەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسى پارتىيەگە، شۇنداقلا سىياسى بۇرچ ۋە ئاممىۋىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان رەھبىرى كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆگىنىش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ۋە ئېنىق تەلەپكە ئىگە بولۇپ، چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسلىلىلەرنىڭ بىرى. تارىخ ئەڭ ياخشى ئەينەكتۇر. پارتىيەمىز نۇرغۇن جاپا مۇشەققەت ۋە بەدەل تۆلەشلەر بىلەن ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈردى، ئىنتايىن ئارقىدا قالغان بىر دۆلەتتە سوتسىيالىزمنى قۇرۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيانى ھەيرەتتە قالدۇرغىدەك شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيەمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى تۈرلۈك مەخپىي قوراللىرى ئىچىدە ئۆگىنىش ئەڭ كۈچلۈك قوراللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەمىز نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش يىللىرىدا قانداق جەڭ قىلىشنى ئۆگەنسە، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش جەريانىدا قانداق قۇرۇشنى ئۆگەندى، ئىسلاھات داۋامىدا قانداق ئىسلاھ قىلىشنى ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق غەلبە دەرۋازىسىنى ئاچتى. ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان مەسلىلىرى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى يۇلۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش مۇشۇ دەۋردىكى بىر ئەۋلاد پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ، بىزدىن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى، ئۆگىنىش ئىستىلىنى توغرىلاپ داۋاملىق ئۆگىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
|