تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 31|ئىنكاس: 0

جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدەئە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

54

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
22
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە

ئەھەد مۇھەممىدۇللا


ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتىپى مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمى

     جەمئىيەت باشقۇرۇش ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىيەت سىستېمىسىنىڭ ماس قەدەمدە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىگە ھەمدە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا قارىتا تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە كونترول قىلىش جەريانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، جەمئىيەت باشقۇرۇش دېگىنىمىز، جەمئىيەت ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان مەخسۇس ئاپپاراتلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادى، سىياسى ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى بولسا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، زىددىيەتلەرنى يۇمشىتىش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي خېيىم-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، جەمئىيەت باشقۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە، مول تەجرىبە ساۋاقلارنىمۇ يەكۈنلەپ چىقتى. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئاممىۋىي توقۇنۇشلار باش كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت باشقۇرۇش جەھەتتە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇڭا، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، يولداش خۇ جېنتاۋ جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بىز بۇنىڭدىن جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
    1. جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى
    جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بەلگىلىگەن. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكىچە: ① ئېلىمىزدە شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان ئىشلەمچىلەر شەھەرلەرگە كىردى. ئۇلار شەھەرلەرگە كىرگەندىن كېيىن يا شەھەر نوپۇسىغا تەۋە ئەمەس، يا يېزا نوپۇسىغا تەۋە ئەمەس بىر خىل ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ② بازارلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەممىلا ئادەمدە پۇل تېپىش ئېڭى كۈچىيىپ كەتتى. دەل شۇنداق بولغاچقا، پۇل تېپىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان؛ ئىناۋەت، ئىشەنچ دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغان ناچار بازار ئېڭىنىڭ پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ③ ئۇچۇرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ئۇچۇرلار يانفون، كومپىيوتېر قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتەلىرىنىڭ ياردىمىدە بىر دەمدىلا جەمئىيەتنىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغىچە تارىلىپ، مال، تاۋار، ئۇچۇرلارنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۋەتتى. ④ پايدا- مەنپەئەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىدىيە- قاراشنىڭ كۆپ خىللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ⑤ تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەسىرىدىن كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ياتلىشىشقا باشلىدى. ⑥ بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپەيدى. ⑦دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر ئېلىمىز ۋەزىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھازىر دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى رىقابەت يالغۇز ئىقتىساد جەھەتتىكى رىقابەتلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەت، ئۇچۇر، ئىدىيولوگىيە قاتلامىلىرىغىچە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى. يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئەھۋاللاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەرب ئەللىرى ئېلىمىزنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئېلىمىز جەمئىيىتىنى بۇزۇش، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئېلىمىز ئۇچۇر تېخنېكىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئويلىسا، غەرب ئەللىرى ئۇچۇر، تور تېخنېكىسىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىز ئىشلارنى قىلىدۇ. مانا بۇ يۇقىرقىلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت باشقۇرۇشقا ناھايىتى چوڭ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرىۋاتىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە، بىزنىڭ مۇشۇ ئىشلارنى باشقۇرىدىغان قانۇن-تۈزۈمىمىز جەھەتتىمۇ يەنە بەزى يېتەرسىز تەرەپلىرىمىز مەۋجۇت. بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: ① ئىجتىمائىي مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس. ②ئاممىنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ۋە نازارەت قىلىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى ئەمەس. ③ ئاممىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭى كۈچلۈك ئەمەس.④ بىر قىسىم كادىرلارنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشقا بولغان ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
    2. جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە تېگىشلىك خىزمەتلەر
    ① ئاقما نوپۇسنىڭ تەرتىپلىك ھالدا شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرىشىنى كۈچەيتىش. بىز ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىستېمالنى ئاشۇرۇش، شەھەرلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش دېگەندەك تۈرلۈك قاراشلارنىڭ تۈرتكىسىدە، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇنلىغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلىشىنى رىغبەتلەندۈردۇق، نەتىجىدە شەھەرلەردە ئادەم كۆپەيدى، دېگەندەك ئىقتىسادمۇ تېز سۈرەتتە ئاشتى، لېكىن جەمئىيەت باشقۇرۇشتا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەسىلەن، ئۇلارنىڭ داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي، بالىلىرىنىڭ ئوقۇش مەسلىسى قاتارلىقلار. ئېلىمىزنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار، شۇنداقلا چەتئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى ئاقما نوپۇسنىڭ شەھەرگە ئېقىپ كىرىشى داۋامىدا كېلىپ چىققان يېڭىچە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردۇر. شۇڭا، بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىز چوقۇم ئاقما نوپۇسنىڭ شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرىشىنى تەرتىپلىك، ئىلمىي ھالدا يولغا قويۇشىمىز لازىم. ھازىر ئاقما نوپۇسنىڭ شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرىش نىسبىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا. بۇ خىل ئەھۋال شەھەرلەردىكى جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىگە ناھايىتى زور بېسىم پەيدا قىلماقتا. شۇڭا، بىز ئاقما نوپۇسنى ھە دېسىلا چوڭ شەھەرلەرگە كېلىشىنى تەشەببۇس قىلىپلا قالماي، ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەتراپىدىكى ئۆزىگە بىر قەدەر يېقىن بولغان شەھەرلەرگە كېلىشىگە يېتەكلەپ، چوڭ شەھەرلەرگە ئېقىپ كىرىشىنى توسۇشىمىز كېرەك. ھەر قانداق بىر مەدەنىي شەھەرنىڭ مەدەنىيلىكى دەل شۇ شەھەر پۇقرالىرىنىڭ مەدەنىيلىك سەۋىيەسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت  ئاقما نوپۇسنىڭ بېيجىڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىدى. بەزى مۇتەخەسىسلەر بېيجىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بېيجىڭى، نېمىشقا باشقا رايۇنلاردىكى كىشىلەرنىڭ بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىشى چەكلىنىدۇ، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ نەزەرىيە جەھەتتىن توغرا، لېكىن، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيانقى بېيجىڭ نوپۇسىنىڭ بىر ھەسسە ئۆرلىشىدەك پاكىتقا قارىساق، نوپۇس تىزگىنلەنمىسە چوڭ شەھەرنىڭ كۆتىرىشكە بەرداشلىق بېرەلىشىنىڭ قىيىنلىقىنى، جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ تەسلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس. شەھەرلەردىكى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئەلۋەتتە دېھقان ئىشلەمچىلەر سالغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگو دېھقانلىرى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تارىختىن بۇيان ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلگەن ھەم قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاچقا ئۇلارنىڭمۇ شەھەرلىشىشكە ھەققى بار. لېكىن بۇ شەھەرلىشىش ھەرگىزمۇ تەرتىپسىز، قالايمىقان ھالدا چوڭ شەھەرلەرگە توپلىشىۋېلىش ئەمەس، بەلكى يېقىن ئەتراپىدىكى كىچىك شەھەرلەرگە تەرتىپلىك ھالدا كۆچۈپ كىرىشتىن ئىبارەت.
    ② تۈزۈلمە سىرتىدىكى كىشىلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. ھازىر تۈزۈلمە سىرتىدىكى يەنى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ھېچقانداق بىر ئورگانغا تەۋە ئەمەس. بۇلارنى قانداق باشقۇرۇش نۆۋەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئەمگەك بىلەن ئىش ھەققى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بەك مۇھىم. ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەخسىي كارخانا خوجايىنلىرى ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمەي قېىچپ كېتىدىغان، ئىشلەمچىلەر ئىش ھەققىنى ئالالماي نامايىش قىلىدىغان، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە. بۇلارنى ھەل قىلىشتا ئەلۋەتتە قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش، ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلەمچىلەرگە چوقۇم ھەر خىل سوغۇرتىلارنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر بىزدە بۇلارنى چەكلەپ، نازارەت قىلىپ تۇرىدىغان قانۇن- تۈزۈملىرىمىز تېخى مۇكەممەل ئەمەس. بەزى شەخسىي كارخانىلار پۇل تېپىشنىلا كۆزلەپ، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. نەتىجىدە ئىشلەمچىلەر بىگۇناھ ئۆلۈپ كېتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىگە، ئېكولوگيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە. بۇنىڭدىكى مەسىلە دەل تەشكىلىي كاپالەت مەسىلىسى. تۈزۈلمە ئىچىدىكىلەرنى باشقۇرۇش ئاسان، لېكىن تۈزۈلمە سىرتىدىكى يەنى مۇشۇنداق خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشتا يەنىلا ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت. ھازىر بەزى جايلار خۇسۇسىي كارخانا مەسئۇللىرىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى ۋە مەمۇرىيەت ئىنىستىتوتلىرىغا ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بۇ يەردىكى مەسىلە دەل شۇ كارخانىنى باشقۇرغۇچى خوجايىندا. ئەگەر ئۇنىڭدا پۇل تېپىش ئېڭىدىن سىرت،  قانۇن ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، مۇقىملىق ئېڭى تىكلەنسە، قول ئاستىدىكى ئىشلەمچىلەرگە كۆيۈنسە، شۇنداقلا يەنە، خۇسۇسىي كارخانىلاردىكى كىشىلەرنى باشقۇرۇشقا ئائىت تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلسە، تۈزۈلمە سىرتىدىكىلەرنى باشقۇرۇشمۇ ئاسانغا توختايدۇ.
    ③ يېزا- بازارلار ئۆزلىرى باشقۇرۇش. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ  ئەسلىي كېلىش مەنبەسى يېزا-بازارلار. ھازىر ھەر قايسى جايلاردىكى يېزا- بازارلار  شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى تەشكىللىك ھالدا ئۆز تەۋەسىدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تەشكىللەپ چوڭ شەھەرلەردىكى زاۋۇت، كارخانىلارغا ئاپىرىپ ئىشلىتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇ جەرياندا كېلىپ چىقىۋاتقان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرمۇ جەمئىيەت باشقۇرۇشقا ناھايىتى زور ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرىۋاتىدۇ. ھەممىلا كىشىنىڭ چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ پۇل تېپىشى شەرت ئەمەس. بولسا يېزا- بازارلار چوڭ زاۋۇت، كارخانىلارنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايغا قۇرۇشقا جەلپ قىلالىسا، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يۇرتىدىن ئايرىماي ئۆز يۇرتىدىلا ئىشلەپ پۇل تاپقۇزالىسا، چوڭ شەھەرلەرنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇش بېسىمىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان بولاتتى.
    ④ مەۋھۇم جەمئىيەتتىكى تور باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. تورنىڭ تەرەققىياتى ئېلىمىزدە زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەت ئامانلىقىغىمۇ ناھايىتى چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭا، كىشىلەرنىڭ مەدەنىي تورغا چىقىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىش، مەۋھۇم دۇنيادىكى بەزى يالغان-ياۋىداق نەرسىلەرگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. ھازىر ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا بىر ئاخباراتچى. بۇ ئاخباراتچىلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن بەزى پارىخور ئەمەلدارلار قانۇن تورىغا چۈشتى، لېكىن يەنە بىر قىسىم ساختا ئاخباراتچىلارنىڭ يالغان ئاخباراتى پاكىت ئالدىدا پاش بولۇپ، ئۆزى قۇرغان قىلتاققا ئۆزى چۈشۈپ قالدى. شۇڭا، تورغا چىقىدىغان، توردا ھەرىكەت قىلىدىغان ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئۆزىنىڭ توردا قىلغان ھەر بىر ئىشىغا مەسئۇل بولۇشى لازىم. ئەلۋەتتە ھەر بىر پۇقرانىڭ تورغا چىقىش، توردىن توغرا پايدىلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ. لېكىن توردىن پايدىلىنىپ قالايمىقان ئىشلارنى قىلسا ھەرگىز بولمايدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايمىز دېسەك، تورغا چىقىش ھەققىدىكى ئالاقىدار قانۇن–تۈزۈملەرنى  يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز لازىم.
    ⑤ بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشنى كۈچەيتىش. ھەر قانداق بىر جايدا جەمئىيەت باشقۇرۇشنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئۆلچەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل جەمئىيەت ئامانلىقى مەسىلىسى. جەمئىيەت ئامانلىقىدا كىشىلەرنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يېمەك-ئىچمەك بىختەرلىكى، دورا بىخەتەرلىكى، قاتناش بىخەتەرلىكى مەسىلىسى. بۇلاردىن باشقا يەنە، پۇقرالار ئارىسىدا بازار ئىگىلىكىنى خاتا چۈشىنىشتىن كېلىپ چىققان پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشتەك ئەخلاقتىن ياتلىشىش، سەمىمىيەتنى ئۇنتۇش مەسلىسى،  قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قانۇننى توغرا ئىجرا قىلماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشقا تەسىر يەتكۈزمەكتە. شۇڭا، بازار ئىگىلىكى شارائىتىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاشنى كۈچەيتىشتە، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ پۇقرالارغا بولغان قانۇن-تۈزۈم تەربىيەسىنى، ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئەڭ مۇھىمى قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى چەكلەش، قانۇنسىز قىلمىشلارنى بايقىغان ھامان دەرھال زەربە بېرىش لازىم. بۇ يەردە قانۇن ئىجراچىلىرى شۇنى سەگەكلىك بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى لازىمكى، بەزى ئەھۋاللار قانۇنغا خىلاب بولغان بىلەن، يەنە بەزى ئەھۋاللار ئەخلاققا خىلاب بولغان بولىدۇ. بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا، قانۇن ئىجراچىلىرى ئالدىراقسانلىق قىلماستىن، ئەخلاق تەربىيەسى ئارقىلىق تەربىيە بېرىپ ئۆزگەرتىشى لازىم. يىغىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەت ئامانلىقى دېمەك شۇ جەمئىيەتتە ياشايدىغان ھەر بىر پۇقرانىڭ ئامانلىقى دېمەك. شۇڭا، بىر پۈتۈن جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان ھەر كىشى چوقۇم جەمئىيەت باشقۇرۇشقا ماسلىشىشى ۋە ئاكتىپ قاتنىشىشى لازىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-26 17:59, Processed in 0.110074 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش