تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 16|ئىنكاس: 0

خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

54

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
22
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ھەققىدە

ئەھەد مۇھەممىدۇللا


ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتەپ مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمى

     پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا خەلق ئاممىسىنى ساغلام، مول بولغان مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرلەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى دەپ كۆرسەتتى.شۇڭا، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشتا، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشنىڭ تۈپ مەزمۇنى قىلىشىمىز لازىم. مەدەنىيەت تەرەققىياتى خەلققە تايىنىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ خەلق ئۈچۈن بولىدۇ، ئاخىرقى ھېسابتا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مېۋىلىرىدىن يەنىلا خەلق ئاممىسى بەھرىمەن بولىدۇ. شۇڭا خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسى مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلەندۈرۈشىمىز لازىم.
     سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيىتى، خەلق ئاممىسى ئورتاق يارىتىپ، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان مەدەنىيەت. پارتىيەنىڭ جان دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك تۈپ نىشانىدا چىڭ تۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىن ئىبارەت. ھازىر ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالىمۇ تېز سۈرئەتتە ئۆرلەش باسقۇچىغا كىردى. خەلقنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئارزۇسىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. شۇڭا، بىز تېخىمۇ زور كۈچ ۋە تەدبىرلىرىمىز ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىمىز، خەلق ئاممىسىنى تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بەختكە ئېرىشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك.
    1. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان يېتەكلەشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىش لازىم. مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تارىخ ئالدىدا، دەۋر ئالدىدا ۋە خەلق ئالدىدا يۈزى يورۇق بولىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يارىتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. شۇنداقلا، خەلقنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشتىكى تۈپ خىزمەت. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش نىشانىنى ۋە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنىمۇ قوغلىشىشقا يېتەكلەپ، مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ھەقىقى گۈزەللىكنى جارى قىلدۇرۇشىمىز، ساختا، ناچار خاھىشلارغا قارشى تۇرۇپ، خەلق ياخشى كۆرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز لازىم.
    2. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش لازىم. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇش مەدەنىيەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك ئاساس خاراكتېرلىك خىزمەت. ئاساسى قاتلامغا يۈزلىنىشتە ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،  شەھەر، يېزا ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا بولغان سېلىنما سالمىقىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشىمىز، رادىيو-تېلېۋىزىيەنىڭ كەنتلەرنى قاپلىشىنى، مەھەللە ۋە يېزا-بازار ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى، مەدەنىيەت ئۇچۇر بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ، يېزىلاردا كىنو قويۇپ بېرىش، دېھقانلار كۇتۇپخانىسى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇقتىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز، ئاممىۋىي مەدەنىيەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى ياساپ، شەھەرلەر، يېزىلار ۋە رايونلار ئارىسىدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ كېلىۋاتقان تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى تىرىىشپ ھەل قىلىشىمىز، تۈرلۈك مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى شەھەرلەر، يېزىلار، ئاساسى قاتلارغا كېڭەيتىشىمىز لازىم.
    3. ساغلام بولغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش لازىم. ساغلام بولغان تور مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش فڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تورنىڭ ئىجتىمائىي باشقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز، تورنىڭ قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتېرنېت قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارقىتىش ۋاسىتەلىرىنى سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېڭى بازىسىغا، ئاممىۋىي مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى سەھنىسىگە، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي مەدەنىيىتىنى بېيىتىشىدىكى يېڭى بوشلۇقىغا ئايلاندۇرۇشىمىز لازىم.
     4. ئاممىۋىي خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش لازىم. ئاممىۋىي خاراكتېرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم توشۇغۇچىسى، شۇنداقلا ئاساسىي قاتلام ئاممىۋىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئامما قاتنىشىشنى خالايدىغان، قاتنىشىشقا قولايلىق بولغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى  كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئامما قۇرغان تۈرلۈك ئويۇن قويۇش ئۆمەكلىرىنى قوللاپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا ئۆزىنى نامايان قىلىشى، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلىشى ۋە ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىدىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-26 09:10, Processed in 0.105266 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش