پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە
مۇھەممىدۇللا ئەھەد
ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتەپ مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمى ئەخلاق ئادەمنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىدىغان، ئۆز ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈشنى، ئادەمنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بىر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي ھالدا ئالغا ئىلگىرلەش-ئىلگىرلىيەلمەسلىكى، بىر دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تېنچ-ئامان بولۇش-بولالماسلىقى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۇقرالارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ھەققىدە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىنى تەكىتلىدى. شۇڭا بىز ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز لازىم. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر يۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەر قايسى رايونلار ۋە تارماقلار مەركەزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنىنى زىچ چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك شەرەپ-نومۇس قارىشى تەشۋىقات تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ئاممىۋى خاراكتېرىدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىش ۋە پىدائىي مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش-مۇكاپاتلاش، لېي فېڭدىن ئۆگىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇردى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى سىياسى تەربىيە خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىدىيە-ئەخلاق ئاساسىي ئېقىمىنى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە مۇستەھكەملىدى. شۇنىڭ بىلەن، ۋەتەننى سۆيىدىغان، كەسىپچان، سەمىمىي، دوستانە بولۇشتەك ئەخلاق مىزانى كىشى قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھى كەڭ قانات يايدۇرۇلغان ياخشى كەيپىيات خەلق ئاممىسى ئارىسىدا كېڭىيىشكە باشلىدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىلمىي تەرققىي قىلىش، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىدىن شەكىللەنگەن جانلىق ئىنكاستۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ تارىخى خاراكتېرلىك تېز ئالغا ئىلگىرىلىشىنى پۇقرالارنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بۇنداق نەتىجىلەرنى كۆرىشىمىز بىلەن بىرگە يەنە ساقلانغان مەسىلىلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈۋېلىشىمىز كېرەك، نۆۋەتتە، جەمئىيەت ئەخلاقى ساھەسىدە يەنە ئاز بولمىغان ھەل قىلىشقا تېگىشلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىر قىسىم ساھەلەردە ئەخلاق قېلىپىدىن چىقىش، بىر-بىرىگە ئىشەنچ بولماسلىق؛ غايە، ئېتىقادنى يوقىتىش، ھەق-ناھەق، ياخشى-يامان، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنىڭ چېگرىسىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش؛ پۇلپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك قىلمىشى ھەددىدىن ئېشىپ، خەلق بەرگەن ھوقۇقنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش؛ ساختىپەزلىك قىلىش، مەنپەئەتنى كۆرۈپ ئۆز غورۇرىنى يوقىتىش، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتەك ناچار ھادىسىلەر پات-پاتلا يۈز بەرمەكتە. بۇ مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزماقتا. شۇڭا بىز نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا داغ يەتكۈزىدىغان بۇنداق ناچار قىلمىشلارنى چوقۇم ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشىمىز لازىم. پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە، بىز چوقۇم بىرىنچىدىن، ئىلمىي تەرەققىي قىلىش، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق ئاممىسىغا گۈزەل تۇرمۇش ئاتا قىلىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇشىمىز، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىمىز لازىم. ئىككىنچىدىن، ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ھەم مەركىزى ھالقىسى قىلىپ، قانۇن بويىچە دۆلەت باشقۇرۇش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەخلاقى، كەسپىي ئەخلاق، ئائىلە ئەخلاقى ۋە شەخسىي ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئىدىيەۋى سىياسى خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ھالدا ئادا قىلىشقا يېتەكلەپ ياخشى كەيپىياتنى ئۆزلۈكسىز يېتىلدۈرىشىمىز، ئەخلاق ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا، سودا-سېتىقتا، كىشىلىك تۇرمۇشتا سەمىمىي بولۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى ئەخلاق تەربىيەسى بىلەن ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە كاپالىتىنى ساغلاملاشتۇرۇشىمىز، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە كەسپىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ئەخلاق تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمز لازىم.
|