تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 2

بوۋايلارغا تەلمۈرۈپ قالدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

38

تېما

0

ئەگەشكۈچى

515

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
106
مۇنبەر پۇلى
300
ئىشەنىچ
106
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزىر كەبى ئاپئاق ساقاللىق ،
بوۋايلارغا تەلمۈرۈپ قالدىم.
ئەتراپىمغا باقتىم غېرىپتەك،
بوۋايلار يوق ئوي سۈرۈپ قالدىم.


تۈنۈگىنلا ئولتۇرغان ئىدى ،
مۇڭداشقانچە بىرنەچچە بوۋاي.
مانا بۈگۈن قالماپتۇ بىرى،
ھايات دىگەن قونالغۇ ساراي.


بوۋايلارغا تەلمۈرۈپ قالدىم ،
ئۇلار ئىدى بىز ئۈچۈن مازار .
بوۋايلارنىڭ دۇئالىرىدا ،
قىزار ئىدى رەستىدە بازار.


شۇ بوۋايلار كەتتى كەلمەسكە ،
ئەمما بىزگە كېلىدۇ نۆۋەت .
ئاپپاق ساقال سىرىغان چاغدا ،
ھايات شۇندا تۇيۇلار قىممەت.


بوۋايلارغا تەلمۈرۈپ قالدىم.
بوۋايلىققا يېتەلەمدىم دەپ.
ئاشۇ تۈرگۈن ،جەسۇر بوۋىدەك .
ئۆزگىنى خوش ئېتەلەمدىم دەپ.

11

تېما

1

ئەگەشكۈچى

930

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
449
مۇنبەر پۇلى
448
ئىشەنىچ
449
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەجىرڭىزگە تەشەككۈر دېگۈم كېلىدۇ چۈنكى ئاددى ،يېقىشلىق سۆزلەر بىلەن بوۋايلارنى ياخشى تەسۋىرلەپ
   بېرپسىز.ئىلھامىڭزغا ئىلھام قوشۇلسۇن ،كۈنلىرڭىز ئاسايشلىقتا ئۆتسۇن.يىڭى يىلدا بەخىت،ئامەت
    يار بولغاي.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

152

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
58
مۇنبەر پۇلى
94
ئىشەنىچ
58
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 20:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ ، بۇرۇنقى ھالال مېھنەت ،غۇرۇ ئىمانى بىلەن  ياشىغان ئېتقادلىق
بوۋىلىرىمىز ھازىر بىر بىرلەپ كېتىپ بارىدۇ ، مۇشۇ دەۋىردىكى ياشلار قېرىساق قانداقراق سىياقتا
قېرارمىز ؟ قىزلار يەنىلا شۇ ھېسىپتەك تار ئىشتانلار بىلەن ،ئوغۇللار كۇسا پەدىسىدە قېرارمىزمۇ ؟
بۇرۇنقىلارغۇ ھېچ بولمىسا قېرىغاندا جەينامىزغا چىقىپ نامىزىنى ئۆتەپ نەۋرىلىرىگە چۆچەك
ئېيتىپ بېرىپ كۈن ئۆتكۈزەتتى ، بىز قانداق قىلارمىز ؟ تاھارەت ئېلىشنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايدىغان
تۇرساق ،ياكى ھاسىغا چۈشكەندىمۇ ۋاڭبا دىبالارغا كىرىپ تەڭتۇش مومايلىرىمىزغا قاراپ ئ
ولتۇرارمىزمۇ ؟
بۇرۇنقى بوۋا مومىلىرىمىز خىزىر سۈپەت دەپ تەرىپلىنىتتى ، چۈنكى ئۇلار پاك ياشاپ
شەرمى ھايا ئىمان ئېتقاد بىلەن قېرىغاچقا 80 ياشتىن ئاشسىمۇ ئۆز ھاجىتىدىن
ئۆزى چىقىپ ئىززەت ھۆرمىتى بىلەن ئۆلۈم تاپاتتى ،بىزچۇ ؟ 60 ياشنىڭ قارىسىنى
ئالغاندا ئىشتان كۆينىكىمىزنى تەتۈر كەيمەي يۈرسەك شۇ چوڭ ئىش جۇمۇ ،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-25 20:08, Processed in 0.105708 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش