شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنىغا تەكلىپلىك خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنى ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تىرانسىلاتىئونال مېدىتسىناسى تەتقىقاتى، دورىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش تەتقىقاتى، ئۇيغۇر دورىلىرى فارماتسىيە تەتقىقاتى، ئۇيغۇر دورىلىرى فارماكولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن-تەتقىقات ئورنى. تەتقىقات ئورنىمىزنىڭ قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقاتى، ”ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى“ ژۇرنىلىنى نەشر قىلىش خىزمىتى ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئاساسىي تىببىي پەنلىرى تەتقىقاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەتقىقات ئورنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ كېڭىشىشى بىلەن جەمئىيەتتىن ئاشكارە ھالدا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش بېكىتىلدى. ئالاقىدار ئىشلارنىڭ بىلدۈرگۈسى تۆۋەندىكىچە: 1. تەكلىپ قىلىنىدىغان خىزمەت ئورنى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك قەدىمىي ئەسەرلىرى تەتقىقات ئىشخانىسىغا 2 نەپەر.”ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى“ ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە 2 نەپەر، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئاساسىي تىببىي پەنلىرى تەتقىقات بۆلۈمىگە 2 نەپەر. 2. قوبۇل قىلىش شەرتلىرى 1) پارتىيىنىڭ يوليورۇق ۋە كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان، قانۇن-پەرمانلارغا رىئايە قىلىپ، ئۆز خىزمىتىنى سۆيىدىغان بولۇش. 2) ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇقۇش تارىخى بولۇش؛ ئۈگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدىغان، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك قەدىمىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر تېبابەت ژۇرنالچىلىق خىزمىتى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئاساسىي تېببىي پەنلىرى تەتقىقاتىغا ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان بولۇش. 3) ئۇيغۇرچە يېزىقچىلىق قابىليىتى يۇقىرى، خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان، ئېنگلىز تىلىنى ئىشلىتەلەيدىغان، تىلنى ئېنىق ئىپادە قىلالايدىغان، دۆلەتنىڭ 2-دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كومپىيوتىر ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، تېنى ساغلام، يۈرۈش-تۇرۇشى سالاپەتلىك بولۇش. 4) قەدىمىي ئەسەرلەر تەتقىقات ئىشخانىسى ۋە ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە ئالاقىدار خىزمەت تەجرىبىسى بارلار ھەمدە ئەرەبچە، پارىسچە، چاغاتايچە بىلىدىغانلار ئېتىبار بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. 3. تەمىناتى تەتقىقات ئونىمىزنىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، 3 ئاي سىناپ ئىشلىتىلىدۇ، سىناق مەزگىلىدە 800.00 يۈەن مائاش بېرىلىدۇ. سىناق ۋاقتى توشۇپ، ئالاقىدار باھالاشلاردىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە 5 خىل ئىجتىمائىي كاپالەت خىراجىتى بېرىلىدۇ، كەسپىي ئىدارىلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. 4. تەكلىپ قىلىش باسقۇچلىرى ۋە ۋاقتى 1) تىزىمغا ئالدۇرۇش: تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى بىلەن كىملىكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئېلىپ تەتقىقات ئورنىمىز ئىشخانىسىغا تىزىمغا ئالدۇرىدۇ(تىزىمغا ئالدۇرۇش گىراپىكىنى يازما تولدۇرىدۇ). تىزىملاش ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە(قانۇنلۇق دەم ئېلش كۈنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولى 776-نومۇر قوشۇمچە 1-نومۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنى. ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-2565663. 2) سالاھىيەت تەكشۈرگۈچى: ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنى ئىشخانىسى. 3) يېزىقچە ئىمتىھان: ئۇيغۇر تېبابەت كەسپىي بىلىملىرى(ئۇيغۇرچە)؛ ئومۇمىي ساپا ۋە ۋەزىيەت تەربىيىسى بىلىملىرى(خەنزۇچە)؛ ئىمتىھان ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ. 4) يۈزتۇرانە ئىمتىھان: ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ. 5) سىناق مەزگىلى: 3 ئاي. 6) تەكلىپ قىلىش شەكلى: ئىشتات سىرتىدا تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىلىدۇ. 7) تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى http://www.xjrc365.com ، http://uy.ts.cn/، http://www.xjwyyy.com ،www.xjumc.com تور بەتلىرىگە بېرىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى
|