تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 131|ئىنكاس: 5

كەسىپداشلار ئورتاقلىشايلى (ئاۋۇت بارات)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

0

ئەگەشكۈچى

787

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
56
مۇنبەر پۇلى
577
ئىشەنىچ
56
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كەسىپداشلار،دوستلار:
     سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش يۈزىسىدىن ئوتتۇز نەچچە يىللىق فوتوگىرافلىق چۈشەنچەمنى  يىغىنچاقلاپ باقتىم:
     فوتوگىرافلىق كەسپى دۇنيا ئەھلى ئىتىراپ قىلغان،دۆلەت ياكى مىللەت دەپ شەرت قويۇلمىغان ئەڭ مۇكەممەل ئەركىن كەسىپتۇر.
    ھەر كەسىپنىڭ ئۆز ئالدىغا خوشاللىقى ھەم جاپاسى بولغاندەك ، فوتوگىرافلىق كەسپىنىڭمۇ جاپاسى ھەم راھىتى بولىدۇ.
    فوتوگىرافلىق كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىش بىر خىل تۇرمۇش،تېرىشقاندىلا ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    فوتوگىرافلىق كەسپى بولسا شەكىلسىز كۆۋرۈكتۇر،شۇنداقتىمۇ دوستلارنىڭ قەلبىگە ئۆتكىلى بولىدۇ.
    ئىزچىل سۈرەت تارتىش بىلەن شۇغۇللانغان كىشىنىڭ تېنى ساغلام بولىدۇ،دوستى كۆپ بولىدۇ،بولۇپمۇ ۋەتەنگە، ئانا يۇرتقا بولغان مىھرى مۇھەببىتى چۇڭقۇر بولىدۇ.
    تەگىسىز ئويلار ئىلكىدە ئۆرتەنگىنىمدە سۈرەت ماڭا سۆزلەيدۇ،ماڭا مەدەت بېرىدۇ.
    فوتوگىراف- ئۇ بىر شاھىد.
    ئىرادىلىك فوتوگىراف رېئال دۇنيانىڭ ئادىل كۈزەتچىسى.
    تېرىشىش ۋە سۆيۈش ئەڭ ياخشى فوتوگىراف مۇئەللىمى.
    سۈرەت تارتىش-قەلب سەنئىتى.
    فوتوگىرافلىق كەسپى مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى ھەمراھىم.
   ئاپىرات كۆزى شەرت،ئادەم كۆزى ھالقا
    رېئاللىققا چۇڭقۇر چۆكۈپ، خىلمۇ خىل رەڭلەرنى سۈزىۋېلىش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللىي.
    ناۋادا تارتقان سۈرىتىم كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي قالسا، سەۋەبىنى ئوبىكېتقا يېقىنراق تۇرمىغىنىمدىن كۆرىمەن.
    رېئاللىقنى رەڭدار خاتېرىلىشىم ، ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىپ غەرق «مەس» بولۇشىم كېرەك.
    دۇنيادىكى يوللار بىراۋلارنىڭ مېڭىشىدىن پەيدا بولغاندەك، فوتوگىرافلارنىڭ ئىزىدىنمۇ ھەر خىل سىرلىق يوللار پەيدا بولىدۇ،مەن دەل ئاشۇ سىرلىق يوللاردا كېتىۋاتقان يولۇچىنىڭ بىرى.
    تارتقان 20مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بەدىئىي سۈرەت ئەسەرلىرىم رېئاللىقتىن، تەبىئىيلىكتىن ئايرىلمىدى، ئاخىرىغىچە شۇنداق بولۇشى كېرەك.
    گۈزەللىكتىن، رېئاللىقتىن ئىز قالدۇرۇش مېنىڭ ئەڭ زور ئارزۇيۇم.

188

تېما

8

ئەگەشكۈچى

5870

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2977
مۇنبەر پۇلى
2318
ئىشەنىچ
2977
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ زۇر ئۇتۇقلار تىلەيمەن،مېنىڭچە سىز  كەسىپتە ئۆزۈپ چىقىۋاتقان ، ئىختىدارلىق فۇتۇگېراف .شۇڭا سىز ئكز تەجىربىلىرىڭىز ئۆستىدە كۈپىرەك تىما يۇللىسىڭىز،بۇنىڭ ئۆنۈمى بەك چۇڭ بۇلغان بۇلاتتى.تىمىڭىزغا تەشەككۈر قىرىندىشىم..............

5

تېما

25

ئەگەشكۈچى

5175

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2085
مۇنبەر پۇلى
2546
ئىشەنىچ
2085
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فوتۇگرافىيە ساھەسىدە ھېس قىلغان قىممەتلىك تەسىراتلىرىڭىزنى يوللىغانلىغىڭىزدىن
تولىمۇ سۈيۈندۇق، مومكىن بولسا تەجرىبىلىرىڭىزنى يەكۈنلەپ چىقىپ تورداشلارنىڭ
پايدىلىنىشىغا سۇنغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

79

تېما

17

ئەگەشكۈچى

2363

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن
تۆھپە
602
مۇنبەر پۇلى
1213
ئىشەنىچ
602
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،

9

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1082

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
541
مۇنبەر پۇلى
562
ئىشەنىچ
541
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل سۈرەتلىرىڭىزدىن ھەرۋاقىت بىزلەرنى ھوزۇرلاندۇرغايسىز .سىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن.

13

تېما

1

ئەگەشكۈچى

611

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
200
مۇنبەر پۇلى
375
ئىشەنىچ
200
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فوتوگىرافلارنىڭ جاپاسىنى ، خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئادەتتىكى قولىغا ئاپارات ئېلىپ سۈرەتكە تارتقانلا ئادەم چۈشۈنۈپ بولالمايدۇ ، مېنىڭچە بۇ كەسىپكە ھەقىقى ئىشتىياق باغلاپ ، بۇ كەسىپنى سۆيگەن ، بۇ كەسىپ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بەدەللەرنى تۆلىگەنلە بىر ئاز چۈشۈنىشى مۇمكىن ، مەنمۇ قولۇمغا ئاپارات ئالغىلى 20 يىلغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ ئۆزەمنى بىر فوتوگىراف دەپ قارىيالمايمەن چۈنكى مەن تارتقان سۈرەتلەر تەلەپتىن خېلىلا يىراق ، بۇنىڭ سەۋەبى مەن تېخى بۇ كەسىپكە دىگەندەك ئۆزەمنى بېغىشلىيالىمىغانلىقىدا دەپ قارايمەن ، بىر قىسىم سۈرەتلەرنى تارتىش ئۈچۈن نورغۇنلىغان يەرلەرگە باغان بولساممۇ خەتەردىن قورقۇپ مۇۋاپىق ئورۇن ، مۇۋاپىق پەيىتنى ئۆتكۈزۋتىپ كۆڭلۈمدىكىدەك سۈرەتنى تارتالمىدىم . بولسا  ئاۋۇت بارات ئەپەندىدەك ئۇستازلارنىڭ ئۆز تەجىربىلىرنى بىزگە ئوخشاش ھەۋەركارلارغا كۆپرەك سۆزلەپ يېتەكلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئارزۇ قىلىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-25 20:08, Processed in 0.114917 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش