«قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن»فىلىمىنىڭ ۋەقەلىگى ھەققىدە سىنارىست-ۋاڭ يۈخۇ.رىژىسۇر-جاڭ يۈشىڭ. ئاساسلىق روللاردا: جاڭ شۇجى-لىيۇ شۆلىياڭ.پاتەمخان-ھەلىمە ئابدۇللا. قاسىم-مۇھەممەت شىرىپ.مۇساياخاڭ-تۇرسۇن توختى. خالىق-ئابدۇرەخمان ھاۋاز.نىساخان-ئايشەم كېرىم. ھۆرۈنسا-پاتەم راھىدىن.ئەلى-سۇلايمان روزى قاتارلىقلار فىلىمنىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىگى: بوستان دىھقانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىۋىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى-پاتەمخان بېيجىڭدىكى ئوقۇشتىن قايتىپ كېلىدۇ.ئۇ قۇملۇقنى ئۆزگەرتىپ تېرىلغۇ يەر بەرپاقىلىش ئەمگىگىگە قاتنىشىدۇ.بىراق كوپىراتىپ مۇدىرى-قاسىم:«بوستان ھەمكارلىق كوپىراتىۋىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىختىسادىي زىرائەتلەرنى چىڭ تۇتۇش كېرەك»-دەپ قاراپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا سەل قارايدۇ.پاتەمخان قوشۇمچە كەسىپنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارشى تۇرمايدۇ، لىكىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇ قاسىمنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، نامرات ئوتتۇرا دىھقانلارغا تايىنىپ،كوپىراتىپ ئەزالىرىنى تەشكىللەپ،تىرىلغۇ يەر ئېچىشقا سەپەرۋەرلىك قىلىدۇ. بۇ جەرياندا قۇمباغ دىھقانچىلىق كوپىراتىۋىنىڭ مۇدىرى-خالىق بىلەن ئەزالىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرشىدۇ. ئۇلار بىنام ئېچىپ،بۇغداي تىرىيدۇ.كۈتۈلمىگەندە بۇغدايلار تازائۆسۈۋاتقاندا سەككىز بال قاتتىق بوران چىقىپ،قۇم-بورانلار بۇغداي زىرائەتلىرىنى بۇزىۋىتىدۇھەمدە باغلاردىكى دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ. پاتەمخان دەرھال ئاممىنى تەشكىللەپ،قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىدۇ. قاسىم:« بۇغدايلار تۈگەشتى، قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ.»دەپ قارايدۇ.بىراق، پاەمخان كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئىزچىل ھالدا ئېلىپ بارىدۇ. كۆپچىلىك جىددى ھالدا ئىشلەۋاتقاندامۇساياڭ ۋە تۇرامبىك پومىشچىك بىر چەتتە تۇرۇپ،تاماششا كۆرىدۇ ھەم قاسىم جۇرىننى قۇترۇتۇپ، بىر قىسىم قوشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىن تارتىپ،كارى بولمايدۇ.قاسىم يەنە كوپىراتىپنىڭ سەي-كۆكتات، پاختا ئۇرۇقلىرىنى قىممەت باھادا سېتىۋىتىدۇ. پاتەمخان مەسىلىنى ئۆز ۋاختىدا بايقاپ،قاسىمغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ قاسىم يەنىلائۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماي قارشىلىق كۆرسۈتىدۇ. كىيىن پاتەمخان خالىق مۇدىرنىڭ ياردىمى ئاستىدا زىرائەتلەرنى قۇتقۇزۇپ، ئاشلىقتىن مول-ھوسۇل ئالىدۇ.خالىقنىڭ بوۋىسى-سىيىت پاتەمخاننىڭ دادىسى-رىھىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قۇدىلىشىشنى ئېيتىدۇ. مۇساياخاڭ ئاستىرتىن توي ئىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.قاسىممۇ قۇتراتقۇلۇق قىلىپ،پاتەمخاننىڭ توي ئىشىغا سوغۇقچىلىق چۈشۈرۈپ قويىدۇ.كىيىن پاتەمخان ئاممىنىڭ كۈچى ئارقىلىق، مۇساياخاۇ قاتارلىق بۇزغۇنچىلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلمىشلىرىنى بايقاپ قىلىپ،ئوغۇرلىغان مال-مۆلۈكلەرنى تارتىپ ئېپكېلىدۇ ھەمدە مۇساياخاڭ، تۇرامبىك قاتارلىق بۇزۇق كىشىلەرنى كۆرەش قىلىپ،ئۇلارنى قانۇننىڭ تورىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. قاسىم بىلەن پاتەمخان تەشكىلنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا قۇمباغ، بوستان قاتارلىق كوپىراتىپلارنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلق گوڭشىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.كارىز قېزىپ، سۇ قۇرلۇشىنى ياخشىلايدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق قۇملۇقنى بىنام يەرگە ئايلاندۇرۇپ، ياپ يېشىل بوستانلىققا ئايلاندۇرىدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
|