ئايلانغۇسى روھىم بۈركۈتكە
(ئامىنە ئابدۇۋايىت)
مىللىتىمنى تاجىك دېسەملا ، قىززىقسىنىپ قارار بەزىلەر. بىلگەنلېرى مۆرە ئوينېتىپ، قوياشقا ئەڭ يېقىن كىشى دەر.
بىرى دېسە ساپ قانلىق مىللەت، ئەنئەنىنى ئۇلۇغلايدو دەپ. تۇتۇم قىلغاچ قىران بۇرگۇتنى، ئەجدادىنى ئۇنۇتمايدو دەپ.
بىرى دەيدو غورورلوق مىللەت، ئۆز يۇرتىنى نۇر زىيا دېگەن. ئۆزگە شەدە سۇلتان بولسىمو، ئۆز ئېلىنى توتىيا بىلگەن.
بىرى دېسە بەكمو ئاز سانلىق، بىرى دەيدو تارىخى شانلىق. مەشھۇر-مەشھۇر ئالىملىرى بار، سەككاكىدەك دۇنياغا داڭلىق.
مەن بار بولغان سورۇندا ھەر چاغ، مىللىتىمنىڭ گېپى بولىدو. سامانى ھەم خىسراۋدىن باشلاپ، فىردەۋسىنىڭ ئېتى بولىدو.
مىللىتىمنى ئېسىل مىللەت دەپ، پەخىرلىنىپ سۆزلەيمەن مەنمو. ئايلانغۇسى روھىم بۇرگۇت بوپ، غورور بىلەن ئۆتسە ئەۋرەممو.
2014-1-18-ئاقتۇ |