تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى»ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
1. ماقالە ئوقۇشقا قاتنىشىدىغان ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر: (ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى) 1) ئابدۇقادىرجالالىددىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى) 2) ئابدۇۋەلى مۇقىيت (غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى) 3) ئابدۇلئەھەدئابدۇرەشىد بەرقى (دوكتۇر، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى) 4) ئەركىن ھاشىم (شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭخۇا ئەرلىكشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى) 5) مىجىت لىتىپ (شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى) 6) يالقۇن روزى (مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى) 2. ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1- كۈنى (شەنبە) 3. ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 461-نومۇر، يېڭى نۇر ئالىي مەكتەب ئىمتىھانى تەييارلىق مەركىزى بىناسى 4-قەۋەت، 6-ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئۇدۇلىدا) ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى: 13999980408، 18299154608، 18999882584 (مۇقىم تېلېفون) توربېكەت ئادرېسى: www.bilkuch.com qq2463225893: ئۈندىدار: bilkuch ئەسكەرتىش: نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىندۇ، قاتناشقۇچىلارنىڭ رەتلىك ۋە يارشىملىق كېينىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
|