تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 9

دېھقانى: ياشىساڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

16

ئەگەشكۈچى

2539

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
998
مۇنبەر پۇلى
1365
ئىشەنىچ
998
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىساڭ

ئەرزىگەي مەردانە سۈپەت، ياشىساڭ،
ھاياتىڭدا تېپىپ قىممەت، ياشىساڭ،
تىغ ئۇرۇپ ئىللەتكە قارشى سەن ھامان،
كەتكۈزۈپ قاراڭغۇ زۇلمەت، ياشىساڭ!
دوست ئۈچۈنكى ئايىماي بارىڭنى ھەم،
قول تۇتۇپ ھەمكارۇ-ئۈلپەت، ياشىساڭ!
يار قىلىپ دائىم ئۆزۈڭگە پەم-ئەقىل،
تولدۇرۇپ قەلبىڭگە ھىكمەت، ياشىساڭ!

كۆز قىرىڭ سالماي بىراۋنىڭ رىسقىغا،
ئەجرى قىپ شۈكرانە نېئمەت، ياشىساڭ!
بولسا سەندە ياخشى خۇلق،چىن نىيەت،
يار قىلىپ ھەردەمدە نۇسرەت، ياشىساڭ!

دوست تۇتۇپ،ئاقىل كىشىنى بىر ئۆمۈر،
يارىتىپ ئىمكانۇ-پۇرسەت،ياشىساڭ!

ئانا يۇرتنىڭ تۇپرىقىنى جان بىلىپ،
قوغدىبان كەلسىمۇ كۈلپەت،ياشىساڭ!
نام نىشانسىز كەتكۇسى نادان كىشى،
يات خۇيى بوپ ئەلگە ئىبرەت، ياشىساڭ!
ئىزدىسەڭ ھەربىرقەدەمدىن ياخشىلىق،
قوشۇلار ھۆسنۈڭگە سۈلكەت، ياشىساڭ!
يۇرت-ئېلىڭگە غەمگۈزارۇ-باش بولۇپ،
ئەل بىلەن مۇڭداشۇ-سۆھبەت، ياشىساڭ!
پۇل-پۈچەك بايلىق ئەمەس، ۋىجدان بىلەن-
كەتكۈزۈپ شەيتانۇ-ئىشرەت، ياشىساڭ!
بۇ مۇھەممەت قەلىمى ئاجىز،بىراق-
ئاز-تولا قىلدى نەسىھەت، ياشىساڭ!


مەنبە: ئىجادىيىتىم.

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

59

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
ئادولىف
تۆھپە
20
مۇنبەر پۇلى
33
ئىشەنىچ
20
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىھقانى يوللىغان تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىزنىڭ خەلىقنى سۆيگەن ياخشى بىر شائىر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم.
بۈگۈن مەن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ تۇنجى كۆرگەن تىمام بولدى.سىزدەك ۋە سىزگە ئوخشاش مۇنبەردىكى بارلىق دوسلارغا سالام يوللايمەن.

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

3810

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1227
مۇنبەر پۇلى
2108
ئىشەنىچ
1227
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان  شىئركەن.مۇنبەردە شۇنچە ئادەم تۇرۇپ ئىنكاس نىمانچا ئاز،
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

3810

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1227
مۇنبەر پۇلى
2108
ئىشەنىچ
1227
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئىشنى كۆرۇڭ ئىنكاس تەستىقلىنۋاتدۇ ،قانداق بولغىنى بۇ.
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

743

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئۇيغۇر ئوغلى
تۆھپە
259
مۇنبەر پۇلى
477
ئىشەنىچ
259
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، ئادەم ئۆز پەزىلىتى، غۇرۇرىنى ئاساس قىلىپ ياشىغاندىلا ئىنسانىي سۈپەتكە ئېگە بولالايدۇ.

23

تېما

31

ئەگەشكۈچى

6322

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3125
مۇنبەر پۇلى
2616
ئىشەنىچ
3125
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي ئادەمدەك ياشاشلا  ئەڭ ئسىل ياشاشتۇر . دېھقانى ئەپەندىگە تەشەككۈر !

79

تېما

17

ئەگەشكۈچى

2363

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن
تۆھپە
602
مۇنبەر پۇلى
1213
ئىشەنىچ
602
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز سىزگە تەشەككۇر

21

تېما

33

ئەگەشكۈچى

7318

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3001
مۇنبەر پۇلى
3144
ئىشەنىچ
3001
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئىنكاس تەستىق كۈتىدىغان بولۇپتۇ -دە!؟
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
رەخمەت

42

تېما

16

ئەگەشكۈچى

2539

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
998
مۇنبەر پۇلى
1365
ئىشەنىچ
998
يوللىغان ۋاقتى 6 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلارنى تەستىقلايدىغان يېڭى تۈزۈمگە رەھمەت.... بەزىدە خۇيى تۇتۇپ قالىدىغانلارغا يوچۇق قالمىغۇدەك ئەمدى...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-25 19:46, Processed in 0.116535 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش