تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 118|ئىنكاس: 2

دادامنىڭ تەرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

0

ئەگەشكۈچى

267

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
45
مۇنبەر پۇلى
153
ئىشەنىچ
45
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-17 16:39:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى


دادامنىڭ تەرى

دېھقان دادام جاپاكەش دادام،
ماڭا بەردى ياڭاق ھەم بادام،
باغرىغا چىڭ باسسا دەپ بالام،
ئىپار پۇرار دادامنىڭ تەرى.


تامچە-تامچە ئاققۇزۇپ تەرنى،
ئەل قىلدۇردى زەي شورلۇق يەرنى،
تەڭ قىلمايمەن نەچچە مىڭ سەرنى،
ئالتۇن تۇغار دادامنىڭ تەرى.


بوستان بولدى قاقاس تۇپراقلار،
شىلدىرلىغان گۇۋاھ ياپراقلار،
يەنە گۇۋاھ زىھنى ئويغاقلار،
داستان تۇغار دادامنىڭ تەرى.


يەردىن ئىلىپ ئەلگە بېرىدۇ،
تامالاردىن ئەمما نېرىدۇ،
دېھقان دىسە ھەممە بىلىدۇ،
ئەلگە باھار دادامنىڭ تەرى.


ئانىلار

ئانا دىگەن سۆز زەپ يېقىملىق،
ئانا ئەتكەن ئاش بەك تېتىملىق.
ئانىلارنىڭ باغرىدا پەرزەنت،
تېلىققىچە كۈلىدۇ ۋىلىق.


بەرىكەت بار ئانا بار ئۆيدە،
شاد-خۇراملىق شۇ ئۆيدە كۈندە.
ئانىسىز ئۆي غەمگە مۇپتىلا،
يېتىم يىغلار تېۋىشسىز ئۈندە.


تونورلاردا ئانىلار ھىدى،
راھەت يىسەك ياققان ھەر نېنى.
كېچە-كۈندۈز بالام غېمى دەپ،
سەرىپ قىلار يۈرەك قېنىنى.


ئانا ئۇلۇغ ئانا مېھرىبان،
جان ئانىلار كۆكتىكى چولپان.
مېھرى قۇياش شۇڭا ئانىلار،
بۈيۈكلىكنىڭ تەختىگە سۇلتان.

رۇستەم قاراسۇ...ئالاتاۋدا يېزىلدى

11

تېما

1

ئەگەشكۈچى

930

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
449
مۇنبەر پۇلى
448
ئىشەنىچ
449
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئاتا-ئانا ئەجىرنى بەكمۇ يۇمشاق تىلدا يېقىملىق تەسۋىرلەپسىز ئوقۇپ سۆيۈندىم ھەم ئاتا- ئانامنى ئەسلىدىم.
   سىزنىڭ ئاتا-ئانىغا ۋاپادار ئوغۇل ئىكەنلىگىڭىزنى ھېس قىلدىم.بەخت سىزگەھەمىرا بولسۇن.  رەخمەت.

79

تېما

17

ئەگەشكۈچى

2363

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن
تۆھپە
599
مۇنبەر پۇلى
1213
ئىشەنىچ
599
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا -ئانىلارنى قەدىرلەش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى ياخشى يىزىپسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-25 18:58, Processed in 0.110959 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش