- تىزىملاتقان
- 2013-7-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-26
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 933
- نادىر
- 0
- يازما
- 230

- تۆھپە
- 449
- مۇنبەر پۇلى
- 451
- ئىشەنىچ
- 449
| تولمۇ مۇرەككەپ سىرلىق قەلئە كەن، كۆڭۈل باياۋىنىڭدا يۈردۈم تەمتىرەپ. ئۈمىد كۆڭۈلىمدە ئۆچمەس جىن-چىراق، ئورۇنسىز زورۇقتىم تەرلەپ-تەپچىرەپ.
قاغىش تەككۈر قايسى كۈنى بولدۇم ئاشىق، جادۇ كۆزىڭ ،ناز كۈلكەڭ قىلدى بەنىت. رەھىمسىز،مېھىرىسىز كۆزلىرىڭ بىلەن ، تۈشۈمگە كىرسەڭمۇ بۇ ماڭا بەخىت.
ئىنسان قەلبئى سىرلىق قەلئە تىلسىملارغا باي، شۇ تىلسىمنىڭ ئاچقۇچىنى تاپماق بەك مۈشكۈل. بەخىتكە چۆمۈلمەسمىدىم ،ئىككى تەندە بولسا بىر يۈرەك، نىمە چارە مۇھەببەت شەھسىيەتچى، تەۋەككۈل.
مۇھەببەت شەپقەتچى،مېھىربان ئەمەس ، كۆندەشلىك يوشۇرۇنغان تەختى-راۋانغا. غايە-ئارزۇلارنىڭ دۈشمىنى تۈشكۈنلۈك، مۇھەببەت چىرتكۈچ ئاپەت ئىنسان روھىغا.
جۇدالىق كۈنلىرى مۇسبەتتىن ئېغىر، تاغ بولۇپ باسقاندا يەلكەڭنى تەغدىر. چىداشلىق بېرمەن ھەسىرەتتە كۆيسەم، كۆزىمدىن ئاقسمۇ توختىماي يامغۇر. مەنبە؛ غورۇر. |
|