تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 954|ئىنكاس: 39

قاسىم سىدىق:گىراۋىتوننىڭ باش ئاغرىغى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-10 23:50:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىراۋىتوننىڭ باش ئاغرىغى

قاسىم سىدىق

1

گىراۋىتون كەڭ مەنىلىك نەزەريىسىدىكى تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ توشۇغۇچىسى .مۇبادا گىراۋىتون مەۋجۈت بولمىسا كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە كىۋانىت تارتىش كۈچى نەزەريىسى مىسىلسىز خىرىسقا يولۇقىدۇ.بىر ئەسىردىن بۇيان بۇ زەررىچىنى تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولۇپ كەلدى.گىراۋىتوندىن ئۈمىت ئۈزۈش سادالىرىمۇ تۆشمۇ-تۈشتىن ياڭراشقا باشلىدى.

مىنىڭ قارىشىمچە گىراۋىتون تېپىلغان تەقدىردىمۇ مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدۇ.سەۋەپ ،گىراۋىتون ھېچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدۇ،پەقەت ئالەملىك تارتىش كۈچىنى ئۇزۇتۇشقىلا مەسئۇل دەپ قارىغاندىلا ئاندىن كىچىككىنە ئۈمىت توغۇلسىمۇ،لىكىن ھېچقانداق تەسىرگە قاتناشمايدىغان زەررىچە ۋە جىسىم يوق ،دەيدىغان ئىدىيەلەر بۇنداق قاراشقا يول قويمايدۇ.نەتىجىدە نەزەريىچىلەر ئاللىقانداقتۇر يېڭى بىر ۋاستىچى زەررىچىنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نەزەرىيە چەكسىز پارچىلىنىشنىڭ ئېزىتقۇ سارىيىغا كىرىپ قالىدۇ.

2

گىراۋىتۇنغا ئۈمىت باغلىغان نەزەريىلەرنىڭ ھەممىسى يەنە بىر مەسىلىگە دۇچ كىلىدۇ.ئۇ بولسىمۇ ،ئالەمدىكى گىراۋىتون سانى.بۇ سان تۇراقلىق دەپ قارالسا،ئىزچىل كېڭىيىۋاتقان ئالەم ئالدىدا ئۇز قىيىنچىلىقلىرىنى ئاشكارىلايدۇ.يەنى ئادەملەرنى قان يېتىشمەسلىك كېسىلى قىينىغاندەك،گىراۋىتونچىلارنى گىراۋىتون يىتىشمەسلىك كىرزىسى ئازاپلايدۇ.چۈنكى ئالەم كېڭەيگەنچە بىزنىڭ گىراۋىتونچىلىرىمىزدىن تېخىمۇ نۇرغۇن گىراۋىتۇن چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بۇ ھال گىراۋىتونچىلارنى ئاخىر بېرىپ ئالەمدىكى گىراۋىتون سانى تۇراقلىق بولمايدۇ،ئېھتىياجغا ئاساسەن كۇپىيىپ-ئازىيىپ تۇرىدۇ،دىيىشكە مەجبۇ رقىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بۇ نەزەريىچى ئالەم ئىزچىل كېڭىيىۋەرسە ئالەمدىكى بارلىق ماسسا - ئىنىرگىيەنى گىراۋىتون ياساشقا سەرىپ قىلىشقا مەجبۇر.ھالبۇكى، بۇ ۋاقىتتا گىراۋىتۇنغا قىلىدىغان ئىش قالمايدۇ.چۈنكى ئالەمدە گىراۋىتۇندىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى.باشقىچە ئىتقاندا گىراۋىتۇن ئارغامچىسىنى باغلايدىغان نەرسە تېپىلماي قالىدۇ.
مىنىڭ بۇ گىپىمنىڭ مەنىسىنى ئىككى نەرسە ئارىسىغا تانا تارتىپ كىر يايغانلىكى ساۋاتسىز خۇتۇنلارمۇ چۈشىنەلەيدۇ.يەنى تانا تارتىلغان ئەشۇ ئىككى نەرسە _ ياكى تۇرۇك،ياكى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىلىغى مۇقىم بولسا_ ئاندىن بۇ خۇتۇننىڭ چەكلىك ئۇزۇنلۇقتىكى تانا-ئارغامچىسى ئۇنىڭغا يېتىدۇ.ئۇ ئىككى نەرسە ئارىلىغى يىتەرلىك يىراق بولسا بۇ تانا ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.نىيوتۇن تارتىش كۈچى ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭ تانىسى بىلەن بۇ تانىنى باغلايدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۇزۇنلىغى ۋە ئارىسى مۇقىم ئىدى.شۇڭا نىيوتۇننىڭ ئالەم مودىلى تۇرغۇن ئالەم مودىلى ئىدى.ئېنىشتېيىن تارتىش كۈچى مەيدانىدا ماكان ئەگرى بولىدۇ دەپ قاراپ كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىنى تورغۇزغاندىمۇ ،ئۇنىڭ ئالىمى كېڭەيمەيدىغان - تارايمايدىغان تورغۇن ئالەم ئىدى.ئېينىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى نەزەريىسىنى تانا تارتىشقا ئەمەس،رېلىس ياتقۇزۇشقا ئوخشۇتۇشقا بولاتتى.يەنى ئالەملىك ماسسا -ئىنىرگىيە توراقلىق بولغانلىغى ۋەجىدىن،ماسسى چوڭ جىسىملار  ئۆز ئەتراپىدىكى ماكاننى ئەگرى ۋە چەكلىك قىلىپ قويىدۇ.سەييارە قاتارلىق بارلىق جىسىملار مۇشۇ ئەگرى ماكاندا ئايلىنىپ ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ.يەنى،سەييارە،جىسىملار  ماسسا مەركىزىنى ئايلىنىپ تۇيۇق ،چەمبەرسىمان ھەركەت قىلىدۇ.ئېينىشتېيىننىڭ بۇنداق ئالەم مودىلىمۇ تۇرغۇن ئالەم مودىلى بولۇپ،ئۇ بىزگە تۇيۇق رىلىستا ئايلىنىۋاتقان ئۇيۇنچۇق پۇيىزنى ئەسلىتىدۇ.مەيلى نىيوتۇن،مەيلى ئېينىشتېيىن بولسۇن ئۇلارنىڭ نەزەريىلىرى پەقەت تۇرغۇن،كېڭەيمەيدىغان،تارايمايدىغان ئالەمگىلا ماس كېلەتتى.ھەم ئولارنىڭ ئالەم مودىللىرى ئايرىم -ئايرىم ھالدا،نىيوتون تۇرغۇن ئالەم مودىلى،ئېينىشتېيىن تورغۇن ئالەم مودىلى دەپ ئاتالغان.
ئىش شۇنىڭ بىلەنلا تۆگىگەن بولسا ،ھەممە مۇشۇنداق تۇرغۇن مودىل ئاساسىدىلا چۈشەندۆرۆلگەن،ھەل قىلىنغان بولسا بىزگە تالاشقىدەك ئىشمۇ قالمىغان بولاتتى.لىكىن ،ئالاھىزەل 1922-يىلى بولسا كېرەك،ئامرىكىلىق ھوببىلى(ھابىل؟) ئاسمان جىسىملىرىنى كۇزۇتۇپ ،ئالەمنىڭ نىيوتون ئېينىشتېيىنلار ئىيىتقاندەك تۇرغۇن بولماي،كېڭىيىۋاتقانلىغىنى ئىسپاتلىدى.دەل شۇ ۋاقىتتىلا نىيوتۇننىڭ ئارغامچىسى ئۆزۆلگەن،ئېينىشتېيىننىڭ پاراۋۇزلىرى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ۋە رېلىسلىرىمۇ كاردىن چىقىپ بولغان ئىدى.ھازىر تېخى كۇتىرەلمىسەڭ ساڭگىلىتىۋال دىگەندەك،ئالەم تىزلىنىشچان سۆرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ،دىگەن گەپ چىقتى ۋە ئالدىنقى يىلىلا بۇنداق ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارغا نوبىل مۇكاپاتى بىرىلدى.
مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بايامقى نىيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىننىڭ چەكلىك ئۇزۇنلىقتىكى تانا ۋە رېلىسلىرى يەنە قانداقمۇ ئالەمنىڭ ئومۇمى مەنزىرسىنى توغرا تەسۋىرلەپ بېرەلىسۇن؟.ھازىر نۇرغۇنلىغان نەزەريە فىزىكلىرى يۇقۇرقى ئىككى زاتنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ رېلىس ۋە تانىلارغا ياماقچىلىق قىلىۋاتىدۇ،ئىشقىلىپ،تۆكۆرۆپ چاپلىغاندەك بىر ئىشلار بولىۋاتىدۇ.

3

گىراۋىتون تىزلىكى - باش ئاغرىتىدىغان يەنە بىر مەسىلە.ھازىر فىزىكىدا ئېينىشتېيىن تارمەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى تۆپەيلى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى تىزلىك يوق.يورۇقلۇق تىزلىكى تىزلىكنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چېكى،بۇ چەك بولسا ئالاھېزەل 300.000كىلومىتىر سىكونىت دەپ قارىلىدۇ.خۇش ئۇنداقتا گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى قانچىلىك؟.
ھازىر بىر قەدەر ئومۇملاشقان قاراش گىراۋىتونمۇ يورۇقلۇق تىزلىكىدە ھەركەت قىلىدۇ دىگەندىن ئىبارەت.بۇ ھالدا كېلىپ چىقىدىغان يەكۈن نىمە؟.
1.يورۇقلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ،دەپ قاراش.چۈنكى گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكى بىلەن باراۋەر بولسا  ئۇ ھەرگىز يورۇقلۇق بىلەن تەسىرلىشەلمەيدۇ.بۇ ھالدا ئېينىشتېيىننىڭ "يورۇقلۇق تارتىش كۈچى مەيدانىدا تارتىش كۈچى ۋەجىدىن ئېگىلىدۇ" دىگەن ئىدىيىسى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
2.گىراۋىتوننىڭ تىزلىكى يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقۇرى بولىدۇ دەپ قاراش.بۇنداق قارىغاندا يورۇقلۇق تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دىگەن قاراشنى مەنتىقى جەھەتتىن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ.لىكىن ،بۇ ھالدا ئېينىشتېيىننىڭ "يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"دىن ۋاز كىچىشكە توغرا كېلىدۇ."ئېنىدىن پايدا ئالىمەن دىسەڭ بويىدىن زىيان تارتىسەن"دىگەن نەق مۇشۇ!.

3.فۇتۇنلار ئارىسىدىمۇ گىراۋىتون ئالماشتۇرۇش بار"دەيدىغان قاراش مۇقەررەر ھالدا ،ھەربىر فۇتوننىڭ تەركىۋىدە يىتەرلىك گىراۋىتون بار"دىگەن قاراشقا ئېلىپ بارىدۇ.چۈنكى مەيلى زەررىچە ياكى جىسىم بولسۇن ئۇزىدە يوق نەرسىنى باشقىلار  بىلەن ئالماشتۇرالمايدۇ.ئۇنداقتا بۇنى فۇتون دەمدۇق ياكى گىراۋىتون دەمدۇق؟!.

گىراۋىتوننىڭ باش ئاغرىقلىرى بۇلارلا ئەمەس.مېزىنى باسسا تېزى چىقىۋىرىدۇ.

2013.9.23

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 11:16:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-11 11:29  

ئۇز ئارا تەسىر جەريانىدىكى گىراۋىتون سانى ئەستايىدىل ئويلاشمىسا بولمايدىغان مەسىلە.يىتەرلىك گىراۋىتون بولمىسا ئۇز ئارا تەسىرنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ.ئاي شارى بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدا ؛ئۆز ئارا ئالەملىك تارتىش كۈچى تەسىرىگە قاتنىشىدۇ دىيىلگەن ھەرقانداق زەررىچە ۋە جىسىملار ئوتتۇرىسىدا«گىراۋىتون ئاغامچىسى »شەكىللەندۆرۆش ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ گىراۋىتون كىرەك.زادى قانچىلىك؟.كونكىرىت سان ئىنىق بولۇشى كىرەك.

يۇقۇرقى نۇقتىدىن چىقىپ بىز "گىراۋىتون ئارغامچىسى"نىڭ شەكلىنى تارتىش كۈچى مەيدانى كۈچىنىشلىگى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ئارىلىقنىڭ كىۋادىراتىغا تەتۆر تاناسىپلىغى نۇقتىسىدا تۇرۇپ پەرەز قىلساق غەلىتە بىر شەكىلگە ئىرىشىمىز.يەنى بۇ ئاغامچىنىڭ ئىككى بېشى توم ،ئوتتۇرىسى ئىنچىك.ئاي شارى بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى"گىراۋىتون ئاغامچىسى"نىڭمۇ ئەھۋالى مۇشۇنداق.لىكىن ئىككى بېشىنىڭ توملىغى ئوخشاش ئەمەس.يەر شارى تەرەپتىكىسى بەكرەك توم بولىشى كىرەك.بۇنىڭدىن باشقا ئاي شارى قويۇپ بەرگەن گىراۋىتون ئاغامچىسىنىڭ  يەر شارى تەرەپتىكى ئۇچى ئىنچىكە ،يەرشارى قويۇپ بەرگەن گىراۋىتون ئارغامچىسىنىڭ ئۇچى تومراق.شۇ ھالدىلا يەر شارى ئاي شارىنى تارتىپ تۇرالايدۇ.

لىكىن بۇ يەردە بىر مەسىلە بار.يەنى ئاي شارى قوبۇل قىلغان گىراۋىتون سانى بىلەن قويۇپ بەرگەن گىراۋىتۇن ساننىڭ ئاز - كۆپلىگى مەسىلىسى.ھەر ئىككىسى ئوخشاش دەپ قارالسا بۇ ھالدا يەر شارىنىڭ ماسسىسى كۆپ بولۇش ۋەجىدىن ئاي شارىنى تارتىشىنى پەرەز قىلماق قىيىن.چۈنكى ئۇلارنىڭ چىقىرىۋاتقان گىراۋىتونى _ بۇ "قۇرۇلۇش"قا سالغان "مەبلىغى"ئوخشاش بولغاچقا يەر شارى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولالمايدۇ.
"ياق،ئاي كۆپ گىراۋىتون قوبۇل قىلىۋىلىپ ،ئازگىراۋىتون چىقىرىدۇ،شۇڭا ئاي شارىنى تارتىپ تۇرىدۇ!"دەپمۇ باقايلى .بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟.
نەتىجە شۇكى،ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ يەرشارىنىڭ گىراۋىتونى(مەبلىغى)ئازلاپ ،ئاي شارىنىڭ گىراۋىتونى كۆپۆيۈپ كېتىدۇ.بۇ مەنزىرە ئۇزى كىچىك لىكىن باي دۆلەت بىلەن ئۇزى چوڭ،لىكىن گاداي ئىككى دۆلەتنى ئەسلىتىدۇ.بۇھالدا قايسى قايسىنى تارتىدۇ؟
قايسى بەكرەك جەلىپكار؟.

ھازى ئاي شارىنىڭ يەر شارىدىن يىراقىلىشىپ كېتىۋاتقانلىغى ئىنىق بولدى.بۇ بايقاشمۇ گىراۋىتون نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن پايدىلىق بايقاش ئەمەس.بۇ گىراۋىتون ئارغامچىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكىنىدىن دىرەك بەرمەمدۇ؟!.

گىراۋىتون نەزەريىسىنىڭ تېزىنى باسسا مېزى چىقىدۇ دىيىشمنىڭ ئاساسلىرى ئازئەمەس.بۇ ھەقتە يەنە داۋاملىق توختىلىمەن.

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 12:27:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بىز "گىراۋىتون مەۋجۈت"دىگەن مەۋقەدە تۇرۇپ،ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن "گىراۋىتون ئوپراتسىيىسى "ئېلىپ بارايلى

گىراۋىتوننىڭ ھەركەت شەكلى تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك موھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى.بىز گىراۋىتوننىڭ قانداق شەكىلدە ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى مۇھاكىمە قىلىپ كۇرسەك ،يەنە بىر مۇنچە «ماز»لار چۇۋۇلۇپ چىقىشى مۇمكىن.
1.گىراۋىتون تۆز سىزىقلىق ھەركەت قىلامدۇ؟.
قوياشتىن قويۇپ بېرىلگەن يورۇقلۇق 8 مىنوتتا يەر شارىغا يېتىپ كېلىدۇ.يەر شارى بۇ سەككىز مىنوت ئىچىدە ئوربىتىدا مۇقىم ئورنىدا بولمايدۇ،يۆتكىلىدۇ. دىمەك يورۇقلۇقنىڭ ،يەنى بىر دانە فۇتوننىڭ يەر شارىغا يېتىپ كىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەركىتى ئەگرى بولىشى كىرەك.گىراۋىتونغىمۇ ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ.گىراۋىتوننىڭ ھەركىتى تۆز بولىدۇ دىيىلسە قوياشتىن قويۇپ بىرلگەن بىر دانە گىراۋىتوننىڭ يەر شارىغا چۈشىشىىنى تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن.بۇ ھالدا قوياش بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدا "گىراۋىتون ئالماشتۇرۇش"يۆز بەرمەيدۇ.بۇ ئوسۇلنى قوياش سېستىمىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پىلانتىغا قوللۇنۇپ كۆرسەك ئەھۋال تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

2.گىراۋىتوننىڭ ھەركەت شەكلىنىڭ ئەگرى بولىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئۇنىڭ ئۆزلۆك ئايلىنىشقا ئىگە بولغانلىغى،شۇ سەۋەپتىن 29-تىئورمىنى قانائەتلەندۆرىدىغان ھەركەت ئەگرىلىگىگە ئىگە بولغانلىغىدىن ئىبارەت.
ئەمدى قارىساق ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن گىراۋىتون بىلەن "ئېن"نىڭ پەرقى قالمىغاندەك قىلىدۇ.

گىراۋىتون داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ،بۇ مۇھاكىمە بىزنى تارتىش كۈچىنىڭ سىرىغا باشلاپ بېرىشى مۆمكىن.مىنىڭچە بىز ئۇنىڭغا كۆپ يېقىنلاشتۇق!.

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 13:09:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارىنىڭ ئوربىتىلىق ھەركەت تىزلىكى30كىلومىتىر سىكونىت ،بۇ ھالدا قوياشتىن قويۇپ بېرىلگەن گىراۋىتون ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلمىسا ھەرگىزى يەرشارى بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ.چۈنكى يەر شارى 30كىلومىتىر سىكونىتلىق تىزلىك بىلەن ئەسلىدىكى ئورنىدىن يۆتكىلىپ كىتىدۇ.يەنى  بىر دانەگىراۋىتوننىڭ قوياشتىن چىقىپ يەر شارىغا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن 8 مىنوت كەتكەنلىگى ئۈچۈن ئۇ يەر شارىنى كەينىدىن قوغلاپ ،ئەگەشكەن ھالدا ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىپ يەر شارىغا يېتىۋىلىشى كىرەك.

مەيدان نەزەريىسى يەككە گىراۋىتوننىڭ ھەركەت شەكلىنى تەتقىق قىلمىغانلىغى ۋەجىدىن بۇ جەريانلارنى گىراۋىتونلار توپى ھەققىدىكى سىتاتىستىكىلىق مىتوتلار ئارقىلىق سۇۋاپ ئۆتۆپ كېتىدۇ.لىكىن ،شۇسى ئىنىق بولسۇنكى ،ھەرقانداق سىتاتىستىكىلىق قىممەت ،كونكىرىت ،ئىلىمنىتار قىممەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىدىن ئىبارەت.يەككە زەررىچە بولمىسا مەيدانمۇ مەۋجۈت بولالمايدۇ.بىردانە گىراۋىتوننىڭ ھەركەت شەكلى گىراۋىتونلار توپىنىڭ ھەركەت شەكلىدىن دىرەك بېرىدۇ.

"گىراۋىتون ئوپراتسىيىسى" داۋاملىق ئېلىپ بىرىلىدۇ.

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 14:56:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىراۋىتۇنلا ئەمەس ،بارلىق كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچىلەرنىڭ ئۇزلۆك ئايلىنشقا ئىگە ئىكەنلىگى مەلۈم.بۇ ھالدا ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن قارىغاندا مىكرۇ دۇنيانىڭ ھەركەت شەكلىمۇ ماكرۇ دۇنيادىكى ھەركەت شەكلى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.تارتىىش كۈچىنىڭ ۋاستىچىسى بولغان گىراۋىتۇندىن باشقا مەيدان زەررىچىلىرىمۇ ئەگرى ھەركەت قىلغان بولىدۇ،دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

ئەمدى ئالەمدىكى ھەممە زەررىچە ۋە جىسىملارنىڭ قاينامسىمان ئەگرى ھەركەت قىلىدىغانلىغىغا ھۆكۆم قىلىشقا بولىدۇ.بۇنداق ھۆكۆم ھازىرقى كۆزۆتۆش نەتىجىلىرىگە ئۇيغۇن.بۇنداق ئاساسلار بار ئىكەن ئېينىشتېيىننىڭ يورۇقلۇق تارتىش كۈچى مەيدانىدا تارتىش كۈچى ۋە جىدىن ئەگرى ھەركەت قىلىدۇ ،دىگەن ئىدىيىسى خىرىسقا ئۇچرايدۇ.


قىسقىچە يەكۆنىم ۋە باياناتىم

مەن ئەمدى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى بايقاپ بولغاندەك قىلىمەن.تارتىش كۈچى ئاتالغۇسى ۋە ئوقۇمىنىڭ ئورنىغا «ئېغىرلىق كۈچى»نى دەسسىتىش تەكلىۋىنى بېرىمەن.بۇھالدا ،تارتىش كۈچى ئۇقۇمى كەلتۆرۆپ بەرگەن زىدىيەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ،ئالەمنى زىدىيەتسىز تەسۋىرلىگىلى ،فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرگىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە مىنىڭ قىلغانلىرىم يەنىلا پەلسەپە -لوگىكىلىق ئەقلى يەكۈن ۋە بىر ئىدىيە.بۇ ئىدىيە فىزىماتلىق شەرىھلىنىشى كىرەك.شۇسى ئىنىقكى ،نەتىجە ھامان مۇشۇ ئىدىيەنى قوللايدىغان بولۇپ چىقىدۇ.ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلەردىن ئىرىشكەن يەكۆنىم مۇشۇ.
ئوقۇرمەنلەر قاراشلىرىمدا خاتالىق بايقىسا دادىل ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى سورىغانلارغا چۈشەندۆرۆشكە تىرىشىمەن.

ھۆرمەت بىلەن :قاسىم سىدىق

2014.1.11

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 01:34:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش

قاسىم سىدىق

http://bbs.bagdax.cn/thread-22109-1-1.html

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 11:23:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر شارى 8 مىنوتتا ئۇز ئوربىتىسىدا14.400كىلومىتىر يول بېسىپ ،ئەسلىدىكى ئورنىدىن شۇنچىلىك يۆتكىلىپ كېتىدۇ.يەر شارىنىڭ ئېكىۋاتۇردىيامىتىرى 12756كىلومىتىر.
بۇنىڭدىن،قوياشتىن چىققان بىر دانە فۇتون مۇبادا تۆپ-تۆز ماڭسا  يەر شارى بىلەن ئۇچرىشالمايدىغانلىغىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
يەر شارى ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەن، تۆپ -تۆز ماڭىدىغان  فۇتونلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ،دېيىلىشى مۆمكىن.يەنى ئاسمان بوشلۇغى ھەر قاچان يورۇقلۇققا تولۇپ تۇرغان بولىدۇ.
بۇ گەپ پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ؟.مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۆش كىرەك.
1.بۇ ھالدا"8مىنوتتا يېتىپ كېلىدۇ"نى تەكىتلەشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى قالمايدۇ.بۇ ھالدا يەر شارى ئۇزى ئايلىنىپ قوياشقا يۆزىنى"قاقلايدۇ"دېسەك تېخىمۇ ئەپلەشكىدەك.بۇنىڭدىن يەر شارىنىڭ قوياش نۇرى بىلەن بېۋاستە ئۇچرىشىشىغا ۋاقىت كەتمەيدۇ،دىگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ.پەقەت يەرشارى ئوقىدا ئايلىنىش تىزلىكىگە تاينىپ يۇزىنى قوياشقا نۇۋەتلەشتۆرۆپ قاقلايدۇ،دىمەكتىن باشقا چارە يوق.
2.يۇقۇرقىچە ئويلىسىمۇ مەسىلە ھەل بولىدىغاندەك قىلىدۇ.لىكىن بىردانە فۇتوننىڭ قوياشتىن چىقىپ يەر شارىغا قانچىلىك ۋاقىتتا يېتىپ كىلىشىنى ئويلاشماسلىقنى ئىلىم -پەن قوبۇل قىلالامدۇ؟، بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس.
3.بىز بىردانە فۇتوننىڭ قوياشتىن چىقىپ يەرشارى بىلەن ئۇچرۇشۇش جەريانىدىكى ۋاقىتنى ئويلاشساقلا فۇتوننىڭ ھەركەت شەكلىنىڭ ئەگرى بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت يەكۆنگە ئىرىشىمىز.گىراۋىتونغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق.
4.دەل مۇشۇ ئەگرىلىكنى ئېدىڭتۇن بايقىىدى دەپ قارالغان قوياش ئەتراپىدىن ئۆتكەن يورۇقلۇقنىڭ ئىگىلىش قىممىتى بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۇرسەك ئېينىشتىن زامان -ماكان ئەگرىلىك ئىدىيىسىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىغىغا ئالاقىدار نەتىجىگە ئىرىشىمىز.

مۇھاكىمە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 13:35:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئادەتتە كۇرىدىغىنىمىزقوياشتىن 8مىنوت ئىلگىرى تۆز تارقالغان فۇتون دىيىلسىچۇ؟
بۇنى مۇھاكىمە قىلىپ كۇرۇش كېرەك:

قوياشتىن چىققان بىردانە فۇتون مەيلى بۇرۇن تارقالغان ياكى كىيىن تارقالغان بولسۇن  قوياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئارىلىغى،يەرشارىنىڭ ئوربىتىدىكى يۆتكىلىشى مۇقىم بولغانلىغى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ئۆستىگە فۇتوننىڭ تىزلىكىمۇ تۇراقلىق بولغانلىغى ئۈچۈن يەنىلا ھەركەت شەكلى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىمىز. قايسىلا فۇتۇن بولسۇن قوياشتىن مەيلى بۇرۇن چىقسۇن ياكى كېيىن چىقسۇن تۆزلا ھەركەت قىلسا ھەرگىز يەر شارى بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ.ئوخشاش ۋاقىت بىرلىكى ئىچىدە يەر شارى ئوربىتىدا يەنىلا مۇقىم تىزلىكتە يۆتكىلىۋاتقان،ئەسلىدىكى ئورنىدا بولمىغان بولىدۇ.يەر شارى ئوربىتىدا7مىنۇتتا ئۇز دىيامىتىرى بىلەن باراۋەر بولغان ماكاننى بېسىپ ئۆتكەن بولىدۇ.تۆز ماڭغان فۇتون يەر شارى بىلەن ئۇچرۇشۇشقا 1مىنوت كېچىكىدۇ.

25

تېما

9

ئەگەشكۈچى

2173

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
547
مۇنبەر پۇلى
1509
ئىشەنىچ
547
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-12 19:12:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ماكان ئەگىرى بولغانلىغى ئۈچۈن ھەركەت ئەگىرى بولىدۇ»دەيدىغان ئىدىيەدە ھەركەت ماددىغا تەئەللۇق ،ھەركەتنىڭ شەكلى بولسا ماكانغا تەئەللۇق قىلىپ قويۇلغان بۇلىدۇ. ھەركەتنى ھەركەت شەكلىدىن ئايرىۋىتىش ھەقىقەتەنمۇ قوبۇل قىلىش قىيىن بولىدىغان مەنتىقە.بۇ ھالدا ھەركەتنىڭ بارلىق ئىنىقلىمىلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىشكە توغرا كىلىدۇ.چۈنكى ،مۇئەييەن ھەركەت شەكلىگە ئىگە بولمىغان ھەركەتمۇ،ماددىدىن ئايرىلغان ھەركەتمۇ مەۋجۈت ئەمەس.

189

تېما

9

ئەگەشكۈچى

6092

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3064
مۇنبەر پۇلى
2450
ئىشەنىچ
3064
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 09:25:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاكىمە خارەكتېرىدىكى تىمىلارمۇ كۈپىرەك يۇللىنىپ تۇرسا دەيمەن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-29 10:29, Processed in 0.111503 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش