- تىزىملاتقان
 - 2012-11-23
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2014-1-3
 - ھوقۇقى
 - 70
 - جۇغلانما
 - 1314
 - نادىر
 - 0
 - يازما
 - 246
 
 
   
 - 真实姓名
 - ئەمەتجان زۇنۇن
 - تۆھپە
 - 532 
 - مۇنبەر پۇلى
 - 654 
 - ئىشەنىچ
 - 532 
 
  |  كەلمىدىڭ
 
  باھار دېدىم قارلار باقتى كەلمىدىڭ،
  كۆزلىرىمدە قانلار قاتتى كەلمىدىڭ .
  جامالىڭنى  پەرىشتىگە ئوخشاتتىم ،
  دەردۇ -بالا چىراي ئاچتى كەلمىدىڭ .
 
 
  ۋىسال ئىزلەپ دەشتى چۆللەر سەرسانمەن ،
  پىراقىڭدا كۆيۈپ كۈلمەن مىڭ جانمەن ،
  پىشانەم شور ، قىسمەتلەرگە ھەيرانمەن ،
  ياۋلار يامان ئوقلار ئاتتى كەلمىدىڭ .
 
 
  ئارمان بولۇپ چېچەكلىدى گۈللەرمۇ ،
  كۆيدى تەنھا سەنسىز قارا تۈنلەرمۇ ،
  يوللىرىڭغا سىڭدى مۇڭلۇق كۈيلەرمۇ ،
  ئاسمىنىڭدا چاقماق چاقتى كەلمىدىڭ .
 
 
  ئۈمىت بىلەن  تىنىقلىرىم  ئوت -  لاۋا  ،
  سەۋدالىقتىن خۇش كۈلىدۇ  ئۇز دۇنيا  ،
  ئىزلىرىڭنى بىلدىم كەبى تۇتىيا ،
  تاغلار كېسىپ سەلدە ئاقتىم كەلمىدىڭ .
 
 
  مەنبە ؛ قەلەم .
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
  |  
  |