مۇتىللا ئەبەد قىرانى
ياۋا ئوت
( پوۋېست )
- زۇبەيدە! ئۇ بۇئىسىمنى باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاشنى ئەسلا خالىمايتتى، چۈنكى باشقىلار بۇئىسمنى ئۇنىڭدەك سۆيۈنۈش ئىچىدە چاقىرالمايتتى ھەم ئۇنىڭدەك پەخر ھېس قىلالمايتتى.بۇ ئىىسىم پەقەت ئۇنىڭغىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماي، بەلكى روھى دۇنياسىمۇ بىر ئۆزىگەتەئەللۇق ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىش ئارقىلىق، ئۆز ھوقۇقىغادەخلى-تەرۇز قىلىشىنى، بۇ ئىسمنى چاقىرىشتىن كەلگەن تاتلىق تۇيغۇلاردىن ئۆزى بىلەنبىرگە بەھرىمان بولىشىنى ئۇمۇت قىلمايتتى. گەرچە ئۇ سېنىڭ ئىسمىڭنى تۈنجى قېتىمباشقىلارنىڭ تىلىدىن ئاڭلىغان بولسىمۇ، بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھېسقىلغان كۈنىدىن باشلاپ، ئىسمىڭنى ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلەرگە ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى.مەيلى باشقىلار نېمىلا دېمىسۇن، ئۇ باشقىلارنىڭ تىلىدا سېنىڭ ئىسمىڭنى قايتائاڭلاشنى ئارزۇ قىلمايتتى. ئۇ دائېمئۆزىگە «سېنى تۈنجى رەت ئۇچراتقان ئاشۇ كۈنى ئېسىڭدىمۇ؟ سېنىڭ قەستەن شارپاڭنىئۇنتۇپ قالغان كۈنىنى دەۋاتىمەن. مېنى كەچۈرگىن، سېنىڭ قەستەن مېنىڭ قايتا ئىزدەپكېلىشىم ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. سېنىڭ ئاۋازىڭنى، ماڭا كۈلۈپباققىنىڭنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن. بىراق، سېنىڭ ئاشۇ مىسرالىرىڭ ھېلىھەم ئېسىمدە!»دەپ شىۋىرلايتتى. كۆز يېشىمداقۇرۇلغان دۇنيا، بىر ساڭىلامەنسۇپ ئەزىزەم. . . . . . .. . . . . ئۇ بۇمىسرالار ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم ئويلانغان بولسىمۇ، نادانلىق ۋە بىغەملىك تۈپەيلىزۇبەيدەنىڭ يۈرىكىڭنى چۈشەنمىگەن. ئەسلىدە بۇ مىسرالار ئۇنىڭ ئۈچۈن توقۇلغان، كۆزيېشى ئارقىلىق يارىتىلغان گۈزەل دۇنيا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ ئۇزۇبەيدەنىڭ قەلبىدە ئۆزى ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان شاھ ئوردىسىنى ئۆز قولى بىلەن بەرباتقىلغىلى تاسلا قالغان. بۇ ئوردىنىڭ قورغانلىرىنى زۇبەيدە ساداقىتى بىلەن مۇستەھكەمياسىمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئانچىكى ھۇجۇم قىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بولاتتى.زۇبەيدە يەنە چەكسىز ۋە مىننەتسىز مۇھەببىتى ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە ھۆكۈمرانبولىۋاتقان ئاسىي ھېسلارنى ھەيدەپ چىقارمىغان بولسا، ئۇ بۇ ئوردىنىڭ خوجايىنىبولالمىغان، بۇ يەردە بەختنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى، مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتىنى ھېسقىلمىغان بولاتتى. زۇبەيدە! ئۇنىڭكۆزلىرىگە قارىغىن، ئۇ يەردە سەن ئاتا قىلغان شېرىن تۇيغۇلار كۈلۈپ تۇرۇپتۇ. سەنئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئۆزىنى تەڭداشسىز ھېسابلايدىغان، ھەممىگە تەبەسسۇم بىلەنباقىدىغان، كۆرۈمسىز نەرسىلەرمۇ ئۈز كۆرىنىدىغان ئادەم قىلىپ قويغىنىڭنى ھېسقىلغانسەن؟ بەلكىم، سەن بۇلارنى تېخى ھېس قىلمىدىڭ. چۈنكى سېنىڭ ئۆزۈڭدە بۇنچىلىكسىھېرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيسەن. ئۆزۈڭنىڭ ئادەم ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭنى، ئۇنىمۇھەببەت ھەققىدە قايتا ئويلاندۇرغانلىقىڭنى تېخى بىلمەيسەن. سەن شۇنداق قۇدرەتكەئىگە ئىكەن سەنكى، سېنىڭ يۈرىكىڭدىن تارىغان ئوت كۆزلىرىڭنىڭ نۇرى ئارقىلىق ئۇنىڭقەلبىنى لەرزىگە سالغان. ۋۇجۇدىنى چوغلىتىپ، بارلىقىنى ئىلكىگە ئالغان. ئۇنىڭخاتىرىسىدە زۇبەيدەنىڭ مىسرالىرى، سېغىنىش بىلەن ئازاب تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان لىرىكقۇرلىرى ساقلانغان. ئۇ شۇ قۇرلارنى قايتىلاپ ئوقۇغىنىدا، زۇبەيدەنىڭ ئۆزى ئۈچۈنتۆلىگەن بەدەلىنىڭ بەك كۆپ بولۇپ كەتكىنىگە كۆز يۇمالمايتتى. كۆز يېشى بىلەنيېزىلغان قۇرلاردا زۇبەيدەنىڭ ناخشىسى، يۈرىكىدىن ئوخچىغان مۇڭلۇق كۈيلىرى،مۇزىكىدەك يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئەشۇ مۇڭلار ئىچىدە زۇبەيدەنىڭئىسمىنى تەكرار زىكرى قىلاتتى ۋە ئۆ-ئۆزىنى توختىماي ئەيىپلەيتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىئۈچۈن ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان بىر ئايالنىڭ قەلبىنى، قوقاس بولۇپ كۆيۈۋاتقانيۈرىكىنى ئوغۇرلاپ كەتكەنىدى. ئۇزۇبەيدەنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۆزىنى تۇنۇيدىغانلىقىنى بېلمەيدۇ. ناۋادا ئۇزۇبەيدەنىڭ بۇ ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتقانلىقىڭنى ھېس قىلالىغان بولسا، ئۆزىنى بۇنچەچوڭ تۇتماس،زۇبەيدەگە بۇنچىلىك ئۇۋال قىلماس ئىدى. ئۇ قول ئۇزاتقىلى بولمايدىغانئېسىلزادىلەردىن بولماستىن، زۇبەيدە بىلەن ئوخشاش دەۋر ۋە تەڭداش قەۋمگە تەۋەئاددىي ئادەم ئىدى. ئەمما زۇبەيدەنىڭ زىيادە سەزگۈرلىكى ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىشىئۆز يۈرىكىنى نۇرغۇن ئازابقا مۇپتىلا قىلغان. زۇبەيدە باشقىلاردەك ئاددىي ئويلىغان،ئۆز قەلبىدىكى سادانى بۇرۇنراق ئاڭلىغان بولسا، يۈرىكىنىڭ ئازارسىزسوقىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە ئۆز تۇيغۇلىرىغا ئىشەنگەن بولاتتى.
* * * *
ئۇ توردۇنياسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇغان كۈنلەردە، زۇبەيدەنىڭ كۆز يېشىدايېزىلغان خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. قىسقىلا يېزىلغان بۇ خەت ئۇنى قايتا ئويلاندۇرۇپقويغانىدى. يېقىندىن بۇيان، ئويلايدىغان نەرسىلەرنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنىڭ بېشىتۇرۇپلا ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. قولىغا قەلەم ئالمىغىنىغا ئۇزۇنبولغاچقىمىكىن، ساڭا جاۋاب خەت يازالمىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ خېتىنى كۈتۈپ بىتاقەتبولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىمۇ، يەنىلا ئۆز ئويلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى. خىزمەتنىڭئالدىراشلىقى ئۇنى ھەقىقەتەن چارچىتىپ قويغان بولۇپ، كەچلىرى ياتسىلا قاتتىقئۇيقىغا كېتەتتى. زۇبەيدەگە جاۋاب خەت يېزىشنى، كۆڭلىگە تەسەللى بېرىشنى ئويلىغانبولسىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايۋاتاتتى. ھەر سەھەر كۆزىنى ئاچقىنىدا، ئۇنىڭ قۇلاق تۇۋىدەزۇبەيدەنىڭ ئاۋازى، شوخ مۇزىكىدەك كۈلكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قانداقتۇ بىريەرگە خاتا كىلىپ قالغاندەك ئەندىكەتتى ۋە بۇلارنىڭ بىر چۈش ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە،خۇددى ساراڭلاردەك تېزىنى ئالقىنى بىلەن چاۋاكلاپ ئۆزىچىلا كۈلۈپ كېتەتتى. ئۇ تورئەدەبىياتنى بىلمەيدىغان چاغلاردا زۇبەيدەنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ھەم ئۇنىڭ بىلەندىدارلاشقان. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئاۋازى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشايدىغان، قارا ئۆڭ دوستىنىڭياردىمىدە ئۇنى تۈنجى قېتىم كۆرگەن. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئايرىمخانا ئىشىكىدىن كىرگەنتۇرقىنى ھازىرمۇ ئەسلەپ قالىدۇ. كالتە يوپكا، قىسقا يەڭ چاپان كېيگەن بۇدرە چاچقىز ئۇنى مەپتۇن قىلغانىدى. زۇبەيدە كۈلۈپلا تۇراتتى، ئېغىزىنى ئۈمچەيتىشلىرىبولسا خۇددى قىيدانچۇق بالىلارغىلا ئوخشايتتى. ئۇ زۇبەيدەنى ئەزەلدىن كۆرۈپباقمىغان ھەم نام-شەرىپىنى ئاڭلىمىغان بولسىمۇ، ئۆز يېنىغا چاقىرىۋالغانىدى. شۇچاغدا ئۇ پەقەت بۇ مېھماننىڭ ئىسمىڭنىڭ «زۇبەيدە» ئىكەنلىكىنىلا بېلەتتى. چۈنكى،زۇبەيدە بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭ ھېلىقى دوستى بۇ ئىسىمنى ئېيتىپبەرگەنىدى. ئۇزۇبەيدەنى بۇرۇندىنلا تونۇيدىغاندەك ناھايىتى قىزغىن بولغانىدى، بۇ ئۇنىڭمىجەز-خاراكتېرى ۋە باشقىلاردىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئىدى. خۇددى زۇبەيدەمۇئۆزىنى كونا تونۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندەك ئەركىن ۋە ئازادە ھېس قىلغان، ئۇنىڭچاقچاقلىرىنى قوبۇل كۆرگەنىدى. ئۇنىڭ چاقچاقلىرىغا چاقچاق بىلەن بەرگەن جاۋابلىرىباشقىلاردا خاتا قاراش پەيدا قىلىپ قويغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مەنىلىك قاراشلىرىنىپىسەنتىگە ئالمىغان ھەم ئۇلاردىن رەنجىمىگەنىدى. باشقىلار بۇ ئىككىيلەننىبۇرۇندىنلا تونۇش ۋە قەلبىنى چۈشىنىشىدىغان سىرداشلاردىن دەپ قالغانىدى. - سىلەرقەيەردە، قانداق تونۇشقان؟ - ئەجەپيېقىن ئىكەنسىلەر، ئەقلىم يەتمەيۋاتىدۇ! ئۇلارباشقىلارنىڭ بەس-بەستە، بىر بىرىگە سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي سورىغان سوئاللىرىغاكۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويماستىن، قىپقىزىل يالغان گەپلەر بىلەن جاۋاب قايتۇراتتى. - زۇبەيدەئەزەلدىن مېنىڭ تۇرسا! - مەۋلانبىلەن مەن بىر ئۆينىڭ ئادىمى. باشقىلارئۇلار ئوچۇق-ئاشكارە جاۋابىدىن دەسلەپتە ھەيران بولغانىدى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ تومئاۋاز دوستى پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئۇلارنىڭ يالغانچىلىقىنى چاندۇرۇپ قويغانىدى.بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېغىزىغا كەلگەن سۇئاللارنى قويۇپلا قالماي، يەنە بەزى چېكىدىنئاشقان بۇيرۇقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىغانىدى. - بۇئىككىسى قەستەن بىزنى ئەخمەق قىپتۇ، ئۇلارنى قانداق جازالىساق بولا؟ - كۆزىمىزكۆرسۇن، قېنى بىرنى... - بىز بولدىدېمىگۈچە، توختاپ قىلىشقا بولمايدۇ! مەۋلانيالغاندىن زۇبەيدەنى سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتاتتى، زۇبەيدە چەبدەسلىكبىلەن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ شېرە ئاستىدىكى قولى مەۋلاننىڭبارماقلىرىنى ئارىلاپ سىقىپ قوياتتى. مەۋلان قولىنى ئۇنىڭ ئىسسىق ھەم پاختىدەك يۇمشاققوللىرىدىن قاچۇرمايتتى. زۇبەيدەنىڭ تېنىدىن تاراۋاتقان ئېسسىق ئېقىم بارماقلىرىئارقىلىق ئۇنىڭ بەدىنىگە ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قۇلىقىغاسورۇندىكىلەرنىڭ چاقچىقى كىرمەيتتى، مەۋلاننىڭ پۈتۈن ئەس-يادى زۇبەيدەنىڭبارماقلىرىنى ئوينىشى بىلەن قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران، ئۇلار «ئىككىمىزراستىنلا تونۇشمۇ؟ ئەگەر بىز ناتونۇش بولساق، تۈنجى رەت ئۇچراشقاندا يۈرەكلەردىكىبۇ يېقىنچىلىق نەدىن كەلگەن؟» دېگەنلەرنى ئويلايتتى. زۇبەيدە ھېچ ئىككىلەنمەيئاياللارغا خاس بولغان شەرمى- ھايانى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپباقمىغان، ناتونۇش بىر ئەرنىڭ بارماقلىرىنى ئويناۋاتاتتى. باشقىلار ئۇنىڭ مەۋلانغابولغان بۇ خىلدىكى يېقىنچىلىقنى ھېس قىلمايتتى، بۇلارنى پەقەت مەۋلانلا ھېسقىلالايتتى. ئۇ كۆڭلىدە بۇنى «بۇ قانداقتۇ بىر كۆرۈپ ئېسىنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكىبۇ مۇھەببەت، ھەقىقى ھېسلارغا تولغان ئاشىقلىق» دەپ ئويلاۋاتاتتى. - مەنئىچمەيمەن.-دېدى، ئۇ ئۆزىگە تەڭلەنگەن ھاراق رومكىسىنى رەت قىلىپ. - ئەزەلدىنئىچىپ باقمىغانمۇ ياكى بۈگۈن ئىچمەمسىز؟- دەپ سورىدى زۇبەيدە مەۋلانغا يېقىملىققاراپ تۇرۇپ. مەۋلان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل سۆيۈنۈشنى كۆرگەندەك بولدى. - بۇرۇنئىچكەن، ئىچكەندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىچكەن. لېكىن ھازىر ئىچەلمەيمەن، ماڭا ھاراقرېئاكسىيە قىلىدۇ. - ئۇنداقبولسا ئىچمەڭ! ئۇنىڭسورۇندىكىلەرگە بەرگەن جاۋابى زۇبەيدەنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلغانىدى. چۈنكى، ئۇمەۋلان بىلەن ھاراق كەيپىدە مۇڭدىشىشنى خالىمايتتى. ئەمما، زۇبەيدە ئۆزىباشقىلارنىڭ زورلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئېسىل كۆڭلىنىيەردە قويمىغان، ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان ھېسسىياتنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇ شۇچاغدا مەۋلاننىڭ ھېسسىياتىنى، ئۇنىڭ ئۆزۈڭگە قانداق قارايدىغانلىقىنى ئويلىمىغان،مەۋلاننىڭ بارمىقىنى ئويناۋاتقان قولىنى قىزىل ھاراق رومكىسىغا سۇنغانىدى. مەۋلانئاياللارنىڭ ھاراق ئىچىشىگە قارشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاياللارنىڭھاراق ئىچىشىنى قوللاپ كەتمەيتتى. مەۋلان شۇ دەقىقىدە زۇبەيدەدىن رەنجىگىنىنىكەچۈرگىلى بولاتتى. چۈنكى، ئۇ ئۆزىچىلا بايامقى چاقچاققا ئالدىنىپ، زۇبەيدەنىئۆزىنىڭ ئادىمى دەپ ئويلاپ قالغانىدى. شۇنداق، ئۇلار ناتونۇشلاردىن. ئۇلارنىڭ بۇئۇچرىشىشىمۇ پەقەت بىر رەسمىيەت ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردە مەۋلاننىڭزۇبەيدەنىڭ ئەركىنلىكىنى، خاھىشىنى چەكلەش ھوقۇقى يوقىدى. توم ھەمبوغۇق ئاۋاز مەۋلاننىڭ قۇلىقىغا دېگەندەك ياقمايۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېغىزىنىبېسىشقا بۇيرۇق چۈشىرىدىغان ھوقۇق تېخى ئۇنىڭغا بېرىلمىگەن بولغاچقا، مەۋلان بۇتوم ئاۋازدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يەنىلا زۇبەيدەگەقىيالمايدىغانلىقى سەۋەپلىك بۇ سورۇندىن چېقىپ كېتەلمەيتتى. ئۇ زۇبەيدەنىڭشىۋىرلاشلىرىنى، پەس ئاۋازدا توختىماي ئۆزىدىن سوئال سوراشلىرىنى ياقتۇرۇپقالغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرسىلا، بۇ توم ھەم بوغۇق ئاۋازغاپىسەنت قىلمايتتى. چۈنكى، بۇ يەردە توم ئاۋاز يېقىملىق تۇيۇلىدىغان ئادەممۇ باربولۇپ، ئۇ ئۇنىڭ ئاشۇنداق ۋرقىراپ تۇرۇپ سۆزلىشىنى، بىمەنە چاقچاقلارنى قىلىشىنىخالايدۇ. سورۇن ئەھلىيېڭى مېھماننى كۈتۈپ ئۇزۇن ئولتۇرغان بولسىمۇ، مېھمان تېخىچە قارىسىنىكۆرسەتمەيۋاتاتتى. توم ئاۋاز ئايال تالاي قېتىم تېلېفون قىلدى، ئۇنى ساقلاپبىتاقەت بولغانلىقىنى ئالايىتەن ئەسكەرتتى. لېكىن، ئۇ تېخىچە ئۆزىنى سورۇنئەھلىدىن ئېلىپ قېچىۋاتقاندەك قىلاتتى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتەتتى، بولۇپمۇيىنىدا ئايال ھەمراھى بولمىغان بۇرادەرلەرنىڭ كۆزى تېشىلەي دەپ قىلىشقانىدى.مەۋلان ئۈچۈن ئۇنىڭ كېلىش-كەلمەسلىكى بەك مۇھىم ئەمەس بولغاچقا، ئۇ زۇبەيدەنىڭبارماقلىرىنى يېڭى باشتىن ئوينىشىنىلا ئويلايتتى. «ھەممىسى ئۆلگۈر ھاراقنىڭكاساپىتى، مېنى بەختتىن مەھرۇم قىلغان بۇ ئېزىتقۇنى كۆزۈمدىن يوق قىلغان بولسا، ئۇمېنىڭ بارماقلىرىمنى قويىۋەتمەيتتى ھەم تېخىمۇ چىڭ تۇتقان، بەدىنىمگە تاراۋاتقانئوتنى يانغىنغا ئايلاندۇرغان بولاتتى» دېگەندەك شېرىن خىياللار ئىچىدە ئۇزەتتى. - سىزراستلا ھاراق ئىچمەمسىز؟ مەنمۇ ئىچمەيتتىم. نېمىشقىكېن، بۈگۈن ئىچكىم كىلىپ قاپتۇ. مەۋلاننىڭزۇبەيدەنىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بەرگۈسى بولسىمۇ، پۇرسەت بولمىدى. باشقىلارنىڭ قوپالھەم قېلىن چاقچاقلىرى باشلانغانىدى. ئورۇق، چاققانغىنە كەلگەن بۇرادەر بىلەنزۇبەيدەنىڭ توم ئاۋازلىق دوستى سورۇننى قىزىتىش ئۈچۈن ئويۇن ئويناۋاتاتتى. - بۇرومكىنى ئېچىۋەتسەڭ، سېنى سۆيۈپ قويىمەن. - راستما؟ - مەن سېنىقاچان ئالدىغان؟ - سەن دائېمشۇنداق دەيسەن، لېكىن مېنى سۆيۈپ باقمىدىڭ؟ - يالغانسۆزلىمىگىنە، خۇددى مېنى سۆيمىگەندەك گەپ قىلىدىيا! - مەن سېنىقاچان سۆيگەن؟ بۇلار راست دەپ قالمىسۇن، يەنە؟ -ئۆتكەندە....ھى ھى ھى ئورۇقبۇرادەر ھاراقنى ئېچىۋەتتى، توم ئاۋاز ئۇنى راستىنلا سۆيۈپ قويىدىغاندەك، ئۇنىڭغايېقىن كەلگەن بولسىمۇ، ئورۇق بۇرادەر سورۇن ئەھلىدىن خىجىل بولۇپ ئۇنىڭئەركىلىشىنى قوبۇل قىلالمىغانىدى. ئۇ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشنىڭ ئورنىغا، توم ئاۋازئايالنى نېرى ئىتتەرگەنىدى. - ھالىڭشۇكەنغۇ، ئەمدى يوغان سۆزلەيدىغان بولساڭ، ئۆزۈمنى قۇچىقىڭغا ئاتىمەن. قىز بالاجېنىمدا تېخى سۆيۈپ قوياي دېسەم، ئۇنىماي كەتكىنىنى، قوقلاقنىڭ؟! - چاقچاققىلىپ قويدۇم. قېنى، ئەمدى كەلە! مەۋلاننىڭئورۇق خىزمەتدىشى خۇددى ئۇرۇشقا تەييار بولغاندەك غۇلىچىنى يىيىپ، توم ئاۋازئايالنى قۇچاقلاپ سۆيمەكچى بولغانىدى. توم ئاۋاز ئايال ئۇنىڭ قەتئىي نىيەتكەكەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ قېتىم ئۆزىنى قاچۇردى. ئۇلار بۇ ئويۇننى شۇ تەرىقىدە بىرنەچچە قېتىم ئوينىدى، بىردە ئۇ ئۆزىنى قاچۇرسا، بىردە بۇ ئۆزىنى قاچۇراتتى.باشقىلارغا ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا كۈلگەن بىلەن مەۋلانغا بۇ ئويۇننىڭ ھېچ قىزىقىيوقتەك بىلىنۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ قىپقىزىل يالغانچىلىق، ئۆزىنى بىلىپ تۇرۇپئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ناۋادا، ئويۇن ئويناش نۆۋىتى مەۋلانغابېرىلگەن بولسا، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇنداقئويۇننى ئوينىمىغان، رەسمىي يوسۇندا زۇبەيدەنى قۇچاقلاپ سۆيگەن، ئۇنىڭ ئۆزىنىقاچۇرغىنىغا قارىماي، باشقىلارغا زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە تەئەللۇق ئىكەنلىگىڭنىجاكارلىغان بولاتتى. ئۇ ھەممىدىن بۇرۇن ئاشۇ ئوماق لەۋلەرگە ئىز سىلىۋالسىلا،باشقىلار زۇبەيدەگە شەھۋەت كۆزىنى تىكمەيتتى. ئۇلار ئۇنى مەۋلاننىڭ ئادىمى دەپقاراپ، باشقا سورۇنلارغا چاقىرىشتىن ئېھتىيات قىلاتتى. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارھەر قېتىم بۇ يەرگە خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەندە، زۇبەيدە ۋە ئۇنىڭ بۇ دوستلىرىنىئاۋارە قىلىشنى نومۇس دەپ بىلمەيتتى. - مېنىڭھاراق ئىچكىنىمنى ياقتۇرمىدىڭىز-ھە؟ مەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا«شۇنداق» دېگۈسى بار ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ كۆڭلىگە بىئاراملىق سىلىپ قويۇشنىخالىمىدى. شۇڭا ئۆزى خالىمىغان، ئېيتىشنى ئويلىمىغان سۆزلەر بىلەن ئۇنى ھەم ئۆزىنىبەزلىگەنىدى. - مېنى تېخى چۈشەنمەيسىز، مېنى ھەقىقى چۈشەنگەندە، بۇ سوئالنى سوراشنىڭ زۆرۆرىيىتىيوقلىقىنى بېلىپ قالىسىز. زۇبەيدەئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى چۈشەنمەيتتى. راستىنى دېگەندە، مەۋلاننىڭ ئۆزىمۇ بۇسۆزلەرنى نېمە مەقسەتتە دېگىنىنى، ئۇنىڭغا قانداق ھەقىقەتنى چۈشەندۈرمەكچىبولغىنىنى بىلمەيتتى. بۇ مۇنداقلا ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن، ئۆزىمۇ ئويلاشمىغان سۆزلەرقاتارى ئىدى، خالاس. زۇبەيدە بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرىۋالغاندىن كېيىن، ئاستا ئېغىزىنىئۈمچەيتتى. مەۋلان ئۇنى بۇ يەردە، يەنە كىلىپ ئۆزىنىڭ كۆز ئالدىدا ھاراقئىچكەنلىكىگە پۇشايمان قىلدۇرماقچى ئەمەس، ھەم بۇنداق خىيالىمۇ يوق ئىدى. ئۇ پەقەتئۆزىنى ھەقىقىي ئايال چاغلايدىغان ئادەمنىڭ ئەرلەر ئالدىدا كەيپ بولۇشنىڭنومۇسلىقىنى، ئەرلەرگە مايمۇن ئورنىدا ئويۇن قويۇپ مازاققا قىلىشىنىڭ ھاجىتىيوقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ قويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. زۇبەيدە ئەقىللىق ئايال ئىدى،ئۇ مەۋلاننىڭ قاراشلىرىدىن، ھەر قانچە ئويلىسىمۇ مەنا چىقمايدىغان سۆزلىرىدىن بۇنىچۈشىنەلەيتتى. - سىزنىڭئىچمەيۋاتقىنىڭزغا قانچە ئۇزۇن بولدى؟ - خېلىيىللار بولدى، ھازىر كۆنۈپ قالدىم. - مەن سىزگەقايىل بولدۇم، ئۇلارنىڭ ھەرقانداق گېپىنى رەت قىلالىدىڭىز! - ئادەمئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك. زۇبەيدەيەنە ئويلىنىپ قالغانىدى. مەۋلاننىڭ تېگى بار سۆزلىرى ئۇنىڭغا ئۆز كۈچىنىكۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ قوللىرىنى يەنە مەۋلاننىڭ قوللىرىغا سۇندى، بۇ قېتىممەۋلان ئۇنىڭ بارماقلىرىنى ئويناشقا باشلىغانىدى. زۇبەيدە يەر ئاستىدىن ئاستامەۋلانغا قاراپ قوياتتى، كۆزلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەكچى بولاتتى-يۇ،دېيەلمەيتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ئېغىز ئېچىشىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىدىن ئۇنى-بۇنىسورىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. لېكىن، ئۇ ئەشۇنداق جىمجىت ئولتۇرۇپ، ئۆز يۈرىكىنى تىڭشاپباققۇسى باردەك ئۈندىمەيتتى. پەقەت ئارىلاپ مەۋلانغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشنىئۇنتۇمايتتى. - سىزنىنېمىشقا بۇرۇن كۆرمىگەن بولغىيدىم! - ئەمما،مەن سىزنى كۆرگەن. يەنە كىلىپ بىر قانچە قېتىم كۆرگەن. زۇبەيدەنىڭجاۋابى مەۋلاننى ھەيران قالدۇردى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى قەيەردە كۆرگىنىنىبىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە ئىشىنەتتى. - مېنىقەيەردە كۆرگەن؟ - مەن بۇرۇنئاقتاغ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتىم، سىز بىزنىڭ مەكتەپكە خىزمەت تەكشۇرۇپ بىرقانچە قېتىم بارغانغۇ؟ - شۇ چاغدا،ماڭا نېمىشقا تونۇشلۇق بەرمىگەن؟ - مېنىڭغۇتونۇشلۇق بەرگۈم بار ئىدى، بىراق ... زۇبەيدەيۈرىكىدىكى گەپلەرنى دەۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭدىن بۇ سوئالنى قەستەن سورىغان، ئۇنىڭنېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولغانىدى. ئۇنىڭ سەمىمى ۋە ئاق كۆڭۈللىكىمەۋلاننى قايىل قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان بىلەن ئۇنىڭمىجەز-خۇلقى، قىزىقىشى دېگەنلەرنى تېخى بىلمەيتتى. بەلكىم بۇلارنى مەۋلاننىڭبېلىشكە يەنە بىر مەزگىل كېتىشى مۇمكېىن! مەۋلان ئۇنىڭدىن «بۇ باشلىنىشمۇ ياكىئاخىرلىشىش» دەپ سوراپ باقماقچى بولغانىدى، ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭكۆڭلىنى، دوستلۇقىنى بىلدۇرۇپ قويماقچى ئىدى. مەيلى زۇبەيدە نېمە دەپ جاۋاببەرسۇن، بۇ مەۋلان ئۈچۈن بەك مۇھىم ھېسابلىناتتى. - ھەي،ئاغىنىلەر! بىر ئويۇن ئوينايلى، ناۋادا كېم يېڭىلسە يېنىدىكى ئادەمنى سۆيسۇن! مەۋلان يەنەبىر خىزمەتدىشىنىڭ نېمە شۇملۇقنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئۆزىچىلا بۇتەكلىپنى سورۇن ئەھلىگە تاشلىغانىدى. ئۇنىڭ تەۋسىيە قىلغان ئويۇنى «سان قاتارىئويۇنى» بولۇپ سان قاتارىنى سانىغاندا، پەقەت يەتتە كېلىدىغان سانلار بىلەنيەتتىنىڭ ھەسسىلىك سانلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۇپ كېتىش شەرت قىلىنغانىدى. ناۋادا، كىمدەكىم يەتتە كېلىدىغان سان بىلەن يەتتىنىڭ ھەسسىلىك سانىنى ئېيتىپ سالىدىغان بولسا،شۇ ئادەم بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرغان بولاتتى. سانلار قاتارى ئويۇنى باشلاندى، تۈنجىقېتىم ھېچكىمنىڭ ئۇتتۇرۋەتكۇسى كەلمىگەندەك، ئويۇن خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشقانىدى.ئەمما سانلار قاتارى يۈزدىن ئاشقاندا، ھەممە ئادەمنىڭ ئاسان خاتالىشىدىغانلىقىنىقھېچكىم بىلمەيتتى. «ئورىنى كېم كولىسا، ئۆزى چۈشەر» دېگەندەك ئەڭ ئاۋۋال ئويۇنباشلىغان ئادەم كەتكۈزۈپ قويغانىدى. ئويۇن قائىدىسى بويىنچە، ئۇ يېنىدا ئولتۇرغانبېرىنى شەرتسىز سۆيۈپ قويىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىسا بۇ ئويۇننىڭ قىزىقىچىقمايتتى، ئويۇننىڭمۇ ئەڭ قىزىيدىغان يېرى دەل مۇشۇ يەردە ئىدى. ئويۇن باشلىغۇچىنېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تاللاشنىڭ ئۆزى قىلغىلىبولمايدىغان بىر تەس ئىش بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەممەيلەننىڭ كۆزىگە «بىر قېتىمكەچۈرۈم قېلىش» ھەققىدە ئۆتۈنگەندەك قارىغان بولسىمۇ، قھېچكىم ئۇنىڭ بۇ قارىشىغاجاۋابەن ئىنكاس قايتۇرمىغانىدى. ئۇنىڭغا ئۆزى باشلىغان ئويۇننىڭ شەرتى ھەقىقەتەنئېغىر كەلگەنىدى، چۈنكى ئۇنىڭ بىر يىنىدا ئەر خىزمەتدىشى ، يەنە بىر يېنىدا تومئاۋاز ئايال بار ئىدى. ئۇ بۇلاردىن قايسىنى تاللاشنى بىلمەيتتى ھەم تاللاشمۇمكىنچىلىكىمۇ يوق ئىدى. توم ئاۋاز ئايال بۈگۈنكى ساھىبخان بولۇپلا قالماي، ئورۇقبۇرادەرنىڭ ئادىمى تۇرسا، ئەر تۇرۇپ يەنە بىر ئەرنى سۆيۈش قانداقمۇ ئەقىلگەسىغسۇن؟ شۇڭا، ئۇ تۆۋەنلىك بىلەن سورۇن ئەھلىگە ئىلتىجا قىلغانىدى: - مەنيەنىلا ھاراق بىلەن ئۆزۈمنى جازالاي! - بولمايدۇ،چوقۇم ئويۇن قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك! - ئۇچ رومكاجازا ھارىقى ئىچسۇن! ئۇ ئاخىرىئۇچ رومكا جازا ھارىقىنى تاللىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر رومكا ھاراقنى يۇتقان چاغدىكىچىراي ئىپادىسىگە قاراپ، ئۇنىڭ قانچىلىك قىينالغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. بۇمەنزىرە مەۋلانغا ھاراق ئىچكەن چاغلىرىنى ئەسلىتىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇمۇ بىر قانچەقېتىم «ئۇچ رومكا جازا ھارىقى»غا دۇچار بولغان، كەينى-كەينىدىن ھاراق ئىچىشھەقىقەتەن بەك ئازابلىق ئىش. لېكىن، سورۇننىڭ قائىدىسى بويىنچە، بۇ جازانى ئىجراقىلماي بولمايتتى. ھاراقكەشلىكنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا قائىدە- يوسۇنى، مۇكاپات-جازاسىبولىدۇ. ئۇنداق چاغلاردا يا چىداپ تۇرۇپ ھاراق ئېچىش كېرەك، يا يەنە بىر قېتىملىقسورۇنغا كاپالەتلىك قىلىش زۆرۇر. بۇ ئىككى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، كۆپىنچىسى ھاراقئېچىشنى تاللايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يەنە بىر سورۇنغا بىر تالاي پۇل خەجلىگىسىكەلمەيدۇ. جازا ئىجراقىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئويۇن يەنە باشلاندى. بۇ قېتىم ئورۇق بۇرادەر ئاسانلايېڭىلىشتى. بۇ ئويۇندا كۆپىنچە ئادەم 27 بىلەن 28 گە كەلگەندە ئاسان ئېزىپقالاتتى. ئورۇق بۇرادەرمۇ سانلار قاتارى دەل ئاشۇ يەرگە كەلگەندە ئازغان ئىدى. ئۇمەيلى قەستەن ئازغان ياكى راستىنلا پەرق ئېتەلمىگەن بولسۇن، ئۇنىڭ 28 نى ئېغىزىغائالغانلىقى، بۇ ئويۇندا ئۇتتۇرغانلىقىنىڭ پولاتتەك پاكىتى بولۇپ قالغانىدى. ئۇئالدىنقى خىزمەتدىشىگە ئوخشاش ھاراق ئىچىش جازاسىنى تاللىمايتتى، ئۇنىڭ يېنىدائۆزىنىڭ ئادىمى بار ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ جازا ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى تەلىپىنىكۈتۈپ تۇرمايلا، توم ئاۋاز ئايالنىڭ سول يۈزىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويدى. ئۇنىڭبۇ سۆيۈشى باشقىلارغا يارىمىغان ھەم «جازا تولۇق بولمىدى» دەپ قارالغاچقا، ئۇلارئېتىراز بىلدۈرۈشكە ئۇچرىغانىدى. - يۈزىگەسۆيگەن ھېساب ئەمەس. - چوقۇم لىۋىگەسۆيۈشى كېرەك! - ئېغىزىغاسۆيەلمىسە، ھاراق ئىچسۇن! بىر بىرىدىنقىلىشماي قاتتىق شەرت قويىۋاتقان سورۇن ئەھلىنىڭ يەنە بىر يېڭى ئويۇننى كۆرگىسىباردەك قىلاتتى. ئورۇق بۇرادەر توم ئاۋاز ئايالغا «قانداق قىلىمىز» دېگەن مەنىدەقاراپ تۇراتتى. دەل شۇ دەقىقىدە توم ئاۋاز ئايالنىڭ تېلېفونى سايراپ قالدى. ئۇتېلېفونىغا قاراپلا، ھەممەيلەننى ئۈن چىقارماسلىققا ئىشارەت قىلىپ، بىگىزبارمىقىنى ئېغىزىغا تىك قىلىپ تەككۈزدى. - مەن بۈگۈنئىش قوشۇپ ئىشلەۋاتىمەن، ئەتە تەكشۈرگۈچىلەر بار ئىدى. ھە ماقۇل، سەل كەچرەكقايتىمەن. بولىدۇ بولىدۇ.... مەۋلانلائەمەس، پۈتۈن سورۇندىكىلەر ئۇنىڭ ئېرىگە يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بېلىپبولغانىدى. قول تېلېفون گەرچە تۇرمۇشقا ناھايىتى زور قولايلىق ئېلىپ كەلگەنبولسىمۇ، ئۇ يەنە ئادەمنى ھازىرقىدەك يالغانچى قىلىپ قويۇۋاتاتتى. نى-نى قىزىليۈزلۈك ئادەملەر تېلېفوندا قىلچە ئىككىلەنمەيلا يالغان سۆزلىيەلەيتتى. توم ئاۋازئايالمۇ باشقا ئەرلەر بىلەن بىر سورۇندا تۇرۇپ، يالغاندىن «ئىش قوشۇپئىشلەۋاتىمەن» دېگەندە يۈزلىرى ئازراقمۇ چىمىلداپ قويمىغانىدى. بۇ خىلدىكىيالغانچىلىق بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئالدىراپ ۋەدىلەرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى. - ئېرىڭنىئالدىۋەتكەندىن كېيىن، سۆيۈۋالسام بولا؟ - ئېرىمنىئالدىمىسام، سۆيمەمتىڭ كالۋا؟ توم ئاۋازئايال سوئالغا سوئال بىلەن قاپىيە كەلتۇرۇپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭ بۇ جاۋابىھەممەيلەننى كۇلدۈرۇپلا قالماي. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كۈلۈپ كەتكەنىدى. ئۇ كۈلگەندە، ئۇنىڭئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىنى ئاسانلىقچە پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بولغاچقا،سىرىتتا ئاڭلىغان ئادەم بۇ سورۇننى ساپ ئەرلەر سورۇنى دەپ قالاتتى. ھەممەيلەنكۈلدى، لېكىن مەۋلان بارماقلىرىنى ئويناپ ئولتۇرغان ئايال كۈلمىگەنىدى. ئۇ خۇددىتوم ئاۋاز ئايالنىڭ بۇ چاقچىقىنى ياقتۇرمىغاندەك، ئۇنىڭ ئورنىدا خىجىل بولۇشىكېرەكتەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. - ئۇنداقبولسا، مايمۇن ئېغىزىڭنى بىر سۈرتىۋېتە! - راستلاسۆيىدىغان ئوخشىمامدۇ، ماۋۇ! توم ئاۋازئايال سەل ئۇيالغاندەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭ سۆيۈشىنى قوبۇل قىلىدىغاندەك،لەۋلىرىدىكى ھەدېدىن زىيادە قىنىق لەۋ سۇرىقىنى سۈرتىۋەتتى. ئۇلار جازا ئېجراقىلىۋاتقاندا ھەممەيلەن قاراپ تۇرغان بولسىمۇ، بۇ ئىككىيلەن سۆيۈشۈشنى بىر چاقچاقئورنىدا كۆرگەن كەيپىياتتا خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتۇردى. باشقىلارمۇ بۇ سۆيۈشۈشنى ئويۇنكام بولسا بولمايدىغان بىر خىل قىزىقچىلىق دەپ چۈشەنگەنىدى. ئۇلار تېخى بىربىرىنىڭ بوينىدىكى قولىنى ئاجراتماي تۇرۇپلا، ئورۇق بۇرادەر قېلىنلىق بىلەن سۆزباشلىغاندى. - بۇنداقسۆيسە، بەك پەيزى بولىدىكەن. - قېلىن! ھەممەيلەنسۈكۈتكە چۆككەنىدى، چۈنكى، بۇ ئىككىيلەننىڭ سەل ھەددېدىن ئاشقان قىزىقچىلىقىئۇلارنى خىجىل قىلىپ قويغانىدى. زۇبەيدەمۇ بارماقلىرىنى مەۋلاننىڭ قولىدىنتارتىۋالغان بولۇپ، يەردىن بېشىنى ئېگىز كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ نېمىلەرنىئويلاۋاتقانلىقىنى بېلگىلى بولمايتتى، ئەمما ئۇنىڭ بىر خىل شېرىن تۇيغۇ ھەم ئىزائىچىدە ئۆرتىنىۋاتقان قەلبىنى چۈشىنىشكە بولاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى،ھېسسىياتىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىۋاتاتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ قوللىرىنىتۇتۇۋالغانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قىلىشىنى خالىمايتتى، ئامال بار ئۆزىنى ئەركىنتۇتۇشقا، باشقىلارغا خۇشال كەيپىياتىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تېرىشاتتى. - ئايپەرىقاچان كېلىدۇ، مېنىڭ ۋاقتىم توشۇپ قىلىۋاتىدۇ جۇمۇ، ئاداش! زۇبەيدەنىڭتوم ئاۋاز ئايالغا قىلىۋاتقان سۆزلىرى باشقىلارغا تەسىر قىلمىغان بىلەن مەۋلانغابەك تەسىر قىلغانىدى. مەۋلان ئۈنىڭ بۇنداقلا كېتىپ قىلىشىنى خالىمايتتى، ئۇ تېخىزۇبەيدە ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيتتى. مەۋلاننىڭ ئۇنى چۈشەنگۈسى، ئۇتوغرىسىدا كۆپرەك بايانلارنى ئاڭلىغۇسى بار ئىدى. مەۋلان باشقىلارنىڭ ئېيتىپبەرگىنىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىنى بەكرەك خالايتتى. - نېمىگەبۇنچە ئالدىرايسىز، كېلىشتىن ئاۋۋال ئاتنى توقۇپ قويغانمۇ؟-دېدى، مەۋلانزۇبەيدەنىڭ ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك پەس ئاۋازدا سۆزلەپ. زۇبەيدە ئۇنىڭغا لەپپىدە بىرقارىۋەتكەندىن كېيىن، شىۋىرلاپ تۇرۇپ جاۋاب بەرگەنىدى. - ئاتنىتوقۇپ قويمىغان، ئەمما ئۆيدە قىزىم يالغۇز ئىدى. - يەنەبىردەم ئولتۇرسىڭىز بولاتتى؟ - مېنىڭغۇئاخىرىغىچە ئولتۇرغۇم بار، بۈگۈن شۇنداق بولۇپ قالدى. كېلەر قېتىم چوقۇم ئۇزۇنراقئولتۇرىمەن. زۇبەيدەنىڭبۇ سۆزلىرى مەۋلاننى ھەقىقەتەن خۇشال قىلغانىدى، چۈنكى ئۇ مەۋلان بىلەن يەنە بىرقېتىم ئولتۇرۇش ئىستىكىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانىدى. قايتا كۆرۇشۇش يالغۇزئۇنىڭلا ئارزۇسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى مەۋلاننىڭمۇ ئارزۇسى بولۇپ قىلىۋاتاتتى.توم ئاۋاز ئايال تېلېفون قىلىپ، يېڭى مېھماننى ئالدىراتتى. ئۇ چاقچاق قىلىپ: - تېزراقبولىلى دوستتەك، يولىڭىزغا قاراپ بىرەيلەننىڭ كۆزى تېشىلەي دەپ قالدى.-دېگەنلەرنىقوشۇپ قويدى. توم ئاۋاز ئايال راست ئېيتقانىدى، يېڭى مېھماننىكۈتۈپ ھەممەيلەننىڭ تاقىتى-تاق بولىۋاتاتتى. بولۇپمۇ يېنىدا ئايال زاتى بولمىغانئەركەكلەر بەكرەك ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار ئېغىزىدىن چىقىرالمىغىنى بىلەنكۆڭلىدە «كېلىۋاتقان يېڭى مېھمان قانداقراقتۇ؟ چىرايلىق ھەم كېلىشكەنمىدۇ؟ ۋە ياكىبۇلاردەك ئادەتتىكىدەك ئايالمىدۇ؟» دېگەننى خىيال قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئەرلەرنىياخشى چۈشىنەتتى، ئەرلەر قانائەتسىز بولۇپلا قالماي، يەنە تويماس كېلەتتى. ئۇلاريېنىدا بىر ئايال تۇرسىمۇ، باشقا چىرايلىق ئاياللارغا نەزەر كۆزىنى تاشلىمايتۇرالمايتتى. خىيالىدا چىرايلىق ئاياللار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ باقاتتى، بىرگەشېرىن مىنۇتلارنى ئۆتكۈزەتتى. خىيال ئۇلارنىڭ بارلىقى بولۇپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭياۋايىلىقىغا تەسەللى بېرىدىغان بىردىن بىر شىپالىق دورىسى ئىدى. ناۋادا، ئەرلەردەخىيال بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ياۋايىلىقىنى توسۇپ قالغىلى، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنىبوغۇپ قويغىلى بولمايتتى. ئۇلار ئۆز كۆڭلىنى ئاشۇنداق خىياللار ئارقىلىق خۇشقىلىپلا قالماي، قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ئاسىي ھېسلىرىنى مەجبۇرى باساتتى. ھەممەيلەنزارىقىپ كۈتكەن مېھمانمۇ ئاخىرى كەلگەنىدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا «كەچۈرۈڭلار،ساقلىتىپ قويۇپ سەت بولدى» دېگىنىچە، دوستلىرى بىلەن يۈز يېقىشىپ كۆرۈشتى.سالاملىشىش نۆۋىتى مەۋلانغا كەلگەندە، مەۋلان ئۇنىڭغا چاقچاق قىلدى. - مېنىڭمۇئۇلاردەك كۆرۈشكۈم بار ئىدى. - ئۇمۇبولۇپ قالا! سەبرە قىلسا، غورىدىن ھالۋا پۇتىدۇ ئەمەسمۇ؟ چاقچاقبىلەن بېرىلگەن جاۋاب ھەممەيلەننى كۈلدۈرۈپ، كەيپىياتنى باشقىچەجانلاندۇرۇۋەتكەنىدى. مەۋلان بۇ ئايالنىڭ چاقچاققا ماھىرلىقىنى بۇرۇندىن بېلەتتى،ئۇ زىلۋا بوي، ئاق ئۆڭ كەلگەن چىرايلىق ئاياللاردىن بولۇپلا قالماي، ئۆزىنىتۇتىۋالغان، سۆزمەنلەردىن سانىلاتتى. ئۇ سورۇندىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىنكېيىن، ئاستا مەۋلاننىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى. چۈنكى، بۇ سورۇندا ئۇ تونۇيدىغانئەرلەردىن پەقەت مەۋلانلا بار ئىدى. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن زۇبەيدە قايتىشقاجابدۇنغان ئىدى، ئۇ ھەممەيلەنگە ئۆزرەخاھلىق ئېيتقاندىن كېيىن، كۆزى قىيمىغان بىركەيپىياتتا خۇشلاشتى. ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقىچە، مەۋلانغا ئەتەي چاقچاققىلىشنى ئۇنتۇمىغانىدى. - يەنىلاسىز تەلەيلىك، يالغۇز قالمايدىغان بولدىڭىز. مەن سىزنى بۇ دوستۇمغا تاپشۇردۇم! ئۇ كەتتى.ئۇ مەۋلاننىڭ قەلبىدە چۈشىنىكسىز، ئەمما ئىللىق بىر تۇيغۇنى تاشلاپ قويۇپكەتكەنىدى. مەۋلان تېخى ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى خاتىرىللىۋالمىغان، قەيەردەئولتۇرىدىغانلىقىنىمۇ سورىۋالمىغان ئىدى. ئۇ مەۋلانغا يەنە بىر ئايالنى قالدۇرۇپكەتكىنى بىلەن، بارلىق خۇشاللىقى ۋە قىزىقىشىنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كەتكەنىدى. بۇيېڭى مېھماننىڭ چاقچاقلىرى بىلەن سورۇن تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۇرىلىشكە، ھەممەيلەنبەس-بەستە ئېغىزلىرىنى تاتلىق قىلىشقا باشلىغانىدى. مەۋلان ئۆز كۆڭلىنى بىر ئازبولسىمۇ كۆتۇرۇش ئۈچۈن، ئايپەرىگە توختىماي چاقچاق قىلاتتى، ئايپەرىمۇ بوش كەلمەي،ئۇنىڭ چاقچاقلىرىغا چاقچاق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ. ھەممەيلەننى كۈلدىرەتتى ۋەھەيرانلىقتا قالدۇراتتى. - ئويۇننىئەمدى باشلا، مەن ھەر قېتىمدا ئۇتتۇرۇپ قويۇشقا رازى!-دېدى، مەۋلان باياتىن ئويۇنباشلىغان بۇرادىرىگە قاراپ. - چىرايلىققىز يېنىمدا بولسا، مەنمۇ ئۇتتۇرىۋەتكەن بولاتتىم.-دېدى، يەنە بىر بۇرادەر مەۋلانبىلەن ئايپەرىگە مەنىلىك كۆز قېسىپ. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەم سۆيۈنۈش ھەم ھەسەت چىقىپتۇراتتى. ئۇ كۆڭلىدە ئايپەرىنى مەۋلاننىڭ «ئارىلىشىۋاتقان ئاياللىرىنىڭ بېرى» دەپخاتا ئويلاپ قالغاندەك قىلاتتى. - قانداق ئويۇنئوينىغان ئىدىڭلار؟ قىزىقارلىق بولسا يەنە ئوينايلىچۇ! ئايپەرى بىرمەۋلانغا بىر ئويۇن باشلايدىغان بۇرادەرگە قارايتتى. مەۋلان ئايپەرىگە ئويۇنقائىدىسىنى چۈشەندۈرۈشنى بىر ئاز بىئەپ كۆرگەچكە ئۈندىمىگەنىدى، توم ئاۋاز ئايالئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. - بۇ ئويۇنبولىدىكەنغۇ، بۈگۈن ماڭا بىر پۇرسەت كەلگەن ئوخشايدۇ. ئويۇننىڭ باھانىسىدا بۇئۇلۇغ ئەپەندىنى تازا سۆيۈۋالمىسام! ئايپەرىنىڭچاقچاق بىلەن راستلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان سۆزلىرى مەۋلاننىئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى. مەۋلان ئۇنى راست سۆزىنى دەۋاتامدىكىن دېسە، ئۇ شېرەئاستىدىن مەۋلاننىڭ يوتىسىنى چىمداپ قويغانىدى. چاقچاق دەي دېسە، ئايپەرىنىڭكۆزلىرىدە شۇنداق بىر ئارزۇنى ئىپادىلەيدىغان نۇر چاقناۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. ئويۇنباشلىنىۋىدى، مەۋلان بىلىپ بىلمەيلا خاتالاشتى. - قېنى،سۆيۈپ باقماملا! توم ئاۋازئايال مەۋلاننى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرۈپ قويدى، مەۋلان تېخىچە ئۆزىنىڭ بۇ ئويۇندائۇتتۇرۇپ قويغىنىغا قايىل بولمايۋاتاتتى. ئۇ ئادەتتە ساناق سان ۋە ھەسسىلىكسانلارنى ھېسابلاشقا ئۇستا بولۇپ، ئاسانلىقچە خاتالاشمايتتى. ئۇ شۇنىڭغائىشىنەتتىكى، ئۇ بۇ ئويۇننى ھەرگىزمۇ مەقسەتلىك ھالدا قايتا ئويناشنى تەۋسىيەقىلمىغان ھەم مەقسەتلىك ئۇتتۇرۇپ قويمىغانىدى. ئايپەرىنىڭ چاقچىقى بىلەن قىسقادەقىقىلىق مەڭدەپ قىلىش ئۇنى ئىجرا قىلىش تەس بولغان جازاغا مەجبۇر قىلىپقويغانىدى. مەۋلان ھاراق ئېچمەيدىغان بولغاچقا، چوقۇم يېنىدىكى بىر ئادەمنى سۆيۈپقويىشىنىڭ زۆرۇلىكىنى، بۇ ئۆزى قايتا تەۋسىيە قىلغان ئويۇننىڭقائىدىسى ئىكەنلىكىنى بېلەتتى. مەۋلان ئىككى ياققاقارىدى، ئۇ بىر يېنىدا ئايپەرى بولغىنى بىلەن يەنە بىر يېنىدا بوش ئورۇننىڭبارلىقىغا دىققەت قىلمىغانىدى. مەۋلان ئۇلارغا تاقابىل تۇرغىدەك ئىمتىيازغائېرىشكىنىدىن خۇشاللىققا چۈمدى ۋە ئادەمسىز قالغان ئورۇندۇقنى سۆيۈپ قويدى.باشقىلارغا مەۋلاننىڭ بۇ قىلىقى دەسلەپ كۈلكىلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، ھەممەيلەنبىر بىرىگە قاراپ كۈلۈشتى. ئەمما، كۈلكىدىن كېيىن ئەقلىنى تاپقاندەك، مەۋلاننىڭ بۇخىلدىكى جازا ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىغا بولغان نارازىلىقىنى بەس-بەستە بىلدۈرىشكەنىدى. - بۇنداق ئاسان قۇتۇلىدىغان ئىش نەدە بار؟ - بىز ئادەمسۆيىدۇ دېگەن، ئورۇندۇق سۆيىدۇ دېمىگەن. - ئىجراقىلسۇن! بولمىسا جازانى ئېغىرلىتىمىز. ئۇلارمۇنداقلا ئاسان بولدى قىلىدىغاندەك قىلمايتتى، سورۇننىڭ ساقىسى ئاللىقاچان ئۇچرومكا ھاراقنى قۇيۇپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى. مەۋلاننىڭ چوقۇم ئايپەرىنى سۆيۈشبىلەن ھاراق ئىچىشتىن بىرنى تاللىشى زۆرۇر بولۇپ قىلىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭ پەقەتھاراق ئىچكۈسى يوق، ئەمما، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئايپەرىنى سۆيۈش ھاراق ئېچىشتىنمۇتەس تاللاش ئىدى. مەۋلان ئايپەرىگە ئۆتۈنۈش ئىچىدە قارايتتى، ئايپەرى ئۇنىڭئۆتۈنۈشىنى ھېس قىلمىغاندەك يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. لېكىن ئۇنىڭ يۈزلىرىدىكىقىزىللىق مەۋلانغا ئۇنى سۆيۈشنى تاللاشنىڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپبېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ پۇتىغا ئاستا تىپىپ قويدى، ئۇ بۇ ئارقىلىقئايپەرىگە ئۇنى سۆيۇش ئارقىلىق جازا ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەتبەرمەكچى بولغىنى ئىدى. مەۋلان ئامالسىزلىق ۋە خىجالەت ئىچىدە جازانى ئىجرا قىلدى،ئۇنىڭ تەلىيىگە ئايپەرى قارشى ئىنكاستا بولمىغانىدى. ئەمما، ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئالما رەڭگىدىكى قېزىللىقبويۇنلىرىغىچە تاراپ، بايامقى چاقچاقلىرى ۋە خۇش كۈلكىسىنى ئېلىپ كەتكەنىدى. - كەچۈرۈڭ،بۇنى بىر ئويۇن دەپلا ھېس قىلىڭ!-دېدى، مەۋلان ئۇنىڭغا ئاستا شېۋېرلاپ. - مەن كېچىكقىز ئەمەس، بۇنچىلىك ئويۇننى بېلىمەن. ئەمما، ناتونۇشلار ئالدىدا بەك ئېزاتارتتىم. بۇ ئويۇن راستىنلا بولمايدىكەن.-دېدى ئۇ تېخىمۇ خىجىل بولىۋاتقانلىقىنىيوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندەك، مەۋلاندىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ. ئايپەرىتوغرا ئېيتقانىدى. گەرچە بۇ بىر خىل ئويۇن تۇرى بولسىمۇ، ئادەمنى تەڭلىكتەقويىدىغان رەھىمسىز رېئاللىققا ئوخشايتتى. مەۋلان بۇ رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىئويلىغان بولسىمۇ قاچۇرۇپ بولالمىغان، ھەتتا بۇ ئويۇنغا ئايپەرىنىمۇ سۆرەپ كىرگىنىيەتمىگەندەك، باشقىلارنىڭ كۆزىدە ھۆرمەت ۋە ھايا بىلەن ئۆتىۋاتقان بىر ئايالنىسۆيۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. بۇ سۆيۈش رەسمىي يوسۇندىكى ھېسسىيات بولمىسىمۇ، ئەممائادەمدە بىر خىل غەلىتە تۇيغۇ ئويغىتىدىغان خىيالغا ئوخشايتتى. شۇندىن كېيىن،ئايپەرىنىڭ ياڭراق مۇزىكىدەك ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمىدى، ئۇنىڭ يېڭى كېرگەنچاغدىكى كۈلكە-چاقچاقلىرى ئازلاپ كەتتى. سورۇن خېلىداۋاملاشقان، ھەممەيلەن كۈلكە-چاقچاققا تويۇنغان بولسىمۇ، مەۋلان تازا خۇشالبولالمايۋاتاتتى. چۈنكى، مەۋلان بىر ئويۇن تۈپەيلى ئايپەرىنىڭ كۆڭلىنى چېگىپقويۇپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلىنى غەش قىلىۋالغان ئىدى. بەلكىم، ھەر ئىككىيلەننىڭقەلبىدە باشقىچە بىر ھېسسىيات بولغىنىدا، ئۇلار بۇنچىلىك ئارىسالدى بولمىغان،ھېچنېمىنى ئويلىمىغان بولاتتى. ئۇلار بىر بىرىگە ئامانلىق ۋە شېرىن چۈش تىلەپخوشلاشقىچە بولغان ۋاقىتتا، ئايپەرى مەۋلانغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ چاقچاقمۇ قىلمىغان،ئوغۇرلۇقچە كۆزلىرىگىمۇ قارىمىغانىدى. ئۇ كېتىدىغان چاغدىلا، مەۋلانغا ئالايىتەنئەسكەرتىش زۆرۇردەك: - مېنىسۆيۈۋالغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ!-دېگەن ئىدى. مەۋلانئۇنىڭغا جاۋابەن «خاتىرجەم بولۇڭ، مەن شۇنداق قىلالايمەن.» دېگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭبۇ ئىشنى نېمىشقا ئەسكەرتكەنلىكىنى بىلەلمىگەنىدى.ئەمما، ئۇنىڭ كۆڭلىدەئويلىغانلىرىنى پەرەز قىلغانىدى. ئۇ مەۋلاننى «ئاشۇ بىر سۆيۈش بىلەن باشقىچەتۇيغۇدا بولمىسۇن ياكى بۇ ئىشنى ئۆزىگە بەك بېسىم قىلىۋالمىسۇن» دېگەن بولساكېرەك. مەۋلان ئايپەرى ئالاھىدە ئەسكەرتمىسىمۇ، ئۇ ئويلىغاندەك ئۇنتۇپ كېتەلەيتتى.ئۇ بۇنىڭ سورۇندىكى بىر ھاراق ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بېلەتتى.ئايپەرى مەۋلاننىڭ قاراشلىرىدىن ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭغائىشەنگەنىدى. شۇڭا، ئۇ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك قىلىپ: - مەنسىزدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتقىنىم يوق، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن خاتىرجەمبولالمايۋاتىمەن.-دېدى. ئايپەرى كۆزھەركىتى بىلەن سورۇندىكى بۇرادەرلەرنى كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇ بۇ ئەسكەرتمە ئارقىلىقئۇلارنىڭ ئارتۇق گەپ-سۆز قىلماسلىقىنى ئۇمۇت قىلىدىغانلىقىنى مەۋلانغا بىلدۇرۇپقويماقچى بولغاندەك قىلاتتى. مەۋلان ئۇنىڭغا «چۈشەندىم» دېگەن مەنىدە بېشىنىلىڭشىتىپ قويدى. ئايپەرى مەۋلاندىن خىزمەتداشلىرىغا بۇ ئىشنى توغرا چۈشەندۈرىشىنى،ئۇلاردا خاتا قاراش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۆتۈنگەنىدى. مەۋلان ئۇئويلىغاندەك ئانچە دۆتلەردىن بولمىسىمۇ، بەك ئەقىللىق ئادەملەردىن بولمىسا كېرەك.چۈنكى ئۇ بۇ ئويۇننىڭ ئاقىۋېتىنى ئۇنىڭدەك ئەستايىدىل ۋە ئىنچىكە ئويلاپ كەتمىگەنئىدى. ناۋادا، ئۇ بۇ ئەسكەرتمىنى بەرمىگەن بولسا، مەۋلان ئۇلارغا ئارتۇق گەپقىلمىغان، ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارى بولمىغان بولاتتى. دېمىسىمۇ، ئادەمغەيۋەت ۋە تۆھمەتكە ئەڭ يېقىن مەخلۇق. ئۆز ئارا كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن ئوينالغان بىرمەيدان ئويۇن ئۆز نۆۋىتىدە ئۆسەك تۆھمەت بولۇپ، تالاغا چىققىدەك، باشقىلارنىڭقۇلىقىغا يەتكۈزگۈدەكلا بولسا، يالغۇز ئايپەرىلا ئەمەس، مەۋلانمۇ يۈزىنى كۆتۇرۇپيۈرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەر ئىككىسى قېنى قىزىق ياشلاردىن بولماستىن، بەلكىمۇكەممەل ئائىلىسى، ئوماق بالىلىرى بار، ئۆز دائىرىسىدە يۈز-ئابروي تاپقانلاردىنئىدى. بۇ يەردىكى ئەرزىمەس بىر ئويۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىكاردىن يېمىگەن مانتىنىڭپۇلىنى تۆلەش ئويى يوق ئىدى. ئاياللارئۇزاپ بولغاندىن كېيىن، مەۋلان خىزمەتداشلىرىغا ھەممەيلەننىڭ ھۆرمىتى ۋەيۈز-ئابرۇيى ئۈچۈن بولسىمۇ، سورۇندىكى گەپ-سۆزلەرنى، كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئوينالغانئويۇنلارنى قايتا تىلغا ئالماسلىقنى ئالايىتەن جېكىلەپ قويدى. مەۋلاننىڭ ئورۇقخىزمەتدىشى ئېشىپ قالغان پارچە ھاراقنى بۇ يەردە تاشلاپ چىقىپ كەتكۇسىكەلمىگەندەك، قويۇن يانچۇقىغا تىقىۋالغانىدى. ئۇنىڭ بۇ سورۇندا ھاراققا تېخى باغرىقانمىغان، يۈرىكى سۇغا چىلالمىغان بولغاچقا، مېھمانسارايغا بارغاندا ياستۇق چېيىقىلىش ئويى بار ئېدى. مەۋلان ئۇلارغا تۆۋەنگە چۈشكەچ تۇرۇشنى ئېيتىپ قويۇپ تازىلىقئۆيىگە يۈگۈردى، ئەتىگەندىن بېرى ھاراق ئورنىدا ئىچكەن سوغۇق ئېچىملىك ئۇنىئالدىرىتىپ قويغانىدى. ئۇ تازىلىق ئۆيىدىن چىققىنىدا، ئۇلارنى كۈتۈشكە مەسئۇلبولغان مۇلازىم قىز ئۇنىڭ ئالدىنى توسقانىدى. مۇلازىم قىزنىڭ قولىدا بىر يېشىلشارپا پۇلاڭلاپ تۇراتتى. - بۇشارپىنى بايامقى ئاچاشلار ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ.-دېدى، مۇلازىم قىز شارپىنىمەۋلانغا تەڭلەپ. مەۋلان بۇ شارپىنى كېمنىڭ بوينىدا كۆرگەنلىكىنى دەرھال ئېسىگەئالالمىغان بولسىمۇ، مۇلازىم قىزنىڭ سەبىي كۆزلىرىدىن ئۇنىڭ يالغانئېيتىمايۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ قولىدىن شارپىنى رەھمەت ئېيتىپئالدى-دە، پۇرلاپلا يانچۇقىغا سېلىۋالدى. چۈنكى، ئۇ خىزمەتداشلىرىنىڭ بۇ شارپىنىكۆرۈپ قىلىشىنى خالىمىغان ئىدى. زۇبەيدەمەۋلانغا تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرماي، بۇرۇنلا كېتىپ قالغىنى بىلەن شارپىسىنىقالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ بۇ شارپىنى قەستەن قويۇپ قويغىنىنى ياكى راستىنلائۇنتۇپ قالغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى. مەيلى قەستەن قىلغان ياكى راستىنلا ئۇنتۇغانبولسۇن، مەۋلانغا ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىشقا باھانە تېپىلغانىدى. مەۋلانزۇبەيدەنى شۇ قېتىم تۇنجى رەت كۆرگەن، تېخى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، يۈرىكىدە ئۇنىڭئوماق تەبەسسۇمى ئورناپ قالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەلبىدەئويغىنىۋاتقان قايتا ئۇچرىشىش ئىستىكى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭئىسمىنى ئارىلاپ چاقىرىپ قالىدىغان، ئۇنى بىلىپ بىلمەي سېغىنىدىغان بولۇپقىلىۋاتقانلىقىغا ھەيران بولاتتى، ھەر قېتىم بارماقلىرىمنى بىراۋ سىققاندا، زۇبەيدەنىڭشېرە ئاستىدىن ئوغۇرلۇقچە بارماقلىرىنى ئوينىغىنى ئېسىدىن كېچەتتى. ئۇنىڭ تومئاۋاز ئايال بىلەن ئورۇق بۇرادەر سۆيۈشكەن چاغدىكى خىجىلچان كۆزلىرى، يېڭىقىزارغان ئالمىدەك قىزىللىق يۈگۈرگەن يۈزلىرى كۆز ئالدېدىن كىنو لېنتىسىدەك ئۆتۇپقالاتتى. ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا، خىزمەت سومكىسىدىكى يېشىل شارپىغا پات-پاتقارايدىغان، ھەتتا بۇ شارپىنى بۇرنىغا تۇتۇپ پۇرايدىغان بولۇپ قالغىنىنى ھېسقىلالمايۋاتاتتى. مەۋلاننەچچە قېتىم زۇبەيدەنىڭ شارپىسىنى بېرىۋەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، نېمىشقىكىن بۇئويىدىن دەرھال ۋاز كېچەتتى. چۈنكى، ئۇ زۇبەيدەنى پەقەت بىر قېتىملا كۆرگەن، تېخىئۇنىڭ بىلەن سىرداشقىدەك دەرىجىگە يەتمىگەن بولغاچقا تەرەببال ئىزدەپ بېرىشتىن بىرئاز ئۇيىلىۋاتاتتى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئىزدىشىنى، ھېچ بولمىغاندا توم ئاۋاز دوستىئارقىلىق شارپىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىنى كۈتەتتى. ئەپسۇس، زۇبەيدە بۇ شارپىنىمەۋلانغا خاتىرە سۇپىتىدە قالدۇرغاندەك ئۇنسىز يوقاپ كەتكەنىدى.
* * * *
مەۋلان 211-ئۆيگە چۈشكىنىنى ھېچكىمگە ئېيتىپبېرىشنى خالىمايتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ بۇيەردە بىر مەزگىل جىمجىت ئولتۇرۇپ، خاتىرەيازغۇسى بار ئىدى. نويابىرنىڭ سوغۇق شامىلى يۈزلىرىگە ئۇرۇلۇپ تۇرسىمۇ، دېرىزەتۇۋىگە كىلىپ، يىراقلارغا نەزەر تاشلايتتى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىزمەتسومكىسىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان يېشىل شارپا دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدا لەرزانيەلپۈنەتتى. مەۋلان تۇيۇقسىز زۇبەيدەنى ئەسلەپ قالغان بولسا كېرەك، شارپىنىدېرىزىدىن چىقىرىپ، خۇددى ئۇ ئۆز شارپىسىنى تونۇۋېلىپ، ئۆزىنى ئىزدەپ كېلىدىغاندەكپۇلاڭلاتتى. ئۇ بۇ شەھەردە ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلسىمۇ، ئۇنىڭ زادى قەيەردەئولتۇرىدىغانلىقىنى تېخىچە بىلەلمىگەنىدى. بەلكىم، باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرگەن، ئۇنىڭئىزىغا چۈشكەن بولسا، بۇ چاققىچە ھەممىنى بىلگەن، شارپىنى ئۆز ئېگىسىنىڭ قولىغايەتكۈزگەن بولاتتى. ئەمما، مەۋلان ئۇنداق قىلىشنى خالىمىغان ھەم قوبۇلكۆرمىگەنىدى. مەۋلانزۇبەيدەنى تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. لېكىن، ئىشىنىش بىلەنلا ھەممە ئىشنىڭئادەم ئويلىغاندەك بولىشى ناتايىن ئىدى. ئۇ زۇبەيدەنى ئىزدەپ بارغىنىدا، زۇبەيدەئۇنى نېمە دەپ ئويلاپ قالا؟ ناۋادا، ئۇ شارپىنى قەستەن قويۇپ قويغان بولسا،مەۋلاننى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالار. راستىنلا ئۇنتۇپ قالغان بولسىچۇ؟ ئۇ چاغدامەۋلاننى « بۇمۇ بىر سۇيۇق ئەر ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىماسمۇ؟ مەۋلان ئۇنىڭ ئورنىدابولغان بولسا، بۇ خىل باھانە بىلەن ئىزدەشنى قانداق ئويلىغان بولاتتى؟ ئۇمۇ چوقۇمزۇبەيدەگە ئوخشاش ئويلىغان ۋە قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغان بولاتتى. بۇ شارپامەۋلان ئۈچۈن مۇھىم بىر ئامانەت بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاددىي بىرباش ياغلىقى ھېسابلانسىچۇ؟ بىر بىرىگە ئۇلىنىپ كېتىۋاتقان، مېڭىسىدە جاۋابسىزقىلىۋاتقان سوئاللار مەۋلاننى راستىنلا قىيناپ قويۇۋاتاتتى. ئۇ بۇ ھەقتە قارارچىقىرىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتاتتى ھەم «تاللاشقا ھەققىم يوق» دەپ ئويلايتتى. - قاچانكەلگەن؟ دوستەك! ئالدىن ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلا، يالغۇز قويماس ئىدۇق! تېلېفوندىنكېلىۋاتقان توم ئاۋاز مەۋلاننى ھەيران قالدۇرغانىدى، ئۇنىڭ توم ئاۋاز ئايالنىڭئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىۋالغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. - تۈنۈگۈنكەلگەن، ئۆزىڭىز؟ مەۋلان ئۇنىقەستەن تونۇماسقا سالغانىدى. ئۇ توم ئاۋاز ئايالغا ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر تېلېفوننىكۈتۈۋاتقانلىقىنى چاندۇرغىسى، يېقىندىن بىرى قەلبىدە پەيدا بولىۋاتقان تۇيغۇلارنىئاشكارىلاپ قويغۇسى يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن زۇبەيدەنى شۇنداق سورىغىسى بولسىمۇ، ئۆزىنىزورىغا تۇتىۋالغانىدى. - مەنماھىرە، سىزنىڭ ھېلىقى ئورۇق خىزمەتدىشىڭىز... ئۇ سۆزىنىڭئاخىرىنى بىردەم توختىتىۋالدى، قارىغاندا ئۇ مەۋلاننىڭ خىزمەتدىشىنى نېمە دەپئاتاشنى بىلەلمەي، بىر دەم ئويلىنىۋېلىشىنى توغرا تاپقان بولسا كېرەك. مەۋلانئۇنىڭ زۇبەيدە ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىنى كۈتىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ داۋاملىقسۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمەيلا، ئۇنى تونۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بولغانىدى. - بىلدىم،ئامان–ئېسەن تۇرىۋاتامسىز؟-دېدى، مەۋلان ئۇنى بۇ ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ. -ئامانچىلىق، تېلېفون قىلىشتىن بۇرۇن «ھەقىچان ئېسىگە ئالالمايدىغۇ» دەپئويلىغانىدىم. ئالىي پەزىلەتلىك ئادەم باشقىچە بولىدىكەن، ئازراق بېشارەت بېرىپقويساملا تونۇۋالدىڭىز. ماڭا سىزنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىڭىزنى ئۇ ئېيتىپ بەرگەن.ۋاقتىڭىز بولسا، دوستۇم ئىككىمىز مېھمان قىلايلى، دەپ ئويلىۋىدۇق. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىبىلەن تەكلىپى مەۋلاننىڭ قۇلىقىغا شۇنداق خۇش ياققان بولسىمۇ، ئازراق تەۋرىنىپقىلىۋاتاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ «دوستۇم دېگىنى زادى كېم؟»دېگەننى ئويلاشقاباشلىغانىدى. مەۋلان بۇنى ئېنىق بىلمەيتتى، ماھىرەمۇ مەۋلاننىڭ كۆڭلىنىچۈشەنمىگىنى ئاز كېلىۋاتقاندەك، گەپ قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەملەرگە ئوخشاش«دوستۇم» دېگەننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە ئېيتسىلا بولماسمىدى. مەۋلان شۇدەقىقىدە «سىز ئېيتقان دوستىڭىز زۇبەيدەمۇ ياكى ئايپەرى؟ ئۇنىڭدىن بىۋاستە سوراپباقسام قانداق بولا؟ ئۇ مېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمنى بېلىپ قالارمۇ؟ مەيلىلا،ئۇنىڭ قانداق ئويلىشىدىن قەتئىينەزەر پۇرۇتۇپ قويساملا بولدى. ئۇنىڭ ئەقلىبولسىلا، قالغىنىنى ئۆزى چۈشىنىۋالمامدۇ!؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرگەنىدى. - ياخشىكۆڭلۈڭلار ماڭا تېگىل بولدى، كېيىنچە بىر گەپ بولا. مەۋلانيالغاندىن تەكەللۇپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ مېنى قايتا- قايتا تەكلىپ قىلىشىنى،ئۆزىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي، ئۆتۇنۇپ تۇرۇۋېلىشىنى خالايتتى. مەۋلاننىڭئويلىغىنىدەك، ماھىرە ئۇنىڭ رەت قىلىشىنى مۇنداقلا بولدى قىلىۋەتمەيدىغاندەكقىلاتتى. - قىزلاردەكنازلىنىپ كەتمەڭلار، ئاداش! يالغۇزچىلىقتا بۇرۇقتۇرما بولۇپ ئولتۇرغىچە، بىردەمكۆڭۈل خۇشى قىلمامسىلەر؟ ئۇنىڭ ئۇستىگە دوستۇمنىڭ سىللە بىلەن بەك كۆرۇشكىسىباركەن. ئۇنىڭئاياللىق نازاكەتتىن قىلچە پۇراق بولمىغان، ئەركەكلەرگە خاس مىجەز-خۇلقىنىڭبارلىقى مەۋلانغا ئايان ئىدى. ئۇ بىرلا كۆرۈپ تونۇشقان، ھەر قانداق بىر ئادەمنى،مەيلى ئۇ ئەر ياكى ئايال بولسۇن «ئاداش، ئادىش» دەپ چاقىراتتى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇخىل قوپال مىجەزىنى تازا ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى. لېكىن، ئۇ تېلېفون قىلىۋاتقان بۇدەقىقىدە، ئۇنىڭ توم ئاۋازى مەۋلانغا خېلى يېقىملىق تۇيۇلۇۋاتاتتى. -كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم، دوستىڭىزغا مېنىڭ رەخمىتىمنى يەتكۇزۇپ قويۇڭ. بۈگۈن كەچراستىنلا ۋاقتىم يوق ئىدى. - بېرەرسائەت بولسىمۇ ۋاقتىڭلارنى بېرىڭلا، مەن تېخى زۇبەيدەگە ۋەدە بېرىپ قويغانىدىم. ئۇنىڭئېغىزىدىن مەۋلان كۈتىۋاتقان ئېسىم ئاخىرى چىققانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ زۇبەيدەنىڭ ئىسمىنىتىلغا ئېلىشىنى، ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىسى بار دوستىنىڭ كېم ئىكەنلىكىنى تېزراق ئېيتىپبېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا ئالدىراپلا «بۈگۈن كەچراستىنلا ۋاقتىم يوق ئىدى» دەپ سالغىنىغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىغانىدى، ماھىرەئۇنىڭغا يەنە پۇرسەت بەرگەندەك، ئۇ ماقۇللۇق بىلدۇرمىسە ئۆز لەۋزىدىنيانمايدىغاندەك قىلاتتى. مەۋلان ماھىرەنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىدىن شۇنداق خۇشالبولدىكى، ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرگۈسى، ھەتتا يېنىدا بولغان بولسا چىڭ قۇچاقلاپقويغۇسى كېلىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ يەنە ئۆز ئابۇرويىنى قوغدىمىسا، ئاياللارنىڭئانچىكى تەكلىپىنى ئالدىراقسانلىق بىلەن قوبۇل كۆرۈپ قويسا بولمايدىغان بولغاچقا،ئەتەي تەكەللۇپ قىلىشنى توختاتمايۋاتاتتى. -دوستىڭىزغا ۋەدە بەرگۈدەك، ماڭا ئىشەنچىڭىز باركەندە؟ مېنىڭ رەت قىلغىنىم ئەمەس،راستىنلا...-تېخى مەۋلاننىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ماھىرە گەپ قىستۇرۇۋالغان ئىدى. - ھازىركەچكە خېلى بار، زۇبەيدەمۇ كېلەي دەپ قالدى. بىز ياتىقىڭىزغىلا بارايلى! ماھىرەكەسكىنلىك بىلەن مەۋلانغا يەنە تەكەللۇپ قىلىش پۇرسىتى قويمىغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭزۇبەيدەنى باشلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ سۈكۈت قىلىشنى توغرا تاپقانىدى. ئۆزنۆۋىتىدە سۈكۈت قىلىش قوشۇلغانلىقنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، ماھىرەمەۋلاننىڭ سۈكۈت قىلغىنىنى «قوشۇلغانلىق» دەپ چۈشەنگەن بولسىلا، مەۋلاننىڭكۆڭلىدىكىدەك ئىش بولغان بولاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ ئۇنچىلىك دەرىجىدە ئەقىللىقئاياللاردىن ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى، مەۋلان ئۆزىدە ئۇنىڭغا قارىتا بۇ تۇيغۇنىڭقانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسىمۇ، ئۇنىڭ تۇرقىدىنلاپالاكەت ۋە دۆتلۈكى ئوچۇقلا بىلىنىپ تۇراتتى. مەۋلان ئىچىدە ئۇنىڭغا مۇشۇ بىرقېتىم، پەقەت بىر قېتىملا ئەقىل بېرىشنى، كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئۇنىڭ دىلىغاسېلىشنى ئاللاھدىن تىلەيتتى. - ھېلىكۆرۈشەيلى، ئادىش! توم ئاۋازئۈزۇلدى، ماھىرەنىڭ ئاخىرقى سۆزى مەۋلانغا ئىشەنچ ۋە ئۇمۇت ئاتا قىلغانىدى. مەۋلانتېزلىكتە قولىدىكى شارپىنى يەنە خىزمەت سومكىسىغا يوشۇرۇپ قويدى. ئۇلار خۇددىھازىرلا ئىشىكتىن كىرىپ قالىدىغاندەك، قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ياتاق ئېچىنى بىرقۇر يۇغۇشتۇرۇپمۇ ئۈلگۈردى. ئۇ ئىشىكنىڭ چېكىلىشىنى كۈتەتتى، ئىشىك چېكىلگەنئاۋازنى ئاڭلىماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىنى پەس قىلىپكۆرۈۋاتاتتى. خىيالىدا پەقەت بىر سىما، بىر تەبەسسۇم لەيلەپ يۇرەتتى. توغرا،مەۋلان زۇبەيدەنى پەقەت بىرلا قېتىم كۆرگەن، ئۇنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەنئەسلىمىلىرى تېخىچە قەلبىدە ھازىرقىدەك چاقناپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە زۇبەيدەنىڭئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا خوشلىشىش سوۋغىسى سۇپىتىدە ئاتا قىلغان كۈلكىسى، قولىنىمەنىلىك پۇلاڭلىتىپ قويىشى شۇنچىلىك تەبىئى ۋە سۆيۈملۈك ئىدى. زۇبەيدەھەققىدە مەۋلاننىڭ ئورۇق خىزمەتدىشى ئاز-تولا ئۇچۇر بەرگەندىن باشقا، مەۋلان ئۇنىڭباشقا تەرەپلىرىنى چۈشەنمەيتتى. خىزمەتدىشى ئۇنىڭغا « ئۇ دېگەن بىر چوغ، باشقىلارپۈۋلەشنى ئويلايدىغان، ئەمما پۈۋلىيەلمەيۋاتقان چوغ. سەن ئۇنى پۈۋلەشنى بىلسەڭلا،ئۇ بىر ئوتقا، تەگسىز يانغىنغا ئايلىنىدۇ» دېگەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنىنېمە ئۈچۈن ئۆزىگە ئەتەي ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلمەسكە سالغان بىلەن بۇخىزمەتدىشىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە مەۋلاننى«بو چوغنى پەقەت سەنلا ئوت قىلىپ ياندۇرالايسەن» دەپ ئويلىغانىدى. دېمىسىمۇ، ئۇتوغرا ئېيتقان ئىدى. زۇبەيدە راستىنلا بىر چوغقا ئوخشايتتى. ئۇ بىر كۈلكە بىلەنلامەۋلاننىڭ قەلبىگە بىر چوغ پارچىسىنى تاشلاپ قويغانىدى. مەۋلان بۇ چوغ پارچىسىنىڭئوت بولۇپ يېنىشىدىن، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى.چۈنكى، ھەر ئىككىيلەن ئائىلىسى بار ئادەملەر بولغاچقا، بۇ خىل ھېسسىياتتىن ۋەيوشۇرۇن مۇھەببەتتىن يىراق يۈرمىسە بولمايتتى. لېكىن، غايىۋى پەيدا بولغان ئاجايىپبىر تۇيغۇ بۇنىڭغا يول قويامدۇ ياكى يۈرەكنىڭ تەكتىدىن ئورۇن بېرەمدۇ؟ مەۋلان تېخىبۇنى بىلمەيتتى. ھەتتا، بۇ مەسىلە ئۇستىدە ئويلىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.مەۋلان زۇبەيدەنىڭ يۈرىكىگە يوشۇرۇنغان چوغنى پۈۋلەش قارارىغا كەلگەندە، ئۇقەلبىگە تاشلاپ كەتكەن چوغ پارچىسى بىر ئوتقا ئايلىنىدىغاندەك، ئۆزىنى پۈتۈنلەيلاۋا ئىچىدە كۆرىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتاتتى. مەۋلان بۇ ئوتنى ھەرقانچە يوشۇرغانبىلەن كۆزلىرى ئارقىلىق چاندۇرۇپلا قويماي، ئۆزىمۇ بارا-بارا زۇبەيدەگە يېقىنلاپكېتىۋاتاتتى. ئادەمدەئەزەلدىن مۇكەممەللىك دېگەن نەرسە بولمىسا كېرەك. ناۋادا، ئادەم راستىنلا مۇكەممەليارالغان بولسا، ئۇلار نىكاھلىق تۇرۇپ يەنە مۇھەببەت ئىزدەپ يۈرمىگەن بولاتتى.ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنداق قانائەتسىز، سۆيگۈگە باغرى قانمايدىغان، يېڭى-يېڭى مۇھەببەتئىزدەش يولىدىن ئۆلگىچە يانمايدىغان يارىتىلغانلىقىغا ھېچكىمنىڭ قوناق بەرگىسىكەلمىسىمۇ، ئەمەلىيەت بۇنىڭ راستلىقىغا قىل سېغمايدىغان پاكىتلىرى بىلەن گۇۋاھبولالايتتى. «نىكاھ مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى» دېگەن مەنتىقە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگەتەسەللى بېرىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر قامۇسى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ۋەباشقىلارنى ئالداپ كېلەتتى. بۇ ئادەملەر قاچانمۇ بۇ خىل قارىشىنى ئۆزگەرتىپ،«نىكاھ مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى» دەيدىغان چاغلارمۇ كېلەرمۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىئاچارچىلىق، قەلبىدىكى ئېچىرقاش زادى قاچان ھەقىقىي تويۇنار؟ بۇ راستىنلا قاندىكىمەسىلە بولسا، ئادەم ئاتىدىن باشلانغان مۇھەببەت ھەقىقىي ۋە پاك بولغىنى نېمىگەھېساب؟ ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمىگە قالدۇرغىنى ساداقەتنىڭ نۇرى پارلاپ تۇرغان سۆيگىمۇياكى تەندىكى ئاسىي ئېچىرقاشنى باسىدىغان، كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدىغانساختا سۆيگۈمۇ؟ ئاتا-بوۋېلاردىن قالغان كۆپ نىكاھلىق بولۇش، باشقىلارنىڭ ھەققىگەچاڭ سېلىش، روھىيىتىدىكى تويۇنماسلىقلار كىشىنى ھېچنېمىدىن يانمايدىغان، يالغانسۆزلەيدىغان، ساداقەتسىز قىلىپ قىلىپ قويغانمۇ قانداق؟ « قان بىلەن كىرگەن خۇي،جان بىلەن چىقار» دېگەندەك، ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ ھېسسىيات كەمتۈكلۈكى، روھىنامراتلىقى راستىنلا، ئۆلۈم بىلەن ئاياقلىشارمۇ؟ مەۋلان بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالاتتى. ئۇ بۇئويلىرىدىن يەنە نومۇسمۇ ھېس قىلاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭدىمۇ بۇ نۇقسانلار بار بولۇپلاقالماي، بەزىدە روشەن ئىپادىسىنى تېپىپ كېلىۋاتاتتى. شۇ ھەقىقىدە مەۋلاننىڭ ئۆزىمۇھېسسىيات ئاچارچىلىقىغا دۇچ كەلگەن، باغرى تويۇنمىغان يوچۇن مەخلۇقتەك باشقىلارنىڭنىكاھىدىكى بىر ئايالنىڭ مۇھەببىتىكە، ئۇچۈنچى شەخس بولۇپ سۆيۈلۈشكە ئۆزىنىئېتىۋاتاتتى. ئەقلى ھېسسىياتىنى كونتۇرۇل قىلماي، ھېسسىياتى ئەقلىگە ھۆكۈمرانبولۇۋالغانىدى. مەۋلان ئۆزىدىكى بۇ ئۆزگۈرۇشلەردىن بىر ئاز ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالغانبولسىمۇ، يەنىلا بۇ ۋەھىمە ئېچىدىن يۈرىكىنى نۇرلاندۇرىدىغان يورۇق نۇرنىكۆرگەندەك بولاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن، قەلبى، تۇيغۇلىرى، خىياللىرى بىرقاراڭغۇلۇق ئېچىگە كىرىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇ قاراڭغۇلۇقتا خۇددى دانكودەك يۈرىكىنىكۆتۇرۇپ ماڭالمىسىمۇ، روھىيىتىدىكى تويۇنماسلىققا بىر داۋا ئىزدەۋاتاتتى. ئىشىك بوشچېكىلىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭ يۈرىكى بىر خىل چۈشىنىكسىز تۇيغۇ ئەۋجىدە تېپىچەكلەشكەباشلىغانىدى. سىرىتتا ئىككى ئايالنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازى ئاڭلانغاندىلا، ئۇزۇبەيدەلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. - ياتاقنومۇرى توغرا بولغىيدى؟ بۇزۇبەيدەنىڭ مەۋلان ئاڭلاشقا تەشنا بولغان، مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدىغانيېقىملىق ئاۋازى ئىدى. مەۋلان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلىغان بولسىمۇ،ئېسىدە شۇنچىلىك ئوچۇق قالغىنىغا ھەيران بولغانىدى. بۇ بىر سۈزۇك ھەم يېقىشلىقئاۋاز بولۇپلا قالماي، يۈرەككە لەرزان مۇزىكىدەك تېگىدىغان مۇڭ ئىدى. - خاتائەمەستۇ، ھە! قەستەن ئاچمايۋاتامدۇ ياكى بىز بوش چېكىپ قويدۇقمۇ؟ توم ئاۋازماھىرە زۇبەيدەگە گۇمان بىلەن قاراپلا قالماي، تازا ئىشەنچىسى يوقتەكسۆزلەۋاتاتتى. ئارقىدىنلا ئو توم ئاۋازىغا ئوخشاش ئىشىكنى كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدى.مەۋلان ئۇلارنى بىردەم دەرگۇماندا قويغۇسى بولسىمۇ، زۇبەيدەنى تېزراق كۆرۇشئىستىكى ئۇنىڭغا يول قويمىغان ھەم بۇ خاھىشىنى بەربات قىلغانىدى. - ھە، ماناھازىر! ئىشىكتۈۋىدىلا كۆرۈشۈشكە تەشنا بولغان كۆزلەر ئۇچرىشىپ قالدى. مەۋلان بىردەم نېمەدېيىشىنى، قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، خۇددى ھاڭۋاقتىدەك تۇرۇپ قالغانىدى.كۆزلەردىن كېلىۋاتقان تونۇش بىر نۇر يۈرىكىگە دەل تەگكەندەك، پۈتۈن ۋۇجۇدىدا بىرئېللىق سېزىم پەيدا بولىۋاتاتتى. ماھىرە كۆزلەرنىڭ سۆزلەشكىنىنى بۇندىن بۇرۇنكۆرمىگەن بولسا كېرەك؟ شۇ چاغدا، بىر مەۋلانغا بىر زۇبەيدەگە قاراپ ھەيرانبولغانىدى. ئۇلارنىڭ كۆزى ئارقىلىق نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەي، مەقسەتلىكۋە مەسخىرىلىك كۈلۈپ تۇراتتى. - ئىشىكنىكەگەنلەپ تۇرىۋەرمەي، ئۆيگە باشلىمايلىمۇ؟ ماھىرەئەتەي ئەسكەرتمىگەن بولسا مەۋلان ئۆزىنىڭ ئىشىكنى توسقىنىچە يەنە قانچىلىكتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. زۇبەيدەمۇ كۆزلىرىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي، بىر خىلتەبەسسۇم ئىچىدە تۇرىۋەرگەن بولاتتى. ناۋادا، زۇبەيدە كۆزلىرىنى ئۇنىڭ كۆزۈمدىنئېلىپ قاچقان بولسا ئىدى، ماھىرەنىڭ ئەسكەرتمە بېرىشىنىڭ ئورنى قالمىغان بولاتتى.مەۋلان ئارقىغا ئازراق چېكىنىپ، ئۇلارغا يول بەردى. ئۇلار مەۋلاننىڭ ياتىقىغاكىرىپلا، خۇددى ئالدىن دېيىشىۋالغاندەك تەڭلا چاقچاقنى ياغدۇرىۋەتكەنىدى. - ئىشىكنىتەستە ئاچقىنىڭىزغا قاراپ، ياتاقتا تېخى بېرەر مۇھەببىتى بارمىكىن دەپتىمەن! - بۇنداقئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ مۇھەببىتى كام بولامتى؟ - ئۇنداقتا،ئۇنى قەيەرگە يوشۇرۇپ قويغاندۇ؟ - قارا،ئىچىدە يەنە بىر ئۆي تۇرمامدۇ! ئۇلارقەستەن مەۋلاننى جىلە قىلماقچى بولىۋاتاتتى. ماھىرە قىزىقچىلىق قىلىپ ئىچكەركىئۆينى، ھەتتا تازىلىق ئۆيىنى قالدۇرماي بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىققاندىن كېيىن،زۇبەيدەگە قاراپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى. مەۋلان شۇندىلا ئۇلارنىڭ ئويۇنئويناۋاتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن بولغاچقا، ئارتۇقچە چۈشەنچە بېرىشنىڭ ھاجىتىيوقلىقىنى ئويلاپ يەتكەنىدى. زۇبەيدە قولىدىكى مېۋىلەرنى شېرە ئۇستىگە قويماستىن،تېخىچە ماھىرەگە قاراپ تۇراتتى. مەۋلان ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلماقچى بولغانبولسىمۇ، قولىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئەمدى ئۆزىگە تەئەللۇق بولغانلىقىغا ئىشەنچقىلالمايۋاتاتتى. ماھىرە يەنىلا ياتاقنىڭ ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىگە قاراش بىلەن ئاۋارەبولغاچقا بۇ ئىككىيلەننىڭ ئارىسالدى بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمايتتى. -قولۇڭىزدىكى شېرە ئۇستىگە قويۇپ، بىردەم ئولتۇرسىڭىز بولامدۇ؟- دېدى مەۋلان ئاخېرىيۈرەكلىك بىلەن زۇبەيدەگە ئېغىز ئېچىپ. زۇبەيدە خۇددى ئۇنىڭ تەكلىپ قىلىشىنىكۈتۈۋاتقاندەك، قولىدىكى نەرسىلەرنى شېرە ئۇستىگە قويغاچ سۆز باشلىدى. - يېنىڭىزغاقۇرۇق قول كەلگىمىز كەلمىدى، شۇڭا ئازراق سوغۇق ئېچىملىك بىلەن مېۋە ئالغاچكەلدۇق. زېرىككەن چاغلىرىڭىزدا ئېغىز تېگەرسىز! - ئۇئۇچراشقانكى تونۇشلارغا «يۇقىرىدىن مېھمان كەلگەن، شۇلارغا مېۋە ئەكىرىپ بېرەتتۇق»دەپ يالغان سۆزلەپ ئاران دېگەندە كىردى.-دەپ سۆز قىستۇرۇپ ئۇلگۈردى ماھىرە دېرىزەتۇۋېدى تۇرۇپ. - شۇنداقدېمىسەم، ئۇلار مېنى قانداق چۈشىنىپ قالىدۇ. بۇ دېگەن مېھمانساراي تۇرسا؟! - مەنھەمراھ بولۇۋاتسام، يەنە نېمە بولماقچى ئىدى؟ - مەن ساڭاھەمراھ بولدۇممۇ ياكى سەن ماڭا ھەمراھ بولدىڭمۇ؟ سەن بىرگە بارايلى دېمىگەنبولساڭ، مەن كەلمىگەن بولاتتىم. بۇ يەرگە كىرگۇچە پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى،دېگىنە! - ئەسلىدەبۇ ئاداش سىرىتقا چىققان بولسا، بىزمۇ بۇ يەرگە كەلمىگەن بولاتتۇق. ئۇلارنىڭپارىڭىدىن مەۋلان ئوڭايسىزلىنىپ قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنى قەستەن بۇئەھۋالدا قويغۇسى يوقلىقىنى ھېس قىلالايدىغان بولغاچقا، ئۇلاردىن ئەپۇ سوراشنىتوغرا تاپقانىدى. -كەچۈرۈڭلار، كەچتە بىرىگە ۋەدە قىلىپ قويۇپتىكەنمەن. شۇڭا... -مۇھەببىتىڭلاغا ۋەدە بەرگەنما؟ ماھىرەنىڭئېغىزىنى توسۇپ قالغىلى بولمايتتى. ئۇ ھە دېگەندە مۇھەببەتنىڭ گېپىنىلا قىلاتتى.مەۋلان ئۇنىڭ نېمىشقا بۇ گەپنى توختىماي تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بەلكىم،ئۇ مەۋلاننىڭ بۇ شەھەردە بىرەر ئايال بىلەن ئارىلىشىۋاتقان ياكىئارىلاشمايۋاتقانلىقىنى بىلگىسى كېلىۋاتقان بولسا كېرەك. مەۋلان ئۇ ئويلىغاندەكئەرلەردىن بولمىسىمۇ، ھەرگىز ئەخمەقلىق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. قايسى بىر ئەرباشقا بىر ئايالغا ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئايال بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپبېرىدۇ؟ مەۋلان بۇ ئاددىي ساۋاتنى بىلمەيدىغانلادىن ئەمەس ئىدى. ماھىرە قارىغاندابۇ خىلدىكى سوئاللارنى كۆپ تەكرارلاش ئارقىلىق، مەۋلاندىن ئېنىق بىر جاۋابقائېرىشكەندىن كېيىن، كۆڭلىگە پۈككەن باشقا مەقسەتلىرىگە ئۆتىدىغاندەك قىلاتتى. - ياقەي،ئىدارىدىكى بۇرادەرلەرگە ۋەدە بەرگەنىدىم. زۇبەيدەماھىرە بىلەن مەۋلاننىڭ سۆھبىتىنى ئاڭلاش بىلەنلا كۇپايىلىنىدىغاندەك ئۇنسىزئولتۇراتتى. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا، مەۋلاننىڭ خىزمەت سومىسىدىن بىرئۇچى كۆرىنىپ قالغان يېشىل شارپىغا تىكىلگەنىدى. ئۇ مەۋلاننىڭ ماھىرە بىلەنپاراڭلاشقىنى بىلەن ئوغۇرلۇقچە ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سەزمەيتتى. مەۋلان ئۇنىڭدېققىتىنى بۇراش مەخسىتىدە، ئۇنىڭغا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئاپېلىسىندىن بىر تالنىئاقلاپ سۇنغاچ چاقچاق قىلدى. - بەكخىيالچانلىق ئاياللارنىڭ پەزىلىتى ئەمەس. قېنى، ئاپېلىسىن يەڭە! - خىيالقىلمىدىم، ئىككىڭلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. - كونىلاردا«بىر كۆرگەن تونۇش، ئىككى كۆرگەن تۇغقان دېگەن» گەپ بىر بار. بۇ بىزنىڭ ئىككىنچىقېتىم كۆرۈشۈشىمىز بولغاندىن كېيىن، بىز تۇغقانمۇ بولۇپ قالغاندۇق؟ زۇبەيدەجاۋاب بېرىپ بولغۇچە ئىتتىك ئېغىز ماھىرە يەنە گەپ ئارىلىۋالغانىدى. - ئۇچۇنچىقېتىم كۆرۈشكەندىچۇ؟ - ئەلۋەتتە،مۇھەببەت بولىدۇ-دە! ھا ھا ھا... مەۋلانئويلانمايلا ئېيتقان بۇ سۆزىدىن خىجىل بولۇپ ئەمەس، زۇبەيدەنىڭ چاقماق تېزلىكىدەئۆزىگە تىكىلگەن كۆزلىرى ئارقىلىق «بۇ راستمۇ؟» دېگەن سوئالنى قويىشىدىن ئۆزىنىقاچۇرغانىدى. مەۋلان كۆڭلىدە بۇ سۆزىنىڭ رېئاللىق بولۇپ قىلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ،بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىشنى توغرا كۆرمەيتتى. ئەمما، زۇبەيدەگە ئۇئاللىقاچان كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلمايتتى. ئۇنىڭ بۇسۆزلىرىنى ماھىرە چاقچاق ئورنىدا چۈشەنگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قەلب ئىشىكىگە باسماداپكېلىۋاتقان يوشۇرۇن بېسىم سەل يەڭگىللىگەندەك تۇيۇلىشقا باشلىدى. ئۇ بىردەم سۈكۈتئارقىلىق ئۆزىنى دەڭسىۋالغاندىن كېيىن، ئوغۇرلۇقچە زۇبەيدەنى كۈزىتىشكەباشلىغانىدى. زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرىدە ئۇنىڭ بايامقى سۆزىگە قارىتا قىلچە ھەيرانلىقكۆرۈنمەيتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچە تەبىئى ۋە خيالىي چاقناپ تۇراتتى. - ئېسىمقۇرىسۇن، ئاداش!-دەپ سۆز باشلىدى ماھىرە مەۋلان بىلەن زۇبەيدەنىڭ قايسىغا گەپقىلىۋاتقىنى بىلگىلى بولمىغىدەك كەيپىياتتا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە دەر-گۈمان سېلىپ.-بۇ دوستۇم بىر ھەۋەسكار، بەزىدە ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئىككىڭلاربىر ئورتاقلىققا ئىگە. مېنىڭ شۇ سىلەرنى ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالسىكەن دېگەنلائۈمىدىم بار. مېنى ئىككىڭلار «باشقا مەقسىتى بار» دەپ خاتا چۈشەنمەيدىغانسىلەر،يانا؟ ماھىرەنىڭچېگىش سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ بىر نەرسىنى قەستەن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇھىم نۇقتىدىنئەگىپ ئۆتۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى. مەيلى ئۇ قانداق پىكىر بايانقىلسۇن، ئۇنىڭ ئويى پەقەت بىرلا بولۇپ، زۇبەيدە ئىككىمىزنىڭ قارىشىنى، ھېسسىياتىنىبىر يەرگە ئەكىلىش ئىدى. مەۋلان ھازىرقى ھېسسىياتىدا بۇنى رەت قىلالمىسىمۇ،ماھىرەنىڭ كۆزىچىلا قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. شۇڭا، ئۇ ماھىرەنىڭ بۇ تەكلىپىگەزۇبەيدەنىڭ ئىپادە بىلدۈرىشىنى شۇنداق خالايتتى. ئەمما، زۇبەيدەمۇ خۇددى مەۋلانغائوخشاش ئويدا بولىۋاتقاندەك، ماھىرەنىڭ تەكلىپىگە قارىتا ئۈن-تۈنسىز ئولتۇراتتى.ماھىرە بىردەم جىم تۇرۇپ قالسا ئېچى پۇشىدىغان ئاياللاردىن بولغاچقا، بۇئىككىيلەننىڭ سۈكۈت قىلىشىغا چىداپ بولالمىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ يېنىغا كىلىپ،ئۇنى ئېغىز ئېچىشقا ئۇندىگەندەك ھە دېسە ئاستا بىقىنداشقا باشلىغانىدى. - گەپنى مەنباشلاپ بەرگەندىن كېيىن، ئاخىرىنى ئۆزۈڭلار چۈشۈرەسىلە؟ مەن كەتسەم، ئاندىنمۇڭدىشامتىڭلا، يا؟! زۇبەيدەماھىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن سەل خىجىل بولۇپ قالغان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ سۇس سېرىقئۆڭىگە قىزىللىق يۈگۇرۇپ، يېڭى پىشىۋاتقان ئالمىدەك بولۇپ كېتىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭئاشۇ ئالمىنى پۇرىغۇسى، ئۇنىڭ لەززىتىنى ھېس قىلغۇسى بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىزورىغا بېسىپ تۇراتتى. ناۋادا، بۇ يەردە ماھىرە بولمىغان بولسا ئىشلار باشقىچەبولغان، مەۋلان زۇبەيدەگە دوستلىشىش ئۈچۈن قول بەرگەن بولاتتى. ئۇلار ئىككىسى بىربىرىمىزدىن ئەمەس، بەلكى ماھىرەدىن ئېھتىيات قىلىۋاتاتتى ھەم خىجىل بولىۋاتاتتى.ماھىرە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەندەك، لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكەماڭدى. زۇبەيدە ئۇنى «راستىنلا قايتىپ كەتمەكچى بولغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىغانچېغى، ئۇنىڭغا ياندىشىپلا ئورنىدىن قوزغالغانىدى. ماھىرە زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگەئەگەشكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا قاراپ: - مەنكەتمەيمەن، تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي. مېھمان بار ئىدى، كۆرپە سالىدىغان ۋاقتىبولغان. ھى ھى ھى... ماھىرەنىڭچاقچىقى بىر ئاز ھەددېدىن ئاشقان بولسىمۇ، ھەر ئىككىيلەننى كۈلدۈرۈپتېلىقتۇرىۋەتكەنىدى. ئۇ ئاشۇنداق گېپى ئوچۇق، ئېغىزىنىڭ تۇۋىقى يوق، تېجىمەلئاياللارنىڭ تېپىك ۋەكىلى ئىدى. بۇ ئۇنىڭ خاراكتىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ مىجەزىنىبىلىدىغان ئادەمگە غەلىتە تۇيۇلمايتتى. لېكىن، ئۇنى چۈشەنمەيدىغان ئادەم بۇنداقتاقا-تۇققىنى ئاڭلىسا، ئۇنى چوقۇم «مېڭىسىنىڭ سۈيى بارمۇ نېمە؟» دەپ ئويلاپقالاتتى. - نېمەدېسەم بولا، بۇ دوستىڭىزنىڭ مۇشۇ ئېغىزى-زە! ئۇنىڭ بەزى چاقچاقلىرىدىن ئادەم نومۇسقىلىپ قالىدىكەن. زۇبەيدەئۈندىمىدى، ئۇ مەۋلاننىڭ زورىغا، ھېچ قىلىدىغانغا گەپ تاپالمىغاندەك بۇ گەپلەرنىقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى. مەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىبولسىمۇ، نېمىشقىكىن ئېغىز ئاچالمايۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكەقاچاندىن باشلاپ كىرىشكىنىنى، تۇنجى ئۇچراشقان كۈنى شارپىسىنى ئۇنتۇپقالغانلىقىنى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ شارپىنى يېنىدىن ئايرىماي ساقلاپكېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقۇسى بار ئىدى. ئەپسۇس، تازىلىق ئۆيىدە يەنە بىر قۇلاقبولغاچقا ئېيتالماي ئېچى سىقىلىپ كېتىۋاتاتتى. زۇبەيدەمۇ خۇددى ئۇنىڭغا دەيدىغانسۆزلىرى باردەك ئېغىزىنى ئۈمەللەيتتى-يۇ، بوغۇزىغا كېلىپ قالغان سۆزلىرىنى يەنەئېچىگە يۈتۈۋالاتتى. ئىككىيلەن بىر بىرىدىن سۆز كۈتۈپ، تۇيۇقسىز بىرىنىڭ جۈرئەتلىكبولۇپ ئېغىز ئېچىشىنى ئارزۇلاپ سۈكۈتتە ئولتۇراتتى. ماھىرە تازىلىق ئۆيىدىنچىقىپلا: - يەنىلائوخشاشمۇ نېمە؟ يالغۇز قالدۇرغىنىمنى مەزى بىلمىگىنىنى!-دېگىنىچە يەنە كوتۇلداشقاباشلىغانىدى.- كۆرۇشمىگەندە شېئىر يېزىپ سېغىنىپ ھالى قالمىغان، كۆرۈشكەندە ھالىنىئات تارتالمىغان قانداق ئاداش سەن؟ باشقا گەپ تاپالمىساڭ، شېئىرىڭنى ئوقۇپبەرسەڭمۇ بولاتتىغۇ؟! - بۇبولىدىغان تەكلىپ بولدى، قېنى، شېئىر ئاڭلايلى!-دېدى، مەۋلان ماھىرەنىڭ پىكرىنىقۇۋۋەتلەپ. - نەدىكىبىر گەپلەرنى قىلمىغىنا، مۇنداقلا يېزىپ قويغان نەرسىلەرنى شېئىر دەپ ئوقۇغىلىبولاتتىمۇ؟ - بەزىدەمۇنداقلا يېزىپ قويغان يازمىلارمۇ يۈرەكنى تىترىتىدۇ. زۇبەيدەگەمەۋلاننىڭ بۇ سۆزى ئېلھام ۋە جۈرئەت ئاتا قىلغانىدى. ئۇ مەۋلانغا لەپپىدە بىرقارىۋەتكەندىن كېيىن، سومكىسىدىن بىر كېچىك خاتېرىنى ئالدى-دە، سۇزۇك ئاۋازىنىقويىۋېتىپ، شېئىر ئوقۇشقا باشلىدى. ئازابلارغاقىلدى مۇپتىلا. سېغىنىشنىڭئوتى يۈرەكتە، مەنئىسمىڭنى چاقىرسام جېنىم، ئۈنبەرمىدىڭ، قويۇپ مىڭ دەردتە. ......... كەل،ئەزىزەم! سۆيۈپ قوي مېنى، سۆيۈشلەردىنئالاي مېھرىڭنى. زۇبەيدەئاخىرقى مىسرالارنى ئوقۇۋاتقاندا، ئاۋازىنىڭ تىترەپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ ھېسقىلمىغان. ئۇنىڭ بۇ شېئىرى ئادەتتىكى بىر يازما بولماستىن، بىر ئاشىق يۈرەكنىڭنىداسى، بىر سۆيگۈ كۈتكەن قەلبنىڭ ھەقىقى بايانى ئىدى. مەۋلانمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشيۈرىكىدىكى پىنھان سىرلىرىنى شېئىر بىلەن بايان قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭئاخىرقى ئىككى مىسراسىغا مۇشائىرە قىلىپ قويغانىدى. كەل،ئەزىزەم! قولۇمنى چىڭ تۇت، سۆيۈلۈشتەئازابنى ئۇنۇت! مەۋلاننىڭبۇ مىسرالىرىغا يوشۇرۇنغان مەنانى ماھىرە ھېس قىلالمىغىنى بىلەن زۇبەيدە دەرھالچۈشەنگەنىدى. زۇبەيدە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئۇمۇت ۋە ئىشەنچ بىلەن كۈلۈپ قارىغاندا،مەۋلان مەنىلىك باش لىڭشىتىپ قويغانىدى. ماھىرەنىڭ يەنە كوتكوت ئېغىزى ئېچىلغان ،قەلبىگە پاتمايۋاتقان ھاياجان ئۇنى سۆزلەشكە ئۈندىگەنىدى. - كۆزۈمگەئىككىڭلار راستىنلا مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يېگىتكە ئوخشاش كۆرۈنۇپ كەتتىڭلار، بىرگە شېئىر ئوقۇساڭلار، بىرگە كۈلسەڭلار «ئالتۇنئۈزۈككە ياقۇت كۆز» قۇيغاندەك بولىدىكەن. ئەمدى مەن قايتاي، بالا ئېمىتىدىغانۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ. سىلەر شېئىرىڭلارنى ئوقۇۋېرىڭلار! - ئۇنداقئىش يوق، خېنىم! بىرگە كەلگەن ئىكەنمىز، بىرگە قايتايلى. - مەنبېرىپلا كېلىمەن، سىللە بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرمامسىلەر! - راستكېلەمسەن، ياكى؟ - راستلاكېلىمەن. كۆكسىم بەك چىڭقىلىپ كەتتى، مېنىڭ شېئىرىڭلارنى ئاڭلىغۇم يوقما، ھېلى؟ئىشەنمىسەڭ قاراپ باقە، مانا! ماھىرە قولىبىلەن ئوڭ تەرەپ كۆكسىنى پۇلاڭلىتىپ قويدى. مۇنداقلا قاراشتا ئۇ يېڭى تۇغۇتتىنقوپقاندەك قىلمايتتى. مەۋلان ئۇنىڭ تېخى ئېمىۋاتقان بالىسىنىڭ بارلىقىنى ھازىرئاڭلىغان بولغاچقا، زۇبەيدە ئۇنىڭ ھەيران بولۇۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدى بولغاي، بۇھەقتە چۈشەنچە بېرىپ: - تۇنجىبالىسى ئەمدى تېخى تۆت ئايلىق بولغان. –دېدى. مەۋلانماھىرەگە قايتىدىن نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تۇغۇتتىن قالغان داغلار «مانا،مەن» دەپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئەسلىدىمۇ يوغان يارىتىلغان كۆكسى ئانا سۇتىبىلەن تولغان بولغاچقا، مەيدە تەرىپىگە پاتماي قالغانىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىئىسپاتلاۋاتقاندەك، ئەمچەك تۈگمىسىنىڭ ئۇدۇلى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ مەۋلاننىڭ ئۆزىگەقاراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى «ماڭا ئىشەنمەيۋاتىدىغۇ» دەپ ئويلاپ قالغانچېغى، بايامقى ھەركىتىنى قايتا تەكرارلاپ قويدى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى بىلەن ھۆلبولغان ئورۇننىڭ دائېرىسى تېخىمۇ كەڭرىشكە باشلىغانىدى. ماھىرەئۇلاغا كېلىدىغانلىقى توغرىسا ۋەدە بېرىپ كەتتى، ياتاقتا مەۋلان بىلەن زۇبەيدەيالغۇز قالغانىدى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ قولىدىكى خاتىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىئوقۇپ باقماقچى بولدى. ئۇ قولىنى خاتىرىگە ئۇزىتىشى بىلەن زۇبەيدە خاتىرىنى باشقاتەرەپكە ئېلىپ قاچتى ۋە ئاستا شىۋىرلىدى. - قالغانشېئىرلانىڭ ئوقۇغۇچىلىكى يوق. - مەنئاۋۋال ئوقۇپ باقاي، سىز ئوقۇغۇچىلىكى يوق دېگەن شېئىرلار بەلكىم مېنىڭ ئۈچۈن ئەڭئېسىل لېرىكا بولىشى مۇمكىن. - مەنسىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپلا قالماي، ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈپ ئوقۇيمەن. مېنىشاگىرتلىققا قوبۇل قىلاسىزمۇ؟ - شېئىريىزىش باشقا ھۈنەرگە ئوخشىمايدۇ، شېئىر دېگەن يۈرەكتىن چىقىدىغان ھەقىقىيھېسسىيات. مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بىر ھەۋەسكار، تەكلىپ-پىكىر بەرسەم بولىدۇ. ئەممائۇستاز بولالمايمەن. زۇبەيدەمەۋلاننىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەندەك كۆزىنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن قاچۇرۇپ يەرگەقارىۋالدى ۋە خاتىرىسىنى سومكىسىنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىگە يوشۇردى. مەۋلان ئۆزىنىڭئىجادىيەتتە قانچىلىك تالانتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۆزىمۇ ئۇنىڭغائوخشاشلا ھەۋەس كوچىسىدا تەمتىرەپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بېرى ئىدى. زۇبەيدە بۇلارنىبىلمەيتتى، ئۇنى خېلى پىشقان شائىر دەپ چوڭ كۆرەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، مەۋلاننىڭئۇنىڭغا ئۇستاز بولۇشقا سالاھىيىتى توشۇمايتتى. ئەمما، مەۋلان ئۇنىڭغا بۇلارنىقانداق چۈشەدۈرۈشنى، ئۇنىڭ يېرىم بولىۋاتقان دىلىغا قانداق تەسەللى بېرىشنىبىلمەيتتى. - بۇنداقدېسەم، «مېنى رەت قىلدى» دەپ ئويلاپ قالماڭ! مەنمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ كوچىدا مېڭىشنىئويلايدىغان، ئەمما ئۇنۇملۇك بىر يول تاپالمايۋاتقانلارنىڭ بىرسى. بىز ئورتاققىزىقىش ۋە ھەۋەسكە ئىگە بولغاندىكىن، كۆپرەك پىكىرلەشسەك ۋە يازمىلىرىمىزغا باھابېرىشسەك بولىدۇ. - مەنمۇشۇنداق ئويلايمەن، لېكىن يازغانلىرىمنى سىزگە كۆرسىتىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن. - خىجىلبولغىدەك، ماڭا ئاتاپ يېزىلغانمىدى؟ - ئۇنداققۇئەمەس، ھەممىسى مەشىق ئەسەرلەر شۇ! زۇبەيدەنىڭبارغانسېرى سۆھبەتكە كىرىشىۋاتقىنى مەۋلاننى خۇشال قىلغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭغاكۆڭۈلدىكى گەپلەرنى قىلىدىغان پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ روھىيىتىگەسىڭىپ كېرىشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتى. - سىزگە بىرنەرسە بەرگۈم بار ئىدى. - نېمە، ئۇ؟ مەۋلانخىزمەت سومكىسىدىن يېشىل شارپىنى ئالدى. زۇبەيدە بىر شارپىغا، بىر مەۋلانغا قاراپكۈلۈمسېرىدى. شارپىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قوللىرىنى ئۇزاتقان ئىدى، مەۋلان بەرگىلىئۇنىمىدى. - بۇ شارپائەسلىدە سىزدە ئىكەن-دە؟ مەن تېخى «يوقىتىپ قويدۇممىكىن» دەپ ئويلىۋىدىم. ماڭائۆزىمنىڭ شارپىسىنى بەرمەكچىمۇسىز؟ - شۇنداق،بۇ شارپىنىڭ ئىككىمىزنى باغلاپ قويغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ -ئىشەنمەيمەن، بۇ شارپا ئىككىمىزنى قانداقلارچە باغلاپ قويغىدەك؟ - مەن بۇشارپىنى ھەر كۈنى پۇراپ تۇردۇم، بۇ ئارقىلىق سىزنى ئەسلەشنى ئۇنتۇمىدىم. - مەنئۇنتالمىغۇدەك، ئۇنچە چىرايلىق ئاياللاردىن ئەمەسقۇ؟ - مېنىڭكۆزۈمدە قارىغان بولسىڭىز، بۇنداق ئويلىمايتتىڭىز. - شۇنداقمۇ؟ - قېنى،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ. بۇ شارپا ئەمدى ئىگىسىنى تاپسۇن! زۇبەيدەمەۋلاننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، سافا ئالدىغا قويۇلغان شىرەدىن ئەگىپئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا روبىرۇ يۈزلەنگەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا قايتىدىن بىر رەتنەزەر تاشلىغاندا، ئۇنىڭ ئوتتۇرا بوي، نورمال بەدەن كەلگەن ئاددىي بىر ئايالبولۇپلا قالماي، مېھرىنىڭ ئىسسىقلىقى بىلەن ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىياقىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يېتىۋاتاتتى. - ئۆز قولۇمبىلەن بوينىڭىزغا سېلىپ قويسام بولامدۇ؟ زۇبەيدەجاۋاب ئورنىدا بېشىنى ئاستا تۆۋەنگە ئەگدى. مەۋلان ئىككى قوللاپ شارپىنى ئۇنىڭبوينىغا سىلىپ، ئىككى ئۇچىنى چېگىپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنى سەل ئالدىغا تارتتى. ئۇمەۋلاننىڭ بۇ ھەركىتىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلدىمۇ ياكى بۇ ھەرىكەتنى ئۆزىگە قىلىنغانقوپاللىق دەپ قارىدىمۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ قويدى. كۆزلەر ئۇچراشتى. مەۋلانكۆزلەرنىڭ بىر بىرىگە سۆزلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى، ئەمما شۇ دەقىقىدە كۆزلەرنىڭسۆزلىشەلەيدىغانلىقىغا قول قويغانىدى. ئۇ شارپىنى ئىككى ئۇچى تەرىپىدىن ئاستاتارتتى، زۇبەيدە ئارتۇقچە قارىشىلىق بىلدۈرمەيلا، مەۋلاننىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنىبەرگەنىدى. مەۋلاننىڭ باغرى ئۇنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندا، زۇبەيدەنىڭ راستىنلا بىرئوت ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنىدى. ئۇنىڭ تېنىدىن تارىغان ئىسسىقلىق پۈتۈن ۋۇجۇدىنىكۆيدۈرۈشكە باشلىغاندا، ئۇ زۇبەيدەنى بارغانسېرى چىڭ قۇچاقلاشقا، چاچلىرىنى تويمايپۇراشقا باشلىدى. قەلبىدە بۇ كېچىك ياتاق، زۇبەيدە ئىككىسىنىڭ پىنھان دۇنياسىغائايلانماقتا ئىدى.
* * * *
مەۋلاننىڭزۇبەيدەگە تېلېفون ئۇرغۇسى، قىسقا ئۇچۇر يوللىغۇسى كېلەتتى. يەنە نېمىشقىكىنئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئويلايتتى. ئاشۇ قېتىملىق شېرىن دەقىقىلەردىن كېيىن، زۇبەيدەمەۋلاننىڭ خىيال دۇنياسىنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالغان، چۈشلىرىدە ئۇنى ئۆزىگە مەھكەمباغلىۋالغانىدى. مەۋلان ئۆزىنى زۇبەيدەسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغاندەك ئويلاپكېتەتتى. بەلكىم زۇبەيدەمۇ مەۋلاندەك خىيال قىلىدىغان، ھەر دەقىقىدە مەۋلاننىئويلايدىغان بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. يېقىندىن بۇيان، مەۋلاننىڭ تېلېفونىنىڭقىسقا ئۇچۇر ئامبىرى سېغىنىشقا تولغان مۇھەببەت بېيىتلىرى بىلەن توشۇپكېتىۋاتاتتى. كۆزلىرىڭدەبولۇپ مەن بېلىق، ئۇزۇپيۈرسەم دېمە بەتقىلىق.
چۈشلىرىمدەئاق ئات مىنگەن شاھزادەم، قاچانيوقلاپ كېلەر ماڭا بېرىپ دەم. مەۋلانبەزىدە زۇبەيدەنىڭ بۇ بېيىتلىرىگە جاۋاب يېزىپ قوياتتى. زۇبەيدەنىڭ بېيىتلىرىمەۋلاننىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىنى، مۇھەببىتىنى بارا-بارا كۈچەيتىۋاتاتتى.مەۋلان ئۇنى بىر ئاددىي ئايال ئورنىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقماقچى بولاتتى. ئەمما،ئۇنىڭغا بولغان ھېسىياتى ھامان تەسەۋۋۇرىدىن ئۇستۇن تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنداقئويلىيالمايتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ نەزىرىدە پەقەت بىر ئاددىي ئايالغا، خىزمەت بىلەنئۆينىڭ ئالدىراشلىقىدا يۈرىدىغان ئائىلە ئايالىغا ئوخشىمايتتى. بەلكى ئۇ مۇكەممەلۋە سېھرى كۈچكە ئىگە بىر نازىنىن ئىدى. مەۋلان ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا بىلىپ-بىلمەيباغلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل تۇيغۇنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ،يەنە ئۇنى زۇبەيدە ئاتا قىلغان بىر غايىۋى كۈچ بۇ كوچىغا باشلاپ كېتىۋاتاتتى.مەۋلان ئۆزى كېتىۋاتقان بۇ كوچىنىڭ ئاخىرى يوقلىقىنى، ھەر بىر دوقمۇشىدا ئازاب ۋەنومۇسنىڭ كۈتۈپ تۇرغىنىنى بېلەتتى. لېكىن، ئارقىغا يېنىشنى ياكى يېرىم يولداتوختاپ قىلىشنى خىيال قىلمايتتى. قەلبىدە زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىيات بىلەنئاسىيلىق توختىماي ئېلىشاتتى، ئۇنى قايتا تاللاشقا يول قويمايتتى. مەۋلاننىڭقولىدىن تېلېفون چۈشمەيدىغان، ئۆزىمۇ تېلېفون كۇنۇپكىلىرىنى ئوينايدىغان بولۇپقىلىۋاتاتتى. زېھنىنى بىر يەرگە يىغالمايدىغان، ئۇنى خىيال قىلماي يوليۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىنى باشقىلارغا ھېس قىلدۇرۇشنى خالىمايتتىم-يۇ، يەنەكۆزلىرى ۋە بىر ئىشقا كۆڭۈل بەرمەسلىكى سەۋەپلىك چاندۇرۇپ تۇراتتى. زۇبەيدەنىڭئۆزىگە تېلېفون قىلىشىنى، تاتلىق شىۋىرلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ سېغىنغانلىقىنىئېيتىشىنى، ئۇنىڭ باغرىغا بېشىنى قويۇپئۆز كەچۈرمىشىنى بايان قىلىشلىرىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. مەۋلان زۇبەيدە بىلەنبىر شەھەردە بولۇپ قالمىغىنىغا ئەپسۇسلىناتتى ۋە ئۆزىنىڭ ئەرلەرگە خاس بولمىغانبوشاڭلىقىدىن ئۆكۈنەتتى. روھى دۇنياسىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ زۇبەيدەنىڭ سەۋەبىدىنئىكەنلىكىگە قايىل بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشنى، بار گۇناھنى ئۇنىڭغىلا ئارتىپقويۇشنى ئەسلا ئويلىمىغانىدى. چۈنكى، مۇھەببەت ئەزەلدىن بىر ئادەمگە مەنسۇپ شەخسىيمۈلۈك ئەمەس، بەلكى ئورتاقلىققا ئىگە بولغان ھېسسىياتنىڭ روھتا ئىپادىلىنىشى ئىدى. زۇبەيدەمەۋلانغا تېلېفون قىلغان ئاشۇ كۈنى مەۋلان ئۆزىدىن نەپرەتلەنگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇزۇبەيدەنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا تەشنا بولغان تۇرۇپ، ئۇنىڭ تېلېفونىنى ۋاقتىدا قوبۇلقىلالمىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكى ئۈچۈن قانچىلىك ئازابلانغانلىقىنىھېس قىلالايتى. زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ئۆزى بىلەن سىردىشىشىنى، ئۆزىنىڭ يېقىندىنبۇيانقى خىياللىرىنى، قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى ئاڭلىشىنى خالايتتى. ئۇ مەۋلاندىنتەسەللىگە ۋە خۇشاللىققا ئېرىشەتتى ۋە بۇ تۇيغۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سوۋغىسى دەپبېلەتتى. مەۋلان ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن تېلېفون قىلغاندا، ئۇ مەۋلاندىنرەنجىمەيتتى، ئەكسىچە تىترەك ئاۋازدا ئۇنىڭغا : - ھېچقىسىيوق، مەن سىزدىن رەنجىمەيدىغان بولۇپ قالدىم. سىز ئاشۇنداق ئالدىراش ئادەم.-دەيتتى.مەۋلان ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن رازى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى مۇھەببەتنى،بەزى يېتىشسىزلىكىنى توغرا چۈشەنگەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ كېتەتتى. مەۋلانكاماندىروپكىدىن قايتىپ كېلىپلا، زۇبەيدەگە تېلېفون قىلغانىدى. زۇبەيدە ئۇنىڭغائۆزىنىڭ سېغىنغانلىقىنى تەكرار قەيت قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ تېزراق كېلىپ ئۆزىنىباغرىغا بېسىشىغا تەشنا بولغانلىقىنى يوشۇرۇن ھېس قىلدۇرغانىدى. مەۋلان بۇنداقچاغلاردا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پات ئارىدا يوقلاپ بارىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ شۇ قەدەرسېغىنغانلىقىنى ئېيتاتتى ھەم ۋەدە بېرەتتى. مەۋلانىڭ بۇ ۋەدىسى زۇبەيدەنى خۇشالقىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بىر مەزگىل خۇش كەيپىيات ئاتا قىلاتتى. ئەمما،مەۋلان ئۇنىڭغا دېگەنلىرىنى، قىلغان ۋەدىلىرىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالىدىغانلاردىنبولغاچقا، ھامان ئۇنى جىلە قىلىشتىن، كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايتتى.مەۋلان ھەر قېتىم خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىنى ئۆزىنى ئاقلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئەپۇسوراشنىڭ بىردىن بىر باھانىسى قىلىۋالاتتى. بىچارە ئايالمۇ ئۇنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكبىلەن ئېيتىلىۋاتقان يالغان سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، ئۇنى شەرتسىز كەچۈرەتتى. ئۇئەپۇچان بولمىسا ئۆزىنىڭ ئازابلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەپلىك مەۋلاندىنئايرىلىپ قالغۇدەك بولسا، بۇ ھاياتنىڭ ھېچ مەناسى قالمايدىغانلىقىنى بېلەتتى. - سىزنىراستىنلا سېغىندىم، قاچان بۇ ياقلارغا ئۆتەلەيسىز؟ - ھازىرچەبىر نەرسە دېيەلمەيمەن، ئەمما چوقۇم تېزراق بېرىشقا تىرىشىمەن. - سىزنىكۈتۈپ چارچىدىم، ئەمما يەنە ئۇمۇت بىلەن كۈتىمەن. - يېقىندىنبەك ئالدىراش، كېيىن چوقۇم ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىمەن. - ماڭا يەنەقەرز بولىدىغان بولدىڭىز. - ئۇنىبېلىمەن، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن. - كېلەرقېتىم مېنى بەك ئۇمۇتلەندۇرىۋەتمەڭ، بولمىسا مەن بەك ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن. - چۈشەندىم. زۇبەيدەتوغرا ئېيتقانىدى. مەۋلان ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇنى يوقلاپ بارىدىغانلىقىنىئېيتىپ، ئۇنى چەكسىز بىر بەختنىڭ قۇچىقىغا تاشلايتتى. ئەمەلىيەتتە ئانچىكى ئىشلارتۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۇشۇش پۇرسىتى بولماي، ئۇنى ئۈمۈدسىز ئازابتا قوياتتى. بۇچاغدا ئازابلىنىدىغىنى يالغۇز زۇبەيدەلا ئەمەس، بەلكى مەۋلاننىڭ ئۆزىمۇ شۇنداقئازابلىناتتى. ئۇلارنىڭ سېغىنىش ئوتىدا كۆيىۋاتقان يۈرەكلىرى پۇچىلىناتتى، قەلبىبىدارلىقتا قاراڭغۇلۇقتا قىلىۋاتقاندەك، يورۇقلۇق ئۇلاردىن ئۆزىنى يىراق ئېلىپقېچىۋاتقاندەك تۇيغۇغا چۆمەتتى. ھاياتلىق ئۆز مەنىسىنى يوقىتىپ، ئازاب دۇنياسىغاغەرق بولغاندەك ئۆرتىنەتتى. ئۇلارنى بىر بىرىگە تەشنا قىلىپ قويىۋاتقان تورئەدەبىياتى ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى باسالمايۋاتاتتى. ئۇلار بىر بىرىگە بولغانسېغىنىشىنى، زارلىقىنى ئاشۇ يەردە مەقسەتلىك بايان قىلىشىپ تۇراتتى. مەۋلانئۇنىڭغا ئۇستاز بولۇشنى رەت قىلغان بىلەن، ئۇنىڭ يەنە بىر ئۆزىنى تاۋلايدىغان ۋەنامايەن قىلىدىغان تور ئەدىبىياتى دۇنياسىنى تونۇشتۇرغانىدى. زۇبەيدە بۇ يەردەئۆزىنىڭ بارلىق ئىچكى ھېسسىياتىنى، يۈرەك سىرلىرىنى تۆكۈۋاتاتتى ۋە مەۋلاندىنتەسەللىگە ئېرىشىۋاتاتتى. تورئەدەبىياتىدا چەكلىمە قويۇلمايدىغان بولغاچقا، زۇبەيدە ئۆزىنى بۇ يەرگە قويۇپتەسەۋۋۇر قىلاتتى. باشقىلارنىڭ مۇھەببەت لېرىكىلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆز قەلبىگەئارام ئىزدەيتتى. مەۋلانغا بولغان سۆيگۈسىنى ئەدەبىيات شەكلى ئارقىلىق پۈتۈن توردۇنياسىغا ئېلان قىلاتتى ۋە مەۋلانغا ئۆز مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ھېسقىلدۇراتتى. ئۇلارنىڭ بارلىق ھېس-تۇيغۇلىرى مىسرالار ئارىسىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ،باشقىلار ئۇلارنىڭ قەلبىنى پەقەت بىر شېئىرىي تۇيغۇ شەكلىدە چۈشىنەتتى.ئەمەلىيەتتە، شۇ قۇرلار ئىككى يۈرەكنىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىدىن پۈتۈلگەن بىر يۈرۈشئاشىقنامە ئىدى. زۇبەيدە ئۆزىنى شېئىر يېزىش ئارقىلىق بەزلەيتتى ۋە سېغىنىشىنىمىسرالار ئارىسىغا يوشۇراتتى. مەۋلان ھەر بىر مىسرادىن دەردمەن كۆڭلىگە خۇشاللىق،ھىجران تۈنلىرىگە ۋىسال تېڭى ئىزدەپ تاپالايتتى. مەۋلانزۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى، دىدارلىشىش پۇرسىتىنىڭ تېزراقيېتىپ كېلىشىگە تاقىتى-تاق بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇئالدىرىغىنى بىلەن پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىسە بىكار ئىدى. ئۇلار تېلېفون ۋە شېئىرىيقۇرلاردا ئۆز ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەشكە ماھىر بولغىنى بىلەن، تېخى بىرەر پىنھانجايدا مۇڭداشقۇدەك بولمىغانىدى. ئۇلار بۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم پىكىرلىشىپ باققانبولسىمۇ، «سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق»دېگەندەك ئىشبولۇۋاتاتتى. زۇبەيدەنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى مەۋلاننىڭ پۇرسەت بەرمەسلىكى سەۋەپلىكبەربات بولسا، مەۋلاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى زۇبەيدەنىڭ ئاياللىق قىلىپ قالغىنى بىلەنيوققا چىقاتتى. ئۇلار ئاشۇنداق بىر بىرىنى سېغىنىپ، زارىققان ھېسلىرىنى مىسرالارغاسېڭدۇرۇپ ئۆتۈۋاتاتتى. مەۋلانئۆزىنىڭ كېچىلەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، زۇبەيدە خۇشاللىقتىن ئۆزىنى قويىدىغانيەر تاپالماي قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانچە قېتىم سائەتكە قارىغىنىنى بىلمەيتتى،ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك ئاستا ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. مەۋلاننىڭئايرىپورتتىن ئۇدۇل ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلىقىنى ئويلىسىلا، يۈرىكى ئادەتتىنتاشقىرى تېز سوقۇپ كېتەتتى. ئۇ شۇ دەقىقىدە ھەم خۇشاللىناتتى ھەم ئەنسىرەيتتى.ئۇنىڭ خۇشاللىقى مەۋلان ئۇنى بار مۇھەببىتى بىلەن باغرىغا باساتتى، ئەنسىرەيدىغىنىبۇ تۇنجى قېتىملىقى بولغاچقا ئۆزىنىڭ ئەركىن بولالماسلىقى ۋە مەۋلاننىڭ كۆڭلىنىئالالماسلىقىدا ئىدى. زۇبەيدە بۇ يېشىغا كەلگۈچە بۇنداق قاراملىق قىلىپ باقمىغان،ئادەتتە ئۇ ئۆيىدىن كامدىن كام تالاغا چىقىدىغان ئايال ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىمقەيەردىندۇر كەلگەن بىر غايىۋى كۈچنىڭ قۇدرىتى بىلەن بۇ يات شەھەردە مەۋلاننىكۈتۈۋاتاتتى. زۇبەيدە بىرقانچە مېھمانسارايغا بارغان بولسىمۇ، ياتاق ئاچقۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇئۆزىگە ھېچنېمىگە پەرۋا قىلمايدىغانغا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، مېھمانساراي ئالدىغاكېلىپلا پۇتىدا جان قالمىغاندەك تۇرۇپ قالاتتى. مېھمانسارايغا كىرىپ-چىقىۋاتقانغاقاراپ، ئۆزىنى ئۇلارغا ئوخشاش مېھمان دەپ ئويلاشقا تېرىشاتتى. ئەمما، پەرۋاسىزلىقبىلەن ئىشىكتىن كىرەلمەيتتى. ئۇ بۇ شەھەردىكى نامى بار بىرقانچە مېھمانسارايئالدېدىن قۇرۇق قايتىشقا رازى بولغان ئىدىكى، دادىللىق بىلەن رېئاللىققايۈزلىنەلمىگەنىدى. ئۇ بىر قانچە كوچىنى ئايلىنىپ، ئاخىرى بىر چەتكە جايلاشقان بىركېچىك مېھمانسارايدىن ئايرىم كىشىلىك ياتاق تىزىملاتقانىدى. ئۇ بۇ يەردە ئۆزىدەئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان، ئۆزى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان بىر قاراملىقنىنامايەن قىلغانىدى. ناۋادا، ئۇ بۇ قاراملىقتىن ۋاز كېچىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يۈرىكىيەنە ھىجران ئازابىدا ئۆرتىنەتتى. ئۇنىڭ مەۋلان بىلەن بىرگە ۋىسال شەربىتى ئېچىشكەتەشنا قەلبى ئازاب ئىچىدە تولغىناتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۈچۈن بۇنداق پۇرسەت بەك كامئۇچرايتتى، ھەتتا كېيىن تىلەپمۇ تاپالمايتتى. زۇبەيدە ۋۇجۇدىدىكى تىترەشنى ئامال بار پەسكويغا چۈشۈرۈشنى، مەۋلاننى خۇشال كەيپىياتتا كۈلۈپ تۇرۇپ كۈتىۈۋېلىشنى ئويلايتتى.بىراق، مەۋلاننىڭ كېلىشى يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالداجىددىيلىشىشكە، ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ قويۇشقا باشلىغانىدى. ئۇ ياتاق ئىچىدە نېمەقىلارىنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىگە ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ مەۋلاننىڭقارىسىنى كۆرۇش بىلەن ھۇشىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلاتتى-يۇ، يەنەئىشىكنىڭ چېكىلىشىنى كۈتەتتى. قەلبىدىكى گىرەلەشمە زىددىيەت ئۇنى قىيناپ ھېچ ئارامبەرمەيۋاتقان پۇرسەتتە، ئىشىك ئالدىن دېيىشىۋالغان بەلگە بويىنچە ئاۋازچىقارغانىدى. زۇبەيدە ئۆزىنى زورىغا بىسىۋېلىپ، ئىشىكنى ئاستا ئاچتى. مەۋلان شۇچاغدا ئۇنى يۆلىۋېلىشكە ئاران ئۇلگۈرگەنىدى. زۇبەيدەمەۋلاننىڭ قۇچىقىدا ئىسىگە كەلگەندە، مەۋلاننىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل ئەنسىزلىك ماراپتۇراتتى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ زادى نېمە بولغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالمىغانبولغاچقا، راستىنلا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قالغانىدى. زۇبەيدە يېنىڭ تىترەۋاتقانتېنىنى ئاستا رۇسلاپ، مەۋلانغا يۈزلەنگەندىن كېيىن خۇددى كېچىك بالىلاردەك: -تىنچ-ئامان كەلدىڭىزمۇ؟ سىزنى خۇشال قىلىمەن دەپ، پاراكەندە قىلىپ قويغىنىمدىنخىجىلمەن.-دېدى. مەۋلانئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيتتى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ شۇ مىنۇتتىكى روھىكەيپىياتىنى چۈشىنەتتى. بىر ئايال ئۈچۈن بۇنداق غەيرەتكە كېلىشنىڭ ئۆزىلا، ئاجايىپبىر قۇدرەت ۋە توسقىلى بولمايدىغان كۈچ دېيىشكە بولاتتى. شۇڭا، ئۇ زۇبەيدەنىڭپىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ: -چۈشىنىمەن، سىزگىمۇ ئاسان ئەمەس.- دېگەن سۆزنىلا ئېيتالىغان ئىدى. مەۋلاننىڭكۆيۈنىشى ۋە مۇھەببەتلىك باغرىنىڭ پەپىلىشى بىلەن زۇبەيدە بىر دەمدىلا ئېسىگەكېلىپلا قالماي، ئۆزىنى بۇرۇنقىدەك ئەركىن-ئازادە ھېس قىلىشقا باشلىغان ۋە چاغكەيپىياتىنى تېپىۋالغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ لەۋلىرىگە لىۋىنى ياققاندا، زۇبەيدە يەنەبىر قېتىم ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانىدى. ئەمما، بۇ قېتىمقى ئۆزىنى يوقىتىش ھەرگىزمۇئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشىمايتتى. ئۇ ئالدىنقى قېتىم قورقۇش ۋە جىددىيلىكتە ئۆزىنىبىلەلمەي قالغان بولسا، بۇ قېتىم سۆيگۈنىڭ شېرىن شەربىتىدە مەست بولغانىدى. مەۋلانئۇنى مەھكەم قۇچاقلىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئەرنىڭ باغرىنىڭ قانداقبولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغانىدى. ئۇزۇندىن-ئۇزۇن داۋاملاشقان سۆيۈشۈششۇنچىلىك شېرىن ھەم ئۇنتۇلغۇسىز بولغانىدى. مەۋلاننىڭ قوللىرى ئۇنىڭ يالىڭاچتەنلىرى سىلاپ، ئاستا مەيدە تەرەپكە يۆتكەلگەندە، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپقويغان ۋە ئۆزىنى مەۋلاننىڭ ئىختىيارلىقىغا تاپشۇرغانىدى. مەۋلان ھەر بىر قېتىمتېنىنى كۆتۇرۇپ قويغاندا، ئەبجەق كارىۋات يېقىمسىزغىچىرلايتتى. لېكىن، بۇ ئاۋاز بۇ ئىككى يۈرەكنىڭ شېرىن تۇيغۇلىرىغا قىلچە تەسىركۆرسىتەلمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ قۇلىقى پەقەت بىر بىرىنىڭ ئېغىز تېنىقى ۋە ئاستاشىۋىرلاشلىرىدا ئىدى. ۋىسالنىڭشېرىن دەملىرى ئاخىرلىشىپ، مەۋلاننىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ ياتقان زۇبەيدە خۇددىئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك، ئۇزۇپ-ئۇزۇپ شىۋىرلايتتى. - ئۆزۈمنىڭھەقىقى بىر ئاياللىقىمنى بۈگۈن ھېس قىلدىم. ماڭا بۇنداق تۇيغۇ ئاتا قىلغىنىڭىزغارەھمەت! مەۋلانئۈندىمىدى، ئۇ زۇبەيدەگە يەنە نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟ زۇبەيدەنىڭ تېنىدىن كىلىۋاتقانئوت ئۇنى ئاللىقاچان كۆيدۇرۇپ، نورمال تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە يوقىتىپقويغانىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى بىر خىل شېرىن ھېسسىيات ئەۋجىدە ئاستا تەۋرىنىۋاتاتتى،زۇبەيدە بەرگەن شېرىن جىنسىي تۇرمۇش ئۇنى راستىنلا بىر بەختنىڭ قوينىغا تاشلىغانۋە ئۇ يەردە بۇ بەختتىن بىر شاھ تەختى ھەدىيە قىلغانىدى. مەۋلان كۆزلىرىنى يۇمۇپ،زۇبەيدەنىڭ تىنىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەندەك تېخىچە شاھ تەختىدە ھۇزۇر سۈرۈۋاتاتتى.
* * * *
مەۋلانبارا-بارا زۇبەيدەدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ خىيالدۇنياسىدا ھامان زۇبەيدەگە ئورۇن ئېلىپ قوياتتى، ئۇنى ئۆزى بىلەن بىرگە ھېسقىلاتتى. زۇبەيدەنىڭ تور ئەدەبىياتىدىكى يازمىللىرىغا توختىماي پىكىر يازاتتى ۋەئۇ يازمىلارنى يادقا ئېلىۋېلىشقا تېرىشاتتى. چۈنكى، بۇ يازمىلار ئۇنىڭغازۇبەيدەدىن خەۋەر بېرىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ سېغىنىشىنى بايان قىلالايتتى. ئۇبەزىدە ئۆزىگە ۋە زۇبەيدەگە يات شەھەرنى، ئۇ يەردىكى ئىسمىلا مېھمانساراي بولۇپقالغان ياتاقنى، زۇبەيدەنىڭ يۇمشاق، ئەتىر پۇرىقى كىلىپ تۇرىدىغان تېنىنى سېغىنىپقالاتتى. ئۇ يەردە مەۋلاننىڭ ئەڭ شېرىن ھېسلىرى، زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى قايتىدىنتونۇشى قالغانىدى. مەۋلانئۆزىنى بەخت ئىچىدە ھېس قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، زۇبەيدەنىڭ تور ئەدەبىياتىدائېلان قىلغان بىر پارچە شېئىرى ئۇنى گاڭگىرتىپ قويۇپلا قالماي، بىر مەھەل قاتتىقئازابلىغان ئىدى. ئۇ بۇ شېئىرغا يوشۇرۇنغان مەنالارنى ھەر قانچە چۈشىنىشكەتېرىشقان بولسىمۇ، زۇبەيدەنىڭ خىيالىنى ھېس قىلالمايۋاتاتتى. يۈرىكى ئۆزىگەيېقىنلاپ كېلىۋاتقان بىر ئازابلىق تۇيغۇنى سەزگەندەك، تۇرۇپلا ئېغىپ كېتەتتى. ئەقىدەمنىقىلغىنىڭدا خار، دوزاخ ئوتىكۆردى يۈرەكلەر. بۇلبۇلئويلاپ سۆيگىنى بىلەن، كېپىنەككەزار ئەمەس گۈللەر.
بىر ماڭىلاتەئەللۇق ۋىسال، يەنە كېمنىقىلغان ئىختىيار. ساداقەتسىزمۇھەببەت ئۈچۈن، ئاھ،يۈرىكىم بولما بىقارار. ................. خەيرلىشەي،ياش تۆكمە كۆزۈم، شېئىربولسۇن قەسىمىم، سۆزۈم! زۇبەيدە بۇشېئىردىن كېيىن مەۋلانغا پەقەت ئۇچۇر يوللىمايدىغان، سېغىنىشىنى تۆكۈپ تېلېفونئۇرمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. مەۋلان تالاي رەت ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھېسسىياتىنى بېيىتقىلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇ مەۋلانغا ئۈنسىز جاۋاب قايتۇراتتى. مەۋلان تېلېفونئۇراتتى. زۇبەيدەنىڭ تېلېفونى بىردە مۇلازىمەت رايونىدا بولمىسا، بىردە ئېتىلگەنبولاتتى. مەۋلان ئۆزى ۋە زۇبەيدە ھەققىدە ناھايىتى كۆپ ئويلانغان بولسىمۇ، كۆڭلىگەتەسەللى بەرگىدەك بىرەر باھانە تاپالمايتتى. ئۇ قايتا-قايتا زۇبەيدە بىلەنتونۇشقاندىن، ھازىرغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئەسلەپ چىققانىدى. يەنىلا ئۇنىڭكۆڭلى ئارام تاپمايتتى، زۇبەيدەنىڭ زادى نېمە ۋەجىدىن ئۆزىدىن رەنجىپ قالغىنىنىبىلگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدىن ئەڭ ئۆتكۈزەلمەيۋاتقىنى، يەنىلا زۇبەيدەنىڭھېچ سەۋەپسىز ئۆزى بىلەن بولغان ئالاقىنى تۇيۇقسىز ئۇزۇپ قويغىنى ئىدى. مەيلىئۇلارنىڭ ئارىسىدا نېمە ئىش يۈز بەرمىسۇن، زۇبەيدە مەۋلانغا ئېنىق بىر سەۋەبكۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس، زۇبەيدە بۇ ھەقتە ئويلىنىشنى ۋە ئۆز سۇئالىغائۆزى جاۋاب ئىزدەش ھوقۇقىنى مەۋلانغا بەرگەندەك قىلاتتى. مەۋلانئويلىناتتى، زۇبەيدەگە مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر كېچىك ھالقىلارنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايتتى.ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەردىن تارتىپ، تاكى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغىچە ھەممەيلەننى گۈمانىينەزىرىدىن ساقىت قىلمىغانىدى. بىراق، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ سادىر قىلغان خاتالىقىنىبىلەلمەي ئازابلىناتتى. ئۇ ھەر قېتىم يۈرىكىدىكى سېغىنىش ئوتىنى باسالمايزۇبەيدەگە تېلېفون قىلغىنىدا ناھايىتى ئۈمىدلىنەتتى ۋە زۇبەيدەنىڭ ئاۋازىنىئاڭلاشقا تەشنا بولاتتى. زۇبەيدە ئۇنى قەستەن ئازابلاۋاتقاندەك، ئۇنىڭ ئۆزىگەبولغان مۇھەببىتىنى سىناۋاتقاندەك ئۇنىڭغا سۆزلىشىش پۇرسىتى بەرمەيۋاتاتتى. مەۋلانئۇنىڭ بۇ قىلمىشىدىن بىر ئاز تەڭسىزلىك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىپكەتمەيتتى ۋە ئۆچ ئېلىشنى ئويلاشمىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ زۇبەيدەگەئاشىق-بىقارار بولغاچقا، ئۇنى جازالاشقا كۆڭلى ھەرگىز يول قويمايتتى. زۇبەيدەگەبولغان تەشنالىق مەۋلاننى بارغانسېرى ھالسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنىڭ دوستلىرىئارقىلىق ئۇنىڭ دېرىكىنى قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، زۇبەيدە بىلەن بولغان پىنھانسۆيگۈسىنى يوشۇرۇن تۇتۇش ئۈچۈن بۇنداق قاراملىققا يۈرىكى ئۇنىمايتتى. ئەمما، ئۇمەيلى قانداق چارە-تەدبىر ياكى ھىلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر زۇبەيدەنىڭدېرىكىنى ئالمىسا بولمايتتى. كۈنلەر مۇشۇنداق مەنىسىز ۋە ئازاب ئىچىدەئۆتۇۋېرىدىغان بولسا، ئۇنىڭ يۈرىكى بەرداشلىق بىرەلمەيتتى. ھەتتا ئۇ زۇبەيدەنىڭدەردىدە ساراڭ بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. مەۋلان ئاخىرى چىداپ بولالمىدى،ئەبەدىي يوشۇرۇشقا ۋەدىلەشكەن قەسىمىنى بۇزۇشقا توغرا كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىبۇرۇنراق ئازابتىن خالاس قىلىش بىلەن بىرگە زۇبەيدەنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈن يېشىشمەقسىتىدە قەسەمنى بۇزۇشقا نىيەت قىلغانىدى. ئۇ بۇ تاللاشنىڭ ئۆز قەلبىگە قانچىلىكدەرد-ئەلەم ۋە ساداقەتسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، يەنىلا بۇ يولنىباسماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. زۇبەيدە مەيلى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، ئۇئاۋۋال زۇبەيدەنىڭ ئۆز قەسەمگە ئەمەل قىلمىغىنى كەچۈرۈشىنى تىلىدى. توغرىسىنىئېيتقاندا ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىگە تەسەللى ئىزدىسە، قەسەمگە قىلغانۋاپاسىزلىقىغا كەچۈرۈم سورىغىنى ئىدى. مەۋلانتوختىماي تېلېفون ئۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن تەقدىرلا ئەمەس، ئۇچۇر شىركەتلىرىمۇقىرىشىۋاتقاندەك ھەر ئىككىيلەننىڭ تېلېفونى ئېلىنمىغانىدى. كېچىنى كېچە دېمەيتېلېفون قىلىپ قويىدىغان، «تېلېفونىمنىڭ توكى مەڭگۈلۈك» دەيدىغان توم ئاۋازماھىرەنىڭ تېلېفونى بۈگۈن ئۆزى ئېيتقاندەك «مەڭگۈلۈك» بولماي قالغانىدى. مەۋلانھارغىنلىق ۋە زېرىكىشنى ئۇنتۇغان ئادەمدەك ماھىرەگە تېلېفون قىلىشتىن ۋازكەچمەيتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە «تېلېفون چوقۇم ئۇلىنىدۇ» دېگەن بىر ئۇقۇم ھۆكۈمرانبولغاچقا، خىزمەتداشلىرىنىڭ مەسخىرىلىك كۈلۈشلىرىگە پەرۋا قىلمايۋاتاتتى. قولتېلېفون ئۇلانمىسا، ئىشخانىسىدىكى مۇقىم تېلېفوندىن ئۇراتتى. خۇددى ئىككى تېلېفونيېتىشمەيدىغاندەك بەزەن باشقىلارنىڭ تېلېفونىدا ئۇرۇپمۇ باقاتتى. ماھىرەنىڭ بەزەنتېلېفونى ئۇلانغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ يۈرىكى خۇشاللىقتا يايراپ كېتەتتى. ئەپسۇس،ماھىرە ئۇنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايۋاتقاندەك بېسىۋەتكەن ئىدى. ئۇنىڭبۇ قىلىقى مەۋلاننىڭ قەلبىدىكى دەرد ئۇستىگە دەرد قوشۇپ، ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ بارلىقمەئىشەتلىرىدىن ۋاز كەچكىدەك دەرىجىگە كەلتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. مەۋلانتەكرارلىقنى بۇرۇندىن ياقتۇرمايدىغانلاردىن بولسىمۇ، زۇبەيدەنىڭ ئىشىغا كەلگەندەبىئىختىيار تەكرارلىققا يول قويۇۋاتاتتى. ئۇ زۇبەيدەدىن ئۇمىدىنى ئۈزگەندەك،ھەدىسىلا ماھىرەگە تېلېفون قىلىشنى توختاتمىدى. ئۇنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقى ۋەئۈمۈدى پەقەت ماھىرەگە باغلانغان بولۇپ، ئۇ ماھىرەنى يەنىلا باشقىلاردىن ئىشەنچىلىكھېس قىلاتتى. چۈنكى، زۇبەيدە ئىككىسىنى ئۇ ئۆزى تونۇشتۇرغان ھەم بۇ ئوت ئىچىگەباشلاپ قويغانىدى. ئەمدىلىكتە، مەۋلان ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دوزاخ ئوتىغا تەڭداش ئوتيانغىنى ئىچىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر چەتتە ئويۇن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنىئويلىغىنىدا قايتىدىن ئازابلىناتتى ۋە ئۇلارغا لەنەتمۇ ئوقۇپ تۈگىتەلمەيتتى.زۇبەيدەدىن نەپرەتلىنىش مەۋلاننىڭ ئەخلاقى مىزانىغا ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ، بۇ نۆۋەت ئۇزۇبەيدەنى ماھىرەگە باغلاپ نەپرەت ياغدۇرۇشتىن ساقلىنالمىغان ۋە ئۇنىكەچۈرمەسلىكنى قارار قىلغانىدى. ئاشىقلىقبىر خىل چىن ھېسسىيات بولسىمۇ، بەزىدە ئاز-تولا ساختىلىققا يول قويمايتۇرالمايتتى. بۇ خىل تۇيغۇ ئادەمنى قايتا-قايتا قارار چىقىرىشقا، نەچچە رەت ۋەدەبېرىشكە، ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئالداشقا ئۈندەيتتى ۋە مەجبۇرلايتتى.شۇنىڭدەك، مەۋلان ماھىرەنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپلا ئۆزىنىڭ خاتا قارار چىقارغانلىقىنىئېتىراپ قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇ زۇبەيدەنى ئورۇنسىز ئەيىبلىگىنىنى، ئۇنىڭدىنئاغرىنىشىنىڭ يولسىزلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدە ئىسيانكۆتۈرۈشكە باشلىغان ئۆچمەنلىك قايتىدىن مۇھەببەتكە ئورۇن بېرىۋاتاتتى. مەۋلانيۈرىكىنى قايتىدىن تىڭشاپ باقمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ زۇبەيدەگە بولغانھېسسىياتىنى دەڭسەپ كۆرۈشنىڭ ھەقىقى ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتى. - ئاداش،مېنىڭدىن ھەرگىز خاپا بولماڭلا؟ تېلېفون ئىلىشقا مەنمۇ بىئىلاج قالدىم. ماھىرە بىركەچلىكى مەۋلانغا تېلېفون قىلىپ شۇنداق دېگەنىدى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭتىگىدە گەپ بارلىقىنى شۇئان پەرەز قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن تەراببالسورىيالمىغانىدى. ماھىرە مەۋلاننىڭ جىمىپ كەتكىنى بىلمەيدىغانلاردىن بولمىغاچقا،يەنە ئۆزى ھەقىقى بىر ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. - مېنى بەلكىمكەچىرمەسلىكىڭلار مۇمكىن. ئەمما، مەنمۇ ئۆز ھېسسىياتىمغا ئۆزۈم ئىگە بولالمايقالدىم. ئىشلار بۇ دەرىجىگە يەتكەندە بۇلارنى دېيىشىمنىڭ زۆرۇرىيىتى بولمىسىمۇ،دېمىسەم پەقەت كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. بۇلارنى سىزگە دەۋالسام بىر جەھەتتىن ئۆزۈمنىڭئازابى يەڭگىللىسە، يەنە بىر جەھەتتىن زۇبەيدە ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكىئۇقۇشماسلىق ئايان بولىدىكەن. ماھىرەئارىدا بىردەم سۆزىنى توختىتىۋالغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنىبىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى. ماھىرە ئۈچۈن ئېيتقاندا مەۋلانغا ھەممىنىسۆزلەپ بېرىش ئانچە ئاسانغا چۈشمەيتتى. لېكىن، ئۇ بۇلارنى سۆزلىمىسە مەۋلان بىلەنزۇبەيدەگە يۈز كېلەلمەيتتى ۋە ئۆزىمۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلالمايتتى. شۇ دەقىقىدەماھىرە مەۋلاننىڭ ئازراق بولسىمۇ رىغبەتلەندۈرۈشىگە، ئۆزىنىڭ ھەقىقىھېس-تۇيغۇلىرىنى سۆزلىشىگە مەدەت بېرىشىگە موھتاج بولىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭكۆڭلىدىكىنى چۈشىنىدىغان بولغاچقا، ئۇنى بىر ئاماللار بىلەن سۆزلەشكە يېتەكلىمەكچىبولىۋاتاتتى. -چۈشۈنىمەن، بۇ يالغۇز سىزنىڭلا سەۋەنلىكىڭىز ئەمەس. راستىنى ئېيتسام، مېنىڭ بارلىقئىشلارنى ئاڭلىغۇم بار. ئېيتىڭا، زۇبەيدەگە زادى نېمە بولدى؟ ماھىرەئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېگەندەك رازى بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىنىئېيتىپ بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ تەكرار ئويلىنىش ئارقىلىقشۇ قارارغا كەلگەن ۋە مەۋلانغا ئالايىتەن تېلېفون ئۇرغان ئەمەسمىدى؟ ئەمما،مەۋلاننىڭ ماھىرەنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىرەر ئېغىز گەپ قىلماستىن، زۇبەيدەگە بۇنچەكۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرگەنىدى. ماھىرە بۇ قېتىم ئۆز مىجەزىگەيات بولغان ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن مەۋلاننى كەچۈرۈپلا قالماي، يەنەئۆزىگە چىقىش يولى ئېلىپ قويغاندەك قىلاتتى. - ھەممىسىمېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنىڭ كاساپىتى. بۇلارنى سىزدىن ۋە زۇبەيدەدىنكۆرمەيمەن، مەن ئەسلىدە ئۆزۈم سىلەرنىڭ مۇھەببەت دېڭىزىدا بىرگە ئۇزۇشىڭلارنىتەۋسىيە قىلغان ھەم سىلەرنىڭ بۇ پاك ھېسسىياتىڭلاردىن سۆيۈنگەنمەن. ئەمما، بىرۋاققا كەلگەندە مەن ئۆزۈمنىڭ سىزنى بىلمەيلا ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىپقالدىم. ئىشىنەمسىز، مېنىڭدە بۇنداق شېرىن تۇيغۇ ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان ھەمئۆزۈمنى سىزگە مەپتۇن بولۇپ قالىمەن دەپمۇ ئويلىمىغانىدىم. شۇ چاغلاردا مەنزۇبەيدەنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن سىزنى قىزغىنىشقا باشلىغانلىقىمنىيوشۇرمايمەن. مەن دائېم ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرىدىغان، «مېنىڭ ئۇنىڭدىن زادىنەرىم كام» دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. بۇ سۇئالغا ئاخىرى ئۆزۈم جاۋابئىزدەپ تاپقان كۈنىدىن باشلاپ، سىزگە ئۇچۇر قىلىشنى باشلىدىم. ئۇچۇر بىلەن كۆڭۈلدىكىسۆزلەرنى قىلىشقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، مېنىڭ سىزگە بولغان تەشنالىقىم ھېچبېسىقمىغانىدى. شۇڭا، ئارىلاپ تېلېفون ئۇرۇپ، ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم كېلەتتى. سىزھەر قېتىم مېنىڭدىن زۇبەيدەنى سوراپ يۈرمەيتتىڭىز، بەلكى ماڭا كۆڭۈل بۆلەتتىڭىزھەم ماڭا ئۇمۇت ئاتا قىلاتتىڭىز! ماھىرە يەنەسۆزىنى توختىتىۋالغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ قايتىدىن ئۆزىگە مۇھەببەت ئىزھارقىلىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆڭلىدە ئىنكار قىلىپ تۇراتتى ۋە ئۆز خاتالىقى ئۇستىدەئويلىناتتى. ماھىرەنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قەيەردە كەتكۈزۈپ قويغىنىنى ئېيتىپبېرىۋاتقاندەك نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تورمۇزلىنىپ قالغان نېرۋىلىرى قايتىدىنقوزغۇلۇشقا باشلىغانىدى. ئۇ پەرەز قىلىپ يەتكەنىدى، زۇبەيدە بىلەن ئۇنىڭئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىق دەل ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماھىرەنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىنبولغانلىقىنى تونۇپ يېتىۋاتاتتى. مەۋلان ئۆزىنىڭ بۇ پەرىزىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشەنچقىلسىمۇ، يەكۈن چىقىشقا ئالدىراپ كەتمىگەنىدى. ئۇ ماھىرەنىڭ قالغان ھېكايىسىئاڭلاشنى، ئۇنىڭ ھېكايىسى تۈگۈگەندىن كېيىن ئاندىن ئاخىرقى يەكۇنگە كېلىشنى لايىقكۆرگەندەك قىلاتتى. - بۇلارنىمەن ئەجەب ھېس قىلماپتىمەنغۇ؟ سىزنى بۇنچە ھېسسىياتقا باي دەپ ئەسلائويلىمىغانىدىم! مەۋلانماھىرەگە نېمە دېيىشىنى، ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈش ياكى نەپرەتلىنىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى،ئۇنىڭ ماھىرەدىن نەپرەتلىنىش ھوقۇقى يو ئىدى. مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ئادەمنىڭرايىغا ۋە تاللىشىغا باقمايتتى. مۇھەببەت ئۆزىنىڭ تەبىئىيلىكى بىلەن ھەممە ئادەمگەباراۋەر ۋە تەڭسىز كېلەتتى، ھەر قەلبنى ھەر كويغا سالاتتى. بەلكىم، ماھىرەمۇ ئاشۇباراۋەرلىكنى قوغلاشقان، شۇ تەڭسىزلىككە ئۇچرىغان بىچارىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك.مەۋلان ئۇنى چۈشىنىشنى ئويلىسىمۇ، زۇبەيدە ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇ ھېسسىياتىنى رەت قىلمىسابولمايتتى. شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش قولىدىن كەلمەيتتى. چۈنكى، بۇ خىل ئېچئاغرىتىش ئۆز روھىغا ئاسىيلىق قىلىش بەدىلىگە كېلەتتى ھەم ھەممەيلەننى تۈگىمەسئازاب باياۋانىغا تاشلايتتى. - مېنىڭقانچىلىك ھېسسىياتقا بايلىقىمنى سىز بىلمەيسىز ھەم بىلىشنىمۇ خالىمىدىڭىز؟ مەنزۇبەيدەدەك سىپتا ئايال بولمىساممۇ، ئەرلەرگە يېقىشلىق ۋە ئۇلارنىڭ يۈرىكىنىئويناتقىدەك ئايالمەن. مەن شېئىر يازالمايمەن. ئەمما، ئەرلەرنى شائىر قىلالايمەن. - ئۆزىڭىزگەشۇنچىلىك ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ مەۋلانئۇنىڭ سۆزلىرىگە بارا-بارا قىزىقىپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ ئوچۇق كۆڭۈل،ھېچقانداق گەپنى ئاياپ يۈرمەيدىغانلىقى بىلەتتى. توغرا ئۇ بىر مەھەل مەۋلانغائۇچۇر قىلغان، تېلېفوندا سۆزلەشكەن. مەۋلان ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت ۋە ئىشقىھېسسىيات ھەققىدە پىكىرلەشكەن ۋە چاقچاقلىشاتتى. ئەمما، مەۋلان ماھىرەنىڭ بۇ ئۇچۇرۋە سۆھبەتلەرنى مەلۇم بىر مەقسەتنىڭ تۈرىتكىسىدە قىلغانلىقىنى ھېس قىلىپيەتمىگەنىدى. ناۋادا، ئۇ ماھىرەنىڭ ھەقىقى مەقسىتىنى بۇرۇنلا بىلگەن بولسا، ئۇنىڭھېسسىياتىنىڭ چوڭقۈرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە زۇبەيدە بىلەن ئىككىسىئارىسىدا يۈز بېرىدىغان ئارازچىلىقنىمۇ توسۈيالىغان بولاتتى. - ماڭا بىرەرت پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز سىزمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭىز؟ مەن راست دەۋاتىمەن،چىرايىم ئەرلەرنىڭ كۆڭلىدىكىدەك سۈلكەتلىك بولمىغىنى بىلەن خېلى ئاياللىقنازاكىتىم بار چوكان مەن. مەۋلان، بۇ سۆزلىرىمدىن ھەرگىز كۈلمەڭ ھەم مېنى سەۋدايىچاغلىماڭ! مەن بۈگۈن ھەممىنى ئېيتىپ بېرىمەن. سىزگە ۋەدە بېرەيكى، بۇ قارارىمدىنھەرگىز تېنىۋالمايمەن. مەن ئاۋۋال كۆڭلىمدىكىنى دەۋالاي، ئاندىن زۇبەيدە ھەققىدەسۆزلەيمەن. ماھىرەمەۋلاندىن جاۋاب كۈتۈۋاتقاندەك يەنە سۈكۈت قىلغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭغا ماقۇللۇقبەرمىسە، ئۇنىڭ زۇبەيدە ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىقىغا تازا ئىشەنچ قىلالمىغانمۇقانداق تېزلا ئىپادە بىلدۈگەنىدى. - مېنىڭخاتا چۈشىنىشىمدىن ئەنسىرىمىسىڭىز مەيلى! - مەنئەنسىرىمەيمەن. چۈنكى، بۇ مېنىڭ ھەقىقى ھېسسىياتىمنى تۇنجى قېتىم سۆزلەشكە جۈرئەتقىلىشىم. يەنە كىلىپ مەن بۇلارنى باشقا بىرىگە ئەمەس، ماڭا شۇ ھېسسىياتنى ئاتاقىلغان سىزگە دەيمەن. مەيلى ئىشىنىڭ ياكى ئىشەنمەڭ؟ مەن قەلبىمنى تۆكۈۋالساملائۆزۈمنى ھەممىدىن بىر يولى ئازاد بولغاندەك ھېس قىلىمەن. مەن بۇلارنى ئېيتىشئارقىلىق سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئېرىشىشنى ۋە سىزنىڭ ماڭا ھېسسىداشلىق قىلىشىڭىزنىمەقسەت قىلىۋاتقىنىم يوق. مەن پەقەت يۈرەك سىرلىرىمنى ئېيتىۋالساملا كۇپايىلىنىمەنھەم سىزدىن چەكسىز مىننەتدار بولىمەن. مەۋلانماھىرە بىلەن بىر قانچە قېتىم پاراڭلاشقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ قەدەر سۆزمەنلىكىنىتېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەنىدى. بەلكىم، بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەن ئۇنىڭ مۇھەببەتكەمۇپتىلا بولغان يۈرىكىدىن چىقىۋاتقان چىن سۆزلەر، كۆيۈۋاتقان بىر قەلبنىڭ نىداسىبولسا كېرەك. مەۋلان گەرچە ئۇنىڭغا بۇ سۆزلىرىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەتبېرەلمىسىمۇ، بارلىق ئارمانلىرىنى بايان قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرەلەيتتى. چۈنكى،ئۇ مەۋلاندىن خېلى يىراق جايدا تۇرۇپ، كۆزلەر ئۇچراشمىغان ھەم سۆزلەشمىگەنشارائىتتا بۇلارنى ئېيتاتتى. مەۋلان پەقەت ئۇنىڭ سۆزلىشىنى رەت قىلماي،سەبرى-تاقەت بىلەن ئاڭلاپلا قويسا بولاتتى. - شۇنداق،مېنىڭ سىزنى سۆيۈپ قالغىنىم راست. لېكىن، بۇ مېنىڭ گۇناھىممۇ؟ سۆيۈش-سۆيۈلۈش گۇناھھېسابلانسا، سىزمۇ، زۇبەيدەمۇ ماڭا ئوخشاش گۈۇاھكار بولمامدۇ؟ مەن مۇھەببەت بىلەنكۆيگەن ھەم كۈلگەن يۈرەكلەرنى ھەرگىزمۇ گۇناھكار دەپ قارىمايمەن. مەيلى ئۇ ئەركىنئادەملەر بولسۇن، مەيلى نىكاھ بىلەن باغلانغان ئادەم بولسۇن ئۇلارنىڭ ئۆزئەركىنلىكى ۋە ئۆز سۆيگۈسى بولۇشى كېرەك. نىكاھ بىلەن مۇھەببەت، ئەخلاق بىلەنسۆيگۈ بىر بىرىگە زىت ئىككى نەرسە ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە مۇھەببەت بىلەن نىكاھنىڭچىقىشالمايدىغان يىرى يوق. يۈرىكى مۇھەببەتتىن كۈلەلەيدىغان ھەم سۆيۈنەلەيدىغانلا ئادەمبۇنى ھېس قىلالايدۇ. نىكاھ ئائىلىنى باغلىسا، مۇھەببەت يۈرەكنى داغلايدۇ ھەمباغلايدۇ ئەمەسمۇ؟ مەۋلانماھىرەنىڭ بۇ ئۆزگىچە قاراشلىرىنى قانداق چۈشۈنىشنى، ئۇنى قوبۇل قىلىش ياكىرەددىيە بېرىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۆزى بىلىپ تۇرۇپ يول قويىۋاتقانيەنە بىر ھېسسىيات بار ئىدى. ئۇ ماھىرەنىڭ بۇ قارىشىنى خاتا دېسە، ئۆزى ئۇئېيتقاندەك نىكاھلىق بىر ئايالنىڭ مۇھەببەت ئوتىدا كۈل بولۇپ كۆيۈۋاتاتتى. توغرادەي دېسە، بۇ ئەخلاق، ۋاپادارلىق، پاكلىق جۈملىسىدىن يىراق ۋە نورمال ئادەم قوبۇلقىلغۇسىز سەپسەتە ئىدى. ماھىرەنىڭ بۇ قاراشلىرى مەۋلاننى ئۆزى ئۇستىدە يەنەئويلىنىشقا دۇچار قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۆزىنى بۇرۇن گۇناھكار ھېس قىلىپ باقمىغانھەم زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىياتى پاڭ، غۇبارسىز ھېسسىيات دەپ قاراپ كەلگەنىدى. بىرئەر ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ھالال جۈپتىغا قول ئۇزاتماسلىق بىر ئەقەللى ساۋات بولۇپ،بۇنى ئۇ ناھايىتى ئوبدان ھېس قىلالايتتى. شۇڭا، ئۇ زۇبەيدەنىڭ نىكاھىغامەسئۇلىيەتچان بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆز يۈرىكىدە ئويغىنىۋاتقان غايىۋى تۇيغۇلارغاتەڭ ئېتىبار بەرگەنىدى. ئەجەبا، ئۇنىڭ بۇ قىلغانلىرىمۇ خاتا سەپسەتەمىدۇ؟! ئۇ زۇبەيدەنىچۈشىنەتتى، زۇبەيدە ئائىلىسىنى سۆيەتتى، ئائىلە ئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا تەييارئىدى. ئەمما، ئۆز قەلبىدىكى بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كېچەلمەيتتى. ئۇنىڭ بۇ مۇھەببەتتىنۋاز كېچىشنى، بارلىق سۆيگۈسىنى ئائىلىسىگە بېرىشنى ئويلىغان چاغلىرىمۇ بولغان.لېكىن، ئادەملەرنىڭ روھىيىتىدىكى تويۇنماسلىق ۋە ئېچىرقاش بۇنىڭغا يولقويمىغانىدى. ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىشنى، ئۆزىنى ئالداشنى بىلىدىغانلاردىنئىدى. مەۋلان بۇ ھەقتە ئويلانغاندا ئەڭ ئاۋۋال ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭرىۋايىتىنى ئېسىگە ئالاتتى. گەرچە ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ مۇھەببىتىنۇقسانسىز پاك ۋە ۋاپادارلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان يىمىرىلمەس سۆيگۈنىڭ ئۈلگىسىبولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىلاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، جەننەتتىن ھەيدەلگىنىئۇنىڭغا تەسەللى بولالايتتى. ئۇ ئۆزىدىكى مۇھەببەتكە تويۇنماسلىقنى ئۇلارنىڭقىنىدىن كەلگەن ھېسسىيات دەپ چۈشىنەتتى. - مەن نىكاھبىلەن مۇھەببەتنى ئىككى ئىش دەپ قارايدىغانلاردىن ئەمەس. مېنىڭچە بۇ ئىككىسىنى بىربىرىگە زىت قىلماي، بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغۇ؟ مېنىڭچە، ھەممە ئادەم شۇنداقئويلايدۇ. ئەمما، ئەخلاق ۋە قانۇن نۇقتىسىدىن زىيادە ئويلىۋېلىپ، ئۆز ئەركىنلىكىنىبۇغقۇچلاپ قويىشىدۇ. مېنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىم شۇنداق قاناتسىز ئۆتكەن. مەن ھازىرئۇنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سىزگە بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقىنىم يوق. چۈنكى، مەنئۇچاغلاردا ھازىرقىدەك تۇيغۇدا بولۇپ باقمىغان ھەم بىرەر ئەر يۈرەك تارەمنىچەكمىگەن. ئەجەبا، مەن يۈرىكىمنى ھەقىقى ھېس قىلغاندا، بۇ تۇيغۇلاردىن بەھرلىنىشكەھەقلىق ئەمەسمۇ؟! ھەقىقەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا مېنىڭمۇ بۇ سۆيگۈدىن سۆيۈنۈشھوقۇقىم ھەم ئەركىنلىكىم بار. لېكىن، مەن بۇنىڭغا ئامالسىزمەن. مېنىڭ يۈرىكىمنىچەككەن ئادەمنىڭ يۈرىكى باشقا بىرى تەرىپىدىن چېكىلگەن. ئۇ شۇ كۈيگە تەشنا ھەم ئۇكۈيدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. مەۋلانماھىرەنىڭ ئۆزىگە سۆزلەۋاتقانلىقىنى ياكى كىتاب ئوقۇپ بېرىۋاتقانلىقى پەرقئېتەلمەي قىلىۋاتاتتى. چۈنكى، ماھىرەنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى شۇ قەدەر جايىغاچۈشۈۋاتاتتىكى، ئۇنىڭ بۇرۇنقى تاققا-تۇققالىقىدىن ئەسەر قالمىغاندەك قىلاتتى.مەۋلان ئۆزىنى ماھىرە بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا بىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەكتۇيغۇدا ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇشقا ئامالسىز قىلىۋاتاتتى. ماھىرە ئۇنىڭنەزىرىدە ئادەتتىكى بىر قوپال ھەم تومپاي ئايال بولماستىن، بەلكى ئۆزىگە خاس كۆزقارىشى ۋە پىكىر يولى بار ئايالدەك تۇيۇلۇۋاتاتتى. ئۇ ماھىرە بىلەن دەسلەپتونۇشقان چاغلىرىدا ئۇنىڭغا ئادەتتىكىچە قاراپ قالغىنىدىن، ھەتتا ئۇنى نەزىرىگىمۇئېلىپ قويمىغىنىدىن نومۇس ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى. مەۋلان راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىپۈتۈنلەي چۈشۈنۈپ كەتمەيتتى ھەم چۈشۈنۈش غەرىزىدىمۇ بولۇپ باقمىغانىدى. ئەگەر، ئۇماھىرەنى بۇرۇنراق چۈشۈنىشنى خىيال قىلغان بولسا، ھەممە ئىشلار باشقىچە بولغان، ئۇزۇبەيدەنىڭ ئورنىنى بىسىپ قالغان بولارمىدى؟ ياق، مەۋلاننىڭ نەزىرىدە يەنىلاماھىرە بىلەن زۇبەيدەنى بىر ئورۇنغا قويۇشقا، ئۇلارنى ئۆزئارا سىلىشتۇرما قىلىشقابولمايتتى. مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن، ئۇ ئىككىسىنى تارازىغا قويىدىغان بولسا،ھەق گەپكى زۇبەيدە ئېغىر توختايتتى. مەۋلاننىڭ كۆيدۈرىۋاتقىنى زۇبەيدەنىڭ ماھىرەگەئوخشاش مەسىلىگە باھا بېرىشى ۋە ئۆزگىچە قاراشنى ئىپادىلىشى بولماستىن، خۇددىئۆزىگە ئوخشاش ئائىلىسىنى سۆيىدىغان ھەم مۇھەببەتنى ئۇلۇغلايدىغان مىجەز-خاراكتىرىئىدى. - ئەمدى بۇھەقتە سۆزلىگۈم يوق، ھەممە بالانى تىرىغىنى ئۆزۈمنى ئەقىللىق چاغلىغان مەن.نېمىشقا سىز بىلەن يوللاشقان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈۋەتمىگىنىمنى ھازىرغىچەبىلەلمىدىم. زۇبەيدە ئۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ قالغاندىلا، ئۆزۈمنىڭ دۆتلىكى ۋەكالامپايلىقىغا قول قويدۇم. بەلكىم، كۆزىمنى مۇھەببەت توسۇۋالغان، ئەقلىمنى سىزگەبولغان ئاشىقلىق تۈگەشتۇرگەن بولىشى مۇمكىن. ئىشلار بۇ يەرگە كەلگەندە مەيلىنېمىلا دېمەي، سىلەرنىڭ دىلىڭلارغا ئازار بېرىپ بولۇپتىمەن. شۇنى ئېيتالايمەنكى،مەن كەچۈرۈم سوراشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. چۈنكى، مېنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاش سۆيگۈدىنھوۇزۇر ئىزدەيدىغان يۈرىكىم بار! ماھىرەتوغرا ئېيتاتتى، ئۇ مۇھەببەتنى دوستلۇقتىمۇ ئۇلۇغلايتتى ھەم ئۆز سۆيگۈسى ئۈچۈنھەممىگە تەييار ئىدى. مەۋلانمۇ ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشنى توغرا دەپ قارىمايتتى.چۈنكى، ماھىرە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەقىقى ھېكايىسىنى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ،ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكنى يوققا چىقارغانىدى. بىراق، زۇبەيدە ئۇلاردەك كەڭقورساق، ئەپۇچان بولمىغاچقا بۇ تاسادىپى ئىشلارنى قوبۇل قىلالمىغانىدى. ئۇمۇھەببەتنىڭ شەخسىيەتچى ۋە ئېچى تارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك، ماھىرە بىلەن مەۋلاننىخاتا چۈشىنىپ قالغانىدى. ئۇ ئۆز قەلبىدىكى مۇھەببەتنى بۇ قەدەر شەخسىيەتچى ۋە ئېچىتار ئويلىمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق بۇنى ئىسپاتلاپ بەرگەن ۋەمەۋلانغا ھېس قىلدۇرغانىدى. مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن بۇمۇھەببەتتىن ۋاز كېچىشنى تاللىغانلىقىنى توغرا چۈشەنسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە چۈشەندۈرۈشپۇرسىتى بەرمىگىنىدىن ئۆكۈنگەنىدى. ناۋادا، زۇبەيدە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىبەرگەن بولسا، ۋەياكى ئۆزىدىن بىۋاسىتە سوراپ باققان بولسا ئىشلار بۇنچەمۇرەككەپلىشىپ كەتمىگەن ھەم ھەر ئىككىلىسى ئازابلانمىغان، يۈرىكى يالغانساداقەتسىزلىكنىڭ دەردىدە پۇچىلانمىغان بولاتتى. - شۇ چاغداسىز چۈشەنچە بەرمىدىڭىزمۇ؟ - نېمەدەيدىغاندۇ؟ ما، ئاداش! مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈردۈم. ئىككىمىزنىڭ پاكلىقىنى، ئۇنىڭغاھەرگىزمۇ قارا كۆڭۈللۈك قىلمىغىنىمىزنى ئېيتتىم. ھەتتاكى، ئايىقىغا باش قويغىدەكبولۇپ ئىشىنىشىنى ئۆتۈندۈم. ئەپسۇس، ئۇ ئىككىمىزنى «دوستلۇققا خىيانەت قىلدى» دەپخاتا ئويلاپ، كەچۈرۈشنى رەت قىلدى. مېنىڭ قايتا چۈشەندۈرۈشۈمگە پۇرسەتمۇ بەرمىدى. مەۋلانغاھەممە ئىش بەش قولدەك ئايان بولغانىدى. زۇبەيدە ئۇنى ئۆزىگە خىيانەت قىلغان«شاللاق ئەر» دەپ قالغانىدى ھەم ئۆزىدىن مۇشۇنداق بىر ئەرنى سۆيگەنلىكىدىنئەپسۇسلانغانىدى. مەۋلان بۇنىڭلىق ئۈچۈن ئۇنى ئەيىبلىيەلمەيتتى. چۈنكى، بۇنداقتاسادىپىيلىق ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇ زۇبەيدەگە ئوخشاش قارار چىقارغانھەم بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كەچكەن بولاتتى. مەۋلان زۇبەيدەنى باشقا بىرى ئەمەس،ئۆزىنىڭ ئازابلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ شۇنداق قارار چىقىرىشىغا ئۆزى مەجبۇر قىلغىنىنىبىلگىنىدە، كەچۈرگۈسىز دەرىجىدە ئۆكۈندى ۋە يۈرىكىدىن ئۆكۈندى. ئەلبەتتە، بۇلارغائۆكۈنۈشلا كۇپايە قىلمايتتى. زۇبەيدەنىڭ ئازار يېگەن دىلىغا مەلھەم بولۇشنىڭقانچىلىك تەسلىكىنى ئۇ چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۈش-كەچۈرمەسلىكى مۇھىمبولماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭغا قانداق قىلىپ چۈشەنچە بېرىش ۋە ماھىرە ئىككىسىنىڭپاكلىقىنى ئىسپاتلاش بولۇپ قالغانىدى. - زۇبەيدەگەئۆزۈڭلار چۈشەندۇرۇپ قۇيۇڭلار، ئادىش! ئۇ يەنىلا سىلىگە ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭغا مېنىتىللاپ بەرسەڭلىمۇ مەيلى. ئىمكان بولسىلا، يەنە بىر كۈنلەردە ئاقلاپ قويارسىلە! ماھىرەنىڭپەرۋاسىز ھەم ئۆتۈنۈش ئىچىدە ئېيتقان بۇ سۆزلىرى مەۋلانغا ئەقىل ئاتا قىلغانىدى.ئۇ دەسلەپ بارلىق ئۇمىدىنى ماھىرەگە باغلىغان ھەم ئۇ ئارقىلىق زۇبەيدەنىڭ دېرىكىنىبىلمەكچى بولغانىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇنىڭ بۇ ئويى پۈتۈنلەي يوققا چىقىپلا قالماي،ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنىدى. مەۋلان گەرچە زۇبەيدەگە ماھىرەنى ئاقلاپيۇرمىسىمۇ، ئۆزىنى چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۇرۇشى كېرەك ئىدى. مەۋلان بىر ئامال بىلەنزۇبەيدەنى كۆرمىسە، ئۇنىڭ بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلاشمىسا، ئارىدىكى بارلىقئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بەرمىسە بولمايتتى.
* * * *
پويىزئاخىرى قوزغالدى، ئادەم دېڭىزى شەھەرگە قاراپ ئېقىشقا باشلىدى. مەۋلان خۇددى بۇپويىز ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى ئېلىپ كىتىۋاتقاندەك، كۆز ئالدىدىنئۆتۈۋاتقان ھەر بىر دېرىزىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ ۋوگزالغا ھۆكىمەت ئىشى بىلەنكېرگەن بولسىمۇ، نېمىشقىكىن پويىز قوزغالغىچە تۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ كۆزلىرىگەئىشەنمىدى، ئۆزىنى كۈندۈزدىلا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغانىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرى كۆزئالدېدىن ئۆتكەن دېرىزىدىن زۇبەيدەگە ئوخشاش بىرىنىڭ قارىسى كۆرگەنىدى. ئۇنىڭيۈرىكى بىر خىل شېرىن تۇيغۇدا ئۆرتەنگەندەك قىلغىنى بىلەن يەنىلا ئۆز ھۆكۈمىگەئىشەنچ قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ ئادەتتە ئۆز تۇيغۇسىغا ئىشىنەتتى ۋە ئالاھىدە ئەھمىيەتبېرەتتى. ئەجەبا، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ قەلبى بىر گۈمان ئىچىدە تەمتىرەپ يۇرەتتى.مەۋلان ئۆز كۆزىگە ئىشەنگەن ۋە بۇرۇنراق شۇنداق بولىشىنى پەرەز قىلالىغان بولسا،پويىز ۋوگزالدىن چىقىشتىن ئاۋۋال زۇبەيدەنى ئىزدەپ تېپىۋالغان، ئۇنى يىراقتىنبولسىمۇ بىر رەت كۆرۈۋالغان بولاتتى. ئەپسۇس، ئۇ بۇ رىئاللىقنى ئالدىن پەرەز قىلىپبىلەلىگىدەك سىرلىق ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىدى. مەۋلانتېلېفونىنىڭ ئۇچۇر كۆزنىكىدىكى لىپاپ بەلگىسىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ بۇ ئۇچۇرنىڭكىمدىن كەلگىنىنى، نېمە مەزمۇن بارلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. ئۇ لىپاپ بەلگىسى بىرئۆچۈپ قايتا پەيدا بولغاندا، ئۇچۇرنى كۆرۇشكە باشلىدى. ئۇ ئۆز كۆزلىرىگە يەنە بىرقېتىم ئىشەنمەي قالدى. ئۇنى كۆزلىرى ئالداۋاتقاندەك ياكى مەركىزى نېرۋاسېستىمىسىدا خاتا تۇيغۇ پەيدا بولىۋاتقاندەك ھېسسىيات چىرماپ ئالغانىدى. ئەمما،ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىگىسىنى ئالدىمىغان، مەركىزى نېرۋا سېستىمىسىمۇ نورمالئىشلەۋاتاتتى. بۇ ئۇچۇر ئۇ ئۆزى زارىقىپ كۈتىۋاتقان ئۇچۇر بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگەئاراملىق، قەلبىگە تەسەللى ئاتا قىلالايتتى. - زۇبەيدە! مەۋلانئاۋازىنىڭ تىشىغا چىقىپ كەتكىنى، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراشقىنىنىھېس قىلمايتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇر كۆزنىكىدىكى زۇبەيدە ئەۋەتكەن ئۇچۇردا ئىدى.مەۋلان ئۇچۇرنى بىر قانچە قېتىم قايتىلاپ ئوقىدى ۋە يىراقلاپ كېتىۋاتقان پويىزغاقاراپ ئۇھسىندى. شۇنداق، مەۋلان باياتىن خاتا كۆرمىگەنىدى. ئۇنى ھەيرانلىقتا ۋەگۈماندا قويغان ئايال دەل زۇبەيدە ئىدى. زۇبەيدەمۇ مەۋلانغا ئوخشاشلا ئۇنىدېرىزىدىن كۆرگەن ھەم ئۇنى بۇ يەردە تاسادىپى ئۇچرۇتۇپ قىلىشىنى ئەسلائويلىمىغانىدى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك مەۋلاننى كۆرۇش بىلەنلا يوقالغاندەك،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى قىلغان ۋەدىسىنى بۇزغانىدى. ئۇ مەۋلان بىلەن بولغان بارلىقئالاقىنى ئۈزۈشنى قارار قىلغاندىن باشلاپ، ھەر قانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق شەكىلدەمەۋلان بىلەن ئالاقىلاشمىغان ئىدى. مەۋلاننىڭ تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىككەكىرگۈزىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن ئامال بار ئۆزىنى يىراقلارغا ئېلىپ قاچقانىدى. ئۇنىڭ بۇسەپىرىمۇ ئۆزىنى بىر مەزگىل مەۋلاندىن ئېلىپ قىچىشنىڭ بىر پىلانى ئىدى. «سىزنىكۆرۈپ يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم. تىنچ-ئامان تۇرغىنىڭىزدىن خۇشال بولدۇم ھەمسۆيۈندۈم. خەير، مەن كەتتىم. ئامان بولۇڭ!» مەۋلان بۇئۇچۇردىن ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن خوشلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ زادىقەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئالدىراپ زۇبەيدەگە ئۇچۇر قايتۇرغان،ئۇنىڭدىن قەيەرگە ماڭغانلىقى، قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى سورىغان تەقدىردىمۇ،زۇبەيدەنىڭ جاۋاب بېرىشى ناتايىن ئىدى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ تۇيۇقسىز يوللىغانئۇچۇرى ئۇنى يەنە قايتىدىن ئۈمىدلەندۈرگەن ھەم قەلبىدىكى ئاشىقلىق ئوتىنى پۈۋلەپقويغانىدى. ئۇلار ئۇچۇر ئارقىلىق ھەممە گەپلەرنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنىبىلسىمۇ، يەنە ئۇچۇر ئارقىلىق ئۆز ئارا چۈشىنىشكە باشلىغانىدى. «- قەيەرگەسەپەر قىلدىڭىز؟ سىز بىلەن ئالاقىلىشالماي بەك ئازابلاندىم. - مېنىئازابلانمىدى، دەمسىز؟ يۈرىكىم ماڭا ‹مېنى يىراقلارغا كەت› دېگەنىدى. - قانچىلىكيىراقلىقتا، مېنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كىتىشكە يۈرىكىڭىز قانداق چىدېدى؟ -ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىۋالدىم. ماڭا بۇنداق چىدام ۋە غەيرەتنى سىزئاتا قىلغان. - سىزنىقانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلەمسىز، بەك تاش يۈرەك ئىكەنسىز؟! - سىزنىڭسېغىنىدىغان ئادىمىڭىز يالغۇز مەنلا ئەمەسقۇ، ئۇلار بۇ دەردىڭىزگە دەرمانبولالمايۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟» مەۋلانزۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە قىيداۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇراتتى. زۇبەيدەنىڭ دارىتما سۆزلىرىئۇنىڭ تېخىچە ئاچچىقىدىن يانمىغانلىقىنى، يۈرىكىنىڭ يەنە ئاشۇ خاتا چۈشىنىشتىنپەيدا بولغان قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. مەۋلان ئۆز كۆڭلىدەبىر مۇۋاپىق پۇرسەت كەلگىنىدە، ئۇنىڭغا ھەممە ئىشلارنى يۈز تۇرانە تۇرۇپچۈشەندۈرۈشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت نېسىپ بولماي، قىسقائۇچۇر ئارقىلى ئەپۇ سوراشقا نائىل بولغانىدى. «- مەيلىكىمدىن، نېمە گەپ ئاڭلىماڭ، مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىم تېخى تەۋرەپ قالغىنىيوق. - مەنكىمدىن، نېمە گەپ ئاڭلىغۇدەكمەن؟ مەن پەقەت ئۆز تۇيغۇمغا ئىشىنىمەن، سىز بىر ئايالبىلەنلا قانائەت ھاسىل قىلىدىغان ئەرمۇ؟ - ماڭا سىزبولسىڭىزلا بولدى، مېنىڭ يۈرىكىم پەقەت سىز ئۈچۈنلا سوقۇشقا يارالغان. - تاتلىقسۆزلەرنى قىلىش سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز، ئەمەلىيەتچىل بولۇش مېنىڭ پىرىنسىپىم. - قەلبىمدەقانچىلىك ئورنىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز؟ مەن سىزنى ئالدىمىدىم ھەم سىزگە يۈزكېلەلمىگۈدەك ئىش قىلمىدىم. - مەن سىزنى‹ماڭا يۈز كېلەلمەيدۇ› دەپ ئويلىمىدىم. كىمى سۆيۈش ھەم كېمنى تاللاش سىزنىڭئەركىنلىكىڭىز! - مېنىڭسىزنىلا تاللىغانلىقىمنى ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ؟ مېنىڭ قەلبىمدە پەقەت سىزگىلا ئورۇنبار. - سىزنىڭقەلبىڭىز بىر زال، ئۇ يەردە خالىغان ئادەم ئولتۇرالايدۇ.» زۇبەيدەبارا-بارا مەۋلانغا ئاچچىق تېگىشكە باشلىغانىدى. مەۋلان ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى.ئۇ بىر دەم يۈرىكىگە پاتماي كېلىۋاتقان دەردلىرىنى ئاشۇنداق ئاچچىق ھەم تەنەسۆزلەر بىلەن ئېيتىۋالمىسا، ئىچى بوشىمايتتى ۋە ئازابى يەڭگىللىمەيتتى. «- ماڭاھاقارەت قىلسىڭىز مەيلى، ئەمما سۆيگۈمگە ھاقارەت قىلماڭ! - سىزسۆيگۈنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز، تېخى؟! - بىلىمەن.بۇنى سىز ماڭا ھېس قىلدۇردىڭىز! - سىزدەئەزەلدىن ھەقىقى سۆيگۈ بولۇپ باقمىغان. سىزنىڭ بىلىدىغان سۆيگۈڭىز پەقەتقەلبىڭىزدىكى ئېچىرقاش، خالاس!» زۇبەيدەتوغرا ئېيتقانىدى. مەۋلان زۇبەيدە بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن، مۇھەببەتنى ئويۇنقاتارىدا كۆرەتتى. ئاياللار ئۇنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەتنىڭ قۇلى، ئەرلەر خالىغانۋاقتتا ئۈزۈپ يەيدىغان مېۋە ئىدى. ئۇ ساناقسىز ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلغان ھەمدوستلاشقان. ئۇلارغىمۇ خۇددى زۇبەيدەگە ئېيتقاندەك تاتلىق، شېرىن سۆزلەرنى ھەدىيەقىلغان ھەم بۇزۇلماس ۋەدىلەرنى بەرگەن. ئۇ زۇبەيدە ئېيتقاندەك قەلبىدىكىئاچارچىلىقنى بىسىش ئۈچۈنلا، مۇھەببەتنى، ئۆز ھېسسىياتىنى دوغا تىككەن. ئۇنىڭبۇنداق ھېسسىياتقا بايلىقى بىلەن مۇھەببەتكە قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان ئاياللارنىڭگوللىقى ۋە كۆزىنىڭ كورلۇقى ئۇنى شۇنداق ئادەم قىلىپ قويغانىدى. ئەمما، زۇبەيدەئۇنى ئۆز نازاكىتى ۋە مۇھەببىتى بىلەن ئۆزگەرتكەن ھەم مۇھەببەتنى باشقىچە مەنابىلەن ھېس قىلدۇرغانىدى. ئۇ ھازىر بۇرۇنقىدەك ئۆز ھېسسىياتىغا چاقچاق قىلمايتتى،باشقىلارنىڭ ھېسسىياتى بىلەنمۇ ئويناشمايتتى. زۇبەيدە ئۆزىنىڭ ئۇنى قايسى دەرجىدەمەپتۇن قىلىۋالغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئىدى، ئۇ يەنە مەۋلاندىن ئاغرىنىپ يۈرمىگەنبولاتتى. «- سىز مېنىئۆزگەرىتتىڭىز، ماڭا ئۆز ھېسسىياتىنى قانداق چۈشۈنىشنى بىلدۈردىڭىز. - شۇنداقلائويلىغان بولسىڭىز، مەن خۇشال بولدۇم. ئەمما، مەن ئۆزىمنى سىزگە لايىق كۆرمىدىم.مەن بىر ئاز ئەمەلىيەتچىل بولغاچقا، سىز ئويلىغاندەك مۇھەببەتنى بېرەلمىدىم. - ياق، مەنئۇنداق قارىمايمەن. سىزنىڭ ماڭا ئاتا قىلغىنىڭىز ھېلىھەم بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. مەنسىزدىن مىننەتدارمەن. - قالغانچالىسىنى باشقىلاردىن ئالاي دەپسىز-دە؟ - ھەرگىز خاتائويلىماڭ! ھەممىسى خاتا چۈشىنىش تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئىشلار. - مەيلىنېمىلا دېمەڭ، مەن راستىنلا قوبۇل قىلالمىدىم. يۈرىكىم شۇ قەدەر ئازابلاندىكى،ئۆزۈمدىن ئۆزۈم نەپرەتلەندىم. - ھەممەئۆتۇپ كەتتى. جىمجىتلا يوقاپ كېتىپ مېنى بەك قىينىدىڭىز؟ ئۆزۈمنىڭ سىزسىزياشىيالمايدىغانلىقىمنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇردىڭىز! - راستىنلاھەممە ئىش ئۆتۇپ كەتتىمۇ، يۈرىكىڭىز ئۇنىڭغا قانداق چىدايدۇ؟ - ئۇئەسلىدىلا بىر چاقچاق ئىدى. ئۇ مەڭگۈ چاقچاق پىتى قالسۇن! - ماڭائەمدى بۇنداق چاقچاق قىلماسلىققا ۋەدە بېرىڭ! مەن چاقچاقنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپقىلىۋاتىمەن. - ۋەدەبېرىمەن، سىزنى ئالدىماسلىققا، سىزگە ساداقەتسىزلىك قىلماسلىققا ۋەدە بېرىمەن. - مېنىكۈتۈڭ، مەن ھەپتىدىن كېيىن قايتىپ كېلىمەن!» زۇبەيدەمەۋلاننى كەچۈرۈۋەتكەنىدى. مەۋلان خۇددى بىر ئېغىر يۈكتىن يېنىكلەپ قالغاندەكخۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. ئۇنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم، قەلبىدىكى ئېيتقۇسىزخۇشاللىق پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىچىلا بىر ناخشىغا دىمىقىداغىڭشىپ قوياتتى ۋە ئېغىر گەۋدىسىگە ماسلاشمىغان غەلىتە ھەرىكەتلەرنى ئىشلەپباقاتتى. ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى روھى كەيپىياتىنى ، نورمال ئادەمنىڭ يوقاتقان قىممەتلىكنەرسىسىگە قايتا ئېرىشكەندە يۈز بېرىدىغان ھەممە ئىشلارنى چۈشۈنۈشكە بولاتتى.زۇبەيدە كەتكىنى بىلەن مەۋلاننىڭ قەلبى ئۇ تاشلاپ كەتكەن چوغ بىلەن ئوت بولۇپيېنىۋاتاتتى.
* * * *
زۇبەيدەنىڭقايتىپ كېلىشى بىلەن مەۋلان ھەر بىر دەقىقىلىرىنىڭ يېڭى مەنالارغا ئىگەبولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇ ھەر كۈنى زۇبەيدەنىڭ شېرىن سۆزلەر بىلەن تېزىلغانبېيىتلىرىنى ئوقۇيالايتتى، ئۇنىڭ سېغىنىشلىرىنى مۇزىكىدەك ئاۋازى ئارقىلىقئاڭلىيالايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قەدەر ئاشىقلىق چۆلىگە قەدەم باسىدىغانلىقىنى،بارلىق روھىيىتىنى بىر ئايالنىڭ بەدەلسىزلا ئىگىلىۋالغانلىقىنى ھېس قىلمىغانىدى.ئۇ بارا-بار ئۆز تەبىئىيىتىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۆزىدىننىگاندا نەپرەتلىنىپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇ نەپرىتىنى ھامان قەلبىدىكى سۆيۈنۈش بىسىپچۈشەتتى. - سىزنىقاچان كۆرەلەيمەن؟ -بىلمەيمەن. زۇبەيدەنىڭجاۋابى مەۋلاننى خۇشال قىلالمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا زۇبەيدەدىن ئۇمىدىنى ئۈزەلمەيتتى.زۇبەيدەنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە نەچچە ھەپتە بولغان بولسىمۇ، مەۋلان ئۇنىڭدىن يۈرىكىسۆيۈنگۈدەك بىر جاۋابقا ئېرىشەلمەيۋاتاتتى. گەرچە زۇبەيدە مەۋلاننى كەچۈرۈۋەتكەن،ئۇنىڭ ماھىرە بىلەن قىلىشقان بەتقىلىق چاقچاقلىرىنى توغرا چۈشەنگەن تۇرۇپمۇ، ئۇنىڭبىلەن ئۇچرىشىشنى رەت قىلىۋاتاتتى. مەۋلاننىڭ دىل خەستىلىكى يەنە باشلانغانبولغاچقا، زۇبەيدەنىڭ قاتتىق قوللىقىدىن ئاغرىناتتى ۋە ئامال بار ئۇنىڭ كۆڭلىنىئۇتۇش مەقسىتىدە بولاتتى. ئۇ تور ئەدەبىياتىغا مۇراجەت قىلىپ، نەچچە ئون پارچەشېئىر يازغان بولسىمۇ، زۇبەيدەدە يەنىلا زەررىچە ئىنكاس پەيدا بولمايۋاتاتتى.بېيىت شەكلىدە يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ جاۋابى پەقەت بىرلا، يەنى ‹رەھمەت› دېگەن سۆزبىلەنلا چەكلىنەتتى. ئەقىدەمنىدېمىگىن يالغان، يۈرىكىمدەئىسمىڭ ئويۇلغان. مەۋلان بۇئۇچۇرنى كۈندە بىر قېتىم زۇبەيدەنىڭ تېلېفونىغا يوللاشنى ئۇنتۇمايتتى. ئۇ بۇئارقىلىق زۇبەيدەگە ئۆزىنىڭ ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا قىلغانئەقىدە-ئىخلاسىنىڭ پاكلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى. ئەمما، زۇبەيدە ئۇنىڭ ‹تىلىشېكەر، دىلى زەھەر› بولۇپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلاتتى، ئازابىنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى خالىمايتتى. ئۇ ھەر قېتىممەۋلاننىڭ ئۇچۇرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭغا جاۋابەن بېيىت يېزىشنى خىيال قىلاتتى-يۇ،ئۆزىنى ئامال بار تۇتۇۋالاتتى. ئۇ قەلبىدىكى ئاتەش تۇيغۇلارنى يۈرىكىنىڭ يېگەنئازارلىرى بىلەن بىسىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىي ھېسلىرىنى يوشۇراتتى. ئۇ بۇرۇنلاردا مەۋلانئۈچۈن ھەممىنى قىلىشقا تەييارلانغان ھەم ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن شېرىن ھېسلىرىنىقەدىرلىگەن ئىدى. ئەپسۇس، ماھىرەنىڭ قىزغىن، ئوت بولۇپ كەتكەن يۈرىكى بىلەنمەۋلاننىڭ پەرۋاسىزلىقى ئۇنى قورقۇنچاق ھەم ئېھتىياتچان قىلىپ قويغانىدى. ئۇمەۋلاننى باشقىلاردىن كۆپ سۈرۈشتۈرگەن ھەم ئۇلاردىن مەۋلاننىڭ ھېسسىيات ئۈچۈنلاياشاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى. ئۇ بۇ يۈزەكى چۈشەنچىسىگە ئاساسەن مەۋلانغاھەقىقى باھا بەرمىگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمىگەن ئىدى. ئۇ بارلىقىنىمەۋلانغا ئاتاش ۋە كۆتۇرۇپ تۈگەتكۈسىز بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ، ئۇنى تەسىرلەندۈرۈشنى،روھىيىتىدىكى پۇچەك تۇيغۇلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇس، ئۇ ئۆزىنىڭيېڭىلىشكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بىر ئاچچىق ساۋاققا ئىگە بولغانلىقىنىبىلگەنىدى. زۇبەيدەدائېم باشقىلاردىن ئۆزى خالاپ ھەم خالىماي مەۋلان ھەققىدە پاراڭ ئاڭلاپ قالاتتى.ئۇ گەرچە بۇ ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ، ئىشەنمەي ئامالسىز قالاتتى.زۇبەيدە دەسلەپتە ئۇلارنىڭ مەۋلان ھەققىدە سۆزلىگىنىنى ئاچچىق بىلەن ئاڭلىغانبولسا، ئەمدىلىكتە ئازاب بىلەن ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتى. ئايال تورداشلارنىڭ مەخپىمۇنازىرىسى، مەۋلاننى چۈشىنىدىغان ئەرلەرنىڭ بەرگەن ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق زۇبەيدەئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەل چۈشۈنۈشكە تېرىشاتتى. ئۇ ھەر قاچان، ھەر قانداق ۋاقىتتامەۋلان ھەققىدىكى ئۇچۇرغا قىزىقاتتى ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزى ئۇستىدە ئويلىناتتى، ئۇلارنىڭ يەكۈنىنى ئامال بار يوققا چىقىرىشقائۇرۇناتتى. ئۇ مەۋلاننىڭ ئاشۇنداق ھېسسىيات ئۈچۈن ھەممىنى دوغا تىكىدىغانئادەملىكىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى. ئۇ مەۋلانغا ئۆز قەلبى ئارقىلىق باھابېرىشنى، ئۇنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرۈشنى ئەسلا خالىمايتتى. ئۇ ئەتىراپىدىكىزۇۋاندارلارغا ئىشەنمەيتتى، ھەتتا ئۇلاردىن نەپرەتلىنەتتى. ئۇلار زۇبەيدە بىلەنقىرىشقاندەك، زۇبەيدەنىڭ مەۋلان ئۈچۈن جەڭگە تەييارلانغانلىقىنى بىلىدىغاندەك،سورۇن ۋە ۋاقىت تاللاشماي مەۋلان ھەققىدە سۆزلەشكە ئامراق ئىدى. ئۇلارنىڭكۆپىنچىسى ئايال زاتى، غەيۋەتخور مىجەزلىكلەر بولغاچقا زۇبەيدە پەرۋا قىلمايمۇدەيتتى-يۇ، مەۋلاننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىلا قىزىيدىغان قۇلاق بۇنىڭغا يول قويمايتتى. زۇبەيدەئۆزىنى تۇتىۋالغان، نىكاھ بىلەن مۇھەببەتكە بەك ئىنچىكە قارايدىغان بولغاچقا،مەسىلىلەرنى ماھىرەدەك ئويلىمايتتى ۋە تەپەككۇر يۈرگۈزمەيتتى. شۇڭا، ئۇ مەۋلاننىڭماھىرەگە بولغان ھېسسىياتىنى قوبۇل قىلالمايتتى. چۈنكى، ماھىرە زۇبەيدەنىڭنەزىرىدە ئوت ياقسىلا پارتىلايدىغان تەييار بومبا ئىدى. ئۇ ئائىلىسىنى سۆيۈشتىن،كۆڭۈل خۇشلۇقىنى ئەلا بىلىدىغان ئاياللاردىن بولسىمۇ، زۇبەيدەگە ئۇنىڭ بۇئاجىزلىقى داۋراڭ قىلغىدەك نۇقسان بىلىنمەيتتى. ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا سۆيۈملۈكتەرەپلىرى بار ئىدى. زۇبەيدە ئۇنى تومپاي بولغىنى بىلەن ئاق كۆڭۈل؛ گىپى ئوچۇق،بىزەڭدەك كۆرۈنگىنى بىلەن مۇھەببەتكە سادىق ئايال ھېسابلايتتى. ئۇ ماھىرەنى ياخشىدوست، دوستلۇقنى قەدىرلەشنى بىلىدىغانلاردىن دەپ قارايتتى، ئۆز قىېرىندىشىدىن چارەكۆرەتتى. ماھىرەگىمۇ ئاسان ئەمەس بولۇپ، ئۇ زۇبەيدەدەك كۈلەلمەيتتى ھەم مەيدىسىنى دەسكۆتۈرۈپ يۈرەلمەيتتى. ئۇلار بىرمەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان، بىرگە ئوقۇغان ھەم تويدىن كېيىن قوشنا ئولتۇرغاندوستلار ئىدى. زۇبەيدەنىڭ بەختى ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتالمايتتى، ئۇ دوستىنىڭبەختىدىن تەڭ مەھىر ئېلىپ كۈلەلەيتتى. ئۇ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ زۇبەيدەدەك بولالمىغانلىقىدىنزارلانمايتتى، ئۆزىنى كام سۇندۇرمايتتى. بەش بارماق ئوخشاش بولمىغىنىدەك، تەڭرىنىڭئۇلارغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتى، تۇرمۇش-شارائىتىمۇ ئوخشىمايتتى. ئۇلار بىربىرنىڭ بەختىدىن تەڭ كۈلسە، ئازابىنى تەڭ يېڭىدىغان دوستلار دېسە، ئۇلارنىبىلىدىغان ھەم تونۇيدىغان ھەر قانداق ئادەم خاتا دېمەيتتى. زۇبەيدە ئەنە شۇنداقبولغاچقىلا، مەۋلان بىلەن ئۇنىڭ مەيلى چاقچىقى بولسۇن، مەيلى ھېسسىيات ئورتاقلىقىبولسۇن كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدىن تەلتۆكۈس چىقىرىۋېتەلمەيۋاتاتتى. زۇبەيدە ‹ئادەمبار ئازابنى ئەڭ يېقىنىدىن كۆرىدۇ› دېگەنگە ئىشەنمەيتتى. ئەمما، ئۇ بۇ ياشقاكەلگەندە كۈلگەن كۆڭلىنىڭ ئۆز يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئازابقا مۇپتىلا قىلىنغىنىغا،ئۆزى ئەقىدە قىلىپ قۇرۇپ چىقىۋاتقان ئوردىسىنىڭ بەربات بولغىنىغا ئىشەنمەيتۇرالمايتتى. ساداقەتسىزسۆيگۈ ئۈچۈن تەلمۈرۈپ، ئەقىدەمنىقىلدىم ئەجەب كۈل، خازان. ئېيتقىنئەركەم كۆز يېشىمدا يۇيۇنساڭ، يۈرەكلىرىڭكۈلسۇن قانداق خىرامان! زۇبەيدەئۆزىنىڭ ھېسلىرىنى شېئىر قىلىپ پۈتەتتى. ئۇلارنى تور ئەدەبىياتىغا يوللىماستىن،خاتىرىسىدە يوشۇرۇن ساقلايتتى. ئۇ تورداشلاردىن زېرىككەن، مەۋلان تەۋسىيە قىلغانمۇنبەر ئۇنىڭ ئازابىغا ئازاب قوشقان ئىدى. ئۇ ئازار يېگەن قەلبىنى شېئىرىيمىسرالارغا ئاتىۋەتكەندەك، سۈكۈت ئىچىدە ھەممىدىن مۇستەسنا ياشاشنى تاللىۋالغاندەكقىلاتتى. مەۋلاننىڭ توختىماي كىلىۋاتقان بېيىتلىرى ئۇنى كۈلدۈرەلمەيتتى، قەلبىنىئىللىتىپ يېڭى بىر باھارغا باشلىيالمايتتى. ئۇ مەۋلاندىن ھەم ماھىرەدىننەپرەتلەنمىسىمۇ، يەنىلا ئۆز يۈرىكىنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتەلمىگەنىدى. ئۇ كۆڭلىدەبۇ ئىككىيلەنگە خۇشاللىق ۋە بەخت تىلەشنى ئويلايتتى-يۇ، يەنە بۇ نىيىتىدىنيىنىۋالاتتى. ئۇنىڭ زادى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، يەنە قانداق بىر كۈتۈشنىڭ كۈچىدەيۈرۈۋاتقانلىقىنى ھېچكىم پەرەز قىلالمايتتى. زۇبەيدەمەۋلاندىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى ئويلىمىغان بولسىمۇ، ئۇنى ئازابلاش بەدىلىگەنېمىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تېخى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدى. ئۇ پەقەت كۈتۈشنىلابىلەتتى، ئۆزىنىڭ قاچانلاردا مەۋلان ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.ماھىرە ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى كۈتكەندەك، ئۇمۇ شۇنداق بىر كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى ئۆزىيول قويمىغان ئاساستا بىھۇدە ساقلاۋاتاتتى. - ماڭا يەنەبىر پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز، مەن ئۆزۈمنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن بولاتتىم. مەۋلاننىڭ قىسقا ئۇچۇرى زۇبەيدەنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ مەۋلانغا پەرۋاسىزبولۇۋالغىنى بىلەن ماھىرەنى يەنىلا دوست قاتارىدا كۆرۈۋاتاتتى. ئۇ ئەمەلىيەتتەماھىرەنىڭ مەۋلاننى ئازدۇرغانلىقىنى، ئاشۇ سۆھبەتكە باشلاپ كىرگىنىنى بىلمەيتتى.مەيلى نېمىلا بولسۇن، زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ماھىرەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالمىغانلىقىدىنرەنجىگەن ھەم ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ئىدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن مەۋلاننىنەچچە قېتىم كەچۈرۈۋېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، يەنە نېمىشقىكىن بۇ نىيىتىدىنيالتىيىپ قالاتتى. ئۇنىڭ ئەسلىدە مەۋلانغا قايتا پۇرسەت بەرگۈسى يوق ئەمەس، ئۇنىڭئەنسىرەيدىغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ قايتا ئازابلىنىشى بولىۋاتاتتى. مەۋلان زۇبەيدە چۈشەندۈرۈشنى توختاتمىغانىدى. ئۇ تېلېفوندا سۆزلەيتتى، ئۇچۇرقىلىپ يازاتتى، توردا ئېلان قىلاتتى. ئەمما ھېچ ئۈنۈمى بولمايۋاتاتتى. زۇبەيدەنىتەسىرلەندۈرۈش خىيالى بىر قۇرۇق چۈش بولۇپ ئاخىرلىشاتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ماھىرەنىڭيەنە ئارىلاپ تېلېفون قىلىدىغان بولۇپ قالغىنى ئۇنىڭغا يەنە بىر يېڭى غەم قوشۇپبەرگەنىدى. مەۋلان ماھىرەنىڭ تېلېفونىنى ئالماسلىققا ۋەدە قىلاتتى-يۇ، يەنە ئالمايكۆڭلى ئۇنىمايتتى. ئۇ ماھىرەنىڭ زۇبەيدە ھەققىدە بىرەر يېڭى ئۇچۇر بېرىپ قىلىشىدىنئۈمىدلىنەتتى، تېلېفوننى قوبۇل قىلماي، ئۆز قەرەلىدە خەۋەردار بولالماسلىقىدىنئەنسىرەيتتى. ئەمما، ماھىرە يەنىلا ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، مەۋلاننىڭ قەلبىدەتەۋرىنىش پەيدا قىلماقتا ئىدى. - زۇبەيدە بىلەن ئالاقىلىشىۋاتامسىز، ئىشلار ئىزىغا كەلگەندۇ؟ - نەدىكىنى، ئۇ تېخىچە مېنىڭدىن قىيداپ يۈرۈيدۇ. ئۆزلىرى ئارىغا چۈشمىسىلەبولمىغىدەك! - ماڭا چاندۇرماي يۈرگىنى بىلەن، كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىكى كۆزلىرىدىن چىقىپتۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشتىن قورقىمەن. - ئۇنىڭ يۈرىكىمنى چۈشەنمىگىنى مېنى بەك ئازابلاپ كېتىۋاتىدۇ. - بىر ئايال ئۈچۈن ئۇنچە ئازابلىنىپ ئىشمۇ؟ كۆڭلۈڭلارنى توق تۇتۇڭلار، مانابىز بار دەيمەن. - ھەممىسى سىز تېرىغان بالا، يەنە دەۋاتقان گېپىنى؟ - راست دەۋاتىمەن. مەن چوقۇم ئۇنى ئۇنتۇلدۇرالايمەن. - . . . . . . - ئۆزىڭىزنى بىھۇدە ئازابلىماڭ، سىز ئائىلىسى بار ئادەم! ماڭا قەلبىڭىزدىنئۇنىڭدەك ئورۇن بەرمىسىڭىزمۇ، ئازراق نەزىرىڭىزگە ئىلسىڭىزلا بولدى. ماڭائىشىنىڭكى، مەن ئۇ سىزگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى چوقۇم بېرەلەيمەن، ھەتتا ئۇنىڭدىنئارتۇق بېرىشىممۇ مۇمكىن. مەۋلان ماھىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ تېخىچە نىيىتىدىن يانمىغىنى، ئۆز قەلبىئۈچۈن ھەممىگە تەييارلىقىنى بىلگەنىدى. ئەمما، ئۇ ماھىرەنىڭ بۇ مۇھەببىتىنى قوبۇلقىلالمايتتى. ئۇنىڭ سۆيىدىغىنى ئۆزىگە بارلىقىنى بېغىشلايدىغان قايسى بىر ئايالئەمەس، بەلكى ئۆزى سۆيگەن زۇبەيدە ئىدى. - زۇبەيدەنى ئۇنتالمىغۇدەك، ئۇنىڭدىن قىيالمىغۇدەك قانچىلىك ئارىلىشىپ كەتكەنئىدىڭلار؟ ئۇ بۇنچە ئىشىۋالماي، سىلىنىڭ قەدرىڭلارنى قىلسا بولاتتى. «ئادەمبىلگەننى خۇدا بىل» دېگەن گەپ بارغۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قىلىش كېتەمدۇ؟ - لېكىن، مەن ئۇنى سۆيەتتىم. - سىلىنىڭ سۆيگىنىڭلارنى ئۇ بىلدىمۇ؟ ياق، ئۇ سۆيگەنلەرنىڭ قەدرىگە يېتىدىغانبولسا، سىلىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان بولاتتى. ئادەم مۇھەببەت دېگەننى سۆيۈشنىبىلىدىغان ھەم قەدرىگە يېتىدىغان ئادەمگە بېرىشى كېرەك. مەن سىلىنى ئۇنىڭدىنتالاشماقچى ياكى تارتىۋالماقچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت سىلىنىڭ ماڭا ئازغىنا كۆڭۈلئاتا قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. مايلى ئۇنىڭ بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئالاقەقىلىڭ، مەن سىلىدىن رەنجىمەيمەن ھەم كۆڭلۈمگە ئالمايمەن. مەن سىزگە ئىشىنىمەن، سىزئەقىللىق ئادەم. ئىككىمىزنى چوقۇم ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسىز. مەۋلان ماھىرەنىڭ سۆزلىرىدىن قايمۇقۇپ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەقسىدىنى ھەمچۈشەنگەندەك ھەم چۈشەنمىگەندەك نېمە دېيىشىنى بىلمەيتتى. ماھىرە مەۋلاندىنكۈتۈۋاتقان مۇھەببەت ئۇنى تەڭ قىسلىقتا قويغانىدى. مەۋلان ئۇنى قوبۇل قىلسا،زۇبەيدەگە يەنە بىر قېتىم، يەنە كېلىپ ھەقىقىي تۇردە يۈز كېلەلمەيتتى. قوبۇلقىلمىسا يەنە بىر ئايالنى ئازابلاپ قوياتتى ۋە ئۇنىڭ ئۇۋالىنى تارتىپ قالاتتى.ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىدىمۇ بىر داۋالغۇش پەيدا بولۇشقا باشلىغانبولۇپ، ماھىرەنىڭ سۆزلىرى ۋە ھېسسىياتى ئۇنى قىزىقتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. - مەن قانداقمۇ ئىككىڭلار بىلەن... مەۋلان سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ئۇنىڭ قەلبى تۇيۇقسىز ئۆزىگە ئاسىيلىققىلىۋاتقاندەك يۈزلىرى قىزىرىپ، يۈرىكى ئاچچىق بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەمما،ماھىرە ئۇنىڭ دىلىغۇل بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ بىكارغاكەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ بولغانىدى. مەۋلان سۆزىنى توختىتىۋالمىغان بولسا،ماھىرەگە نېمىلەرنى دەۋېتىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ پەرەز قىلالمايتتى. ئەمما، ماھىرەنىڭئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇسى، ئۇنىڭ قارارىنى بىلىپ باققۇسى بار ئىدى. - سىزنىڭ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقىنىڭىزنى توغرا چۈشىنىمەن. مەن سىزنىھازىرلا زۇبەيدەدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ سۆيگۈمنى قوبۇل قىلىڭ دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن.ماڭا سىزنىڭ ئوتلۇق ھېسلىرىڭىزنىڭ شامىلى ئاز-تولا ئۇرۇلۇپ ئۆتسىلا بولدى. مەنسىزنى زۇبەيدەدىن ھەرگىزمۇ قىزغانمايمەن. مەۋلان راستىنلا بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتاتتى. ئۇنىڭ قەلبىدە زۇبەيدەتەرىپىدىن تىكلەنگەن سۆيگۈ قورغانى ھۇلى بوشاپ قالغاندەك تەۋرىنىۋاتاتتى. ئۇزۇبەيدەنى ئويلىسىلا، ماھىرەنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭشەخسىيەتچى ھەم شۆھرەتپەرەسلىكىدىن نەپرەتلىنەتتى. ئەمما، زۇبەيدەنىڭ تەتۈرلۈكى ۋەزىغىرلىقى ئۇنى ماھىرەگە بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرۇپ قويۇۋاتاتتى.
* * * *
ماھىرەنىڭ راستچىللىقى مەۋلاننى قايىل قىلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭ يەنە بىرقېتىملىق تاللاشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغانىدى. مەۋلان تاسادپىي بىرپۇرسەتتە زۇبەيدە بار شەھەرگە خىزمەتكە چۈشكەن ۋە بارلىق ئۇمىدىنى بۇ قېتىمقىئۇچرىشىشقا باغلىغان. ئەمما، زۇبەيدە ئۇنىڭغا قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىگەنىدى. مەۋلانئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئالايىتەن يەتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن ئاخىرقى قېتىمچۈشەندۈرۈش پۇرسىتى بېرىشنى ئۆتۈنگەنىدى. ئۇ بۇ يەرگە كېلىشتىن ئاۋۋال زۇبەيدەنىڭئۆزىنى رەت قىلمايدىغانلىقىغا بەك ئىشىنىپ كەتكەنلىكىگە پۇشايمان قىلاتتى ۋەئىشىنەلمەيتتى. ئۇ مەيلى ئىشەنسۇن ياكى ئىشەنمىسۇن زۇبەيدەنىڭ ئۇنىڭ بىلەنكۆرۈشكۈسى يوقتەك، ئۇنىڭ ئۇچۇرىغا ئۇچۇر قايتۇرمىغانلىقى قىل سىغمايدىغانرېئاللىققا ئايلانغانىدى. «مېنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭا؟» ماھىرەدىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇردىن مەۋلاننىڭ يۈرىكى بىر ئاز ئارامىغاچۈشكەنىدى. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن مۇڭداشقۇدەك، دىل ئازابىنى تۆكۈۋالغىدەكبىرەرىنىڭ بولغىنىدىن خۇشال بولغانىدى. ئۇ ماھىرەنىڭ ئۆزىدىن تاسادىپى بۇ سۇئالنىسوراپ قالغىنىدىن ھەيران بولىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پەرىزى بويىچە جاۋابقايتۇرۇشنى توغرا تاپقانىدى. «تور ئويناۋاتقانسىز، تايىنلىق!» « مەن شۇ تاپتا يۈيىنىۋاتىمەن، تۇيۇقسىز سىزنى خىيال قىلىپ قالدىم.» «مۇنچىدىكى خىيال شېرىن بولامدىكەن؟» « ئۇنى بىر دېمەڭا! سىز يېنىمدا بولغان بولسىڭىز تېخىمۇ شېرىن بولار ئىدى،ئەپسۇس!» «بەك رومانتىك بولۇپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ مېنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە دەپ خىيالقىلىپ يۇيىنىۋېرىڭ!» «خىيال ھەر قانچە شېرىن بولسىمۇ، رېئاللىقتىكى شېرىنلىككە يەتمەيدىكەن.» «ئۇنداق ۋاقىتمۇ كېلىپ قالار، بەلكىم!» «ماڭا بۇنداق پۇرسەت قاچانمۇ كېلەر، بەلكىم بىر ئۆمۇر كۈتۈش بىلەن ئۆتىدىغانئوخشايمەن.» مەۋلان ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ماھىرەنى يەنەئالدىغۇسى ۋە ئۇنىڭ ئوتتەك ھېسسىياتى بىلەن ئويناشقۇسى يوق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىھەرقانچە تۇتۇۋېلىشقا تېرىشسىمۇ، ماھىرەنىڭ شەيتانلىقى ئۇنى يەنە بۇ خىلدىكى شېرىنسۆھبەتكە باشلاپ كىرىپ كېتەتتى. «مېنىڭمۇ شۇنداق ئويغا كېلىدىغان چاغلىرىم بولۇپ قالار، ھە؟» «قاچان بىرقارار چىقىرىدىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم. ئەمما، مېنى بەك تەقەززا قىلدىڭىز!؟ «شۇنداقمۇ،ئۆزۈمگە تازا ئىشەنچىم يوق.» «ئاختابولمىسىڭىزلا، مەن سىزنى يەرگە قاراتمايمەن. ھى ھى ھى» مەۋلانماھىرەنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ياكى قەستەن چاقچاققىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىگەنىدى. مەۋلان كۆڭلىدە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بېرەلەيدىغان ياكىبېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقانىدى. بىراق، ماھىرە بۇ سۆزنىباشقا بىر تەرەپتىن ئويلاپ، مەۋلانغا سۆز ئېتىۋاتاتتى. مەۋلان ئۇنىڭ بۇ سۆزلەرنىقورسىقىدا جىن بارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى چىن يۈرىكىدىن دەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتى.مەۋلان ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش بىلەن رەت قىلىش ئارىسىدىكى قىيىن تاللاشنىقاچان بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تېخى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ زۇبەيدەگە بولغانھېسسىياتى ئۇنى رەت قىلسا، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنكى ئىچ پۇشقى ۋە زۇبەيدەنىڭنامەردلىكى ئۇنى قوبۇل قىلىشقا كۈشكۈرۈتىۋاتاتتى. «مەن ئاختائەمەس، يېنىمدا بولغان بولسىڭىز ئەرلىكىمنى بىلىپ قالاتتىڭىز!» «راستىنىدېسەم، مېنىڭ شۇنداق بىلگۈم بار» مەۋلان يەنەئۆزىنى بېسىۋالغانىدى. ناۋادا، ئۇ ماھىرەنى ‹ئۇنداقتا كەل› دېگۈدەكلا بولسا، ھەممەئىش تۈگەيتتى. مەۋلاننىڭ زۇبەيدە بولغان ھېسسىياتى ئاسىيلىققا ئايلىناتتى،ماھىرەنىڭ ئېچىرقىغان ۋە كۆيگەن يۈرىكىمۇ ئارام تاپاتتى. «ئەجەبا، بۇمۇمكىنمۇ؟» «ئەلۋەتتە،مۇمكىن! سىز خالىسىڭىزلا مەن يېنىڭىزغا ئۇچۇپ بارغان بولاتتىم.» مەۋلاننىڭيۈرىكى ھالقىلىق تاللاشقا توغرا كەلگەنىدى. ئۇ ئاشۇ بىر ئېغىز سۆزنى ئاسانلائېغىزىدىن چىقىرالايتتى. ئەمما، ماھىرەگە ئاخىرىغىچە مەسئۇل بولۇشنى ئويلىسىلاقەلبى ئازابلىناتتى. ئۇ ماھىرەنى ياخشى كۆرمەيلا قالماي، ئۇنىڭغا بولغان قارىشىمۇدوستلۇقتىن خالى ئىدى. ئۇ پەقەت ماھىرە بىلەن مۇشۇنداق چاقچاقلىشىشقا، ئۇنىڭ پاراڭلىرىئارقىلىق ئۆز كۆڭلىدىكى غەشلىككە ئارام تېپىشقا ئامراق ئىدى. «مەنكېيىنگە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. شۇڭا، سىزنى يېنىمغا كېلىڭ دەيدىغان ھەققىم يوق.» «مەنھېچقاچان كېيىنىنى ئويلىغان ۋە ئۈمۈد قىلغان ئەمەسمەن. مەن پەقەت سىزنىڭ ھېدىڭىزنىبىر رەت بولسىمۇ ھېدلىساملا ئالەمچە خۇشال بولغان ۋە سىزدىن رازى بولغانبولاتتىم.» «مەننېمىشقا سىزدەك ئويلىيالمايدىغاندىمەن؟» «مەن سىزنىڭمېنىڭدەك ئويلىشىڭىزنى خالىمايمەن. ئەمما، بىر قېتىم ھېچنېمىنى ئويلىماي، مېنىڭدەكخىيال قىلىشىڭىزنى تىلەيمەن.» مەۋلانيەنىلا قارار چىقىرالمايۋاتاتتى. قەلبىدە زۇبەيدەگە بولغان مۇھەببەت بىلەنئەرلىكىنىڭ ياۋايى ھەۋسى ئېلىشىۋاتاتتى. ئۇ تېلېفونىنى ئېتىۋېتىپ، قەلبىدە باشكۆتۈرۈشكە باشلىغان شەھۋەتلەرنى ھەيدەپ چىقارماقچىمۇ بولدى. لېكىن، زۇبەيدەگەبولغان ئىككى خىل ھېسسىيات بۇنىڭغا يول قويمايۋاتاتتى. ئۇ زۇبەيدەدىن ئۇچۇركۈتەتتى، ئۇنىڭ يەنە ئۆزىنى كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلاتتى. مەۋلان زۇبەيدەگەئۇچۇر قىلىشنى تېخى توختاتمىغان بولغاچقا، تېلېفونىنى ئالدىراپ ئېتىۋېتەلمىدى. ھەربىر لىپاپ بەلگىسى ئۇنىڭ كۆزىگە زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرىدەك، لىپاپ بەلگىسىنىڭلىپىلدىشى زۇبەيدەنىڭ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىدەك كۆرۈنۇپ كېتەتتى. لېكىن، ئۇ بۇلىپاپ ئىچىدىن ماھىرەنىڭ شېرىن سۆزلىرىنى كۆرەتتى. «سىز يەنە211-ئۆيگە چۈشتىڭىزمۇ؟» مەۋلان بۇئۇچۇرنىڭ زۇبەيدەنىڭ بولۇپ قىلىشىنى قانچىلىك ئۈمۈد قىلغان ئىدى، ھە! ئەپسۇس، بۇزۇبەيدەنىڭ ئۇچۇرى ئەمەس، ماھىرەنىڭ سوئالى ئىدى. مەۋلان بۇ ئۆيدىن زۇبەيدەنىڭھېدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق ئەسلىمىلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن بۇ ئۆيگەئەتەي چۈشكەنىدى. ئۇ زۇبەيدە بىلەن ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بۇ ئۆيدىنباشلانغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى ھەم زۇبەيدەنىڭ لەۋلىرىدىن ئالغان شېرىن تۇيغۇلارھازىرقىدەك ئىسىدە تۇراتتى. مەۋلان مۇھەببەت باشلانغان يەردىن يەنە ئىللىقلىق ھېسقىلىشنى، زۇبەيدەنە يەنە بۇ يەردە قايتا سۆيۈشنى ئويلىغانىدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭبارلىق شېرىن ئارمانلىرىنى زۇبەيدە كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغاقوبۇل قىلغۇسىز ئازاب ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. مەۋلانياتاق نومۇرىنى قايتا كۆرۇش بىلەن يەنە زۇبەيدەنى ئەسلەپ قالغانىدى. زۇبەيدەنىڭقايناق ھېسسىياتى ئۇنى ئۆزىگە باغلىغان چاغلاردا، ئۇ زۇبەيدەدىن سۆيۈنگەن ھەم ئۇنىئۆزىگە بەخت ئېلىپ كېلىدىغان پەرىشتە دەپ قارىغانىدى. ئۇلارنىڭ شېرىن چاغلىرىبولغان، بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان ھەم قىيالمايدىغان كۈنلەرمۇ ئۆتكەن. بىراق،ئاشۇ چاقچاق ئۇچۇر ھەممىنى بىر كۈندىلا بەربات قىلغانىدى. ھازىر مەۋلاننىڭ قەلبىدەشېرىن ئەسلىمە بىلەن تەشنالىقتا سېغىنىشلا قالغانىدى. زۇبەيدە ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىھېسسىياتنى چۈشەنمەيۋاتاتتى. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مۇھەببەت ھەققىدىكىچۈشەنچىسى بويىنچە ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغانىدى. توغرا، زۇبەيدەنىڭ ئۆز تەقدىرىۋە مۇھەببىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ھوقۇقى بار. ئەمما، ئۇنىڭ بۇ قارارى مەۋلاننىئازابلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ قارار يالغۇز مەۋلاننىئازابلاش بولۇپ قالماستىن، زۇبەيدەنىڭ ئۆزىنىمۇ جازالاشتىن دېرەك بېرەتتى. مەۋلانزۇبەيدەنىڭ ئۆزىنى جازالاش بەدىلىگە چىقارغان بۇ قارارىنى قوبۇل قىلالمىسىمۇ،ئۇنىڭ بۇ قارارنى ئۆزگەرتىشكە قۇربى يەتمەيۋاتاتتى. ئۇ جاھىللىق بىلەن ئېلىشىپكۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتاتتى. مەۋلان ئۆزىنىڭئۇتتۇرۇپ باقمىغىنىدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىپ كەلگەن بولغاچقا، بۇ قېتىمقىمەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز ئىدى. ئۇ مەيلى نېمىلا قىلمىسۇن، زۇبەيدەنىقايتا قۇچىقىغا ئېلىشنىلا ئويلايتتى. بىراق، خىيال ۋە ئويلاشنىڭ ئۆزى ئەڭ ئاقىلتەدبىر بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى بىكار كېتەتتى. تېلېفونىدىكى يوللانغانئۇچۇرلار جاۋابسىز قالغانلىقتىن خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش بىچارە ھەم غېرىب ئىدى. «سىز چوقۇمشۇ ئۆيدە؟ سىز ئۇ يەردىن زۇبەيدەنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزدەيسىز، ئۇنى كۈتىسىز. ئەگەرخالىسىڭىز، مەن سىزگە ھەمراھ بولۇپ بىرگە كۈتۈشۈپ بېرەي!» مەۋلانئۈچۈن ماھىرەنىڭ سوئالى ھەقىقەتەن بىر تەس سوئال بولغانىدى. ئۇ ئۆزىگە شۇ تاپتابىر ئادەمنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى شۇنداق خالايتتى. لېكىن، بۇ ئادەم ماھىرە بولسابولمايتتى. ئۇ زۇبەيدەگە بولغان ھېسسىياتىنى پاك پىتى ساقلاپ قالمىسا، بۇ ئۆيدەئۇنىڭ ئەسلىمىسىگە باشقا ھېسسىياتنىڭ ئارىلىشىپ قىلىشىغا ھەرگىز يول قويالمايتتى. «شۇنداق،مەن يەنە شۇ ئۆيگە چۈشتۈم. توغرا دەيسىز، بۇ يەردە ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى بار.» «مەن بارسامبولامدۇ؟ مەن قەلبىڭىزدىكى ئەسلىمىلەرگە يېڭى ئەسلىمە قوشالايمەن.» «مەنبۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن.» مەۋلانئۆزىنىڭ بۇ مۇجىمەل جاۋابىدىن ماھىرەنىڭ ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنالايدىغانلىقىنىئويلاپمۇ يەتمىگەنىدى. دەل شۇ كۈنى مەۋلاننىڭ زۇبەيدە بىلەن بۇ ئۆيدە سۆيۈشكىنىگە111 كۈن توشقان، مەۋلان زۇبەيدەنىڭ ئۆزىگە قايتا سۆيۈش ئاتا قىلىشىنى كۈتكەن كۈنئىدى. بۇ كۈندە مەۋلان ماھىرەنىڭ يالغان ئېيتمىغىنىنى، قەلبىدە يېڭى بىر ئەسلىمەقالدۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى.
* * * *
مەۋلانزۇبەيدەگە خۇش دېگىنى بىلەن قەلبىدە ئۇنىڭ سايىسى بار ئىدى. ئۇ ماھىرەدىن ئالغانتۇيغۇلىرىنى زۇبەيدە ئاتا قىلغان تۇيغۇلار بىلەن سېلىشتۇرالمايتتى. ئەمما،بۇنىڭلىق بىلەن ماھىرەنىڭ ھېسسىياتتىكى قايناق ھاياجىنىنى يوققا چىقىرالمايتتى.مەۋلان ھەر قېتىم ئۇلار بىرگە ياشاۋاتقان شەھەرگە بارغىنىدا، ئامال بار 211- ئۆيگەچۈشەتتى ۋە بۇ يەردە ئوخشىمىغان تۇيغۇدا ئىككى ئايالنى كۈتەتتى. ئۇ ئۆزھېسسىياتىنى چۈشىنىدىغانلاردىن بولغاچقا، ئۆز-ئۆزىنى ئالداش بەدىلىگە بىر خىلخۇشاللىققا ئېرىشەتتى. ئىشىك چېكىلگەندە ئۇنىڭ يۈرىكى ھەم سۆيۈنەتتى ھەمئازابلىناتتى. ئۇ ئىشىكتىن زۇبەيدەنىڭ كىرىشىنى شۇنداق خالايتتى-يۇ، ماھىرەنىقۇچىقىغا ئالاتتى. بۇ ئۆيدە مەۋلانغا ئىككى خىل ئەسلىمە ئاتا بولغان بولۇپ، ئۇ بۇئەسلىمىلەرنى قەلبىگە مۆھۈر باسقاندەك كۆمۈۋەتكەنىدى. -زۇبەيدەنىڭ سىزنى تېخىچە ئۇنتالمىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ -ئىشىنىمەن. چۈنكى، مەنمۇ ئۇنى تېخى ئۇنتالمىدىم. - مەنسىلەرگە ھەيرانمەن. بىر بىرىڭلارنى يۈرىكىڭلاردا ياد ئېتىسىلەر-يۇ، يەنە نېمىشقاۋىسال كۆرۇش پۇرسىتىنى خالىمايسىلەر؟ - بۇ يالغۇزمېنىڭ رايىم بويىنچە بولىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ خىل ياشاش ئۇنىڭ تاللىشى. - مېنىڭسەۋەبىمدىنمۇ ياكى؟ - بۇنىڭداھەر ئىككىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى يوق. ئۇ بەلكىم خىيالىدىكى دۇنيادا ياشاشنى تاللىغانبولىشى مۇمكىن! - خىيالىدۇنيادىكى مۇھەببەتمۇ شېرىن بولىدۇ. ئەمما، بۇ تۇرمۇش رېئاللىقنىڭ شېرىنلىكىگەيەتمەيدۇ. مەۋلانماھىرەنىڭ بۇ قارىشىنى قوللاش ياكى قوللىماسلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ھەر قېتىم ماھىرەبىلەن ھېسسىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ھۇزۇرلانغاندا، ئىختىيارىسىز زۇبەيدەنىئەسلەپ قالاتتى. ئۇنىڭ بۇ روھىيىتى ماھىرەگە قىلىنغان ھاقارەت بولسىمۇ، ئەمماماھىرە ئۇنىڭ روھى دۇنياسىدىكى زۇبەيدە قالدۇرغان ئىزنالارنى كۆڭلىگە ئېلىپكەتمەيتتى. - ئۇنىڭيېنىڭىزغا يەنە قايتىپ كېلىشىنى خالامسىز؟ - . . . - مەنسىزنىڭ ئۇنى تاللىشىڭىزنى خاتا دەپ قارىمايمەن ھەم سىزدىن رەنجىمەيمەن. مەن پەقەتسىزنىڭ مېنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى، مېنى بىر يولىلا ئاتەش باغرىڭىزدىن ھەيدەپچىقارماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ماھىرەمەۋلاننىڭ ئازاب بىلەن ئۆزىگە تىكىلگەن كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دەۋاتاتتى.مەۋلان ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنەتتى، ماھىرەنىڭ زۇبەيدە تۈپەيلى مەۋلاندىنئايرىلىپ قالغۇسى، قەلبىگە ئوت ياققان شاھزادىسىدىن مەھرۇم بولغۇسى يوق ئىدى.بىراق، مەۋلاننىڭ يۈرىكى تىنىمسىز زۇبەيدەنىڭ ئىسمىنى ئۈنسىز نىدا قىلاتتى، ئۇنىسېغىناتتى. ناۋادا، زۇبەيدە مەۋلاننىڭ ھەر كۈنى يوللاشنى ئادەت قىلىۋالغان قىسقائۇچۇرىغا جاۋاب يازىدىغانلا بولسا، مەۋلان قەلبىدىكى بارلىق تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭغائاتا قىلغان بولاتتى. ماھىرەمەيلى قانچىلىك ئۆزىنى ئاتىغىنى بىلەن مەۋلان يەنىلا زۇبەيدەنى ئۇنتىيالمايتتى.چۈنكى، زۇبەيدە بىر ئوت دېڭىزىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭدىن تارىغان ئوت ئۇچقۇنىمەۋلاننىڭ قەلبىگە كۆچكەندىن باشلاپ، مەۋلان ئۆزىنىڭ بىر ئوت دېڭىزى ئىچىگە غەرقبولغىنىنى ھېس قىلغانىدى. ئۇ بۇ ئوت ئىچىدە كۆيدى، ئوتنى باشقىلارغا كۆچۈردى.لېكىن، كۆچۈرۈلگەن ئوت ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتالمايلا قالماي، شەھۋەتنىڭ بىرئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتاتتى. مەۋلان زۇبەيدەنى ھەرگىزمۇ شەھۋەتئۈچۈن سۆيمىگەن ھەم قوغلاشمىغان. ئۇنىڭ بىلەن مەۋلاننىڭ يۈرىكى كۈلەتتى، دىلىسۆيۈنەتتى. ئەمما، ماھىرە بىلەن ئۇ يۈرىكىنىڭ ھەقىقى كۈلگىنى، قەلبىنىڭ مۇھەببەتتۇيغۇسىدا بىرەر قېتىم ھاياجانغا تولغىنىنى ھېس قىلالمىغان ئىدى. ئۇ ماھىرەگەپەقەت ئۇ تەلەپ قىلغان ۋە ئىنتىلگەن بىر ئەسەبىي شەھۋەت بىلەن يالغانچىلىققاكۆمۈلگەن ساختا تۇيغۇ بەرگەن ئىدى. ئوتدېڭىزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى كۆپ ئادەم بىلمىسە كېرەك. بەلكى، ئۇلار بۇ سۆزنىئاڭلىغاندا مەسخىرىلىك كۈلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما، مەۋلان ئۇلاردەك كۈلمەيتتى، ئۇئادەم روھىيىتىدە بىر ياۋا ئوت دېڭىزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنەتتى. ھەقىقى بىرئايالنىڭ قەلبى ئاشۇ ياۋا ئوت دېڭىزى بولۇپ قالماي، ئاشىقلارنى مەڭگۈ كۆيدۈرۈشنىخالايدىغان ۋە جازالايدىغان دوزاخقا ئوخشايتتى.
2011- يىلى 12-ئاي، شەھىرى ئاتۇش.
مەنبە ؛ يېشىل ئارال ئەدەبىيات مۇنبىرى . |