تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 337|ئىنكاس: 7

ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى سېتىۋالغاندا بەش ‹‹قىلتاق››تىن ھوشيار ب...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

136

تېما

54

ئەگەشكۈچى

2662

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
593
مۇنبەر پۇلى
1586
ئىشەنىچ
593
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى سېتىۋالغاندا بەش ‹‹قىلتاق››تىن ھوشيار بولۇڭ



    دۆلەت يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى سېتىۋالغاندا بەش چوڭ قانۇنسىز تەشۋىقاتقا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.
   ‹‹يېگەن ھامان شىپا تاپىدۇ›› دېگەنگە ئىشەنمەڭ
   ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى دورا ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى توغرىسىدا جار سېلىشقا بولمايدۇ. بەزى ئېلانلاردا ھەمىشە مەھسۇلاتنىڭ ئۈنۈمىنى مۇبالىغە قىلىپ ‹‹يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ››، ‹‹يېگەن ھامان شىپا تاپىدۇ›› دەپ داۋراڭ سېلىنىدۇ ياكى ‹‹ئۈنۈمى بولمىسا پۇل قايتۇرۇلىدۇ››، ‹‹زەھەرسىز، ئەكس تەسىرى يوق›› دېگەندەك ۋەدىلەر بىلەن ئىستېمالچىلارنى ئالدايدۇ ۋە قايمۇقتۇرىدۇ.
   ساغلاملىق لېكسىيەسى سېتىشنى تېزلىتىش ئۈچۈندۇر
   بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر ‹‹سۆھبەتلىشىش››، ‹‹لېكسىيە سۆزلەش››، ‹‹زىيارەت قىلىش››، ‹‹سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش›› قاتارلىق نەيرەڭلەردىن پايدىلىنىپ، ساختا مۇتەخەسسىسلەرنى نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى داڭلاپ ساتىدۇ. كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ئاتالمىش بۇ ‹‹مۇتەخەسسىسلەر››گە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، ساختا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدۇ.
   ھەقسىز پائالىيەت ئىدىيەنى بۇراش ئۈچۈندۇر
   بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر ‹‹دورا ھەدىيە قىلىش››، ‹‹ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش››، ‹‹سوۋغات بۇيۇمى تارقىتىش››، ‹‹مۇكاپات تارتىش›› تەك ھەقسىز تارقىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ياشانغانلارنى قىزىقتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياشانغانلار ئالدىنىپ قالىدۇ.
   ‹‹نوپۇزلۇق ئىسپات›› ئويدۇرما
   بەزى قانۇنسىز ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئېلانلىرىدا ‹‹دۆلەت ئورگانلىرى››، ‹‹كەسپىي ئورۇنلار››، ‹‹داۋالاش ئورگانلىرى››، ‹‹ئىلمىي ئورگانلار›› ۋە ‹‹كەسپىي تەشكىلاتلار›› نىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ نوپۇزى ۋە قايىل قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ.
   ‹‹مۇتەخەسسىسلەر ھەقسىز كېسەل كۆرىدۇ›› ئالدامچىلىقى
   بەزى قانۇنسىز سودىگەرلەر ئاتالمىش ‹‹مۇتەخەسسىس›› ۋە ‹‹پىروفېسسور›› لارنى ياللاپ ياشانغانلار ئۈچۈن ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش ياكى كېسەل كۆرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. كۆپ ساندىكى ياشانغانلار بۇنىڭغا قىزىقىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدۇ ياكى مەسلىھەت سورايدۇ.
   سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن كېيىن ‹‹مۇتەخەسسىسلەر››، ‹‹پىروفېسسورلار›› ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىدىن قۇسۇر تېپىپ، ئۇلارنى بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ ئۆز ۋاقتىدا داۋالىنىشقا ئۈندەيدۇ. كۆپ ساندىكى ياشانغانلار ئۇلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن كېرەكسىز ۋە راست – يالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى كۆپلەپ سېتىۋالىدۇ.
نىجات ئىبرايىم تەرجىمىسى

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

5

تېما

25

ئەگەشكۈچى

5034

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2027
مۇنبەر پۇلى
2461
ئىشەنىچ
2027
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تامامەن راست، مۇشۇنداق ئەھۋالنى مەنمۇ كۆپ كۆرگەن، ھۇشيار
بولمىساق ئالدىنىپ قالىمىز.

3

تېما

3

ئەگەشكۈچى

647

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
نازدىل
تۆھپە
396
مۇنبەر پۇلى
255
ئىشەنىچ
396
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا............. ھازىر بۇنداق قىلمىشلار بەكمۇ كۆپ ..... ھۇشيار بولۇشقا چاقىرغىنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر لەر بولسۇن

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

3704

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1197
مۇنبەر پۇلى
2030
ئىشەنىچ
1197
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدە مەلىدىلى چوڭ يولنىڭ بويغا چوڭ قىلىپ‹‹ بەيجىڭدىن كەلگەن مۇتخەسىس  ئۇزۇن مۇددەت كىسەل كۆردۇ ››،دىگە لوزىنكا ئېسىپ كويۇپتىكەن .قارغاندا ساختىكەندە،ئەسكەركىنىڭىزگە رەھمەت.
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

187

تېما

7

ئەگەشكۈچى

5690

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2888
مۇنبەر پۇلى
2230
ئىشەنىچ
2888
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرەپلەرگە كىشىلەر ئاسان ئالدىنىپ كىتىدۇ

21

تېما

33

ئەگەشكۈچى

7261

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2984
مۇنبەر پۇلى
3103
ئىشەنىچ
2984
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 12:35  

نەگە قارىسا قاپقان - قىلتاق تەييار ،  دىققەت قىلمىدۇقمۇ سەزمەستىن  ئىلىنىپ قىلىۋاتقان...

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

57

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
30
مۇنبەر پۇلى
27
ئىشەنىچ
30
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە يەردە شۇ. راس بىلەن يالغان ئارلىشىپ كەتكەن.ئادەم خاتىرجەم تۇرمۇشمۇ كەچۈرەلمىگەن.

23

تېما

31

ئەگەشكۈچى

6242

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3083
مۇنبەر پۇلى
2576
ئىشەنىچ
3083
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ،ۋە ئۇنىڭدىن  باشقا بەزى  يېمەكلىكلەرنى خاتىرجەم ئىستىمال قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمىز قاچان كېلەر دەيمەن ؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 00:53, Processed in 0.120967 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش