بىر ئىسسىق ھاياجان ئاپپاق قارلاردا
يوللاردا پايانداز ئاپپاق شايىدىن، بىر جۇپ ئىز ئۇزىغان ئورمانغا قىستاپ. بەرگى يوق شاخلاردىن تېيىلغان قارلار، سوغاق بىر ئالايدى ئاپتاپقا قاراپ.
زېمىن ئاق ، ئورمان ئاق ، تاغلارمۇ ھەم ئاق، مۇڭلىنىپ سۆزلەيدۇ قارلار باھاردىن. تولغاندەك ھەممە يەر ئاپپاق گۈللەرگە، كەلمەكتە خۇشخەۋەر كۈلۈپ ناھاردىن.
يۈرەككە چوغدەك بىر تۇيغۇ يامرايدۇ، دەرەخلەر قارلارغا پىچىرلار تاتلىق. « باھار! » دەپ ناخشىلار ئېيتىدۇ ھەممە، يۈرىكىم ئۇھلارغا تولغان لىپمۇ-لىق.
قارلارنىڭ باغرىدا ئىسسىق ھاياجان، چاڭقىغان جېنىنى سۇغۇرار رەت-رەت. سۇ بولۇپ ئويناقلاپ ئاقار ئېرىقتا، جۇپ ئىزدىن تارالغان چوغدەك مۇھەببەت.
يېڭى بىر ھاياتلىق كۈلمەكتە چىمەن، بىخ سۈرۈپ كۆكلەيدۇ ۋىسال يا ھىجران. ئاپپاق قار ھاياتنىڭ مەنىسى بىلسەڭ، كېتىمىز دۇنيادىن قىيماستىن ھامان.
كۆكلەمنىڭ باغرىدا كۈلدىرەر چېچەك، كۆز ياشلار ئاققۇزغان قارلار باغلاردا. بىر جۇپ ئىز قايىتىپ كەلدى ئورماندىن، بىر ئىسسىق ھاياجان ئاپپاق قارلاردا...!
كۈلدۈرۈپ بولالماي يىغا چىراينى
دەردلىرىڭ قەلبىمدى كۆكلىدى گۈلدەك، كۆك سۆيگەن چوقىلار ئۈمىدكە ئۈندەر. يۈرىكىم قېتىدا مىڭ يىللىق پىراق، غۇنچىدەك شىۋىرلاپ، چېچەكتەك كۈلەر.
ئىشىقنىڭ شەكلىگە كىرگەن ھەممىسى، جۇدالىق چۆلىدىن ئىزدەيمەن سېنى. بۇ چۆلدە مەنلا بار ، جېنىمنى تىكتىم، قوغداشقا مەن تەييار، نەدە سەن ، قېنى ؟!
جېنىمدا بىر چەكسىز چاڭقاقلىق كۆيەر، غېرىبلىق باغرىمنى يىرتىپ ئاۋارە. ئاھ ، نىتەي بۇ كۈنلەر ئۆتۈپمۇ كېتەر، مەن كۈلۈپ ياشاشقا ئىزدەيمەن چارە.
ھەسرەتلەر ئىچىمدە دۆۋە-دۆۋە چوغ، توۋلىسام ئۈنۈمنى تىڭشىماس جاھان. ئاۋازىم تاغلارنى تىترەتسە بەزەن، بەزىدە يۇلتۇزغا ، ئايغا ئېسىلغان.
ماكانىم بەزىدە تاغ ئۆڭكۈرلىرى، سارغايغان قومۇشلۇق قونالغۇم بولار. بىر تۇيغۇ ، گېياھ يوق چوغدەك چۆللەردە، قەلبىمگە بىر دۇنيا ئۆزىنى ئۇرار.
قەلبىمنى جۇدالىق چالىدۇ مۇڭغا، گۇندىپاي كارۋاننىڭ كەينىدىن قوغلار. كۈلدۈرۈپ بولالماي يىغا چىراينى، مۇھەببەت تېڭىنىڭ بۇلبۇلى يىغلار. |