سۇ بولۇپ ئاقتىم مەن قۇملۇققا قاراپ
1
مېھرىمدە قۇچاقلاپ چۆل-باياۋاننى، سۇ بولۇپ ئاقتىم مەن قۇملۇققا قاراپ. كاككۇكتەك كۈيلەيدۇ ھىجران جاڭگىلى، تاڭدا ياغ پۇراتتىم دەرياغا ئاتاپ.
دەرەخلەر ، ئورمانلار قىپقىزىل قاخشال، ھەسرەتكە كۈيلەيدۇ قۇم باسقان دەريا. ئۆزىگە پىچىرلاپ قۇم باسقان شەھەر، ئۆزىنى يىرتماقتا ئۇسسىغان دۇنيا.
دەرەخلەر ئۆزىنى كەسلەپ ، تارشىلاپ، قۇچاقلاپ ، گېرەلەپ تاشلايدۇ ئوتقا. كۆز يېشى پىژىلداپ گۈلخانلار ئارا، ئايلىنار يانغىنغا ، ئايلىنار چوغقا.
2
سارغايغان باغلارغا تەلمۈرۈپ غەمكىن، پەرىشان قەلبىنى سۆزلەيدۇ بۇلبۇل. دەرخلەر دەردىنى تۆكەر شامالغا، سۇ بولۇپ ئاقىمەن ئورمانغا ئۇدۇل.
بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى يېرىلغان چاك-چاك، ئەڭ چەكسىز سۆيگۈدە گۈللەرگە قاراپ. كۈيلەيدۇ قىپقىزىل چوغدەك يۈرىكى، ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىنى بەرگىگە ئاتاپ.
باغرىمنى تىلغايدۇ يىگانە ھىلال، يۇلتۇزلار جىمىرلار كۆكتە بىھىساب. قەلبىمدە كېزىدۇ باياۋان ، چۆللەر، سۇ بولۇپ ئاقىمەن قۇملۇققا قاراپ. |