- تىزىملاتقان
- 2013-7-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-3
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 455
- نادىر
- 1
- يازما
- 59
 
- تۆھپە
- 94
- مۇنبەر پۇلى
- 264
- ئىشەنىچ
- 94
| ئادەم قىرىق ياشتىن ھالقىغاندا ئەجدادىمىز ئىبرەت يۈزىسىدىن بىزگە قالدۇرغان << ۋاقىت ئاتقان ئوق>>، <<ۋاقىت ئاققان سۇ >>، << ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت >> دىگەن ھېكمەتلەرنىڭ قەدرىگە يېتىدىكەنمىز . ياشلىقتا بۇ سۆزلەر مەيلى قانچىلىك دەپدەپە بىلەن ئېيتىلمىسۇن ئانچە قۇلىقىمىزغا كىرىپ كەتمەيدىكەن . بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم ،ۋاقىتنى قەدىرلەپ ،مەنىلىك ياشاۋاتقان ياش دوستلار رەنجىمىسە بولىدۇ ، مانا مەنمۇ نەۋقىران ياشلىقىمنى تۈگۈتىپ قىرىقتىن ھالقىغان چاغدا بۇ نۇقتىنى چىن ماھىيىتى بىلەن بىلىپ يەتمەكتىمەن ، بىر يىل مېنىڭ نەزەرىمدە خۇددى بىر كۈندەكلا ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىپ بارىدۇ ، مەن تېخى تۈنۈگۈنلا ،يىلان يىلىغا ئاتاپ تەبرىك سۆزى قىلغان ، مانا بۈگۈن ئات يىلىغا ئاتاپ نەزمە ئوقۇماقتىمەن . مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ھەممىمىزئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى بەندىلەر ، بۇ يۈگەنسىز ۋاقىت سىز بىزگە قول قوۋۇشتۇرۇپ قۇللۇق بىلدۈرمەيدۇ ، مىڭلىغان پەيلاسۇپلار بۇ ھەقتە بىزگە نۇرغۇن قىممەتلىك يالدامىلارنى قالدۇرغان ، ھەممىمىز يىل ئاتلاش بىلەنلا ئۆزىمىزدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كىملەرنىڭ ئارىمىزدىن كېتىپ ،يەنە كىملەرنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز .ھەممىمىز بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ دىگەن نىيەتتە ياشاۋاتىمىز ياكى بەخىتلىك كۈنلۈرىمىزدىن سۆيۈنۈپ بەكمۇ ئۇزاق ياشاشنى ئۈمىت قىلماقتىمىز ئەمما ۋاقىتنىڭ ئېتىغا مىنىۋالدۇقمۇ چۈشمەك يوق !ئازاپ دۇنياسىدا ياشىغانلارغا بولسۇن ،بەخت دۇنياسىدا قىيغىتقانلار بولسۇن بەرىبىر بۇ ئات بىز بارماقچى بولغان مەنزىلگە سىزنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويماي ئاپىرىدۇ بەرىبىر . خوش گەپ يورغىلاتماي گەپنىڭ پوسكاللىسىغا توق ئېتەر يېرىگە كەلسەك بۇ يىل نىمە ئىش قىلىش توغرىسىدا ھالال نىيەت ،ساپ ئېتىقاد بىلەن قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ ئولتۇرۇپ نىشان بەلگىلەپ باقتىڭىزمۇ ؟ مەن شۇنداق قىلدىم بىر ئوغلۇم يەنە بىرى ئالىي مەكتەپتە ئايالىم ئۈچىمىز ئاخشام ئۆيىمىزنى ئىللىق قىلىپ ئىسسىتىپ بۇ يىلنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پىكىرلەشتۇق ، بۇ ھەقتە بىزدە ئىلگىرى بىرەر قېتىم تەجىربە ئۆتكۈزۈش بولمىغاچقا ، ئادەتلەنمىگەچكە خىجىل بولدۇق ،دۇدۇقلىدۇق ، ئوڭايسىزلاندۇق ، ئايالىم كۈنلۈك پىلانىنى ، ئوغلۇم ئايلىق نىشانىنى ، مەن پەسىللىك پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم بۇ ئىش شۇ ھامانلا ئۈنىم بەرگەندەك بولدى ،چۈنكى بىزنى بىرخىل خوشاللىق چۇلغۇۋالدى ،مانا بۇ بىزنىڭ ئىزگۈ تىلەكنىڭ بىزگە بېغىشلىغان بەخت تۇيغۇسى ئىدى ، بۇ يەردە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىگە خاس مەخپىيىتى بولغۇنى ئۈچۈن تورداش قېرىنداشلىرىمغا پىلانىمىزنىڭ كونكىرت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدىم ، بىراق قېرىنداشلىق تۇرغۇسىدىن بۇ قېتىم شەخسەن يولغا قويغان ئات يىلىدا ئالاھ ئامانچىلىقنى بەرسە قىلىدىغان ئىشلار ، ئۆمۈرنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش يوللىرى ۋاقىتنى قەدىرلەش ھەققىدىكى ئائىلە يىغىنىمىز غەلبىلىك ئورۇنلاشتۇرىلغاچقا ، بۈگۈنكى خەيىرلىك ئىشىمنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ بۇ يازمىنى تەڭرىتاغ تور بېتىگە يوللۇدۇم ،ئات يىلىدا مەن يەنە نىمە ئىشلارنى قىلسام بولىدۇ ،كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دىگەن سۆزبار تورداشلىرىمنىڭ ماڭا يەنە ئەھمىيەتلىك ھايات يوللىرى ئۈچۈن قىممەتلىك تەكلىپ ،دوسلۇق ياردىمىنى بەرسە دىگەن ئويدىمەن ، بولسا سىزمۇ مېنىڭ تەكلىپىمگە ئېتىبارسىز قارىماي نىشان بىلەن ياشاشنى ئويلۇشۇپ بېقىڭ ، دۇنيادا بىر ئىشقا ،توغرا مەسلەھەتكە ئېتىبارسىز قاراشتىنمۇ بەتتەر ئېغىر مەغلۇبىيەت يوق!!! |
|