جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار 1. ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىش ھازىرقى جەمىئەتتە ، ھاراق ئىچىش بولسا ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىشىنىڭ بىر ئاساسلىق ۋاستىسى بۇلۇپ قالدى، مەيلى سودا ئىشىدا پاراڭلىشىشى ياكى دوسىتلار يىغىلىشى بولسۇن، ھاراق كەم بولسا بولمايدۇ، سىز بىر ئىستاكان مەن بىر ئىستاكان، مەس بولمىغىچە بولدى قىلمايمىزدېگەندەك. 2.قالايمىقان دورا يىيىش بىر ئادەم ھەرگىزمۇ بىر ئۆمۈر دورا يىمەيمە دىيەلمەيدۇ، كىچىك زۇكامدىن تارتىپ ئالدىنى ئالىمىز، كېسىلى يوقلار ساغلاملىق يىمەكلىكى يىيىش، كېسىلى بارلار دورا يىيىش دېگەندەك، دورا دۇكانلىرىغا قارىسىڭىز توپ- توپ ئادەم ، ئالاھىدە باھالىق دورا ئېلان تاختىسى، ئالدىراش دورا ساتقۇچىلار....دورا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە سىڭىپ كىردى، ھەتتا بىزنىڭ جىگىرىمىزگىمۇ. 3.ئۇيقىسى ياخشى بولماسلىق بۈگۈنكى كۈندە، كەچلىك تۇرمۇش بارغانسىرى ئاۋاتلىشىپ كىتىپ بارىدۇ، بۇلۇپمۇ شەھەرلەردە، سەھەر 1-2 لەرگىچە ھەرخىل شەكىلدىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئىنتايىن ئاۋات،ئەگەر سىرىتقا چىقمىسا ، ئۆيدە تورغا چىقىدۇ، قەرىت ئويناپ ئۇخلاش ۋاقتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئۇيقىىس ياخشى بولمىسا ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن چوڭ زىيان ئېلىپ كىلىدۇ، 4.غەمكىن يۈرۈش، ئاسان ئاچچىقلىنىش كىشىلىك ھاياتتا كۆڭۈلسىزلىك ، دەرىت- ئەلەم، خاپىلىقتىن مۇستەسنا بۇلالمايسىز، بىز چۇقۇم بۇلارغا نىسپەتەن توغرا قاراشتا بۇلىشىمىز كېرەك، چوقۇم كەيپىياتىمىزنى ياخشى تۇتىشىمىز كېرەك، كەيپىياتىنى تەڭشەش ، قويۋېتىش ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىلىق، بىراق ئۇزاق مۇددەت كەيپىياتى تۇراقسىز، ئاسان ئاچچىقلىنىش، قاتارلىق ھادىسىلەر ئادەم بەدىنىگە بەكمۇ زىيانلىق. 5.مايلىق تاماق يىيىشنى ياخشى كۆرۈش سۇ ماي، تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ، ماي، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئۇزۇقلۇقلاردىن بىرى، تەركىبىدە ماي بولغان يىمەكلىك ئادەم بەدىنىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئادەن بەدىنىنىڭ نورمال فىزولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالىدۇ. بىراق ، تەركىبىدە ماي تەركىبى يۇقىرى بولغان ياكى ئۇزاق مۇددەت مايلىق يىمەكلىك يىيىش چەكلىنىدۇ. 6.كېچىدە بىر نەرسە يىيىش مول كېچىلىك تۇرمۇشتا، تەبىئىلا كەچتە بىر نەرسە يىيىىشتىن ساقلىنالمايمىز، بۇلۇپمۇ شەھەرلەردە، كەچتە ئايلىنىپ كەلگەچ بىر نەرسە يىيىش ئادىتى ئۇمۇملىشىپ قالدى، ئازراق سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان شورپا ئىچىشتىن باشلاپ، سالامەتلىككە پايدىسىز بولغان كاۋاپقىچە يىيىش بولسا ھازىرقى جەمىئىتىمىزنىڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى، ئەمما كەچتە نەرسە يىيىش ئېغىزىمىزنى راھەت ھېس قىلدۇرغان بىلەن سالامەتلىككە زىيانلىق. 7.تاماكا چىكىش تاماكا چىكىش زىيانلىق، بۇنى ئاساسەن ھەممە ئادەملەر بىلىدۇ، تاماكا ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن كۆپ خىل ئىچكى ئەزالار يەنە جىگەر قاتارلىق ئەزالارنى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زەھەرلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەل ئېلىپ كىلىدۇ، بۇلۇپمۇ راك كېسىلىنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسىنىڭ بىرى. مەنبە: ساقلىق -ساقلاشتىن
|