تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 558|ئىنكاس: 12

办公厅 نى تەرجىمە قىلغىلى بولماسمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

3

ئەگەشكۈچى

271

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
74
مۇنبەر پۇلى
165
ئىشەنىچ
74
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان (شەخسىي چۈشەنچەم)، خەنزۇچىدا  办公厅 دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر فۇنكىسىيىلىك ئورگان بولۇپ، 办公厅 دېگەن بۇ ئاتالما ھازىرغىچە ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنماي  شۇ پېتى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا办公厅 دېگەن ئورۇننىڭ زادى نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى شۇ ئورۇندا ئىشلەيدىغان كىشىدىن باشقا مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشى بىلمەيدۇ. 总统,总理,国务院 دېگەن خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىدا «باش باقان»، «باش مىنىستېر»، «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى» دەپ ئېلىش گەرچە تىل-يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان بولمىسىمۇ لېكىن يەرلىك گېزىت-ژورنال ۋە تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئومۇملىشىپ قالدى.
    تىلىمىز ئەزەلدىن ئىپادىلەش كۈچىگە بايلىقى بىلەن قەدىمدىن ھازىرغىچە چەت تىللاردىن كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلارنى تىلىمىزغا لايىقىدا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەلگەن. بۇ ساھەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقاتچى، ئالىملار، تىل-تەرجىمە ھەۋەسكارلىرى ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بۇرۇندىن ئاتاپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى تىلىمىزغا ئوڭۇشلۇق ئاغدۇرۇپ لايىقلاشتۇردى ۋە خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، كۆپ قىسمى ئۆز تىلىمىز بويىچە ئومۇملاشتى. لېكىن نېمىشقىدۇر办公厅 ئاتالمىسى ھازىرغىچە ئۆز پېتى ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ ئورۇننىڭ زادى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىق. تىل تەتقىقاتچىلىرى، تەرجىمانلار ۋە كەڭ تىل سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ موشۇ ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە ئورتاق ئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    (قوشۇمچە: 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «گاڭسەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئالدى تەرىپى تۈگمىلەنمەيدىغان، يېڭىنىڭ ئۇزۇنى ۋە قىسقىسىمۇ بولىدىغان بىر خىل سۈنئىي تالالىق مايكا چىققان ئىدى. بۇ «گاڭسەر» دېگەن ئاتالمىنىڭ خەنزۇچىدا قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىدىم. بەلكىم بۇ ھازىر مودا بولىۋاتقان T恤  دېگەن ئاتالغۇنىڭ 80-يىللادىكى شەكلى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن «گاڭسەر» دېگەن بۇ شالغۇت ئاتالغۇمۇ، T恤 دېگەن بۇ مودا ئاتالغۇمۇ تىلىمىزدا ئۆز پېتى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ ئاناتىلىمىزنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىزدىنىپ بېقىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن).
مەنبە: قەلىمىم. 2014.01.01

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشخانا، دېسەك بولاتتى، ئەمما بۇنى كىچىك كۆردۈكمىكىنتاڭ، دېگۈمىز كەلمىدى!
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

76

تېما

28

ئەگەشكۈچى

7225

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2630
مۇنبەر پۇلى
3131
ئىشەنىچ
2630
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر،   ئەجەپ ۋاقتىدا  ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، مەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغىنى بولماسمۇ؟  بىزنىڭ نى-نى ئاتاقلىق تەرجىمانلىرىمىز تۇرۇپ نىمىشقا يۇقارقى ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمايدىغاندۇ ؟  دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم.ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
310
مۇنبەر پۇلى
388
ئىشەنىچ
310
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yakup2514 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-2 12:52  

办公厅 نى مىنىڭچە باش ئىش بېجىرىش ئورنى دىسەك مۇۋاپىق بولارمۇ؟يەنە 国务院 نىڭ تەرجىمىسىمۇ يوق بۇنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دىسە قانداق بولا؟ئەمما دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتەرمۇ؟

187

تېما

7

ئەگەشكۈچى

5690

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2888
مۇنبەر پۇلى
2230
ئىشەنىچ
2888
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس تەرجىمە قىلىنمىدى.بىزدە تىل خىلى مۇل تۇردا دەيمىنا.....

9

تېما

1

ئەگەشكۈچى

414

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
129
مۇنبەر پۇلى
266
ئىشەنىچ
129
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىر ئشخانىسى بولغۇدەك

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
撒德刚可太
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

5

تېما

25

ئەگەشكۈچى

5034

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2027
مۇنبەر پۇلى
2461
ئىشەنىچ
2027
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە 办公室 بىلەن 办公厅 نىڭ فونكىسىيەسى ئوخشاش، 办公室 بولسا
ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردە قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ دائىرىسى كىچىكرەك
بولىدۇ؛ 办公厅 بولسا مەركەز ۋە ئۆلكە، ئاپتونۇم رايۇنلاردا قوللىنىلىدۇ، دائىرىسى
چوڭراق بولىدۇ. مەنا جەھەتتە ھەر ئىككىلىسىنى «ئىشخانا» دەپ ئالسا بۇلامدىكىن
دەيمەن. مەسىلەن، ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسى، ئاپتۇنۇم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى،
مەركىزىي كومېتىت ئىشخانىسى دىگەندەك.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

41

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
33
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى بەلەن گەپ قىپسىز ! تىلىمىزنىڭ يوقاپ كىتىشىدىن شۇنداق ئەنسىرىگەن ئىدىم ،( بولۇپمۇ ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ  «چۇشەنمىدىم » ناملىق ئېتوتىنى كۆورگەندىن كىيىن ) دىمىسىمۇ تىلىمىزغا خەنزۇ تىلى قوشۇلۇپ سۆزلىنىۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە كىشىنى ئەندىشىگە سالماي قويمايدۇ.شۇ سەۋەپلىك تىلىمىز تەببىيلا يوقۇلۇش گىردابىغا كەپ قالغاندەكلا تۇيغۇ بىرەتتى .تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى دىيىشكە تامامەن ھوقۇقلۇقمىز.چۇنكىي دۆلىتىمىز ئورتاق تىلنى ھازىرغىچىلىك ئومۇملاشتۇرۇشقا كۇچەۋاتىدۇ . شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئۆز تىلىمىزنى تەرەقىي قىلدۇرىشىمىزغا ئۇنى ساپلاشتۇرۇشىمىزغا مەدەتكار .شۇ سەۋەپلىك مۇشۇنداق ئىشلار  بىزنىڭ بۇرچىمىز ھەم مەجبۇرىيتىمىز .

3

تېما

10

ئەگەشكۈچى

2039

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
488
مۇنبەر پۇلى
1147
ئىشەنىچ
488
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىنتايىن مول تىل بايلىقىمىز بار بۇ ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆزۈمىزنىڭ تىلىدا ئىشلەتسەك بەك ياخشى بۇلاتتى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 00:49, Processed in 0.119386 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش