تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 267|ئىنكاس: 7

كۆرۈنمەس پەرىشتە (ھىكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

4

ئەگەشكۈچى

3155

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1012
مۇنبەر پۇلى
1573
ئىشەنىچ
1012
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈنمەس پەرىشتە


ھېكايە


ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى

     ئۇنىڭ بېشى قايدى،كۆزلىرى قاراڭغۇلاشتى. پۇت-قوللىرىدا غەيرى بىر سىزىم پەيدا بولۇپ، قانلىرى تومۇرلىرىدىن تېشىپ چىقىپ، قالايمىقان ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. شۇ تاپقا ئۇنىڭغا ئۆزى تۇرۇۋاتقان بۇ زىمىن ئايلىنىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. بىر چاغدا ئۇ ئورۇندۇقتىن يەرگە دومىلاپ چۈشۈپ، ئوڭدىسىغا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئوچۇق تۇراتتى. ئاغزىدىن ئاپپاق كۈپۈك چىقىۋاتاتتى. ئۇ شۇ ھالەتتە قانچىلىك  ياتتىكىن-تاڭ،بىر چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى-ئەزىمەت كىرىپ قالدى. ئۇ مۇئەللىمىنىڭ يەردە سۇنايلىنىپ، يېتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى.ئۇ مۇئەللىمنى يۆلەشتۈردى. پۇت-قوللىرىنى، چىكىللىرىنى ئۇۋۇلىدى. بىراق مۇئەللىم ھۇشىغا كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئەزىمەت ئەتراپىغا قارىدى.
    شىرە ئۈستىدە تەجىربا سايمانلىرى رەتلىك تۇراتتى. ئۇ سىرىتقا چىقىپ ئۈچ ئادەنى چاقىرىپ كىردى. ئۇلار مۇئللىمنى كۆتۈرۈپ، سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ، كىچىك جىپ ئاپتومبىلغا سالدى. جىپ ئاپتۇمبۇل رايۇنلۇق دوختۇرخانا تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
    مۇئەللىم جىددى قۇتقۇزۇشلاردىن كىيىن كۆزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ كارۋۇتى ئالدىدا بىر نەچچە خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. مۇئەللىم بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ، ئاغزىنى ئۆمەللىدى. بىراق گېلىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك،ئاغزىدىن گەپ چىقمايۋاتاتتى. ئۇ قولىنى كۆتەردى. پۇتلىرىنى مىدىرلاتتى. خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى بىلىپ، خوشال بولۇشتى. ئەپسۇس ئۇنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ، گەپ قىلالماس بولۇپ قالدى. ئۇ ئەمدىلىكتە تىلى كەمتۇك بولۇپ، ئۆيىگە قايىتتى. ئۇ خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قىتىم كىرگەندەك ئاۋايلاپ دەسسەپ  مېڭىپ، ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىغا نەزەر تاشلىدى. «مۇشۇ ئۆيدە مەن ياشاۋاتىمەن-ھە؟»-دەپ ئويلىدى، مۇئەللىم. ئۇ مۇشۇ ئۆيدە يالغۇز ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ نە بىرمۇ پەرزەنتى يوق. ئايالى تېخى بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا
يۈرەك كىسىلى بىلەن ئاغرىپ، مۇئەللىمنى ئۆمۈرلۈك داغدا قويۇپ،
بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشقان ئىدى.
    مۇئەللىم قايتا ئۆيلەنمىدى، ئۇ تاملىرىدىن كاكىل لاينىڭ سامانلىرى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ تۇرىدىغان كىچىككىنە بىر ئۆينىڭ بۇلىڭىغا قويۇلغان ياغاچ كارۋىتىدا تورۇسقا قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى. ئۆي ئىچىدە گىژىلداپ ئۇچۇپ يۈرگەن بەڭۋاش چىۋىنلار مۇئەللىمنىڭ ھىلى ئۇ يېرىگە،ھىلى بۇ يېرىگە قونۇۋىلىپ، ئۇنىڭغا زادى ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، كەتتى. ئۇ ھويلىغا چىقىپ پىشايۋاننىڭ ئاستىغا قويۇلغان بىر كىشلىك كىرىسلۇدا ئولتۇردى. ھويلىمۇ دىمىقنىڭ دەستىدىن تۇرغۇسىز بولۇپ كەتكەنىدى. سىرىتتا ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئاڭلىنىپ، تۇراتتى. بالىلارنىڭ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرگەن ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى. تۇيۇقسىز مۇئەللىمنىڭ دەرۋازىسىغا يوغان بىر چالما كىلىپ تەگدى. دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن سادا چىقمىغاندىن كىيىن بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى دەرۋازىغا يېقىنلاشتى. دەرۋازا قېقىلدى. بىراق ھويلىدىن ھېچقانداق شەپە چىقمىدى. شۇ ئەسنادا ھويلىغا يوغان بىر چالما چۈشتى. مۇئەللىم ئۆز جايىدا مىدىرلىماي ئولتۇردى. بالىلارنىڭ ۋاراڭلىرى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىتى.
-قاراڭلار! بۇ ئۆيدىكى ئادەم زادى گەپ قىلالمايدىكەن.
-دادامنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئادەم ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايدىكەن.
-مېنىڭ داداممۇ «بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىدىن ئۆلگىنى ياخشى» دەيدۇ.
مۇئەللىمنىڭ تىلى تۇتۇلغان بىلەن قۇلىقى سەزگۈر ئىدى. ئۇ كىچىك بالىلارنىڭ گەپلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ھەي... كىچىك بالا دېگەن بەرىبىر كىچىك بالىدە، ئۇ دېگەن نىمىنى بىلەتتى. شۇ ئەسنادا سىرىتتىن چوڭ بىر ئەرنىڭ «ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتماي نېرى ئويناش!» دەپ ۋاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇئان بالىلارنىڭ ۋارڭ-چۇرۇڭلىرى بېسىقتى. ئۇلار بۇ كوچىدىن ئۆز ئۆيلىرىگە تارقىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ھەتتىڭەي!ھېلىقى ئەر بالدۇرراق چىقىپ، ھىلىقى بالىلارنى قوغلىۋەتكەن بولسىچۇ!
ئەمدىلىكتە كوچىنىڭ ئىچى تىمتاسلىققا چۈمگەنىدى. مۇئەللىمنىڭ سىرىتقا چىققۇسى كەلدى. تۆت ئەتراپى ياغاچ رىشاتكا بىلەن قاشالانغان چوڭ كۆلنىڭ بويىدا سايە تاشلاپ تۇرغان يەردە بىردەم ھاۋالىنىپ ئولتۇرغۇسى كەلدى. بىراق ئۇ ھايال ئۆتمەي، بۇ نىيتىدىن ياندى. نىمە پايدىسى بار؟ پەقەت مۇئەللىمنىڭ تەجىربىخانىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك يەر ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئەنە شۇ سۆيۈملۈك يېرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
تۇيۇقسىز دەرۋازىنىڭ ھالقىسى قاتتىق ئۇرۇلدى. كىچىك بالىلاردىن بىرسى يە بەڭۋاشلىق قىلىۋاتامدىكىنە؟ بالىلارنىڭ كەپسىزلىگىدىن خۇيمۇ تويدىغۇ كىشى!مۇئەللىم جايىدا جىم ئولتۇرۇۋەردى. ئۇرۇۋىرىپ ھېرىپ قالغاندا توختاپ قالىدۇغۇ ئاخىرى. بىراق ئىشىك بىر ھازاغىچە ئۇرۇلدى. ئىشىكنى ئاچمىسام قانداق قىلىدىكەن قېنى؟ئاخىرى ئىشىك ئۇرۇلۇشتىن توختىدى. تۇيۇقسىز مۇئەللىمنىڭ يانفۇنى سايراپ قالدى. ئۇ يانفۇننى قولىغا ئالدى. ھەي، ئەسلىدە ئەزىمەت بۇ يەرەە كەپتىكەن-دە!
مۇئەللىم تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى-دە، ئىشىكنى ئاچتى. ئەزىمەت ھويلىغا كىرىپ، مۇئەللىم بىلەن تىنىچلىق سوراشقاندىن كىيىن مۇئەللىم ئولتۇرغان كىرىسلۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقنى ئالدىغىراق تارتىپ ئولتۇردى.
-مۇئەللىم، مۇشۇنداق ھالەتتە ياشاۋىرىشىڭىزگە مەن چىدىيالمىدىم. يۇقىرى دەرجىلىك دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ، داۋالىتىپ باقساق، چوقۇم ساقىيىپ قالاتتىڭىز،- دىدى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن دورا-دەرمەكلەرنى مۇئەللىمگە سۇنىۋىتىپ، مۇئەللىم بېشىنى چايقىدى. ئەزىمەت خېلى ئۇزۇنغىچە، مۇئەللىمگە ھەمراھ بولۇپ ئولتۇردى. ئاندىن كوچىنىڭ دوقمۇشىغا چىقىپ، لەڭمەن ئەتكۈزۈپ، مۇئەللىمگە ئەكىرىپ بەردى. مۇئللىم لەغمەن نى ئىشتىھا بىلەن يېدى. شۇندىن تارتىپ ئەزىمەت ھەر كۈنى مۇئەللىمنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولدى. ھەر قىتىم كەلگەندە مۇئەللىمگە تېلفۇن قىلغاندىن كىيىنلا، دەرۋازىسىنى ئاچاتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىر كۈنى مۇئەللىمنى كۈندىلىك ئادىتى بويىچە يوقلاپ كەلگەن ئەزىمەتنىڭ قايتا-قايتا ئۇرغان تېلفۇنى جاۋاپسىز قالدى. ئېنىقراقى قارشى تېلفۇن ئۇلاندى-يۇ، ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئەزىمەتنىڭ يۈرەك سوقۇشى رىتىمىنى يوقاتتى. ئۇ ئەنسىزچىلىكتە دەرۋازىنى قاقتى. ئىچىدىن سادا چىقمىدى. ئۇ تەسلىكتە تامدىن ئارتىلىپ چۈشتى-يۇ، مۇئەللىمنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتتى. ئۇ ھاجەتخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىقىلىپ قالغان بولۇپ، كۆزلىرى پىلدىرلاپ تۇراتتى. ئەزىمەت مۇئەللىمنى يۆلىدى. بىراق مۇئەللىم دەسسىيەلمەيۋاتاتتى. قوللىرىمۇ جانسىز ھالدا ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ئۇ مۇئەللىمنى يۈدۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ، كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويدى. مۇئەللىم بېشى بىلەن تورۇسنى ئىما قىلىپ بىر نىمە دېگەندەك قىلاتتى. بىراق ئەزىمەت مۇئەللىمنىڭ نىمە دېگەنلىگىنى چۈشىنەلمىدى. ئەزىمەت باشلىققا تېلفۇن قىلىپ، ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي مۇئەللىمنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنى يوقلاپ كېلىشتى. مۇئەللىم ئۇلارغىمۇ تورۇسنى ئىما قىلدى. ھەممەيلەن تورۇسقا قاراشتى. بىراق تورۇستا ھېچنىمە كۆرۈنمەيتى. باشلىق ئەزىمەتنى مۇئللىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قويۇپ، باشقىلارنى باشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئەتىسى ئەزىمەت مۇئەللىمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرلار مۇئەللىمگە دىياگىنوز قويۇپ، داۋالاپ ساقايتىشنىڭ مۇمكىنلىكى يوقلىقىنى،شۇڭا ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تەييارلاپ قويۇش لازىملىقىنى ئېيىتتى. ئەزىمەت مۇئەللىمنى دوختۇرخانىدىن قايتۇرۇپ چىقىپ، ئۇنى مەكتەپتىكى بويتاقلار بىناسىنىڭ بىر ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇردى. بىراق مۇئەللىم تىنماي بېشىنى چايقاۋاتاتتى. ئەزىمەت مۇئەللىمنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمەي، گاڭگىراپ قالدى. ئۇ ئاخىرى مۇئەللىمنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى چۈشەندى. مۇئەللىم ئۆز ئۆيىگە قايتىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئەزىمەت ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. قانداق قىلىش كىرەك؟
مۇئەللىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئۇنىڭ بارلىق تەلىپىنى قاندۇرۇش كىرەك!ئەزىمەت مۇئەللىمنى ئۆز ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى ۋە كارۋىتىغا ياتقۇزۇشىغامۇئەللىم مەمنۇن بولغاندەك كۈلۈمسىرىدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ، بېشى ساڭگىلاپ قالدى. مۇئەللىم جان ئۈزگەنىدى. ئەزىمەت تېلفۇننى ئېلىپ، باشلىققا خەۋەر قىلدى. ھايال ئۆتمەي تەرەپ-تەرەپتىن كىشىلەر كىلىپ يىغىلىشقا باشلىدى.
مۇئەللىمنىڭ بۇ غېرىبانە ھويلىسى بۈگۈن ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. بىراق بۇ مەھەللىدىن بىرمۇ ئادەم كۆرۈنمەيتى. مۇئەللىم ئىشلىگەن مەكتەپ تەشكىلنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىشى ئارقىلىق،شەھەردىكى ئەڭ چوڭ جامەئەنىڭ خاتىپى ئون نەچچە كىشىنى باشلاپ، ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلدى. مۇئەللىمنىڭ قارايوپۇق يېپىلغان جىنازىسى ئاپتومبىلغا سېلىشقا ئۈلگۈرمەي، قولدىن-قولغا ئېلىنىپ، كىشىلەر توپى ئالدىدا كېتىۋاتماقتا. كوچىنىڭ بىر بۇلىڭىغا مۆكىۋىلىپ، جىنازىغا غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ تۇرغان بىر نەچچە كىشى جىنازىنىڭ يىراقلاپ كىتىشىگە ئەگىشىپ، كۇسۇرلاشقا باشلىدى.
-بۇ قاغىش تەككۈر، توي-تۆكۈن، نە نەزىر-چىراق دېگەنلەرگە بارمايتى.
-بۇ مەھەللىدە ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايتى، قاراڭلار، ئاۋۇ ئادەمنىڭ كۆپلىكىنى!
-شۇڭا بۇ ئادەمنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالغان گەپ!
-بىز تېخى بۇ ئادەمنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈدىغان ئادەم چىقماسمىكىن دەپتۇق...
              
سۈپسۈزۈك سۇلىرى دولقۇنلاپ تۇرغان كۆز يەتكۈسىز دېڭىز قىرغىغىدا
يىراقلارغا نەزەر تاشلاپ تۇرغان ئەزىمەت چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ، قىرغاقتىن ئاستايىراقلاپ، ۋاگزال تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي مۇئەللىمگە ئوخشاشلا قىسمەتكە يولۇققان ئەزىمەت ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى جەزىم قىلدى. بىراق ئەزىمەتنىڭ قىرىنداشلىرى ئۇنىڭ بۇ ھالىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرمىدى. ئەزىمەتنىڭ ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىدىغان بىر ئىنىسىنىڭ كۈچ چىقىرىشى،قالغان قىرىنداشلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئۇ ئىچكىردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئەزىمەت سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.
ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئەينى ۋاقىتتىكى مۇئەللىمنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ، مۇئەللىمنىڭ ئۆيى بار كوچىغا يېتىپ كەلدى. ئوھۇي، بۇ كوچىنىڭ ئەسلى قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ قالماپتىغۇ؟كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىكى ئۆيلەر چېقىلىپ كەتكەنىدى. ئەزىمەت چالا-پۇلا چېقىلغان ھېلىقى تونۇش ئۆينى ئاران پەرق قىلالىدى. بۇ ئۆينىڭ بىرلا تېمى چېقىلىپ، قالغان ئۈچ تېمى بىلەن تورۇسى قالغانىدى. ئۇ چېقىلغان ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى.
بىر چاغلاردا مۇئەللىم تورۇسنى ئىما قىلىپ، بىر نەرسىلەرنى دېگەندەك قىلىۋىدى، شۇ چاغدا نىمە دېگەن بولغىيتى؟ئەزىمەت تورۇسقا نەزەر تاشلىدى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ياغاچنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇلغان بىر بولاققا چۈشتى. ئۇ ئەتراپتىن قىش پارچىللىرىنى تىرىپ كىلىپ، ئىگىز دۆۋە ياساپ، تورۇستىن ھېلىقى بولاقنى ئېلىپ پەسكە چۈشتى. ئۇ بولاقنى ئاچتى. ئىچىدە 20 نەچچە پارچە پۇل ئامانەت چېكى بىلەن بىر ۋاراق قەغەز چىقتى. قەغەزگە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى:«يېقىن-يىراق يىزا-قىشلاقلاردىكى يىتىم بالىلارغا.....»
ئەزىمەتنىڭ ھاياجاندىن تۆكۈلگەن ئىككى تامچە كۆز يېشى مەڭزىگە سىرغىپ چۈشتى.
(ئاپتۇر: قەشقەر شەھەر 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى)

175

تېما

4

ئەگەشكۈچى

3155

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1012
مۇنبەر پۇلى
1573
ئىشەنىچ
1012
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئارىپ سېپىدە بىر ئۆمۈر ئۈن-تىنسىز جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان نامسىز باغۋەنلەرگە ئالىي سالام يوللايمىز.

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
310
مۇنبەر پۇلى
388
ئىشەنىچ
310
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېچى ئاھارغىچە سەبىلەرنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقا مائارىپ سېپىدىكى باغۋەنلەرگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرنمىز.

127

تېما

3

ئەگەشكۈچى

6570

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئىلھام
تۆھپە
2288
مۇنبەر پۇلى
5945
ئىشەنىچ
2528

最佳新人活跃会员

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنىڭ  تېنى سالامەت،  ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن....تېمىڭىزغا تەشەككۈر...

175

تېما

4

ئەگەشكۈچى

3155

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1012
مۇنبەر پۇلى
1573
ئىشەنىچ
1012
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىدىكى ۋەقەلىك رىيالنى تۇرمۇشتىن ئېلىنغان. تورداشلارنىڭ ھىكايەمنى ياقتۇرغانلىقىغا كۆپ رەخمەت.
  

187

تېما

7

ئەگەشكۈچى

5690

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2888
مۇنبەر پۇلى
2230
ئىشەنىچ
2888
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىمىڭىزغا چىن قەلىپلەردىن تەشەككۈر..........

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1028

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
505
مۇنبەر پۇلى
536
ئىشەنىچ
505
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچى - ئۇستازلارنىڭ  تېنى سالامەت،  ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن....تېمىڭىزغا تەشەككۈر...

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

90

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
47
مۇنبەر پۇلى
44
ئىشەنىچ
47
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مان بۇ بىز ئىزدەۋاتقان ھەقىقى پەرىشتە ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 00:49, Processed in 0.118275 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش